يىگىت بۇلۇتنىڭ «تاقسمدىكى ۋەقەلەر ئانالىزى» (www.yirmidort.tv)
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جۈمە مۇبارەك بولسۇن كۆكلەمداشلار
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن، تاقسىمدىكى ۋەقەلەرگە قىزىقىۋاتقان پۈتۈن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ يەنە بىر داڭلىق تېلىۋىزىيەسى 24 قانىلىنىڭ باشلىقلىرىدىن بىرى بولغان داڭلىق ئوبزورچى يىگىت بۇلۇتنىڭ «تاقسمدىكى ۋەقەلەر ئانالىزى» (www.yirmidort.tv) نى سىزلەرگە يۇتىيۇپتىن چۈشۈرۈپ بىرەركۈن كېچىكسىمۇ بەيدۇ خۇرجىنىغا يوللاپ خەبەردار قىلىشنى ئويلىدم.
تۈركيەنىڭ سۈپەتسىز, چىرىك تېلىۋىزور تىياتىرلىرىدىن «مۇھتەشەم يۈزيىل» ۋە باشقا دىزىلەردە رول ئالغان ئارتسلەرنىڭ كىمنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلكى ۋە تۈركىيە تاراتقۇلىرى (رادىيو-تېلىۋزور، گېزىت-ژورنال، ئىجدىمائى تورلار) نىڭ 66% نېمىسلارنىڭ قۇلىدا ئىكەنلىكى ۋە تۈركىيەنى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئايرۇدۇرومغا ئىگە قىلماقچى بولغان ئىستانبۇلدىكى 3-ئايرۇدۇرومى ۋە ئىستانبۇلنىڭ قاتناش قىستاڭچىلقىغا چارە بۇلۇدىغان ئاسىيا-ياۋرۇپانى تۇتاشتۇرىدىغان، يېقىندا كورىيەگە ھۆددىگە بېرىلگەن 3-كۆۋرۈك قۇرۇلۇشلىرنىڭ ۋە قانال ئىستانبۇل قۇرۇلۇشننىڭمۇ ئەمەلگە ئېشىشىغا چش تىرنىقى بىلەن قارشى تۇرۇۋاتقان ئەنگىليە، گىرمانىيە ۋە ئۇلارنىڭ چۇماقچىلىرىنىڭ كۈشكۈرتىشى بارلىق توختاملىرىنىڭ بىكارقىلىنىشىنى تاقسمدىكى 3 تال دەرەخ ۋە باغچە ئورنىغا سېلىنىدىغان سودا سارىيىنى باھانە قىلىپ خەلقنى توپلاپ، كېيىنچە كومىنست ۋە دېمېگراتچى ئاشقۇنلارنىڭ ۋە بەزى چەتئەللىك جاسۇسلارنىڭ كۈشكۈرتشى بىلەن سۈپىتى ئۆزگۈرۈپ، مەقسەتتىن تېيىپ كەتكەن بۇخىل قالايمىقانچلىقنىڭ ئارقىسىدىكى رەزىل سۈيقەسىتلەرنى بىرمۇ بىر يېشىپ بېرىشكە ترىشقان مەشھۇر يازغۇچى يىگىت بۇلۇتنىڭ تىلىدىن ئاڭلاپ باققايسىز.
يەنىلام «ئىسنىڭ ئاچچىغىنى مورا بىلدۇ» شۇڭلاشقا توپىلاڭچىلارغا يېقىن خەنزۇچە ۋە ئىنگىلزچە مەتبۇئاتلاردا سىزگە بىلدۈرۈلگەن ياكى مېڭمىزگە قۇيۇلغان ئاساسسىز خەۋەرلەرگە ئەمەس، تۈركيەدىكى مۆدىتىل كىشىلەرنىڭ ئاغزىدن بۇ ئانالىزلارنى ئاڭلاپ باققايسىز.
راست گەپنى قىسسام، مەن تۈركىيە خەلقىنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەلبىدە ئۇرۇن ئالغان ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەلباشى رەجەپ تەييىپ ئەردۇغانغا بەك قايىل بوپ كەتكىنىمدىنمىكىن، ۋەيا ئاللاھ س ۋ ت نىڭ ھامىنى ھەققانى ئىنسانلار بىلەن بىرگە ئىكەنلىكىگە بولغان ئىمانىمنىڭ چوڭقۇرلىقىدىنمىكىن ھېچ بىر ئەنسىرەش بولمىغاندەك، ئەكسىچە بۇ قالايمقانچىلىقنىڭ ئۇنىڭ ئېتىبارىنى تېخىمۇ ئۆستۈرىۋېتىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمنى كامىل قىلىپ بەھەزۇر يۈرۈپتىمەن، ئەمما توپىلاڭنىڭ تۈركىيە ساياھەت كەسپىگە ئېلىپ كېلىدىغان مىسلىسىز زىيىنىنى ئويلىغنىمدا ۋە باشقا قۇرۇلۇش ھۆددە توختاملىرىنىڭ بىكار قىلىنىش ئېھتماللىقىنى ئويلىغىنمدا ئىچىم سىرىلمايمۇ تۇرمىدى…
ھەمدە ۋەقەدن ئۈزىگە دەرس چىقارغان ، بەزى مۇسۇلمانلارنىڭ ياشاۋاتقان ھەددىدىن ئاشقان باياشات تۇرمۇشلىرى ۋە ئەۋىج ئېلىۋاتقان مۇسۇلمان كاپىتالىستلارنىڭمۇ ئۈزىنى تۇيۇۋېلىشى كېرەكلىكىگە قارىتا ئېيتىلغان «ئۆز ئۆزىنى تەكشۈرۈش دەرسى» دەپ بىلگەنلىكىنى ئەنگىن نوياننىڭ قۇرئانى ئانالىزلىرىدىن تىڭشاپ كۆڭلۈم خېلى كۆتۈرۈلۈپ قالدى.
ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىسى، تۈركىيەنڭ بېشىدا تارىختىن بېرى ئوينىلىپ كېلىۋاتقان ئۇيۇنلار بىر-بىر دىن بوزۇلۇشقا باشلاپ، تۈركىيەنىڭ چولپىنى ئەمدى پارلاي دىگەندە، ئىقتسادى كىرزىس بىلەن دۆلەتلرى ۋەيران بۇلۇش گىردابىغا كېلۋاتقان بەزى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە قەرىز بەرگۈدەك ھالغا كەلگەن تۈركىيەنى ئۆلگۈسى كەلگەن يىلانلار ئەشەددى چاقماقچى بۇلۇۋاتىدۇ، ھەتتا يېقىن خوشىنىسى ئىرانمۇ بۇ قالايمقانچىلىققا جاسۇسلىرىنى ئىبەرتىپ ئۈلگۈرگەن بولدى… شۇنداقتىمۇ دوست-دۈشمەننىڭ ھەقىقى ئەبتى-بەشرىسى ئېچىلىۋاتقان بۇ كۈنلەردە تۈركىيە خەلقىنىڭ يەنىلام ئۆز دولىتىنىڭ ھۇزۇرى ئۈچۈن يەڭنى قايتىدىن تۈرۈپ، چىرايلىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ كېتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، چۈنكى نەچچە ئون مىڭ كىشىنىڭ جېنىدىن زامىن بولغان PKK مەسلىسىنىڭ تېنىچ يول بىلەن ھەل قىلىنىشى، بۇ دۆلەتنى باشقۇرۇۋاتقان رەھبەرلەرنىڭ دانالىقىدىن دېرەك بەرمەكتە.
قېنى ئەمسە، شۇ يىگىت بۇلۇتنىڭ ئانالىزلىرىگە قۇلاق سالايلى.
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=2816539727&uk=3056404588
[media=x,500,375]http://www.youtube.com/watch?v=rfwyUJ7Bvsw[/media]
مەنبە:
يىگىت بۇلۇتنىڭ «تاقسمدىكى ۋەقەلەر ئانالىزى» (www.yirmidort.tv)
http://www.koklem.net/forum.php?mod=viewthread&tid=3938&fromuid=229
![yigit_bulutla_sansursuz_bu_aksam_h22047-350x197[1]](https://ug.uyghuracademy.org/wp-content/uploads/2013/06/yigit_bulutla_sansursuz_bu_aksam_h22047-350x1971-300x168.jpg)