مۇسۇلمانلارنىڭ بېشىغا كەلگەن كىرىزىسلەر-دوكتور يۈسۈپ ئەل قەرداۋى
1.
مۇھىم بولغان پەرز ئەين ئەمەللىرىنى قايرىپ قويۇش. مەسىلەن: ئەمرۇ-مەرۇپ، ۋەز
نەسىھەت (كىشىلەرنى ياخشى ئىشلارغا تەشەببۇس قىلىپ، يامان ئىشلاردىن توسۇش) ناماز،
زاكات ۋە روزىنىڭ ئالدىدا كېلىدىغان مۇھىم پەرزدۇر. ) مۆمىن ئەرلەر، مۆمىن ئاياللار
بىر ـ بىرى بىلەن دوستتۇر، ئۇلار (كىشىلەرنى) ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرۇيدۇ،
يامان ئىشلاردىن توسىدۇ، نامازنى (تولۇق) ئادا قىلىدۇ، زاكات بېرىدۇ، ئاللاھقا ۋە
ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىدۇ، ئەنە شۇلارغا ئاللاھ رەھىم قىلىدۇ، اﷲ
ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر [71].[3]( بۇ ئايەتتە
ئەمرۇ-مەرۇپ، ۋەز-نەسىھەت ناماز ۋە زاكاتنىڭ ئالدىدا كەلتۈرۈلگەن.
شۇنداق
تۇرسىمۇ، ناماز ئوقۇيدىغان، زاكات بېرىدىغان ۋە روزا تۇتىدىغان مۇسۇلمانلاردىن
نۇرغۇنلىرى ئەمرۇ-مەرۇپ-ۋەز نەسىھەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. كۆز ئالدىدا بىراۋ
شەرىئەتكە خىلاپ كېلىدىغان يامان ئىش قىلسا ياكى يالغان سۆزلىسە، ئۇنى
ئاگاھلاندۇرمايدۇ، بىرەر قېتىم بەش مىنۇت ۋاقتىنى چىقىرىپ خوشنىلىرىدىن،
تۇغقانلىرىدىن ۋە يېقىنلىرىدىن ناماز ئوقۇمايدىغانلارنى چىرايلىق ئۇسۇلدا مەسجىدكە
ئېلىپ بېرىشنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ، غايىسىز، نىشانسىز يۈرىۋاتقان بالىلارغا چىرايلىق
نەسىھەت قىلىشنى بىلمەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرز بولغان ۋەز-نەسىھەتتۇر. ھەر بىر
مۇسۇلمان ئادەم بۇ دىنغا مەسئۇل، ئۇنىڭغا كۆيۈنىدۇ، ئۇنىڭغا دەۋەت قىلىدۇ، ئۇنى
قوغدايدۇ، ئۇنىڭغا خىلاپ ئىش قىلغانلارنى چىرايلىق ئاگاھلاندۇرىدۇ ۋە ئۇلارنى
ھېكمەتلىك چارە بىلەن ياخشىلار سېپىگە قوشىۋالىدۇ.
2.
بەزى پەرزلەرگە ئالاھىدە زور ئەھمىيەت بېرىپ، ئوخشاش دەرىجىدىكى باشقا پەرزلەرنى
تەرك ئېتىش. مەسىلەن: رامىزان ئېيىدا روزا تۇتمايدىغان مۇسۇلمان ئىنتايىن ئاز
تېپىلىدۇ. ئەمما ناماز ئوقۇمايدىغانلىرى ناھايىتى كۆپ. شۇنىڭدەك بەزى مۇسۇلمانلار
نامازغا ئەھمىيەت بەرسىمۇ زاكاتقا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ. قۇرئان كەرىمدە ناماز زاكات
بىلەن بىرگە يانداش قىلىپ 28 ئورۇندا بايان قىلىنغان تۇرسىمۇ ناماز ئوقۇيدۇيۇ،
زاكات بەرمەيدۇ. چۈنكى ناماز چىقىم كەتمەيدىغان ئىبادەت، ئەمما زاكات چىقىم قىلىشنى
تەلەب قىلىدۇ ئەمەسمۇ!؟
3.
نەپلە ئىبادەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، بەزى پەرزلەرنى تەرك ئېتىش. مەسىلەن: بەزى
دىندار سۈپەتلىك، تەقۋا قىياپەتلىك كىشىلەرنىڭ ئېغىزىدىن ئەزكار چۈشمەيدۇ، ئۇلار
ئولتۇرغاندىمۇ، يول يۈرگەندىمۇ، ئەزكار، تەسبىھ ۋە تەھلىللەرنى ئېغىزىدىن
چۈشۈرمىگەندەك، بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ تەقۋالىقىنى كۆرسىتىپ ئېغىزىدىن مىسۋاكنىمۇ
چۈشۈرمەيدۇ. بۇلارنىڭ ھېچبىرى پەرز ياكى ۋاجىب ئەمەس، بەلكى مۇستەھەب دەرىجىسىدىكى
ئىشلار. ئەمما ئۇلار ئەڭ مۇھىم بولغان ئىجتىمائىي پەرزلەردىن ئاتا-ئانىغا
قېتىرقىنىپ خىزمەت قىلىش، ئۇرۇق-تۇغقانلارغا سىلە-رەھىم قىلىش، قۇلۇم-قوشنىلارغا
ياخشىلىق قىلىش، يېتىم-يېسىرلارنىڭ بېشىنى سىلاش قاتارلىق ساۋابى كۆپ ئىشلارنى تەرك
ئېتىدۇ.
4.
پايدىسى شەخس بىلەنلا چەكلىنىدىغا ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ، پايدىسى ھەممىگە ئومۇم
بولىدىغان ئىشلارنىن تەرك ئېتىش. مەسىلەن: كۆپ ساندىكى دىندارلار ناماز، زىكىرگە
ئوخشىغان شەخسىي ئىبادەتلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، پايدىسى ھەممىگە يېتىدىغان، شەكسىز
ئومۇمغا مەنپەئەتلىك جىھاد، تەلىم-تەربىيە، ئارىسى بۇزۇلغانلارنىڭ ئارىسىنى ئىسلاھ
قىلىش، كىشىلەرنىڭ ھاجەتلىرىنى راۋا قىلىش، ئادالەتنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش،
ھەقسىزلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق پەرزلەرگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.
5.
شاخچە مەسىلىلەر ئېسىلىۋېلىپ، ئەقىدىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەرگە كۆڭۈل
بۆلمەسلىك. مەسىلەن: نامازدا ئامىننى ئۈنلۈك دەيدىكەن دېگەن دەۋا بىلەن ئەقىدىسى
دۇرۇس بىر جامائەتنى بەدمەزھەبكە ياكى ئامىننى ئىچىدە دەيدىكەن بۇلار ئەبۇ ھەنىفىگە
چوقۇنىدىغان ئادەملەر دەپ تۆھمەت قىلىپ، ئېتىقادى ساغلام مۇسۇلمانلارنى خۇراپاتچىغا
چىقىرىۋېتىش ۋە كىشىلەرنى ئۇلاردىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئورۇنۇشقا ئوخشاش.
6.
ئاشكارا ھارام ئىشلارنى توسۇشنىڭ ئورنىغا ھارام ياكى ھالاللىقىدا ئىختىلاپ بار
مەسىلىلەرگە ئېسىلىۋېلىپ، ئۆمۈرنى زايە قىلىش. مەسىلەن: نۇرغۇن مۇسۇلمانلار رەسىم
تارتىش، ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش، ئاياللارنىڭ يۈزىگە نىقاب كىيىشى قاتارلىق ئىسلام
ئۆلىمالىرى ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپلىق مەسىلىلەرگىلا بېرىلىپ، مىللەتنىڭ، ۋەتەننىڭ
تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلارغا كۆز يومىدۇ.
تەرجىمە
قىلغۇچى: مۇھەممەد يۈسۈپ
______________________________________
[1]
تەۋبە سۈرىسى19-21-ئايەتلەر
[2]لۇقمان
سۈرىسى15-ئايەت
[3]
تەۋبە سۈرىسى71-ئايەت
مەنبە: ساجىيە ئىسلام بىلىملىرى
تورىدىن ئېلىندى.