سىز تىخىچە 360 نى ئىشلىتىۋاتامىسز؟؟؟؟؟؟؟؟
ئەسسالام دوستلار ،
مەن بۇگۇن سىلەرگە ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق بولغان 360 فىروسخۇرنىڭ نىمە ئۈچۈن كەڭ ئاممغا ھەقسىز تارقىتىلغانلىقنى، بۇنىڭدا زادى قانداق يوشۇرۇن،رەزىل نىيەتلەرنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقى توغۇرسىدا سۆزلەپ ئۆتەي.
چىخۇ (奇虎) شىركىتى 2005-يىلى 9-ئايدا قۇرۇلغان، ئىنتىرنىت تورىدىكى بىخەتەرلىك يۇمشاق دىتال مەسئۇلاتلىرىنى تۇزۇش بىلەن شۇغۇلىنىدىغان بولۇپ، بىز كۇندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ئىشلىتۋاتقان 360 فىروسخۇر، 360 بىخەتەلىك قالقىنى،360 يان تىلىفون ياردەمچىسى قاتارلىق مەسئۇلاتلارنىڭ ھەممسنى بۇ شىركەت تۇزۇپ تارقاتقان، ئەجەبلىنەرلىك يىر شۇكى بۇ دىتاللارنىڭ ھەممىسى ھەقسىز بولۇپ، بىز خالىغان ۋاقىتتا توردىن بىمالال چۇشۇرپ ئىشلىتەلەيمىز، لىكىن سىز ئويلاپ باقتىڭىزمۇ، ئۇلار بۇ دىتاللارنى نىمە ئۈچۈن ھەقسىز تارقىتىدۇ، زادى قانداق مۇددالار يوشۇرۇنغان.
مۇتەخخەسىىسلەرنىڭ ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىشچە بۇدىتالغا <<ئارقا ئىشىك>> ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، خاككىرلار خالىغان ۋاققىتا كۆمپىيوتىرنى كونتىرول قىلىپ،سىزنىڭ كۆمپىيوتىردىكى مەخپىيەتلىكىزنى بىمالال كۆرەلەيدىكەن.
مۇتەخخەسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشچە، 360 نىڭ ئاساسىلىق تۆۋەندىكى 4 چوڭ يوشۇرۇن خەۋىپى باركەن:
1.كۆمپىيوتىرنى يىراق مۇساپىلىق كونتىرول قىلىش. 360 دىتالى <<ئارقا ئىشىك>> ئارقىلىق كۆمپىيوتىرنى خۇددى سىز ئۆزىڭىزنىڭ كۆمپىيوتىرنى باشقۇرغاندەك بىمالال باشقۇرۇپ،يوشۇرۇن ھالەتتە كۆمپىيوتىردىكى بالىق ھۆججەتلەرنى ئىچىپ كۆرەلەيدۇ ۋە تور ئارقىلىق باشقىلارغا يوشۇرۇن يەتكۇزۇپ بىرەلەيدۇ.
2. بانكا ھىسابات نۇمۇرى، پايچەك نۇمۇرى، تور ئويۇن نۇمۇر، چ چ نۇمۇرى قاتارلىق كۇميىوتىر دىتالىدا ساقلاپ قويغان نۇمۇرلارنىڭ بىمالال ئوغۇرلاپ ئىلىش.
3.ھەر قايسى تور بىكەتلىرىنىڭ مۇلازىمىتىرلىرىنى كونتىرول قىلىپ، ئۇلارغا تور ھۇجۇمى پەيدا قىلىش.
4.كومپىيوتىرنى قوزغاتقان ھامان كومپىيوتىرنى ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ،سىزنىڭ تورغا چىقىش ئەۋالىڭىزدىن خەۋەردار بولۇپ تۇرىدۇ، سىز توردا ھەرخىل پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغاندا ئۆزىگە قىممىتى بولغان ماتىيالىنى بايقىغان ھامان يۇشۇرۇنچە باشقىلارغا يوللاپ بىرىدۇ.
قانداق ئەمدى خىل سەگىپ قالغانسىز ، بىكاردىن ئىش يوق دىگەن شۇ،360 ھەققىسز دىتاللارنى تەممىنلەش ئارقىلىق كىشىلەرنىىڭ مەخپىيەتلىكىنىڭ بىمالال ئوغۇرلاپ، قاتتىق چوڭ يوشۇرۇن ئاپەتلەرنى ئىلىپ كىلدۇ، ئەگەر بۇ ھەققتە تىخمۇ كۆپ ئىشلارنىڭ بىلمەكچى بولسىڭىز 360 ئارقا ئشىكى(360后门) دەپ ئىزدەپ كۆرۇپ باقىسڭىز بولىدۇ.
ھە….. 360 قىلمىشىدىن بىر قاتار خەۋەر تاپتىڭىز ، كومپىيوتىرىڭىدا 360 بولسا ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى ئۆزىڭىزگە تاپشۇراي قاراپ ئەدىبىنى بىرەرسىز…………….
مەنبە: مۇساپىر تورى
![2301486_3603[1]](https://ug.uyghuracademy.org/wp-content/uploads/2013/06/2301486_36031.png)
alpha1010
شۇ ئەمەسمۇ ،مۇشۇنىمۇ تىما دەپ يازامدۇ ،سىز بىزدەك بېكار تەلەپلەرنىڭ ئەخلەت ۇچۇرلىرىنى بىچارە 360 قانداق بىر تەرەپ قىلىپ بولا ئەمدى ،بىز نىمىشقا داۋاملىق خەقنىڭ يامان گېپىنى قىلىشقا ئامراق خەق!!!!
توغرا يول
بۇنىڭدىكى دەلىللەر قايىل قىلارلىق ئەمەسكەن. نېمىلا بولمىسۇن، بۇ ئىلىم سەھنىسى بولغاندىكىن تېخىمۇ قايىل قىلارلىقراق پاكىت بولسا. مەسىلەن قايسى مۇتەخەسىس تەتقىق قىلغان. قايسى تەرەپتىن تەكشۈرگەن. ئەمەلىي پاكىتلىرىچۇ دېگەندەك.
باشقا نىيەت يوق. پەقەت تېخىمۇ ئېنىق بىلىپ باقماقچى.