You Are Here: Home » ئومۇمى » ئۆزلۈكنى قېزىش ئارقىلىق ياكى ئۆزىنى بايقاش ئارقىلىق نېمە ئشىلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ؟

ئۆزلۈكنى قېزىش ئارقىلىق ياكى ئۆزىنى بايقاش ئارقىلىق نېمە ئشىلارنى ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ؟

Ilim-Ademleri[1]

ئۇيغۇرزادە

ئۆزلۈك دېگىنىمىز بىر ئادەمنىڭ مەلۇم جەمئىيەتتە ئىجتىمائىيلىشىپ ياشاش داۋامىدا يېتىلدۈرگەن ھەم باشقىلارنىڭكىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئۆزىگە خاس مەنىۋي دۇنياسىدۇر.
”ئۆزلۈكتىن پايدىلىنىپ“ دېسەك، ئۆزلۈك سۆزى ماددىي بۇيۇمدەك ياكى پايدىلانغىلى بولدىغان بىر نەرسدەك مەنە بېرىپ قويىدىغاندەك تۇرىدۇ. مېنڭچە، ”ئۆزلۈكنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە قېزىش ئارقىلىق ياكى ئۆزىنى تولۇق بايقاش ئارقىلىق نېمە ئشىلارنى ۋۇجۇدقا چقارغىلى بولىدۇ“ دېگەن سوئال ئەھمىيەتلىك سوئالدۇر. چۈنكى، بىز ھەممىزنىڭ قېزىشقا تېگىلشىك، باشقىلارنىڭكىدىن پەرقىلىندىغان تەرپىمىز بولىدۇ. تولۇق قازالىساق، تولۇق بايقىيالىساق، كاتتا ئشىلارنى قىلغىلى بولىدۇ.
بۇلاردىن تىپىك مىسال كۆرسەتسەم، ئۆزلۈكىنى ئەڭ تولۇق دەرىجىدە قازغان ئۇيغۇرلاردىن مەن ئىش-ئىزلىرىنى بىلدىغانلاردىن ئەنگلىيەدىكى ئۇيغۇر ئالىمى دىلشات ھېۋزۇللا(ماڭا بەك چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئالىملىرىمىزنىڭ بىرى)،ئەركىنكام قاتارلىقلار بار. ئۆزىنى بايقىغان، ئۆزىنى تونۇغان، ئۆزىگە قايتقان ئۇيغۇرلاردىن ئادىل تۇنياز، داۋۇتجان ئوبۇلقاسىم قاتارلىقلار بار. كېينىكىلەرنى تىزىشىمدىكى سەۋەب، بىر يەرلەرگىچە ئىلىم تەھسىل قىلىپ بېرىپ ئۆزىڭىزنىڭ باشقىلارنىڭكىگە پەقەت ئوخشمايدىغان بىر توپنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىسىز.
ئومۇمەن ئۆزىنىڭ خاس ئۆزلۈكىنى بايقاش، تونۇش، قېزىش مەنۋىي مۇكەممەلىككە يېتىشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئەمما، رىيا بۇنىڭ دۈشمىنى.
ئۆزىنى تونۇش، ئۆزىنى بايقاش ئۇقۇمىنى ئامېرىكا مەشھۇر پىسخولوگلىرىدىن كارل روگېرس، ئۆزىنى قېزىش ئۇقۇمىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا پسىخولوگىيە بىرلەشمسىنىڭ رەئىسى، 2–ئەسىردىكى ئەڭ بۈيۈك پىسخولوگلارنىڭ بىرى ماسلوۋ نەزەريىلەشتۈرۈپ سستېمىلىق بايانلارنى قالدۇرغان. كارل روگېرسنىڭ Carl Rogers “چىن ئادەمگە ئايلىنىش توغرىسدا“On Becoming a Person، ماسلوۋنىڭAbraham Maslow “ئۆزلۈكنى قوزغىتىش“Self-actualization قاتارلىق ئەسەرلىرى خەنزۇچە نەشىردىن چىققان(ئاۋۇ ئۇچۇرنى بەيدۇغا كىرگۈزسەك خەنزۇچىسنى تېپىپ بېرىدۇ). كېلەر قېتىم ۋاقتىم چىققاندا بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن ئەمەلىي مىساللارغا بىرلەشتۈرۈپ ئازراق ئۇچۇر بېرىشىم مۇمكىن.
ئۆزىنى ئەڭ بەك قازغان مىللەتلەرنىڭ بىرى ياپونلار،گرمانلار، ئامېرىكانلار دەپ قارايمەن.
ئۆزىمىزنىڭ قېزىشىقا،بايقاشقا تېگشلىك يەرلىرى بەك جىق بولىدۇ. شۇنى قانچە بالدۇر تونۇپ يەتسەك، شۇنچە ياخشى.
مەن ئېنگلىزتىلىنى، جەمئيتەتشۇناسلىقنى 2007-يىلىغىچە كەسپ قىلىپ ئوقۇمىغان. تىلنىمۇ، جەمئىيەتشۇناسلىقنمۇ تاكى بۇ يەرگە كەلگۈچە ئۆزۈمگە خاس ئۇسۇلدا ئۆزلۈكۈمدىن ئۆگەندىم. تەسراتىم شۇكى، بىر ئادەم ئەسلى بىر خاسلىق. ئۆزلۈكتىكى مۇشۇ خاسلىق قېزىلسا ۋە بايقالسا، ئاندىن ئۇنىڭغا ئەقلىيلىك ۋە ئەمەلىي ھەرىكەت يانداشسا ئۈنۈمى بەك ياخشى بولىدۇ.قېرىنداشلرىمنى ئۆزىنىڭ يۈرىكىدىن كېلىۋاتقان سادالارغا قۇلاق سىېلشقا، ئۆزىگە خاس يولدا مېڭشقا چاقىرىمەن.
ياخشى يېرى، بىزدە ھازىر ئۆزىنى تونۇيدىغان، ئۆزىنى قازىدىغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز كۆپ بولۇۋاتىدۇ. پات-پات تەنقىد قامچىسىنى شىلتىپ تۇرغاندەك قىلغان بىلەن بۇ تەرەپتىن ئىچىمدە چەكسىز سۆيۈنىمەن. ياشلىرىمىزنىڭ يېقىنقى يىىللاردىن بۇيانقى تىرشچانلىقلىرىدىن مەن مەمنۇن. بىزنىڭ يوشۇرۇن ئېنېرگىيمىز بەك زور. گەپ ئۆزىمىزگە خاس تەرەپنى بايقاش، تونۇش ۋە قېزىشتا.

مەنبە : سەرخۇش بىلوگى

http://serhush.com/?p=700

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top