You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » دۆلەتنىڭ ئون چوڭ باش ئاغرىقى

دۆلەتنىڭ ئون چوڭ باش ئاغرىقى

دولان تەرجىمىسى
1، تەيۋەن مەسىلىسى: يۈمشاق قوللىق قىلسا ئۈنىمى بولمايدۇ، قاتتىق قوللىق قىلسا ئامېرىكىدىن قورقىدۇ.
2، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى: سۆھبەتلىشىش مەسىلىنى ھەلقىلالمايدۇ، ئورۇشسا ئامېرىكىنىڭ ئارلىشىشتىن قورقىدۇ.
3،چىرىكلىك مەسىلىسى: ھەلقىلمىسا دۆلەت مۇنقەرز بولىدۇ، ھەلقىلسا پارتىيە مۇنقەرزبولىدۇ.
4،ھاكىممۇتلەقلىق داۋاملاشسا تەخىمۇ چىرىكلىشىدۇ، ھاكىممۇتلەق بولمىسا تەختتىن ئايرىلىپ قالىدۇ.
5،باي-نامراتلىق مەسىلىسى: ھەلقىلمىسا نامراتلارنىڭ ئىسيان كۆتۈرىشدىن قورقىدۇ،ھەلقىلسا بايلارنىڭ ئىشلىمەسلىكىدىن قورقىدۇ.
6، ئۆي مەسىلىسى: باھا يوقۇرى بولسا نامراتلار سېتىۋالالمايدۇ، باھا تۇۋەن بولسائىقتىسادتىن مەسىلە چىقىدۇ.
7، شەھەرلىشىش مەسىلىسى: داۋاملاشتۇرسا ئىقتىساد زىيادە قىززىپ كىتىدۇ، داۋاملاشتۇرمىسا نەدىن پۇل تاپىدۇ؟
8، مال باھا مەسىلىسى: بايلارنىڭ غايەت زور پۇلىغا چىقىش يولى تېپىش كىرەك، مال باھاسى ئۆسمىسە باشقا بىرىنىڭ باھاسى ئۆسىدۇ، ئىشقىلىپ بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ سېتىۋېلىش باھانى تۈۋەنلەتمەيدۇ.
9، پىنسىيەپۇلىدىكى قوش لىنىلىيىك تۈزىم مەسىلىسى: كارخاندىن پىنسىيەگە چىققانلارنىڭ پىنسىيەپۇلىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن دۆلەت پۇل چىقېرالمايدۇ، چۈنكى ھەممە پۇلغا ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قەرزىنى سېتىۋالدۇق، ئەڭ ياخشى ئۇسۇل مەمۇرىي كەسپىي ئورۇندىكى ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ پىنسىيە يېشىنى ئۇزارتىش، ئۇلار ھېچقانداق قارشىلىق قىلالمايدۇ.
10،ھۆكۇمەتنىڭ ئىشەنچ مەسىلىسى: ھۆكۇمەتنىڭ توغرا بولسىمۇ پۇقرالار ئىشەنمەيدۇ،ھۆكۇمەتنىڭ خاتا بولسا پۇقرالار تەخىمۇ ئىشەنمەيدۇ، ئومۇمەن جەمىيەتتە ئىشەنچ تۈگىدى.
يوقۈرقى ئون چوڭ مەسىلە نۆۋەتتە ھۆكۇمەتنىڭ ئەقىل-پارسىتىنى سىنايدىغان چوڭ ئىش.
ئەگەربىريىل ئىچىدە بۇ مەسىلىدىن 6-7 ھەلبولمىسا، ھەقىقەتەن خەتەرلىك!
مەنبە:
http://blog.sina.com.cn/main_v5/ria/print.html?blog_id=blog_5f3f280f0102efki

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top