ئېتىقاد مەدىنىيتىمىزنى ساقلاپ قېلىشتىكى تۈپكى ئامىلدۇر

ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم قېرىنداشلار ، تورلاردا قانداق قىلغاندا ئۆز مەدىنىيتىمىز ۋە مىللىي كىملىكىمىزنى ساقلاپ قالغىلى بولىدىغانلىق توغرىسىدا نۇرغۇن ماقالىلەر يوللاندى ، ياخشى مۇنازىرلەر بولدى . مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ كۆزقارىشىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ، تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىشنى توغرا تاپتىم .
ئەركىن سىدىقنىڭ ‹‹ يەھۇدىيلارنى 3000يىل ساقلاپ قالغان ئامىللار ›› دېگەن ماقالىسىدە ، ئالىملار يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز مەدىنىيتىنى ساقلاپ قالالىشىىنىڭ تۈپكى ئامىلىنى ‹‹ دىن ›› دەپ قارىغانلىقى ئېيتىلغان . يەنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قېلىشى ، ئۇلارنىڭ مەدىنىيتىنى ساقلاپ قېلىشىدىكى تۈپكى ئامىل بولغان . مەن بۇ يازمىدا بىرمىللەتنىڭ ئۆز مەدىنىيتىنى ساقلاپ قالالىشىدىكى تۈپكى ئامىلنى ئېتىقاد ۋە ئىبادەتكە باغلاپ سۆزلەپ ئۆتىمەن . تورداشلارنىڭ مۇلاھىزە قىلىپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
1. ئېتىقاد
بىر مىللەتنىڭ ئېتىقادى شۇ مىللەتنىڭ مەدىنىيتىنى شەكىللەندۈرىشىدىكى تۈپكى ئامىل . ئېتىقاد ئىنساننىڭ ئوي-پىكرى ، يۈرۈش-تۇرۇش ، ئىش-ھەرىكەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ . ئېتىقاد ئىنساننى ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ ، ئىبادەت ئۆزى ئۆرۈپ-ئادەت ، مەدىنىيەتنى شەكەللەندۈرىدۇ .سىز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلسىڭىز ، بۇ ئېتىقادىڭىز سىزنى ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا ، ئىسلام پىرىنسىپلىرىنى ئورۇنلاشقا ، شۇنىڭغا بويسۇنىشقا ، شۇنى توغرا دەپ تەستىقلاشقا بۇيرۇيدۇ . گەپ -سۆزلىرىڭىزگە ۋە شۇنداقلا ئىش-ھەرىكىتىڭىزگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ . بۇددا دىنىغا ئېتىقاد قىلسىڭىز ، بۇ ئېتىقادىڭىز سىزنى بۇتقا ئىبادەت قىلىشقا ، بۇتتىن ياردەم تىلەشكە ، گۆش يىمەسلىك ، توي قىلماسلىق قاتارلىق ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ . ئېتىقاد خۇددى ئادەمنىڭ يۈرىكىگە ئوخشايدۇ . يۈرەك پۈتۈن بەدەندىكى قاننى ئايلاندۇرۇپ ، ھەركەتكە سالىدىغان ماتور بولۇپ ، بۇ ماتوردىن كاشىلا كۆرۈلسە، پۈتۈن بەدەننىڭ قان ئايلىنىشى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ . بىر مىللەتنىڭ ئېتىقادنىڭ بۇرمۇلىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى ، شۇ مىللەت مەدىنىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە يوقۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئالمىنى مىسالغا ئالساق ، ئالما سىرتقى قىسمىدىن سېسىغان بولسا ، سېسىق يېرىنى پىچاق بىلەن ئۇيۇپ ئېلىۋېتىپ ، قالغان ساق قالغان قىسمىنى يېسەك بولىدۇ . ئۇ ئازغىنە سېسىق يېرى ئالمىنىڭ تەمىگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ . ئەگەر ئۇ ئالما ئىچىدىن سېسىغان بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ سېسىق ، ئالمىنىڭ پۈتۈن تەمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ . خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئېتىقاد ئۆزگىرىدىكەن ، ئىبادەتمۇ ، مەدىنىيەتمۇ ئۆزگىرىدۇ .
2. ئىبادەت
ئىبادەت ئېتىقاتتىن كېلىدۇ . ئېتىقاد بولمىسا ئىبادەتمۇ بولمايدۇ . ئىبادەت ئۆزى مەدىنىيەت بولۇپ شەكىللىنىدۇ . ئېتىقادنى بىر دۆلەتنىڭ پادىشاھىغا ئوخشاتساق ، ئىبادەت بۇ پادىشاھنىڭ لەشكەرلىرىگە ئوخشايدۇ . بۇ پادىشاھلىقنى كىم قولىغا ئالسا ، لەشكەرلەر شۇنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئىش قىلىدۇ . شۇنىڭدەك ، ئىنسان كىمگە ئېتىقاد قىلسا ، ئىبادەتمۇ شۇنىڭغا خاس بولىدۇ .
تۆۋەندە بىز ئىبادەت دېگەن سۆزنىڭ قانداق مەنا ئىپادىلەيدىغانلىقىغا قاراپ باقايلى .
ئىبادەت دېگەن بۇ سۆز مۇئەللىم ئېلىكتۇرۇنلۇق لۇغىتىدە تۆۋەندىكى 3 خىل مەنىدە كېلىدىكەن .
1 – [ئىسلام دىنى ] بۇ ئەرەبچە سۆز ‹‹ چوقۇنۇش ›› ، ‹‹تېۋىنىش ›› ، ‹‹ سەجدە قىلىش ›› ‹‹ قۇللۇق قىلىش ›› دېگەندەك مەنىلەرگە ئىگە . ئىسلام فەقھىلىرى مۇناسىۋەتلىك دىنىىي قائىدە – مۇراسىملارنى شۇنداق ئاتاشنى بەلگىلىگەن .
2 – تەڭرىگە ئىتائەت قىلىش ، تەڭرىنىڭ ئەمرىنى ئورۇنداش يۈزىسىدىن قىلىنىدىغان دىننىي مەجبۇرىيەت ، مۇراسىم ، ناماز : ئىبادەت قىلىش .
3 – [ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ] ئاياللارنىڭ ئىسمى .ئىبادەتخان ، ئىبادىگۈل ، ئىبادىخان ، ئىبادىقىز ، ئىباقىز ، ئىباگۈل ، ئىبانۇر ، ئىبانىسا .
ئىبادەت دېگەن سۆز ئۇيغۇر ئىسىملىرىغىمۇ چوڭقۇر يەرلەشكەن . ئەمدى ئاللاھنىڭ بىز ئىنسانلارنى نېمە ئۈچۈن ياراتقانلىغى توغرىسىدا ئويلۇنۇپ باقايلى .
ئاللاھ سۇبھانۇۋەتەئالاھ قۇرئان كېرىمدە مۇنداق دەيدۇ : ‹‹ مەن ئىنسانلارنى ۋە جىنلارنى پەقەت ماڭىلا ئىبادەت قىلسۇن دەپ ياراتتىم ›› . زارىيات سۈرىسى ، 56-ئايەت . ‹‹ ئېيتقىنكى ، مېنىڭ نامىزىم ، ئىبادىتىم ، ھاياتىم ۋە ماماتىم ھەممىسى ئاللەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر ›› . ئەنئام سۈرىسى 162- ئايەت .
توغرا ، ئىبادەت پەقەت بىر ئاللاھقىلا خاس بۇلۇشى كېرەك . ئاللاھ بىز ئىنسانلارنى پەقەتلا ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈنلا ياراتتىم دەيدۇ . ئۇنداقتا ئىسلامدىكى ئىبادەت ئۇقىمى نېمىنى كۆرسىتىدۇ ؟
ئىسلامدىكى ئىبادەت ، قەلبىمىزدىكى ئىماننىڭ ئىش – ھەركىتىمىزدە ئىپادىلىنىشىدۇر . ناماز ئوقۇش ، روزا تۇتۇش ، قۇرئان ئوقۇش ، دۇئا قىلىش ۋە ئاللاھنى زىكىر قىلىش قاتارلىقلار ئىبادەتتۇر . يالغان سۆزلەشتىن ، ئوغرىلىق قىلىشتىن يىراق تۇرۇشمۇ ئىبادەتتۇر . ئاتا-ئانىغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش ، تۇققانلىرىنى يوقلاپ تۇرۇشمۇ ئىبادەتتۇر . ئىنسانلارغا ياخشىلىق قىلىش ، ياردەم قىلىش ، ئۇلارغا كېلىدىغان زىياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىبادەتتۇر . مۇسۇلمان قېرىندىشىمىزغا سالام قىلىش ، ئوچۇق چىراي بىلەن كۈلۈمسىرەشمۇ ئىبادەتتۇر . خۇلاسە كالام ، ئىنسان ئەتىگىنى بىسمىللاھ دەپ ئورنىدىن تۇرۇپ ، كەچتە ئۇخلىغىچە بولغان ئارلىقتىكى بارلىق ئىش – ھەركەت ، يۈرۈش – تۇرۇش ، گەپ – سۆز ، يىمەك –ئىچمەك ،كىيىم – كېچەك ، كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇئامىلە مۇناسىۋەتلارنىڭ ھەممىسىدە پەقەت ئاللاھ رىزالىقى ئۇچۈن بۇلۇش ، ئالاھنىڭ قانۇن – پەرمانلىرى ، سۆيۈملۈك پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىس ۋە سۈننەتلىرى بويىچە بولۇش ، ھەتتا ئۇخلىغاندىمۇ تاھارەت بىلەن پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتى بويىچە ئوڭ تەرىپىمىزنى بېسىپ ، ئەتىدىكى خەيرىلىك ، ياخشى ئىشلارنى نىيەت قىلىپ ئۇخلاشنىڭ ھەممىسى ئىبادەتتۇر. ئىبادەت ھەرگىزمۇ بىز بىلگەن تار مەنىدىكى ناماز ئوقۇشلا ئەمەس . ھازىر مۇسۇلمانلاردا كۆرۈلۈۋاتقان ئومومىيۈرلۈك خاتالىق ، ئاللاھنىڭ ئىنسانلارغا بەرگەن ئىبادەتتىن ئىبارەت بۇ مەجبۇرىيتىنى پەقەتلا ناماز ئوقۇش ، زاكات بېرىش ، ھەج قىلىش دەپلا تار مەنىدە چۈشۈنۈۋېلىشى بولۇۋاتىدۇ .
ئۇيغۇرلار ئىسلامدىن بۇرۇنمۇ ئىنتايىن مەدىنىيەتلىك بىر مىللەت بولۇپ ، ئىسلامنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئۇيغۇر مەدىنىيتى ھەقىقى تۈردە تاكامۇللاشقان . ئسلامدىكى ئىبادەتتىن ئىبارەت بۇ بۈيۈك ئەمەل ئۇيغۇرلاردا ھەقىقى تۈردە ئۆز ئورنىنى تېپىپ ، يۈكسەك بىر مەدىنىيەتنى شەكىللەندۈرگەن . ئىسلامدىكى بۇ ئىبادەتنى بىز ئۇيغۇرلاردەك ئۆزلەشتۈرگەن ، گۈللەندۈرگەن يەنە بىر مىللەتنى تاپالمايسىز . تۆۋەندىكى ئۇيغۇر مەدىنىيتىگە قاراڭ .
سالام-سائەت جەھەتتە ، ئۆيگە كىرگەندە ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم دەپ سالام بېرىپ ئوڭ پۇتى بىلەن كىرىش . ئىشىكتىن چىققاندا بىسمىللاھ دەپ چىقىش . كوچىدا مەيلى تۇنۇسۇن ياكى تونۇمىسۇن باشقىلارغا سالام بېرىش . ئاتلىقلار پىيادىلىكلەرگە ، ماڭغانلار ئولتۇرغانلارغا ، ئازسانلىقلار كۆپسانلىقلارغا ، كىچىكلەر چوڭلارغا سالام بېرىش . كىيم –كېچەك جەھەتتە ، ئەرلەر بېشىغا سەللە يۆگەش ياكى بادام دوپپا كىيىش ، ئۇزۇن ئوشۇقىغا كېلىدىغان چاپان ياكى تون كىيىش . رەڭ جەھەتتە قىزىل ، سېرىق رەڭلىك كىيىملەردىن چەكلىنىش. ئاياللار ئۇزۇن كەڭرى كىيىملەرنى كىيىش ، بېشىغا رومال ئارتىش ، رومالنىڭ ئۈستىگە چىمەن دوپپا كىيىش . يۈزىنى پەرەنجىلىرى بىلەن يېپىش .
مۇئامىلە جەھەتتە ، ئاتا- ئانىلارنىڭ ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىش ، ئۇلارغا گەپ ياندۇرماسلىق . چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەش . ئالىم – ئۆلۈمالىرىنى ھۆرمەتلەش . سۆز قىلغاندا سىلىق – سىپايە ، مۇلايىم بۇلۇش ، باشقىلارنى ھاقارەتلىمەسلىك ، كۆپۈنچە مەن ئەمەس بىز ( بىز دېگەن سۆزدىن كەمتەرلىك ، سەلتەنەت ئەكىس ئېتىدۇ ) دېگەن سۆزنى ئىشلىتىش . مېھماننى قىزغىن قارشى ئېلىپ ، ئەڭ ياخشى نازۇ – نېمەتلىرىنى ئالدىغا قۇيۇش .
يىمەك – ئىچمەكتە ، تاماقتىن بۇرۇن ۋە كىيىن قولىنى ئۈچ قېتىم چايقاش . تاماقنى بىسمىللاھ دەپ ئوڭ قۇلى بىلەن يىيىش . كوچىلاردا بىرنەرسە يېمەسلىك . تاماق ئىسراپ قىلماسلىق . تاماق ۋاقتىدا گەپ قىلماسلىق ، خوشنا-خولۇملار ئارا تاماق سۇنۇشۇش قاتارلىقلار . ئىشقىلىپ ئۇيغۇرلاردىكى بۇ ئېسىل مەدىنىيەتلەرنى سۆزلەپ بولماق ئاسان ئەمەس . بۇ مەدىنىيەتلەرنى سىز ئىسلامدىكى ئىبادەتتىن ئايرىپ قارىيالامسىز ؟ بىلسىڭىز ئىسلام ئۆزى مەدىنىيەتتۇر .
ئېتىقادنىڭ ئىبادەتكە قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تۆۋەندىكى ھېكايىدىن كۆرۈپ باقايلى .
بىر كۈنى مۇھەممەد ساللاللاھۇۋەئەلەيھى ۋەسسەلەم ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن بىر خىرىستىياننىڭ سىڭلىسىنى قويۇپ بېرىدۇ . بۇ قىز ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ ئاكىسىغا : ‹‹ مۇسۇلمانلارنىڭ ناھايتى ياخشى كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ، بېرىپ رەسۇلىللاھ بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىشىنى ، ئۇلارنىڭ زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ›› ئېيتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئۇ خىرىستىيان رەسۇلىللاھنىڭ يېنىغا بارىدۇ . ئۇ رەسۇلىلللاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ تۇرۇشىغا رەسۇلىللاھ ‹‹ ئۇلار ئۆلىرىنىڭ راھىبلىرىنى ( يەھۇدىلار بىلەن ناسارالارنىڭ دىننىي باشلىقلىرىنى ، ئۆلىمالىرىنى ) ۋە مەريەم ئوغلى مەسھنى مەبۇد قىلىۋالدى ( ھالبۇكى ) ئۇلار ( پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ) پەقەت بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇلغان ئىدى ، ئۇنىڭدىن باشقا ( يەنى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھتىن باشقا ) ھېچ مەبۇد ( بەرھەق ) يوقتۇر ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ شىرىك كەلتۈرگەنلىكلىرىدىن پاكتۇر ›› ( سۈرە تەۋبە 31- ئەيەت ) نى ئوقۇۋاتاتتى. بۇ چاغدا ئۇ خىرىستىيان ‹‹ ئىھ.. رەسۇلىللاھ ، بىز ھېچقاچان ئالىم – ئۆلۈمالىرىمىزغا سەجدە قىلمايمىز (ئۇ ئىبادەتنى پەقەتلا سەجدە قىلىش دەپ چۈشۈنگەن ) ›› دەيدۇ . مۇھەممەد ساللاللاھۇۋەئەلەيھى ۋەسسەلەم : ‹‹ ياق ، سىلەر سەجدە قىلىسىلەر ، چۈنكى سىلەر ئالىم – ئۆلۈمالىرىڭلار ھالال دېگەننى ھالال سانايسىلەر ، ھارام دېگەننى ھارام سانايسىلەر ›› دەيدۇ . بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ . ئىبادەت پەقەتلا سەجدە قىلىشلا ئەمەس ، بەلكى باشقىلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ ، ئۆزئالدىغا ھۆكۈم چىقىرىپ ، توغرا-خاتالىق ۋە ھالال-ھارملىقنى كۆرسىتىپ بەرسە ماقۇل دەپ قىلىش ، شۇ كىشىلەرگە ئىبادەت قىلغانلىق ، سەجدە قىلغانلىق بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. دېمەك ، سىز كىمنىڭ كۆرسەتكەن يولىدا ماڭسىڭىز سىز شۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ، شۇ يولنى كۆرسەتكۈچىگە ئىبادەت قىلغان بولىسىز . سىزنىڭ گەپ – سۆز ، ئىش – ھەركەت ، كىيىم-كېچەك ، يۈرۈش-تۇرۇش ، يىمەك-ئىچمەكلىرىڭىز ، ئولتۇرۇپ-قوپۇشلىرىڭىز دەل سىزنىڭ ئېتىقادىڭىز بويىچە بولىدۇ . ئىتىقادىڭىز ئۆزگىرىدىكەن ، ئىبادىتىڭىز ئۆزگىرىدۇ . ئىبادىتىڭىز ئۆزگەرسە سىزدىكى مەدىنىيەتتىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولسۇن ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقادى مەدىنىيەت ئىنقىلابىدىن باشلاپ ئۆزگۈرۈشكە باشلىغان دېيىشكە بولىدۇ . مەدىنىيەت ئىنقىلابىنى باشتىن كەچۈرگەن چوڭلاردىن دائىم ئاڭلاپ تۇرىدىغان ئاددىي سۆزلەر بولسا : ‹‹ پارتىيە بولمىغان بولسا بىزنىڭ بۈگۈنىمىز بولمايتتى . بۇنداق بەختىيار تۇرمۇشىمىزمۇ بولمىغان بولاتتى ›› دەيدۇ . مەكتەپتە بولسا خەن ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارغا: ‹‹پارتىيە بولمىغان بولسا سىلەرگە بۇنداق يورۇق سىنىپ نەدە تۇرۇپتۇ . سىلەرگە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ، ئوقۇش ياردەم پۇلىنى كىم بېرىۋاتىدۇ ؟ سىلەرنى كىم بېقىۋاتىدۇ ؟ ›› دەيدۇ . مەكتەپ پۈتتۈرسىڭىز ئاتا-ئانىڭىز ، مۇئەللىملىرىڭىز : ‹‹ ھۆكۈمەتنىڭ تۆمۈر دەپتىرىگە ئىلىشىۋالساڭ ياخشى كۈن كۆرىسەن ، خاتىرجەم تۇرمۇش كەچۈرىسەن ، نېنىڭ پۈتۈن بولىدۇ ›› دەيدۇ . ئاللاھ نېمە دەيدۇ ؟ ئاللاھ ، رىزقىڭنى مەن پېشانەڭگە پۈتىۋېتىمەن ، رىزقىڭنى كەم قىلماي تولۇق بېرىمەن . مېنىڭ رەھمىتىم بولمىسا ساڭا بۇ نازۇ نېمەتلەر ، بۇ باياشات تۇرمۇش نەدىن كېلەتتى ؟ ياكى سەن ئۆزۈڭ بۇلۇتلاردىن يامغۇر ياغدۇردۇڭمۇ ؟ توپىدىن زىرائەت ئۈندۈردىڭمۇ ؟ تەپەككۇر قىلمامسەن ؟ ھەي ناشۈكۈر بەندەم، ماڭا ھېچنېمىنى شېرىك قىلماي ئىبادەت قىل ، دەيدۇ . قۇرئاننى ئوقۇپ چىقىدىغان بولساق ، قۇرئاندا ئاللاھنىڭ ھېچ بىر يەردە ‹ ئاللاھ بار ، ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىڭلار › دېگىنىنى تاپالمايسىز . چۈنكى بۇددىستلار ، مۇشرىكلار ئەزەلدىن ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنەتتى ، ئاللاھنى ئىنكار قىلمايتتى . ئۇلار پەقەت بۇتلىرىنى ئاللاھنىڭ ئىسىم -سۈپەتلىرىگە شېرىك قىلاتتى . بۇتلىرىنى دۇئايىمنى ئاللاھقا يەتكۈزىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلاتتى ، ياردەمنى ئاللاھنى قويۇپ بۇتلىرىدىن سورايتتى . ھەرگىزمۇ رىزقىمنى بۇ بۇتلار بېرىدۇ ، دېمەيتتى . ئۇلار ئاللاھقا بۇتلىرىنى شېرىك كەلتۈرگەنلىكتىن كاپىر بولۇپ ، دوۋزاخ ئەھلىدىن بولغان . شۇڭا ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن كىشى مەڭگۈ دوزاختا قالىدۇ ، جەننەت يۈزى كۆرمەيدۇ . قۇرئان كېرىمدە ، ئاللاھ باشتىن –ئاخىرى بىزنى پەقەت ئۆزىگە ھېچنېمىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ . ئاللاھنى ھېچنېمىگە شېرىك قىلماي ، ئاللاھنىڭ بارلىق ئىسىم-سۈپەتلىرىنى پەقەت ئاللاھقىلا خاس دەپ بىلىش ، مانا بۇ مۇسۇلماندا بۇلۇشقا تېگىشلىك ئەقىدە . بىر ئادەم ئاللاھقا ھېچنېمىنى شېرىك قىلماي ئېتىقاد قىلغاندىلا ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق ھالىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ . بولمىسا ئۇنىڭ مۇشرىك ، كاپىرلار بىلەن ھېچبىر پەرقى قالمايدۇ . چۈنكى مۇشرىك ، كاپىرلارنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن بولغان پەرقى دەل ئۇلارنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردىغانلىقىدا ، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدىغانلىقىدا .
قېرىنداشلار بىر ئادەم ئىككى يولدا تەڭ بىر ۋاقىتتا ماڭالمىغىنىغا ئوخشاش ، كۇفۇرلۇق بىلەن مۇسۇلمانلىق بىر قەلىبكە تەڭ يەرلىشەلمەيدۇ . ئېتىقاد توغۇرلانماي تۇرۇپ قىلغان ئىبادەت مەھپۇل بولمايدۇ . ئېتىقادنى توغۇرلىماي تۇرۇپ ئىبادەت قىلىمەن دېيىش ، مەنىسىنى چۈشەنمەي كىتاب ئوقۇغانغا ئوخشاش پايدىسىز بىر ئىش . ئېتىقادسىز ، ئىبادەتسىز مەدىنىيتىمنى قوغدايمەن دېيىش ، ئېتىزغا ئۇرۇق تېرىماي ، ھوسول ئالىمەن دېگەن بىلەن ئوخشاش . ئۇنداقتا ئېتىقادنى قانداق توغۇرلايمىز ؟
ئېتىقادىمىزنى توغۇرلايمەن دەيدىكەنمىز ، چوقۇم قۇرئاننىڭ مۇجەسسىمى بولغان ، پۈتكۈل پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋەزىپىسى قىلىنغان ،تەستىقلاش بىلەن مۇسۇلمان بولۇپ جەننىتى بولىدىغان ، ئىنكار قىلىش بىلەن كاپىر بولۇپ دوزاخقا چۈشىدىغان ‹‹لا إله إلا الله ›› دىن ئىبارەت بۇ كەلىمىنى ئابدان چۈشۈنىشىمىز كېرەك . بۇ كەلىمىنى چۈشەنمىگەن ئادەم دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە مەڭگۈ نىجاتلىق تاپالمايدۇ . بۇ كەلىمىنى چۈشۈنەلمىگەن ئۇيغۇر ئاتا-بوۋىلىرى قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ مەدىنىيەتنى ، گۈللەندۈرۈش تۈگۈل قوغداپمۇ قالالمايدۇ . ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان قەۋىمنىڭ خار-زەبۇنلىققا قېلىشى دەل مۇشۇ كەلىمىنى بىلمىگەنلىكتىن ، ئىجرا قىلماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ . ئويلۇنۇپ باقايلى ، ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ ھالىنى ئۆزىمىز ئۆزگەرتمىگىچىلىك ئاللاھنىڭ ئۆزگەرتىپ قويمايدىغانلىقىنى بىلىمىز . ئۇنداقتا ، ‹‹ لا إله إلا الله ›› دېگەن كەلىمىنى بىلمەيدىغان قەۋىمنىڭ ھالىنى ئاللاھ ئۆزگەرتىپ قويامدۇ ؟ بىز بۇ كەلىمىنى ھەقىقىي تۈردە چۈشەنسەك ، ئاندىن پەيغەمبىرىمىزنىڭ ‹‹ للا إله إلا الله› دېگەن ئادەم جەننەتكە كىرىدۇ ›› . ‹‹ ئاللاھنىڭ 99 ئىسىم – سۈپىتىنى يادقا بىلگەن ئادەم جەننەتكە كىرىدۇ ›› دېگەن سۆزلىرىنىڭ تېگىگە يېتەلەيمىز . شۇندىلا بىز ئەقىدىمىزنى ، ئېتىقادىمىزنى توغۇرليالايمىز .ئېتىقادىمىز توغرا بولغاندىلا ئاندىن بىز ئۆزمەدىنىيتىمىزنى گۈللەندۈرەلەيمىز .
تۆۋەندىكى ماتىريالدىن پايدىلنىىڭ :
تەۋھىد : http://pan.baidu.com/share/link?shareid=964329484&uk=1245181366&third=15
ئاللاھنىڭ 99 ئىسىم-سۈپەتلىرى : http://pan.baidu.com/share/link?shareid=969541469&uk=1245181366&third=15
كىتابلار : http://pan.baidu.com/share/link?shareid=958439564&uk=1245181366&third=15
ئېتىقاد مەدىنىيتىمىزنى ساقلاپ قېلىشتىكى تۈپكى ئامىلدۇر
http://www.qutad.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4954&fromuid=5341