غەلىبە قىلىشنىڭ يوللىرى ۋە ئىش ھاياتىنىڭ ئۇمۇمىي پرىنسىپلىرى:
پىروڧېسسور دوكتۇر پۇئات باشگىل.
ھەممىمىزگە مەلۇمكى، ھەر قانداق ئىشنىڭ ياكى ھەرقانداق كەسىپنىڭ ئۆز ساھەسىگە خاس ئىشلەش ئۇسۇللىرى ۋە پرىنسىپلىرى بولغىنىدەك، ئەقلى بولسۇن، ياكى جىسمانى ئەمگەك بولسۇن ھەرقانداق بىر ئىشتا غەلىبە قىلىشنىڭمۇ بەزى قائىدە ئۇسۇللىرى بولۇپ، ئۇلارنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسىلاش مۇمكىن:
1- ئىشلەش ئۈچۈن مۇناسىپ ۋاقىتنىڭ يىتىپ كېلىشىنى كۈتمەڭ. ھەر قانداق ۋاقىتنى ئىشلەش ئۈچۈن مۇناسىپ دەپ بىلىڭ. ئۆزىڭىزگە مۇناسىپ ئىش ۋاقتىنىڭ يېتىلىشى كۈتىدىغان بولسىڭىز ئۇ، ھەرگىزمۇ ئۆزى يىتىپ كەلمەيدۇ.
2- ئىشلەش ئۈچۈن مۇناسىپ يەر ئىزدىمەڭ. ھەر قانداق يەرنى ئىشلەش ئۈچۈن مۇناسىپ دەپ بىلىڭ. ئەگەر ئۆزىڭىزگە مۇناسىپ ئىش ئورنىنىڭ مەۋجۇتقا كېلىشىگە ساقلىسىڭىز، ئۇنداق ئورۇننى مەڭگۈ تاپالماسلىقىڭىز مۇمكىن.
3- كۈندىلىك ياكى مەلۈم ۋاقىت ئىچىدە قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى ۋە ياكى ۋەزىپىنى ئەتىگە كېچىكتۈرمەك. چۈنكى ھەر كۈن قىلىشقا تىگىشلىك ئىش ئۆزىگە يىتىپ ئاشىدۇ.
4- بىر كۈندە ياكى بىر ۋاقىتتا بىرلا ئىشنى قىلىڭ: مەسىلەن دەرس ئوقۇماقچى بولسىڭىز بىر دەرس ئوقۇڭ، كىتاپ ئوقۇماقچى بولسىڭىزمۇ بىرلا كىتاپ ئوقۇڭ. ھەتتا بىرلا تىيما ھەققىدە ئىزدىنىڭكى دىققىتىڭىز چېچىلىپ، زېھنى كۈچىڭىز ئاجىزلاپ كەتمىسۇن. شۇنى ئېسىڭىزدىن چىقارماڭكى، بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە ئىشنى بىرگە قىلىمەن دېگەن كىشى، ھېچ بىرىنى تۇلۇق ۋە مۇكەممەل ئاخىرىغا چىقىرالمايدۇ. دۇنياغا مەشھۇر، ئەڭ كاتتا ئىسلام ئالىملىرىدىن ئىمام غازالى ئۆزىنىڭ ئىھيا ئۇلۇمىددىن ناملىق قىممەتلىك ئەسىرىنى قانداق يېزىپ چىققانلىقى ھەققىدە سورالىغىنىدا: بىر ۋاقىتتا پەقەت بىرلا تىيما ياكى بىرلا مەسىلە ھەققىدە ئىزدەندىم، دەپ جاۋاپ بەرگەن ئىكەن.
5- بىر ئىشنى باشلىغان بولسىڭىز، شۇ ئىشنى تۈگەتمىگۈچە يىڭى ئىش باشلىماڭ. چۈنكى ئاخىرىغا چىقمىغان ئىش تېخى باشلانمىغان ئىش بىلەن باراۋەردۇر.
6- بۈگۈنلۈك قىلىشقا تىگىشلىك ئىش ياكى ۋەزىپىلەرنى تۈگىتىپ بولغاندىن كىيىن، ئەتە نېمە ئىش قىلىشىڭىز ھەققىدە قارار بىرىڭ. ھېچ بولمىسا ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن نېمە ئىش قىلىش ھەققىدە ئويلىنىپ قارار بەرگەندىن كىيىن ئاندىن باشلاڭ.
7- بىر دەرسنى باشلاشتىن، بىر كىتابنى ئوقۇشتىن ياكى بىرەر ۋەزىپىنى باشلاشتىن بۇرۇن ئويلىنىڭ ۋە بۇ ئىش جەريانىدا لازىم بولىدىغان نەرسىلەرنى يېنىڭىزدا قويۇڭ. ھە دېسىلا لازىم بولغان نەرسىنى ئىزدەپ ئورنىڭىزدىن تۇرىدىغان ئىش چىقىپ زېھنىڭىز چېچىلمىسۇن.
8- ئىشنى جەريانىدا، خۇددى دۈشمەننى كۆزىتىپ تۇرىۋاتقان ئەسكەردەك سەگەك بولۇڭ. دىققىتىڭىزنى بۇزماستىن، پۈتۈن روھىڭىز ۋە ۋۇجۇدۇڭىز بىلەن ئىشقا بېرىلىڭ. قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنى ئۆزىڭىزگە دۈشمەن بىلىڭ. ئەگەر سىز ئۇنى گۈزەل ۋە مۇكەممەل شەكىلدە تۈگەتمىسىڭىز، چوقۇم سىزنى ناھايىتى يامان بىر شەكىلدە تۈگىتىدىغانلىقىنى ئۇنتۇماڭ.
بىر ئىشنى باشلاشتىن بۇرۇن، قانداق قىلغاندا ئەڭ ئەڭ ئاسان ۋە قىسقا ۋاقىتتا مۇكەممەل بىر شەكىلدە ئاخىرلاشتۇرۇش ھەققىدە ئويلاڭ. پىلان لاھىيەسىز بىر ئىشنى باشلىغان كىشى ئەخمەق دەپ ئاتىلىدۇ . ئىسلام ئالىملىرى توغرا سەۋەپكە ئېسىلغان كىشى، توغرا نەتىجىگە ئېرىشىدۇ، دەيدۇ.
9- قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدا دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى يەڭمەستىن ھەرگىز ئارقىغا چېكىنمەڭ. شۇنى ياخشى بىلىڭكى، ھارغىنلىق ھۇرۇنلۇقنىڭ ئالامىتىدۇر. يەنە شۇنى ياخشى بىلىڭكى ئىشنى ياخشى كۆرۈش، قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئارقىلىق يېتىلىدۇ. قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئارقىلىق ھاسىل بولغان مەنىۋى لەززەت، تەڭداشسىز بىر لەززەتتۇر. يەنە شۇنى بىلىڭكى، ئۇرۇشتا يەڭگەن، بىر ئىشتا غەلىبە قىلغانلار ھارماي تالماي تىرىشقان ۋە سەۋرى قىلغانلاردۇر. مۇستەھكەم ۋە تەۋرەنمەس ئىرادە ئالدىدا قىيىنچىلىقلار يوق بولۇپ، مۇمكىن بولمايدىغاندەك كۆرۈنگەن ئىشلارمۇ مۇمكىن بولىدىغان ھالغا كېلىدۇ.
10- ئىشىڭىزدا دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى ئىلگىرى پارچىلاڭ، ئاندىن كىيىن ھەر قىيىنچىلىقنى بىر – بىرلەپ يېڭىشكە باشلاڭ. مەسىلەن بىر دەرسنى ياكى بىر كىتابنى، قىسىم- قىسىمغا ئايرىڭ. ئاندىن بىر – بىرلەپ چۈشىنىشكە باشلاڭ. بىر تېمىنى تۇلۇق چۈشەنمەستىن ئىككىنچى تېمىغا ئۆتمەڭ. ئوخشاش ئىشنى كۈندە يېمەك ئىچمەكتە قىلىمىزغۇ؟ مەسىلەن تاماقنى ئاز- ئازدىن بىرەر قوشۇقتىن يەيمىز. سۇنىمۇ يۇتۇم -يۇتۇم ئىچىمىز. مېۋە – چىۋە، ئالما يېسەكمۇ بىر تەرەپتىن چىشلەپ يەيمىز ھەممىنى بىراقلا يېمەيمىز ئەمەسمۇ؟
11- ھەر كۈن ئوخشاش سائەتلەردە ئىنتىزاملىق ھالدا ئىشلەڭ. ئىشىڭىز ئۇزۇن ۋاقىت تاشلىنىپ قالمىسۇن. كېسەل ياكى بەك ئالدىراش بولمىسىڭىز تەتىل ۋاقىتلىرىدىمۇ ئاز بولسىمۇ ئىشلەپ قويۇڭ. ئۇزۇن مۇددەت تاشلىنىپ قالغان ئىشنى، كىيىن قايتا باشلىماق تەسكە چۈشىدۇ.
12- بىر ئىشنى قىلىۋېتىپ ھېرىپ قالسىڭىز، دەم ئېلىش ئۈچۈن باشقا بىر ئىش قىلىڭ. ئىشنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىڭ. دەم ئېلىش باھانىسى بىلەن بىكار ئولتۇرماڭ. بوش ئولتۇرغان ئادەمنىڭ ئىچى ئىشلەتمىگەن تۆمۈرگە ئوخشاش داتلاپ كېتىدۇ. ئاققان سۇ مەينەت بولمايدۇ، تۇرقۇن سۇ مەينەت بولىدۇ.
13- ناھايىتى كۆپ تەپەككۈر قىلىڭ: شۇنى ياخشى بىلىڭكى، ئىشلەش دېگەنلىك توختىماي ھەركەت قىلىش، ئوقۇش، يېزىش دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى تەپەككۇر قىلغان ئادەم كاندا ئىشلىگەن ئادەمدىنمۇ بەكراق ئىش قىلغان بىلەن باراۋەردۇر.
14- نەتىجىلىك ئىش قىلغان ياكى قىلمىغانلىقڭىزنى بىر كۈندە قانچىلىك ئىشنى پۈتتۈرۈپ بولغانلىقىڭىز بىلەن ئۆلچەڭ. سائەت بىلەن ئۆلچەپ، بۈگۈن مانچە سائەت ئىشلەپتىمەن يېتەر ئەمدى دېمەڭ. بەلكى شۇ كۈندە نېمە ئىش قىلغانلىقىڭىزغا ياكى نېمە ئۈگەنگەنلىكىڭىزگە قاراڭ. نەتىجىلىك ئىش قىلىش، ۋاقىت ئۆتكۈزۈش دېگەنلىك ئەمەس. ۋاقىتنى قىممەتلەندۈرۈش، يەنى شۇ ۋاقىتتا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدىسىنى كۆرىدىغان قىممەتلىك ئىشلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش دېمەكتۇر.
15- ئىلمى خىزمەتلەر ئۈچۈن ھەر كۈنى ئۈزۈل- كىسىلسىز ھالدا، ئوخشاش ۋاقىتتا ئىككى ئۈچ سائەت ۋاقىت ئاجرىتىش يىتەرلىكتۇر. بۈيۈك پەيلاسۇپ ئىبنى سىنا ئۆزىنىڭ كىتابۇششىپا ناملىق ئەسىرىنى ھەر كۈنى بامدات نامىزىدىن كىيىن باغداتتىكى بىر مەسچىتتە كۈندە ئىككى- ئۈچ سائەت ۋاقىت چىقىرىپ يېزىپ قالدۇرغان.
16- مۇستەھكەم ۋە ئىرادىلىك بولۇڭ. چۈنكى تامچە- تامچە كۆل بولىدۇ، ئوخشاش يەرگە تاملىغان سۇ زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن مەر – مەر تاشلارنىمۇ تىشىپ ئۆتىشى مۇمكىن.
17- بىر ئىشنى باشلىسىڭىز، ياكى بىر كىتابنى ئۇقۇش ئۈچۈن قولىڭىزغا ئالسىڭىز، جىددىيلەشمەڭ ياكى ئالدىراقسانلىق قىلماڭ. سەۋرلىك بولۇڭ، ھەرگىزمۇ ئالدىراڭغۇلۇق قىلماڭ، قېتىرقىنىپ ئىشلەڭ ۋە ئۈگىنىڭ.
18- قىلىۋاتقان ئىشىڭىز ۋە ياكى دەرىسلىرىڭىزدە ھېچقانداق بىر نوقىتىدىن دىققەتسىزلىكتىن ئۆتۈپ كەتمەڭ. بەزى چاغدا كىچىككىنە بىر دىققەتسىزلىكتىن چوڭ -چوڭ زىيانلارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئونتۇماڭ.
19- كەچتە يېتىش ئۈچۈن بېشىڭىزنى ياستۇققا قويغاندا ئۈزۈڭىزدىن ھېساب ئېلىڭ. بۈگۈن نېمە ئىش قىلغانلىقىڭىزغا قاراڭ. ئەتە نېمە ئىش قىلىشىڭىزنى قارار قىلماستىن ئۇخلىماڭ.
20- ھەر كۈنى ياخشى بىر ئەسەردىن ئون ياكى ئون بەش بەت يۇقىرى ئاۋازدا ئوقۇڭ. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق توغرا تەلەپپۇزدا سۆزلەش ۋە نۇتۇق قابىلىيىتىڭىز تەرەققى قىلىدۇ.
21- كىتاپ ئوقۇش جەريانىدا ئۇچراتقان بەزى ھېكمەتلىك سۆزلەرنى يادلىۋېلىڭ. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق كەلىمە ۋە ئىپادىلەش قابىلىيىتىڭىز تەرەققى قىلىپ، تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىڭىز ئاشىدۇ.
22- ئۆگەنگەن بىرەر دەرسنىڭ ياكى بىرەر كىتابنىڭ باش تېمىلىرىنى تۈگىتىپ بولغاندىن كىيىن، كىتابنى يېپىۋېتىپ ئوقۇغان كىتابنى يادىسىغا خۇلاسە قىلىشقا تىرىشىڭ. چۈنكى بىر كىتابنى ياكى بىر دەرسنى ئەڭ ياخشى شەكىلدە چۈشۈنۈپ يىتىشنىڭ بىردىن – بىر يولى، ئوقۇغاننى ياكى ئاڭلىغاننى خۇلاسە قىلىپ يېزىپ قالدۇرۇشتۇر.
23- بىر دەرستە ياكى بىر كىتابتا ئوقۇغانلىرىڭنى دوستلىرىڭىزغا يادىسىغا مۇزاكىرە قىلىپ بىرىڭ. چۈنكى شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھەم زىھنىڭىز ئاشىدۇ، ھەمدە ئۈگەنگەن نەرسىڭىز زىھنىڭىزغا يەرلىشىدۇ. تۇتۇۋېلىش قابىلىيىتىڭىز ئۈسۈپ نۇتۇق قابىلىيىتىڭىز ۋە پىكىر- چۈشەنجىلىرىڭىزنى ئىپادىلەش ماھارىتىڭىز ئاشىدۇ.
24- سۆزلىگەن سۆزلىرىڭىز، يازغان نەرسىلىرىڭىز قىسقا ۋە چۈشۈنۈشلۈك بولسۇن.
25- ئوقۇغان كىتابتا ئۇچراتقان گۈزەل بىر ئابزاسنى قايسى كىتابتىن ئېلىنغانلىقىنى بەت نۇمىرى بىلەن ئېنىق يېزىپ قالدۇرۇڭ. مۇشۇنداق قىلىپ ساقلىغان مەلۇماتلار كەلگۈسىدە بىرەر ئەسەر يېزىپ قالدۇرماقچى بولغاندا سىزنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى مول بىر بايلىق ھېسابلىنىدۇ.
26- بىر ماۋزۇدا بىرەر ئەسەر ياكى بىرەر ماقالە يېزىشنى مەقسەت قىلغان ۋاقتىڭىزدا، باشقىلار يېزىپ بولغان تىيمىدا، سىزمۇ ئوخشاش بىر نەرسە يېزىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىلگىرى بۇ تىيمىدا يېزىلغان ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چىقىڭ.
27 – پىكرى ياكى ئىلمى ئىشلار ئۈچۈن ھەر كىشىنىڭ مىجەزىگە مۇناسىپ، ئوخشىمىغان مەنپەئەتلىك ۋە قىممەتلىك سائەتلىرى باردۇر. بۇ سائەتلەر شەخسلەرگە قارتا تېگىشىشى مۇمكىن. مەسىلەن بەزى كىشىلەر ئۈچۈن ئەتتىگەنلىك ياخشى بولسا، يەنە بەزىلەر ئۈچۈن كۈندۈز، يەنە بەزىلەر ئۈچۈن كىچە بولىشى مۇمكىن. سىز بۇ قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى كۆڭۈل ئېچش ئۈچۈن قۇربان قىلىپ زايا قىلماڭ.
تەرتىپلىك، ئىنتىزامچان ئادەم بولۇش ئۈچۈن نامازلارنى تەرك ئەتمەڭ، ناماز ئوقۇشقا ئادەتلىنىش باشقا ئىشلارنىمۇ رەتكە سالىدۇ.
ئابدۇلئەھەد ئۇجات تەرجىمىسى.
