You Are Here: Home » ئومۇمى » ‹‹ئاراڭلاردىكى ياخشى ئادەم ئايالىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغان ئادەمدۇر››

‹‹ئاراڭلاردىكى ياخشى ئادەم ئايالىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغان ئادەمدۇر››

ئابدۇرەقىپ تۆمۈر نىياز داموللا

ئىسلام دىنى ئەزەلدىن ئاياللارنىڭ ئورنىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان دىن بولغاچقا، ئۇلارغا كۆيۈنۈش، ئۇلارنى ھۆرمەتلەش ۋە ئاسراش، ئۇلاردىن كۈتكەن نۇرغۇنلىغان ئۈمىد ۋە ئارزۇ–تەلەپلەر توغرىسىدا قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىفلەردە نۇرغۇنلىغان ئايەت ۋە ھەدىسلەر بار. چۈنكى ئۇلارنىڭ بىر مىللەتنىڭ ساپاسى ۋە جەمئىيەتنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىدا ئالاھىدە تۆھپىسى بار.

كىشىلىك جەمئىيەتتە ئائىلە تولىمۇ مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، ئائىلە جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ گەۋدىنى تەشكىل قىلغۇچى كىچىك ھۈجەيرە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئائىلە تۈزەلسە جەمئىيەت تۈزۈلىدۇ، دېگەن ئاڭنى يېتىلدۈرۈش تولىمۇ زۆرۈر. شۇڭلاشقا ئىشنى ئالدى بىلەن ئائىلىنى تۈزەشتىن باشلاش كېرەك. ھەر ئادەم ئائىلىگە نىسبەتەن ئەقىدىلىك، تەربىيىلىك، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان، جىددىي پوزىتسىيىدە بولۇشى لازىم. ھەدىستە، خۇددى پادىچى ئۆز پادىسى ئۈستىدە مەسئۇل بولغاندەك قىيامەتتە ئەر–ئايالنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر ئۈستىدە سوئال–سوراق قىلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. بالىنىڭ ئەقىدىسىنىڭ، ئەخلاقىنىڭ ياخشى–يامان بولۇشىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ پۈتۈنلەي ئاتا–ئانىسىدا ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ھەدىستە: ‹‹ئادەم بالىسى تۈرلۈك نۇقسان، ئىللەتلەردىن خالىي ھالدا ساپ ھالەت بىلەن دۇنياغا كېلىدۇ. ئاتا–ئانىسى ئۇنى يا خرىستىيان، يا يەھۇدىي، يا مەجۇسى قىلىپ چىقىدۇ، قۇلىقى كېسىك تۇغۇلغان بىرەر ھايۋاننى كۆرگىنىڭ يوقتۇر!›› دېيىلگەن. بۇ ھەدىسنىڭ مەنىسى نېمە دېگەن چوڭقۇر! ئاتا–ئانا پەرزەنتلىرىنى كىچىكىدىنلا توغرا ئەقىدە ئاساسىدا ئېتىقادلىق، سەمىمىي، تىرىشچان، پەزىلەتلىك قىلىپ تەربىيىلىشى لازىم. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە قانچىلىك ئەخلاق تەربىيىسى بېرىۋاتىمىز؟! ئۇلارغا تەلقىن قىلىنىۋاتقان، سىڭدۈرۈلۈۋاتقان تەربىيىنىڭ ئۈنۈمىنى سەگەكلىك بىلەن قانچىلىك كۈزىتىۋاتىمىز؟! مۇقەررەركى، پەرزەنتلەرگە ئەجدادلارنىڭ ساپ ئەقىدىسىنى سىڭدۈرۈپ، ئۇلارنى دىيانەتلىك، ئەخلاق–ھايالىق قىلىپ تەربىيىلەش ئاتا ـ ئانىلارنىڭ بۇرچى.پەرزەنتلىرىگە ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ئادىمىيلىك خىسلەتلىرىنى سىڭدۈرۈپ ماڭالمىغانلار بۇنىڭ ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. تەربىيىسىزلىكتىن تاپتىن چىققان پەرزەنتلىرىنىڭ دەردىدە پۇچىلىنىپ يۈرگەنلەر ئازمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۇۋالى ئاتا–ئانا بولغۇچىلارغىمۇ ياكى پەرزەنتكىمۇ؟ ئاتا–ئانا بولغۇچى پەرزەنتلەردىن تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنى ئالدى بىلەن ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئۆزى ئورۇنداپ كۆرسىتىشى لازىم. ئاتا–ئانىنىڭ ئەخلاق–پەزىلىتى، گەپ سۆزى، يۈرۈش–تۇرۇشى، كىيىنىشى، ئالاقە–مۇناسىۋەتلىرى بالىغا ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئاتا–ئانا قانداق بولسا پەرزەنتلىرىنىڭمۇ شۇنداق بولۇشىنى چۈشەندۈرۈشتە ‹‹ئالا ئىنەكنىڭ بالىسى چالا قۇيرۇق›› دېگەن تەمسىل ناھايىتى جايىدا ئېيتىلغان. بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىق تەلىم–تەربىيە ئىشلىرىدا ئائىلە تەربىيىسىنى يادرولۇق ئورۇنغا قويۇشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەقەززا قىلماقتا. لېكىن، ئۆزىنىڭ بىردەملىك راھىتى ئۈچۈن ئائىلىنى بۇزۇپ باغرىنى يېرىپ چىققان بالىلىرىنىڭ بەختىنى قۇربان قىلىۋاتقان ئاتا–ئانىلاردا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، ئىمانىي بۇرچ نېمە قىلسۇن؟

گۈزەل ئائىلە ئەخلاقى ئەر–خوتۇننىڭ ئىناق ئۆتۈشى ئاساسىدا تېخىمۇ مۇكەممەللىشىدۇ. ئىجتىمائىيەتتە ئەڭ كىچىك ھۈجەيرە بولغان ئائىلىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىناقلىقى جەمئىيەتتىن ئىبارەت بۇ چوڭ گەۋدىنىڭ بىرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. ئەر–ئايالنىڭ بىر–بىرىگە بولغان ساداقىتى، ئۆزىنى ئەمەس قارشى تەرەپنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ ئائىلە مۇھەببىتىنى پەرۋىش قىلىشى، ئىككىلا تەرەپنىڭ ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈشى ئاساسىدا ئائىلە گۈللىنىدۇ، ئائىلىگە بەرىكەت ياغىدۇ، ئەر–خوتۇننىڭ ئىناق ئۆتۈشى ئۈچۈن يالغۇز ھېسسىيات بىرلىكى كۇپايە قىلمايدۇ، ئېتىقاد بىرلىكى، مەسلەك بىرلىكى ئاساسىغا قۇرۇلغان ئائىلىنىڭ ئۇلى مۇستەھكەم، تەربىيىلىگەن پەرزەنتلىرى ساپالىق بولىدۇ. ھەدىسلەردە ئاياللارنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلىش، ئۇلارغا ھەر تەرەپتىن ئېتىبار بېرىش ئالاھىدە تەكىتلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ‹‹سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغانلىرىڭلاردۇر››، ‹‹ئاراڭلاردىكى ياخشى ئادەم ئايالىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغان ئادەمدۇر. ئايالىغا ھەممىدىن ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان ئادەم مەن بولىمەن›› دېگەن. ئەر–ئايال جېدەللىشىپ ئۆتكەن تۇرمۇشتا ئائىلىۋى بەختتىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. مۇنداق ئائىلىدە نە ياخشى پەرزەنت، نە ياخشى ئائىلە مۇھىتى يېتىلدۈرۈش بەك مۈشكۈل. يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللار ھەققىدە ئېيتقان: ‹‹دۇنيا پايدىلىنىدىغان جايدۇر. دۇنيادىكى پايدىلىنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى ياخشى ئايالدۇر››، ‹‹ئى ئاللاھ، شۈبھىسىزكى مەن يېتىم بىلەن ئايالدىن ئىبارەت ئىككى ئاجىزنىڭ ھەققىگە رىئايە قىلمىغان ئادەمنى گۇناھكار ھېسابلايمەن›› (ئەلۋەتتە بۇ يەردە دېيىلگەن ھەق مەنىۋى ھەقنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىق ھېكمەتلىك سۆزلىرىمۇ بار. ئاللاھ تائالا ‹‹سۈرە نىسا››دا: ‹‹… ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار، ئەگەر ئۇلارنى ياقتۇرمىساڭلار سەۋر قىلىڭلار، چۈنكى سىلەر ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا ئاللاھ كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن›› دېيىلگەن. ئەپسۇس، ئايالىنى كەمسىتىدىغان يولسىزلىقلارنى، زورلۇق–زومبۇلۇقلارنى، قىلدىن قىڭغىر كەتسە ئايالىنى ‹‹گەپ ياندۇردۇڭ›› دەپ تىل–ئاھانەتكە كۆمۈشلەرنى، كىشىلەر ئالدىدا سەتلەش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ‹‹ئەرلىكىنى›› نامايان قىلىشلارنى، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن ‹‹ئاغزىمدىن گەپ چىقىپ كېتىپتۇ›› دەپ، پەتىۋا ئىزدەپ يۇرتمۇ–يۇرت كېزىشلەرنى، ئىشىكمۇ–ئىشىك دوقۇرۇپ يۈرۈشلەرنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرگىنىمىزدە، ھەدىس روھىدىن تولىمۇ يىراقلاپ كەتكەنلىكىمىزنى ھېس قىلىمىز.

ئىمانلىق، ئىنساپلىق، پەزىلەتلىك، مەسئۇلىيەتچان ئاتا–ئانا قولىدا تەربىيىلەنگەن بالىلار ئېتىقادلىق، ھايالىق، تىرىشچان، ئەخلاقلىق، پەزىلەتلىك بولۇپ چوڭ بولىدۇ. ئىجتىمائىي رېئاللىقىمىزغا قارايدىغان بولساق، ياش–ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ئەخلاق جەھەتتىن بۇزۇلۇۋاتقانلارنىڭ كۆپلۈكى كىشىنى چۆچۈتىدۇ. پەيغەمبىرىمىز: ‹‹ھايا قىلمىساڭ، خالىغىنىڭنى قىل›› دېگەن. كېچىلىك بەزمىخانا، قاۋاقخانا، دېسكوخانا، مېھمانخانا، يەنە ئاللىقانداق ‹‹خانا››لاردا چۈشكۈنلۈك پاتقىقىغا پېتىپ كېتىۋاتقانلارنى، زەھەر چېكىش، قىمار ئويناش، پاھىشۋازلىقلار بىلەن جەمئىيەت ھاۋاسىنى بۇلغاۋاتقانلارنى، كۈندە دېگۈدەك كۆزىمىزگە چېلىقىپ، قۇلىقىمىزغا ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان نومۇسسىزلىقلارنى ھېس قىلغىنىمىزدا ‹‹نەئۇزۇبىللاھ›› دېمەي تۇرالمايمىز. زامانى ئاۋۋالدىن تارتىپ روھىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ئەدەپ، ئىنساپ، دىيانەت، نومۇس دېگەنلەرنى بىر يولىلا دو تىكىپ، ئاقىۋەتتە ھەممىدىن ئايرىلىپ گاڭسا–جىسا بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز. شەرمى–ھايا ھەدىسلەردە ئىماننىڭ بىر شاخچىسى دېيىلىپ، ناھايىتى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلغان. يەنە ‹‹كىمكى ئادەملەردىن ئۇيالمىسا، ئاللاھتىنمۇ ئۇيالمايدۇ›› دېگەن ھەدىسمۇ بار. يۇقىرىقىدەك نومۇس تۇيغۇسىنى يوقىتىپ، گۇناھلار قاينىمىغا چۆكۈپ كەتكەنلەردىن شەرمىي ھايانى كۈتۈش مۇمكىنمۇ؟ كىشىلەرنىڭ دىلىدىن ئىنساپ–تەۋپىق كۆتۈرۈلۈپ، ھاۋايى–ھەۋەسكە بېرىلىپ كېتىشى ئەخلاق–پەزىلەتنىڭ خاراپلاشقانلىقىنىڭ، زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىنىڭ ئالامىتى، ھايانى ئۇنتۇغان ئازغۇنلارنىڭ قەلبىنى قەۋەتلەپ كىر باسقان بولىدۇ، ئۇنى ئېرىغداشقا ھەسسىلەپ كۈچ كېتىدۇ. بەزى قىز–ئاياللارنىڭ سەنئەت نامى ئاستىدا جامائەت سورۇنلىرىدا ئوينىغان يېرىم–يالىڭاچ ھاياسىز ئۇسسۇللىرىنى، كوچىلاردا بەدەنلىرىنىڭ ئۇياتلىق جايلىرىنى (شەھۋانىي كۆزلەرنىڭ كۆرمەي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ) ئەتەي ئېچىپ قويۇپ، تاراقشىپ يۈرۈشلىرىنى، ساياق ئوغۇل–قىزلارنىڭ كۈپكۈندۈزدە ئوچۇقچىلىقتا ئۇيالماستىن قىلىپ يۈرگەن قىلىقلىرىنى نېمە دېگۈلۈك؟! پەيغەمبىرىمىزنىڭ: ‹‹ھايا–ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر››، ‹‹شەرمىي ھايا پەقەت ياخشىلىقلا ئېلىپ كېلىدۇ›› دېگەن ھەدىسلىرىگە رىئايە قىلمىغاننىڭ تولدۇرۇۋالغۇسىز زىيىنىنى تارتماقتىمىز. ئىمانىي بوھران، ئەخلاقىي كرىزىس تۈپەيلى ئارىمىزدا يامراپ كېتىۋاتقان زەھەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مەغلۇبىيەتچىلەردىن بولۇپ قېلىۋاتىمىز. نۇرغۇن ياشلىرىمىزنىڭ ئېزىپ گۇمراھلىق قاراڭغۇلۇقلىرىدا گاڭگىراپ يول تاپالماي تىمىسقىلاپ يۈرۈشى كىشىنى ئېچىندۈرىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن ئانىلار ئەخلاق–پەزىلەتلىك بولۇپ ئېرىمىزنى ھۆرمەتلەپ، بالىلىرىمىزنى ياخشى تەربىيلەپ، ئائىلىمىزنىڭ خاتىرجەم، تۇرمۇشىمىزنىڭ بەختلىك، جەمئىيىتىمىزنىڭ مۇقىم، ئىناق بولۇشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك تۆھپە قوشۇشىمىز لازىم. بۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى بولۇشتا تولىمۇ زۆرۈردۇر.

مەنبە : شىنجاڭ ئاياللىرى تورى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top