You Are Here: Home » ئومۇمى » WordPress بىلوگ سىستېمىسى

WordPress بىلوگ سىستېمىسى

wordpress-logo[1]ئون يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە،WordPress نىڭ تۇنجى نەشىرى رەسمىي ئېلان قىلىنغانىدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئوچۇق كودلۇق بىلوگ سۇپىسى ۋە مەزمۇن باشقۇرۇش سىستېمىسى بولغان WordPress نىڭ دۇنيا مىقياسىدا كۈچلۈك ئالقىشقا ئېرىشىپ، 66 مىليوندىن ئارتۇق توربېكەتنى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى، يەرشارىدىكى قاپلاش نىسبىتىنىڭ %18 گە يېتىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز؟

ھالبۇكى، شۇنچە چوڭ شۆھرەت قازانغان بۇ بىلوگ سىستېمىسى تېخى كىشىنى رازى قىلغۇدەك كىرىم يارىتالمىدى، ئۇنى ئوتتۇرىغا چىقارغان كىشىمۇ دۇنيادىكى چوڭ بايلار قاتارىدىن ئورۇن ئالمىدى. بىراق، ئۇ بارلىققا كەلتۈرگەن مەزمۇن بايلىقى شۇنداقلا كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئۇنىڭ قىممىتى ھەرقانداق بىر داڭلىق مەھسۇلاتتىن كەم ئەمەس دىيىشكە بولىدۇ.
بۈگۈنWordPress نىڭ تۇغۇلغان كۈنى، بىز مۇشۇ پۇرسەتتە ئىنتېرنېت تارىخىدىكى بۇ كىلاسسك مەھسۇلات ھەققىدە ئىككى ئېغىز سۆز قىلايلى.

WordPress نىڭ قۇرغۇچىسى ئۇنى ئالىي مەكتەپتە ئوقوۋاتقان ۋاقتىدا ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن

WordPress نىڭ قۇرغۇچىسى بۇ يىل تېخى 29 ياشقا كىرگەن  Matt Mullenweg بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇ تېخى بوستۇن ئۇنىۋىرسىتېتىنىڭ ئادەتتىكى ئوقوغۇچىسى ئىدى. ئۇ كىچىكىدىن باشلاپ يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىغا ئوتتەك ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، كىچىك ۋاقتىدا دادىسى ئۇنى ئۆيىدىكى كومپىيۇتېرنى چۇۋۇپ قۇراشتۇرغۇزغان، بۇ ئۇنىڭ كىيىنكى ھاياتىغا چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن.
12 ياشقا كىرگەن يىلى ئۆزىنىڭ تۇنجى تور بېكىتىنى قۇرىدۇ، 18 ياشقا كىرگەندە ئۇ ئۆزىنىڭ ساياھەت جەريانىدىكى رەسىملىرىنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىش ئۈچۈن بىلوگ قۇرىدۇ. 19 ياشقا كىرگەندە، پىروگرامما تۈزۈش جەھەتتە كامالەتكە يېتىدۇ ھەمدە ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىلەرنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن پىروگرامما تۈزۈشنى باشلايدۇ. ئۇ ئۆزى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان نەرسىنىڭ دەل تېخىم ياخشى بولغان مەزمۇن يوللاش قورالى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان قىلىپ يەتكەن پەيتتنىڭ ئۆزىدە WordPress دۇنياغا كىلىدۇ.
2004-يىلى ئۇ ئالىي مەكتەپتىكى ئوقوشىدىن ۋاز كېچىدۇ، ھەمدە CNET Networks گە كىلىپ خىزمەت قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئاساسلىقى خىزمىتى بىلوگ ۋە تور تاراتقۇ تۈرى ئىدى.
بىراق، ئۇنىڭ WordPress گە ئۆزىنى ھەقىقىي تۈردە بىغىشلىشىغا تۈرتكە بولغان كىشى بولسا شىۋىتسىيەدىن كەلگەنToni Schneider ئىسىملىك يۇمشاق دېتال ئىنژىنېرى بولۇپ، ئۇ ئۆزى تۈزگەن ئېلخەت مۇلازىمىتىOddpost نى ياخۇ شىركىتىگە 29 مىليون دوللارغا سېتىپ بەرگەنىدى. كىيىنكى كۈنلەردە بۇ ئىككەيلەن بىرلىكتەWordPress نىڭ كەلگۈسىنى يارىتىشقا ئاتلىنىدۇ.
2005-يىلى10-ئايداMatt خىزمىتىدىن ئىستىپا بىرىپ،Wordpress نىڭ ئانا شىركىتىAutomattic بولغان شىركىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ، كىيىن شىركەت 1 مىليون 100 مىڭ دوللارلىق مەبلەغ جەلىپ قىلىدۇ.
كىرىم مەنبەسى: قوشۇلما قىممەت مۇلازىمىتى ۋە ئېلان
Automattic سىستېمىسىنىڭ ئاساسلىق يۇمشاق دېتال قىسمى ۋە مۇلازىمەتلىرىنىڭ ھەممىسى ھەقسىز، بىراق، ئۇ بىر قاتار قوشۇلما قىممەت ئىقتىدارى ئارقىلىق شىركەتكە كىرىم يارىتىپ بىرىدۇ. گەرچە ئۇنىڭ ياراتقان كىرىمىنى بەك يۇقىرى دىيىشكە بولمىسىمۇ، بىراق، سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا. 2012-يىلى Automattic شىركىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەردىن ياراتقان سېتىش سوممىسى 45 مىليون دوللارغا يەتكەن.
Automattic شىركىتى ئەزەلدىن شىركەتنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى خەۋەر قىلمايدۇ، بىراق، تاراتقۇلارنىڭ ئېلان قىلغان دوكلاتىغا قارىغاندا، ئۇنىڭ %6 كىرىمى دەل WordPress.Com تور بېكىتىنىڭ كېڭەيتىلمە ئىقتىدارىدىن كىلىدىكەن، مەسىلەن، تور نامى، ھەقلىق ئۇسلۇب ۋە مەزمۇنلارنى بىخەتەر زاپاسلاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر. ئۇندىن باشقا، %20 كىرىمى VIP ئەزالاردىن كىلىدىكەن، ئەزالار ھەرئايدا 5000 دوللاردىن 50 مىڭ دوللارغىچە ئەزالىق ھەققى تاپشۇرىدىكەن ھەمدە بۇنىڭ بەدىلىگە تېخىمۇ ئىلغار بولغان ئالاھىدە مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمان بولىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدەCNN ۋە TIME قاتارلىق داڭلىق تاراتقۇلار ۋە بىر قىسىم كارخانىلار باركەن. بۇنىڭدىن باشقا كىرىملەر ئاساسلىقى ئېلاندىن كىلىدىكەن.
شىركەتنى مۇقىم تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار يەنە بىر نەچچە قېتىم مەبلەغ كىرگۈزگەن. 2008-يىلى شىركەت ئىلگىرىكى مەبلەغ سالغۇچى تەرەپتىن يەنە بىر قېتىم 29 مىليون 500 مىڭ دوللار مەبلەغ جەلىپ قىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىمۇ بارئىدى. بۇ يىل 5-ئايدا، Automattic شىركىتى يەنە ئىككىلەمچى سودا بازىرى ئارقىلىق يولۋاس يەرشارى مەبلەغ فوندىدىن 50 مىليون دوللارلىق مەبلەغگە ئېرىشتى.
شىركەتنىڭ كىرىمىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، WordPress تەرەپ يەنە ھەرخىل يېڭى قوراللارنى ئېچىش ۋە ھەقلىق مۇلازىمەت لايىھىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈستىدە توختىماي ئىزدىنىۋاتىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلارنى بۇ جەھەتتىكى قەدىمى نىسبەتەن ئاستا.
مەنبە ::نۇر تورى.  http://www.akburkut.com/eza/thread-4668-1-1.html

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top