You Are Here: Home » ئومۇمى » تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ كاتتىسى! نېمىدىن بىئارام بولىۋاتسەن؟

تەۋبە قىلغۇچىلارنىڭ كاتتىسى! نېمىدىن بىئارام بولىۋاتسەن؟

ئەنسارى جابىر ئىبنى ئابدۇللادىن بىر رىۋايەت قىلىنىشچە سەئلەبە ئىبنى ئابدۇراھمان ئىسىملىك بىر ئەنسارى يىگىت ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س،ئە،ۋ)نىڭ يېنىدا يۈگۈر-يۇتىم ئىشلارنى قىلاتتى.ئۇنى بىر قېتىم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س،ئە،ۋ) مەلۇم بىر ئىشقا ئەۋەرتكەندە،ئۇ ئەنسارىلاردىن بىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، يۇيۇنىۋاتقان بىر ئايالغا قاراپ تاشلاپ، قىلغان ئىشى ھەققىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س،ئە،ۋ) گە ۋەھىي چۈشۈپ قېلىشىدىن قورقۇپ، مەككە، مەدىنە ئارىسىدىكى تاغقا قېچىپ چىقىپ كېتىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س،ئە،ۋ) قىرىق كۈنگىچە ئۇنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمايدۇ.جېبرئىل ئەلەيھىسسالام چۈشۈپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س،ئە،ۋ) غا،« ئى، مۇھەممەد،(س،ئە،ۋ) پەرۋەردىگارىڭدىن ساڭا سالام، ئۈممىتىڭدىن بىر كىشى مەككە، مەدىنە ئارىسىدىكى تاغلاردا ئازابىدىن پاناھ تىلەۋاتىدۇ» دەيدۇ.ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س،ئە،ۋ) ئۆمەر، سەلمان ئىككىسىنى سەئلەبە ئىبنى ئابدۇراھماننى باشلاپ كېلىشكە بۇيرۇيدۇ. ئۇ ئىككىسى مەدىنىدىن چىقىپ، زۇفافە ئىسىملىك بىر پادىچىنى ئۇچرىتىدۇ، ئۆمەر(اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن)ئۇنىڭدىن سەئلەبە ئىسىملىك بىر ياشنىڭ بۇ تاغلاردا سەرسان بولۇپ يۈرگەنلىكىنى بىلەمسەن؟-دەپ سورايدۇ.ئۇ:سىلەرنىڭ دىگىنىڭلار دوزاختىن پاناھ تىلەپ يۈرگەن ھېلىقى كىشى بولمىسۇن-يەنە؟ دېگەندە، ئۆمەر(اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئۇنىڭ جەھەننەمدىن قاچقۇچى ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلدىڭ؟-دەپ سورىغاندا، ئۇ پادىچى:«چۈنكى ئۇ ھەر كۈنى تۈن نىسپىدە تاغدىن چىقىپ، بېشىنى چاڭگاللىغان ھالدا،‹ئى، رەببىم، روھىمنى روھلار بىلەن جىسمىمنى جەسەدلەر بىلەن بىرگە قەبزى روھ قىلىپ، ھۆكۈم كۈنى مېنى چىقارمىغان بولساڭمۇ كاشكى!›دەپ ھەسرەت-نادامەت بىلەن قېشىمىزغا كېلىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.ئۆمەر(اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئىزداۋاقانلىرىنىڭ دەل ئاشۇ كىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ، دېگەندەك شۇ كېچىسى، سەئلەبە ئاشۇ ھالەتتە ئاشۇ نىدالار بىلەن چىقىپ كېلىدۇ.ئۆمەر(اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) ئۇنىڭ يېنىغا ئوقتەك بېرىپ ئۇنى قۇچاقلايدۇ. سەئلەبە ئۇنىڭدىن:ھەي ئۆمەر، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س،ئە،ۋ) گۇناھىمدىن خەۋەر تېپىپتۇمۇ؟ دەپ سورايدۇ.ئۆمەر ئۇ خەۋەرنى بىلمەيدىغانلىقىنى، پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى ئېلىپ كېلىشكە بۇيرىغانلىقىنى ئېيتىدۇ ۋەسەئلەبەنى مەدىنىگە ئېلىپ كېلىپ، سەئلەبەنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن ئۇنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س،ئە،ۋ) ناماز ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدا ئېلىپ كىرشىدۇ. سەئلەبە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س،ئە،ۋ) قىرائىتىنى ئاڭلىشى بىلەن بەدەن-بەدىنىنى تىتىرەك بېسىشقا باشلايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س،ئە،ۋ) نامازدىن كېيىن،«ئۆمەر، سەلمان، قېنى دەڭلار، سەئلەبە نېمە ئىش قىپتۇ؟» دەپ  سورىغاندا، ئۇلار:سەئلەبەنىڭ ئىشلىرىنى بىرمۇ-بىر سۆلەپ بېرىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س،ئە،ۋ) ئورنىدىن تۇرۇپ سەئلەبەنى يىنىڭ تەۋرىتىپ تۇرۇپ:«مەندىن نېمىشقا قاچىسەن، نېمىگە يوقاپ كىتىسەن؟» دەپ سورايدۇ.-    ئى، اللەنىڭ ئەلچىسى، مېنى سىلىدىن قاچۈرۇۋاتقىنى گۇناھلىرىم.-    ئۇنداقتا، مەن ساڭا گۇناھنى يۇيۇپ، خاتالىقنى ئۆچۈرۈدىغان بىر ئايەت ئۆگىتىپ قويسام، قانداق؟-    بۇلىدۇ، يا رەسۇلۇللاھ(س،ئە،ۋ)پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س،ئە،ۋ):« پەرۋەردىگارىم بىزگە دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق ئاتا قىلغىن، بىرنى دوزاق ئازابىدىن ساقلىغىن» (رەببەنا ئاتىنا فىددۇنيا ھەسەنەتەن، ۋە فىل ئاخىرەتى ھەسەنەتەن، ۋەقىينا ئازابەننار) دېگەن ئايەتنى ئوقۇشقا بۇيرۇيدۇ.ئۇ:« ئى، اللەنىڭ ئەلچىسى، مېنىڭ گۇناھىم بۈيۈك» دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س،ئە،ۋ) «بەلكى، اللەنىڭ كالامى بۈيۈك» دەيدۇ-دە، ئۇنى ئۆيىگە قايتىشقا بۇيرۇيدۇ.سەئلەبە ئۆيىدە سەككىز كۈن ئاغرىپ يېتىپ قالغاندىن كېيىن، سەلما(اللە ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س،ئە،ۋ) گە« ئى، اللەنىڭ پەيغەمبىرى، سەئلەبە بىلەن كۆرۈشكىلىرى بارمۇ؟ ئۇنىڭ كېسىلى خېلىلا ئېغىرلىشىپ قالدى» دېگەنلەرنى يەتكۈزىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س،ئە،ۋ) ئۇنىڭ يېنىغا ساھابىلىرىنى باشلاپ بېرىپ، سەئلەبەنىڭ بېشىنى كۆتۈرۈپ تىزىغا قويىۋىدى. ئۇبېشىنى تارتىۋالىدۇ. سەۋەبىنى سورىسا،«بۇ بىر گۇناھقا تولۇپ كەتكەن باش» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س،ئە،ۋ) نېمىدىن بىئارام بولىۋاتسىەن؟ دەپ سورىغاندا، سەئلەبە:«تېرە-گۆشلىرىم، ئۇستىخان-سۆڭەكلرىم ئارسىدا چۈمۈلە مېڭىۋاتقاندەك ئارامسىزلىنىۋاتىمەن» دەپ ئۆز ھالىنى سۈرەتلەيدۇ.پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س،ئە،ۋ)؛«كۆڭلۈڭ نېمە تارتىدۇ؟» دەپ سۇئال قىلغاندا، ئۇ«پەرۋەتدىگارىمنىڭ مەغپىرىتىنى» دەيدۇ.شۇ ئەسنادا، جىبرئىل ئەلەيھىسسالام «ئى، مۇھەممەد(س،ئە،ۋ)، پەرۋەردىگارىڭدىن ساڭا سالام، ئەگەر بۇ بەندەم زېمىنغا تەڭداش گۇناھ بىلەن كەلسە، ئۇنى زېمىنغا تەڭداش مەغپىرىتىم بىلەن كۈتۈۋالىمەن دېدى» دېگن خەۋەرنى ئېلىپ چۈشكەندىن كېيىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س،ئە،ۋ) دىن بۇ خەۋەتنى ئىشىتكەن سەئلەبە قاتتىق بىر «ئاھ» ئۇرۇپلا جان ئۈزۈدۇ.ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س،ئە،ۋ) ئۇنى قويۇپ كېپەنلەتكەندىنكېيىن، نامىزنى چۈشۈرۈشكە كېتىۋىتىپ، يول بويى پۇتلىرىنىڭ ئۈچىدا ئاۋايلاپ دەسسەپ، ئىھتىياتچانلىقبىلەن ماڭىدۇ. ساھابىلەر ئۇنى دەپنە قىلىۋاتقاندا، رەسۇلى ئەكرەمگە:« ئى، اللەنىڭئەلچىسى، يول بويى پۇتلىرىنىڭ ئۇچىدا ئاۋايلاپ ماڭغانلىقلىرىغا دىققەت قىلىپ قالدۇق-يا!»دېگندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام(س،ئە،ۋ):«مېنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتكەن زات بىلەن قەسەمكى، ئۇنى ئۇزۇتۇش ئۈچۈن چۈشكەن پەرىشتە-مالائىكلەرنىڭ كۆپلىكىدىن پۇتۇمنى قويىدىغان يەر تاپالماي قالدىم» دېگەن ئىكەن.«تۆۋبە قىلغۇچىلار باغچىسى» دېگەن كىتاپتىن ئېلىندى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top