You Are Here: Home » ئومۇمى » باشقىلارنى ئۆزىمىزگە جەلىپ قىلىشنىڭ بىر قانچە يوللىرى

باشقىلارنى ئۆزىمىزگە جەلىپ قىلىشنىڭ بىر قانچە يوللىرى

image

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار باشقىلارنى ئۆزىمىزگە جەلىپ قىلىشنىڭ بىر قانچە يوللىرى بولۇپ، تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلاش مۇمكىن

1- ئاچچىغىڭىزنى بېسىۋېلىڭ.
ئەنەس رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىپ ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بىر كۈنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە تۇراتتۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈستىدە يىرىك بىر تون بار ئىدى. توساتتىن بىر ئەئرابى كېلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ تونىنى قاتتىق  تارتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بوينىغا قاراپ باقسام، تون پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بوينىغا ئىز چىقىرىۋېتىپتۇ. ئۇ: ئەئرابى ئى مۇھەممەد بۇ ئىككى تۈگەمگە  يېنىڭدىكى ئاللاھنىڭ ماللىرىدىن ئارتىپ بەرگىن. چۈنكى بەرسەڭ سېنىڭ ياكى داداڭنىڭ مېلىنى بەرمەيسەن دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مال ئاللاھنىڭ مېلى، مەن پەقەت ئۇنىڭغا ئامانەتدار دېگەندىن كىيىن، ئى ئەئرابى سىنىڭ ماڭا قىلغان قىلىقىڭ ئۈچۈن قىساس لازىم كېلىدۇ.  مەن سەندىن قىساس ئالىمەن دېدى. ئەئرابىي: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزىگە جاۋابەن ياق، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نېمە ئۈچۈن دەپ سورىدى. ئەئرابى چۈنكى سەن يامانلىق قىلغۇچىغا يامانلىق قىلمايسەن دەپ جاۋاپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈلۈپ كېتىپ تۈگىنىڭ بىرىگە ئارپا يەنە بىرىگە خورما ئارتىپ بەردى.

2- باشقىلارنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئىرىشىڭ:
كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىڭ، ياخشى مۇئامىلىدە بولۇڭ ۋە قولىڭىزدىن كېلىشىچە مەنپەئەت يەتكۈزۈڭ.

3-باشقىلارنى تەنقىد قىلىش سەنئىتىگە ئىگە بولۇڭ:
چۈنكى تەنقىد قىلغۇچى، تەنقىد قىلىنغۇچىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئەگەر سىز باشقىلارنى تەنقىد قىلىش سەنئىتىنى ياخشى بىلىدىغان بولسىڭىز، خاتالاشقان ياكى ئەيىبكە بۇيرۇلغان كىشى سىزنىڭ تەنقىدىڭىزنى قوبۇل قىلىپ سىزگە رەھمەت ئېيتىدۇ. چۈنكى بۇ سەنئەت ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر غەلىبە قىلغان.

4- جېدەللىشىپ قالغان كىشىلەرنى ياراشتۇرۇش ۋە جېدەلنى بېسىقتۇرۇش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇڭ:
كۆپىنچە ئەھۋاللاردا كىشىلەرنىڭ جېدەل ماجىراسىغا شاھىت بولۇپ قالىمىز. بۇنداق ئەھۋالغا دۈچ كەلگەندە، ئۆزىمىزنىڭ ئاجىزلىقىنى ھېس قېلىپ، نېمە قىلىشىمىزنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرامدۇق؟ ياكى دەرھال ئىككى تەرەپنىڭ بىرىنى ئەيىبلەپ، يەنە بىر تەرەپكە يان باسامدۇق؟ ئەگەردە سىز باشقىلار بىلەن جېدەللىشىپ قالسىڭىزچۇ؟
بۇنداق ئەھۋال ئاستىدا جېدەلنى ئۇستىلىق بىلەن تۈگىتىپ، قارشى تەرەپ بىلەن يارىشىپ قېلىشقا تىرىشىڭ. چۈنكى جېدەللەشكەن ئىككى كىشىنىڭ ئەڭ ياخشىسى بۇرۇن سالام قىلغان كىشىدۇر. نېمە ئۈچۈن سىز بۇرۇن سالام قىلمايسىز؟
قېنى تۆۋەندە بىر كىشىنىڭ ئۆز ئاكىسى بىلەن يارىشىپ قېلىش ئۈچۈن قوللانغان ماھارىتىنى تەپەككۇر قىلىپ باقايلى:
ئىككى بىر تۇغقان جېدەللىشىپ قالىدۇ. ئۇكىسى ئاكىسىغا تۆۋەندىكىدەك خەت ئەۋەتىدۇ. قېرىندىشىم مىنىڭ سىزدىن رازىلىق تەلەپ قىلىشىم ۋە سىنىڭ مەندىن رازى بولۇشۇڭ ئۈچۈن، خېتىمنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھامان مىنىڭ يېنىمغا كېلىڭ. چۈنكى سىزنىڭ مەندىن ئارتۇقچىلىقىڭىز بار. ئالى ئېھتىرام بىلەن ئۇكىڭىز پالانىدىن.
ئاكىسى، ئۇكىسىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش ئېلىب بارغان. ئۇنىڭدىن كىيىن ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا ھېچقانداق ئىش يۈز بەرمىگەن.

5- سىزگە يامانلىق قىلغان كىشىگىمۇ ياخشىلىق قىلىڭ:
ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىكى تالانت ۋە باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ياخشى بولۇش دېگەنلىك، سىزگە يامانلىق قىلغان كىشىگىمۇ ياخشىلىق قىلىش دېگەن جۈملىگە مەركەزلەشكەن.
كىشىلەر  سىزگە تۆھمەت قىلىشى، تىللىشى ھەرخىل ئەرزىيەتلەرنى قىلىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ سىز بۇ يامانلىقلارغا ياخشىلىق بىلەن رەت قايتۇرۇڭ ۋە نەتىجىسى قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرۈپ بېقىڭ.
بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بىر قىسسە يۈز بەرگەن بولۇپ تۆۋەندە بۇ قىسسىگە قۇلاق سالايلى:
بىر كىشى سالىھلاردىن بىرىنى تىللىغان، سالىھ كىشى ئۇنىڭغا ھېچقانداق جاۋاپ قايتۇرماستىن، تىللىغۇچىنىڭ ئۆيىگە كەلگەن. بۇنى كۆرگەن ھېلىقى كىشى مەندىن ئۆچ ئېلىش ياكى جېدەللىشىش  ئۈچۈن كەلگەن ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، يەڭلىرىنى تۈيۈپ تازا تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان.
لېكىن سالىھ كىشى، ئۇ ئادەمگە چىرايلىقچە مۇنداق دېگەن:
ئى قېرىندىشىم سىز ماڭا مۇنداق، مۇنداق سۆزلەر بىلەن ئاھانەت قىلدىڭىز.  ئەگەر سىز مەندە تېپىلىدىغان سۆزنى قىلغان بولسىڭىز، ئاللاھدىن سىزگە مەغپىرەت تىلەيمەن. مەندە يوق گەپلەرنى قىلغان بولسىڭىزمۇ سىزگە مەغپىرەت تىلەيمەن.
بۇنى ئاڭلىغان ھېلىقى ئادەم: سالىھنىڭ پېشانىسىگە سۆيۈپ، مەن سىزدە يوق گەپنى قىلغان ئىدىم  دەپ كەچۈرۈم سورىغان.

6-باشقىلار ياخشى كۆرىدىغان بىرى بولۇڭ:
سىزدىكى مەلۈم بىر ئارتۇقچىلىق بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىڭىزگە جەلىپ قىلىڭ. سىزدىكى ئارتۇقچىلىقنىڭ قانداق؟ قايسى خىلدا بولىشى مۇھىم ئەمەس.
مەسىلەن: بىر ئىشتا تەجرىبىلىك بولۇش، كەسىپ ئەھلى بولۇش، يۇقىرى دەرىجىلىك دىپلۇمىڭىز  بولۇش ياكى ئىلمى قابىلىيىتىڭىزنىڭ يۇقىرى بولىشى، نەسەپ ياكى مال دۇنيادا باشقىلاردىن ئارتۇقچىلىقىڭىزنىڭ بولۇشى قاتارلىقلار.

7- باشقىلارنىڭ ھەق ھۇقۇقلىرىغا رىئايە قىلىڭ:
چۈنكى باشقىلارنىڭ ھەق – ھۇقۇقلىرىغا رىئايە قىلغاندىلا بەخىتلىك بولىسىز ۋە باشقىلارنىمۇ بەخىتلىك قىلالايسىز. بولۇپمۇ ئىنساپلىق بولۇش، مال، ۋاقىت سەرپ قىلىش ياكى ئۆز مەنپەئەتىڭىزدىن كېچىپ بولسىمۇ، ھەممە ھەر نەرسىنىڭ ھەققىنى تۇلۇق ئادا قىلىڭ. شۇنداق قىلغاندىلا ھەم ئۆزىڭىزنى، ھەمدە ھەققى قايتۇرۇلغان كىشىنى خۇرسەن قىلالايسىز.
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مەندىن كېيىن شەخسىيەتچىلىك ۋە سىلەر يامان كۆرىدىغان بىر مۇنچە ئىشلار مەيدانغا كېلىدۇ» دېدى. بىز: ئى اﷲ نىڭ پەيغەمبىرى، ئۇ چاغدا بىزنى نېمىگە بۇيرۇيلا؟ دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئۈستىڭلاردىكى ھەقنى ئادا قىلىڭلار، سىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىشىڭلار ئۈچۈن اﷲ دىن ياردەم سوراڭلار»، دېدى.
سەۋادە ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئى رەسۇلۇللاھ سىنىڭ مۇشتۇڭ مىنىڭ قۇسۇقۇمغا تىگىپ كېتىپ قۇرسۇقۇم ئاغىرغان ئىدى، دېدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى قىساس ئېلىۋېلىشقا بۇيرىدى. ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھسسىالامدىن قۇرسىقىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام قورسىقىنى ئېچىۋىدى، ئۇ كېلىپلا قورسىقىغا سۆيۈۋالدى ۋە رەسۇللاھدىن قىساس ئالغان ئورۇننىڭ ئوتقا تىگىپ قېلىشىنى ئاللاھدىن سېغىنىپ پاناھ تىلەيمەن. دېدى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئى سەۋادە قىساس ئالامسەن ياكى ئەپۇ قىلامسەن دەپ سورىۋىدى. ئەپۇ قىلىمەن يا رەسۇلۇللاھ دەپ جاۋاپ بەردى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، ئى ئاللاھ پەيغەمبىرىڭ مۇھەممەدنى ئەپۇ قىلغاندەك سەۋادىنىمۇ ئەپۇ قىلغىن، دېدى.

8- سىزگە ئازار بەرگەن ياكى تىل تەگكۈزگەن كىشىگە جاۋاپ قايتۇرماسلىققا تىرىشىڭ:
بۇ ھەقتە ئېلىي ئەبى تالىپ رەزىياللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، مۆمىن رەببىنى مېھرىبانلىق ئارقىلىق رازى قىلغاندەك رازى قىلالمايدۇ. ئەخمەقنىڭ سۆزىگە سۈكۈتتىن ياخشى جازامۇ بولمايدۇ.

9-باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىشقا ۋە مەنپەئەت يەتكۈزۈشكە ئالدىراڭ:
چۈنكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى باشقىلارغا مەنپەئەتلىك بولغىنىدۇر، دېگەن.
باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ۋە خىزمىتىنى قىلىش، خۇددى قاراڭغۇدا قالغان كىشىلەرنىڭ يولىنى يورۇتقان شامغا ئوخشاش بولۇپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتسە خۇشال بۇلىشىڭىز ۋە ئۇلارغا ئەزىيەت يەتسە مۇداپىئە قىلىشىڭىز، تىلىڭىز دائىم نەپسىم ، نەپسىم دېمەستىن بەلكى باشقىلار، باشقىلار دېگەندە ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھسسالامنىڭ كىشىلەر بىرەرسىمۇ مېنىشكە يارىمايدىغان 100 تۆگىگە ئوخشايدۇ. سەن ئۇلارنىڭ ئەۋۋەلقىلىرىنىڭ ئەۋۋەلقىسىدىن بولغىن دېگەن، ھەدىسىگە ئەمەل قىلىش مۇمكىن.

10- ئەپۇ چان ۋە مۇلايىملىق بىلەن كىشىلەرنىڭ ياخشىسى بولۇشقا تىرىشىڭ:
ئاللاھ تائالا قۇرئانى كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن سەن ئۇلارغا مۇلايىم بولدۇڭ؛ ئەگەر قوپال، باغرى قاتتىق بولغان بولساڭ، ئۇلار چۆرەڭدىن تارقاپ كېتەتتى؛ ئۇلارنى ئەپۇ قىل، ئۇلار ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن.
بۇ ھەقتە  مۇئاز ئىبنى ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «كىمكى ئۆچىنى ئېلىشقا قادىر تۇرۇقلۇق ئاچچىقىنى يۇتسا، اﷲ تائالا قىيامەت كۈنى ئۇ ئادەمنى چاقىرىپ كىشىلەرنىڭ ئالدىدا چاقىرىپ خالىغان شەھلا كۆزلۈك ھۈرلەردىن تاللاتقۇزىدۇ». [ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايىتى ]

ئابدۇلئەھەد ئۇجات تەرجىمىسى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top