You Are Here: Home » ئومۇمى » ھەر پىرئەۋىنگە بىر مۇسا -ئەلى بۇلاچ

ھەر پىرئەۋىنگە بىر مۇسا -ئەلى بۇلاچ

قۇتلۇق بىلگە تەرجىمىسى
سىياسىي تۈزۈملەر ئىچىدە ئىنساننىڭ ۋىجدانىنى ئەڭ كۆپ غىدىقلايدىغان نەرسە لىبېرالىزىم بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسى رىقابەت ۋە توقۇنۇشقا تايىنىدۇ. ئەركىن بازارنى ئاساس قىلغان لىبېرال ئىقتىساد نەزەرىيىسىنى ئىجتىمائىي دارۋىنىزمدىن ئالىدۇ. كۈنىمىزدە پۈتكۈل جەمئىيەتلەرنىڭ ئىقتىسادى نەزىرىيىسى ئەمەلىيەتتە ئىجتىمائىي دارۋىنىزمدىن ئوزۇقلانغان.  لىبېرال ئىقتىساد كۈچلۈكلەرنىڭ قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىنى، رىقابەتنى، توقۇنۇشنى، قۇدرەت تېپىشنى، ئىزچىل زورىيىشىنى ۋە مۇۋاپپىقىيەتنى تەشەببۇس قىلىدۇ. مەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرىنى، ئەخلاقنى، ۋىجداننى تونۇمايدۇ. لىبېرال ئىقتىسادنىڭ تەسىرلىرىنى ۋە ئىپادىلىرىنى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئۇچراتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ھازىرقى مائارىپ ساھەسىدىمۇ رىقابەتنىڭ ئىزنالىرىنى ئۇچرىتىش مۇمكىن. باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ دەرستە ياخشى ياكى ئەمەسلىكىنى باشقىلارغا سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆلچەيدۇ، قارىماققا بۇ مەنتىقىلىقتەك كۆرىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش تۈگەتكۈچە بىرەر نەرسە ئىگىلىۋېلىش ياكى ئۆگىنىۋېلىش ئۈچۈن ئەمەس، بىر-بىرلىرىدىن ئېشىپ كېتىش ئۈچۈن رىقابەت ئىچىدە ئۆگىنىش قىلىشىدۇ. ئوخشاش پارتىدا بىرگە ئولتۇرىدىغانلارمۇ بىر-بىرىنى دوستتىن بەكرەك رىقابەتچى سۈپىتىدە كۆرۈشىدۇ. يەنى پەرزەنتلىرىمىز كىچىك ياشتا مەنىۋى ھاياتىمىزنىڭ تەقەززاسى بولغان سۆيگۈ، ياردەملىشىش، كۆيىنىش، قوللاش، مېھرى-شەپقەت قاتارلىقلارنى ئۆگىنىشنىڭ ئورنىغا رىقابەت، دۈشمەنلىك ۋە ئاداۋەتنى ئۆگىنىدۇ. ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ بىر-بىرىگە بولغان قاراشلىرىمۇ پەرزەنتلىرىنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. مەسىلەن. قىزىم ياكى ئوغلۇم ساۋاقداشلىرىغا سېلىشتۇرغاندا دەرستە ئالدىدىمۇ؟ دېگەن سوئاللار ئائىلە باشلىقلىرىنىڭ كاللىسىدىن كەتمەيدۇ.
ئىقتىسادى ساھەدىكى رەھىمسىز بازار ئىگىلىكى رىقابەتكە تولغان بولىدۇ. ئەركىن بازاردا تىجارەتچىلەر ۋە  كارخانىچىلارنىڭ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەتلىرى رىقابەتكە تايىنىدۇ.  زۇلمەتلىك تۇرمىلارنىڭ ئىنتايىن جاپالىق شارائىتلىرىدا بىر كامېردا ياتقان جان-جىگەر قىيامەتلىك ئەل-ئاغىنىلەر تۇرمىدىن چىقىپ ئەركىن بازارنىڭ قايناملىرىغا چۆككەندە مەنىۋىي ھاياتىنىڭ پۈتكۈل قىممەت قاراشلىرى ۋە ئۆلچەملىرىنى ئەركىن بازارنىڭ رەزىل ۋاسىتىلىرىگە قۇربان قىلىۋېتىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەنئەنىۋىلىك ۋە زامانىۋىلىقنىڭ تەسىرلىرى ۋە ئىزنالىرىنى تەڭ ئۇچراتقىلى بولىدىغان بىزگە ئوخشاش جەمئىيەتلەردە ھالال-ھارامنى ئايرىپ تىجارەت قىلىدىغان پاكىز تىجارەتچىلەرمۇ يوق ئەمەس. ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەردە ھالال-ھارامغا ئەھمىيەت بەرگەن ئاساستا تىجارەت ئېلىپ بېرىش ئومۇملاشقان ھادىسە ئىدى. سەلچۇقىيلاردا بامدات نامىزىدىن كېيىن دۇكانلىرىنى ئاچىدىغان تىجارەتچىلەر دەسلەپ قىلالمىغان تىجارەتچى قوشنىلىرىغا ئىككىنچى خېرىدارىنى ئۆتىنىپ بېرىدىغان ئىشلار ئومۇملاشقان ئىكەن. دەۋرىمىزدىكى رەھىمسىز بازار ئىقتىسادىدا بولسا ئەھۋال دەل ئەكسىچە بولۇپ، «مەندىنلا ئالسۇن، باشقىلاردىن ئالمىسۇن» دېگەندەك توقۇنۇشقا ۋە زورىيىشقا تايانغان لىبېرال قاراشلار ھۆكۈمران ئورۇندا تۇرىدۇ. ئەركىن بازار رىقابەت، توقۇنۇش ۋە زورىيىش نىشانلىرى بىلەن ئۆز-ئارا ماسلاشقاندا ۋىجدانسىزلىق پۈتكۈل جەمئىيەتتە ھۆكۈمران ئورۇنغا ئۆتىدۇ. مەسىلەن، ئوتتۇرا تىپلىق بىر كارخانا زىيان تارتقاندا ئالدى بىلەن تەدبىر سۈپىتىدە ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى قىسقارتىدۇ. بۇ يەردە «ۋىجدانى ھەل قىلىش» ئەمەس «ئەقلىي ھەل قىلىش» ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. چۈنكى ئەركىن بازار تۈزۈمىگە كۆرە ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئىشتىن چىقىرىلمىغان تەقدىردە كارخانا ۋەيران بولىدۇ. ھالبۇكى، ئىسلام ئېتىقادى ۋە رىزىق پەلسەپىسى تەقەززا قىلغان قىممەت ئۆلچەملىرى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشتىن چىقىرىلىشىنى ئەمەس، كىرزىس تۈگىگۈچە پۈتۈن ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىتىشتەك ۋىجدانى بىر ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. ئەركىن بازار نوقۇل ئەقلىي بولغاننى تەشەببۇس قىلغانلىقى ئۈچۈن رىزىقنىڭ بۆلۈنۈشىگە تايانغان مەنىۋى قىممەت ئۆلچەملىرىنى تاللاش يولى سۈپىتىدە كۆرمەيدۇ.
ئۇنداقتا بىر ئىشنىڭ ۋىجدانى ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق بىلەلەيمىز؟
بىر ئىشنىڭ ۋىجدانى ئىكەنلىكىگە ئۇ ئىشنىڭ ئىنسانغا يېقىملىق بىلىنىشى، قەلبنىڭ ئۇنىڭغا مايىل بولۇشى، دىننىڭ (ئىسلام) بۇ ئىشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئاساسەن بېكىتىمىز. ۋىجدانى بولغان ئىش ياكى نەرسە ئىنسانغا خاتىرجەملىك، ئېسەنلىك، ھۇزۇر ۋە خوشاللىق بېغىشلايدۇ. بۇنىڭغا قۇرئان تېرمولوگىيەسى بويىچە «سەكىنە» دەيمىز. مەسىلەن، ئامېرىكىدا بۇ ھەقتە ئېلىپ بېرىلغان بىر تەتقىقاتتا باشقىلارغا غەرەزسىز ياردەم قىلغانلارنىڭ ئۆزىنى تېخىمۇ خوشال ھېس قىلىدىغانلىقى، ئىنساننىڭ خوشاللىققا باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق ئېرىشەلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا چىققان. باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئىنساننىڭ خوشاللىق ھورمۇنلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ. ئەقىل ۋە قەلب بۇنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ. قەلبنىڭ ئېسەنلىكى روھنىڭ ئېسەنلىكىگە چېتىشلىق. بۇنداق بولغاندا ۋىجدان ئىلاھى شەرىئەت ۋەز قىلغان پىرىنسىپلارنىڭ ئىنسان روھىدا ئىزلىرى بولغان ئۇرۇقلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ياكى ئىلاھىي شەرىئەتنىڭ ئىنسان روھىدىكى ئىزلىرىغا ۋىجدان دېيىلىدۇ. قەلبىمىزدە ھېس قىلىدىغان ئامان-ئېسەنلىك، خوشاللىق، ئازادىلىك تۇيغۇلىرى ئەمەلىيەتتە ئىلاھىي ھۆكۈملەردە تەكىتلىنىدىغان ھەق، ھەققىيانەت، ئادالەت، ئەخلاقىي پەزىلەتلەر ۋە ھەقىقەتكە بولغان ئىنتىلىش ۋە سۆيگۈدۇر.
ۋىجدانسىز بىر دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. بۇ سۆزنى تۇنجى بولۇپ تىلغا ئالغان كارل ماركس ئىدى. ماركس كاپىتالىزمنىڭ ۋىجداننى ۋە رەھىمدىللىكنى يوق قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ رەھىمسىز ۋە ۋىجدانسىز بىر تۈزۈم بولغان كاپىتالىزمنىڭ تېخىمۇ رەھىمسىز ۋە ۋىجدانسىز بىر تۈزۈم بىلەن يوق قىلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.  يەنى «دىنسىزنىڭ جاجىسىنى ئىمانسىز بېرىدۇ» دېگەندەك بىر ئىش بولغان ئىدى. ئىلاھىي ۋە دىنى مەنبەلەرنى رەت قىلىپ دىننى تۇرمۇش ۋە ئىقتىسادى پائالىيەتتىن سىقىپ چىقارغان دىنسىز كاپىتالىزمنى رەھىمسىزلىكنى، ئىنقىلابنى، مىزانسىزلىقنى، توقۇنۇشنى ۋە نەپرەتنى ئاساس قىلغان ئىمانسىز سوتسىيالىزملا يىقىتالايتتى. ۋىجدانى بولمىغان كۆز قاراش بىلەن ۋىجداندىن ئەسىرمۇ بولمىغان قارشى كۆزقاراشنىڭ توقۇنۇشى نەتىجىسىدە ئەزگۈچىلەر ۋە ئېزىلگۈچىلەر بولمىغان، سىنىپسىز، توقۇنۇش، زىددىيەت ۋە بېسىم بولمىغان بىرىكمە ئوتتۇرىغا چىقاتتى. ئۇنداقتا ۋىجداننى غىدىقلايدىغان نەرسە نېمە؟ ماركس ۋە ئېنگلىس دۆلەتنىڭ، ئائىلىنىڭ ۋە مۈلۈكنىڭ ئىنساننى ۋىجدانسىزلىققا سۆرەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ بۇلارغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى.
ماركس ۋە ئىنگلىسنىڭ نېمىشقا  بۇنداق پىكىرلەرنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى چۈشەنمەك تەس ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئۇسۇللىرىغا ئوخشاش ھەل قىلىش يوللىرىمۇ پۈتۈنلەي خاتا ئىدى. توغرىسى «ھەر پىرئەۋىنگە بىر مۇسا» ئىدى. شۇڭلاشقا،  ئىلاھىي سۈننەت ۋەز قىلغان بۇ نىجاتلىق رېتسېپىغا ھازىرمۇ ئېھتىياجىمىز بار.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top