You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ‏قانداق قىلغاندا ئۆز مەنپەئىتىمىزدىن ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى ئەلا بىلىش خسلىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟

‏قانداق قىلغاندا ئۆز مەنپەئىتىمىزدىن ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى ئەلا بىلىش خسلىتىنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟

1- شەخسى مەنپەئەت بىلەن ئۇمۇمنىڭ مەنپەئىتى ئوتتۇرىسىدىكى ھاياتىمىز

بەزى ياشلار، باشقىلارنىڭ ياكى ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىگە پەقەت كۆڭۈل بۈلمەيدۇ. ئۈزىگە مەنپەئەتسىز ئىشلار ھەققىدە باش قاتۇرمايدۇ، ھەتتا خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمايدۇ. بۇ بىزدە بولۇشقا تىگىشلىك ئادەتمۇ  ياكى ساقلىنىشقا تىگىشلىك يامان ئەخلاقلارنىڭ بىرىمۇ؟  بۇ ھەقتە ياخشى ئويلىنىش كېرەك.
دېمەك: ھەرقانداق ئېھتىياج ئىگىسى ئۆز ئېھتىياجىنى قامداشنى ئويلايدۇ. باشقىلارنىڭ ھاجەتلىرى ۋە قىينچىلىقلىرىنىڭ ھەل بولماسلىقى، دائىم غەم ئەندىشە ئىچىدە ياشىشىغا پەرۋا قىلمايدۇ.
مەلۈم غايىسى ۋە نىشانى بولغان كىشى ئۆزىنىڭ شەخسى غەرىزى ياكى نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە مەلۈم مەنسەپكە يىتىش ئۈچۈنلا تىرىشىدۇ. يەتمەكچى بولغان نىشانغا يىتىپ بولغاندىن كىيىن، باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كېلىشى، ھەتتا كۈندىلىك  ھاياتىنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قىلىشىغىمۇ پەرۋا قىلمايدۇ.
بۇ خىلدىكى ياشلار، پەقەت ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگىلا باش قاتۇرۇپ، ئۇمۇمنىڭ مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا پەقەت كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.
ۋاھالەنكى، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم شەخسىيەتچىلىكتىن ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن:« سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئۆز دىنىي قېرىندىشى ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرمىگىچە، ھەقىقىي مۆمىن بولالمايدۇ» . [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس]
بۇ يەردە مۇھىم بىر نوقتىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز كېرەككى: ھەر قانداق بىر ياش ياكى بىر شەخس باشقىلارنىڭ مەنپەئىتى ھەققىدە ئويلانمايدىكەن، باشقىلارمۇ ئۇ شەخىسنىڭ مەنپەئىتى ھەققىدە ئويلانمايدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىتتىپاقلىق ۋە جەمئىيەتنىڭ بىرلىكى ۋەيران بولىدۇ.
شەخس ۋە ئامما ئوتتۇرىسىدا ئورتاق چۈشەنچە، جامائەتچىلىك ئېڭى يىتىلمەيدىكەن ئۇنداق جەمئىيەتنىڭ ئىنسانلىرى مەنمەنچىلىككە يۈزلىنىدۇ. كۈچلۈك ۋە  مۇشتۇمزورلار ئۈچۈن ئاجىز بىچارىلەرنى ئىزىش،  زۇلۇم قىلىشقا ئوخشاش يامان ئىللەتلەر ئۈچۈن يول ئىچىلىدۇ.
جۈملىدىن، شەخىس ۋە كەڭ ئامما ئوتتۇرىسىدا ھەقىقى ۋىجدان ۋە گۈزەل ئەخلاق يىتىلمەيدىكەن، ئۇمۇمنىڭ مەنپەئىتىنى ۋە ھەق – ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىشنىڭ بەدىلىگە ئۆز مەنپەئىتىگە چوغ تارتىش ئەھۋاللىرى كۆپىيىدۇ.
ھەر قانداق بىر مىلللەتتە، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆز مەنپەئىتىدىن ئەلا بىلىش تۇيغۇسى يىتىلمەيدىكەن، بولۇپمۇ بازار باھاسى ئۆرلەپ، جەمئىيەتتە ئىقتىسادى كرىزىس يۈز بەرگەن  قىيىن كۈنلەردە ئاممىنىڭ مەنپەئىتى شەخسى مەنپەئەتتىن ئەلا بىلىنمەيدىكەن، شۇ جەمئىيەتتىكى پۈتۈن ئىنسانلار بىردەك زىيانغا ئۇچرايدۇ.
بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى: ئىنسان يارىتىلىشتا ئىجتىمائىي، يەنى باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشاشقا مايىل تەبىئەت بىلەن يارىتىلغان بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلار بىلەن بىرگە ياشىغاندىلا ئۆزىنى خاتىرجەم ۋە بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ. ئىنساننىڭ باشقىلارغا مايىللىق تەبىئىتى قامدىلىدۇ. كىشلەر ئارىسىدا شەخسىيىتى ئاشكارىلىنىپ باشقىلار بىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە تۇرغۇزۇپ ياشايدۇ.
ئەگەر ئۇنداق بولمايدىكەن، جەمئىيەتتىن يىراق ھالدا ئايرىم ياشاشقا مەجبۇر بولىدۇ. جەمئىيەتتىن يىراق ياشىغان ئىنسان ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش ۋە ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن تىرىشىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ.
مانا بۇ  سەۋەپتىن، مۇتەخەسسىسلەر ياشلار تەربىيىسىدە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى ۋە باشقىلار بىلەن ئارىلىشىپ ياشاش تەرەپلىرىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئىنسانلارنى شەخسى مەنپەئىتىدىن كېچىشكە ئۈندەيدىغان ئامىللار

1 – باشقىلارنى چۈشىنىش:
باشقىلارنى چۈشىنىش، كىشىنىڭ ئۆز مەنپەئىتىدىن كېچىپ باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئەلا بىلىش ۋە باشقىلارنىڭ دەرد ئەلەملىرىگە دەرمان بۇلۇش، بېشىغا كۈن چۈشكەندە ياردەمدە بولۇش قاتارلىق گۈزەل خىسلەتلەرنىڭ تۈنجى باسقۇچى بولۇپ، بۇ ئارقىلىق كىشىنىڭ ھايات قاينىمىدا يالغۇز ئەمەسلىكى نامايان بولىدۇ.
2- ئەتراپىدىكىلەردىن تەسىرلىنىش:
يەنى ئەتراپىڭىزدىكى ئىنسانلار بىلەن شەكلەن ئەمەس، بەلكى ھەقىقى چىن قەلبىڭىزدىن سەمىمى ئارىلىشىش. يەنى ئۇلارغا مېھرىبانلىق قىلىشىڭىز، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشىڭىز، ئۇلار غەم قايغۇ ئىچىدە ئىكەن خۇشال بولماسلىقڭىز، ئۇلار  خۇشال ئىكەن سىز غەمكىن بولماسلىق.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قەلبى ۋە ھىسياتى پۈتۈن ئۈممەتنىڭ ئىشلىرى  بىلەن مەشغۇل بولغان تۇرۇغلۇق، باشقىلارنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن يۈزى تۇلۇن ئايدەك يورۇپ كېتەتتى.

3 – باشقىلار بىلەن باراۋەر بولۇش:
بەزى ئىنسانلار، كۆپچىلىكنىڭ بېشىغا قىيىنچىلىق كەلگەن كۈنلەردە، ئۆزىدىكى ئازغىنا ئالاھىدىلىك بىلەن شات-خۇرام ياشايدۇ. باشقىلار ئىگە بولالمىغان ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە بولىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا كىشىلەرنىڭ بېشىغا نېمە كەلسە شۇنى كۆرۈش كېرەكمۇ؟
باشقىلار بىلەن باراۋەر بولۇش ئۈچۈن ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلىقلاردىن ۋاز كېچىش لازىممۇ؟
بۇ سوئالنىڭ جاۋابىنى سالىھلاردىن بىرىنىڭ تۆۋەندىكى ئەمىلى ئىش ئىزىدىن بىلىۋالايلى!
كۈنلەرنىڭ بىرىدە بازار باھاسى بىردىنلا ئۆرلەپ كېتىدۇ. ناھايىتى كۆپ ئاش- ئۇزۇق يىغقان سالىھ كىشىلەردىن بىرى: خىزمەتچىسىنى چاقىرىپ، پۈتۈن ئاش- ئۇزۇقلارنى بازارغا ئېلىپ چىقىپ سېتىشقا ۋە كۈندىلىك ئاش – ئۇزۇقنى كىشلەرگە ئوخشاشلا كۈندىلىك ئېھتىياجغا چۇشلۇق سېتىۋېلىشقا بۇيرۇيدۇ. ھەقىقى ياشلا مانا مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك.

4- ئاللاھ تائالانىڭ بىزنى ھەر دائىم كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېسىمىزدىن چىقارماسلىق:
بۇ خىل  خۇسۇسىيەت ياكى ئالاھىدىلىك، ئىنسان  تۆۋەندىكى ئىجابىي قەدەملەرنى باسماي تۇرۇپ ئەمەلگە ئاشمايدۇ:
1- باشقىلارنى چۈشىنىش.
2- باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش.
3- باشقىلار بىلەن ئوخشاش ياشاش.
مانا بۇ، قۇرۇق سۆز بىلەن ئەمەلگە ئاشمايدىغان ھەقىقى ئىماننىڭ ئالامەتلىرىدىن بىرىدۇر.
ئەگەر بىرى سىزدىن بۇنچە ياخشىلىقنى نېمە ئۈچۈن قىلىسىز؟ بۇ ئىشتىن سىزگە بىرەر مەنپەئەت كېلەمدۇ؟ ئەگەر مەنپەئەت كەلمىسە نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىسىز دەپ سورىسا،
دەرھال ئىككىلەنمەستىن  چۈنكى مەن، ئاللاھ تائالانىڭ مېنى باشقىلارغا ياخشىلىق قىلغان، كىشىلەر بىلەن ياخشى ئۆتكەن ھالىتىمدە كۆرۈشىنى ياخشى كۆرىمەن دەپ جاۋاپ بېرىشىمىز كېرەك.

5- جەمئىيەتكە ياكى شەخسلەرگە زىيان يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش:
چۈنكى شەخسى مەنپەئەتنى دەپ، جەمئىيەتكە زىيان ئېلىپ كىلىدىغان ھەر قانداق بىر ئىشنى قىلىش، شەخسكە زىيان سېلىش دېگەنلىكتۇر.
قېنى ئويلىنىپ باقايلى! جەمئىيەتكە ياكى ئۇمۇمنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان سېلىپ تۇرۇپ ئىرىشكەن مەنپەئەت شۇ كىشىلەرگە قانچىلىك ۋاپا  قىلار؟ ھالبۇكى جەمئىيەتكە كەلگەن زىياننىڭ تەسىرى كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇ شەخسنىڭ ئۆزىگىمۇ كەلمەي قويمايدۇ ئەمەسمۇ؟ چۈنكى ئۇمۇ جەمئىيەتنىڭ ئەزالىرىدىن بىرىغۇ.
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئىنسان ئۆزىنى، باشقىلارنى، ياشىغان ۋەتىنىنى ۋە جەمئىيىتىنى ھەر قانداق زىيانكەشلىكلەردىن مۇداپىئە قىلىشى، ئۆز مەنپەئىتىدىن ئۇمۇمنىڭ مەنپەئىتىنى ئەلا بىلىشى كېرەك.

ئاللاھ ھەممىمىزگە ساھابە كىراملاردەك گۈزەل ئەخلاق، ئىمان، ئىنساپ، ھەقىقى ۋىجدان، قانائەت ئاتا قىلسۇن. ھەسەت، شەخسىيەتچىلىك، مەنمەنچىلىك قاتارلىق ناچار ئىللەتلەردىن ساقلىسۇن. ئامىن.

ئابدۇلئەھەد ئۇجات تەرجىمىسى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top