You Are Here: Home » ئومۇمى » ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ ئىلمىي ئاساسى

ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنىڭ ئىلمىي ئاساسى

1- ئۇسما قويۇش: ئوسما بىر خىل تەبىئىي ئۆسۈملۈك بولۇپ، خانىم -قىزلىرىمىز ھېلىھەم ئۇنى پەرداز بۇيۇمى سۈپىتىدە ئىشلىتىپ كېلىۋاتىدۇ .ئوسما قويۇش خانىم- قىزلىرىمىزنىڭ گۈزەل جامالىنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ ساغلام تېنىدە ساپ ئەقىل ھاسىل قىلىدۇ. ئوسما تەبىئىي جەھەتتىن ھۆل ئىسسىق بولۇپ، قاشنى قارايتىش، قاشنى قويۇقلاشتۇرۇش، قاشتىكى تېرە ۋە تۈك بەزلىرىگە ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈش، قاپاق ۋە قاپاق قىرلىرىنىڭ قان ئايلىنىشىنى ياخشىلاش، كۆزنىڭ كۆرۈش قۈۋۋىتىنى ئاشۇرۇش تەسىرىگە ئىگە. ئوسما ئۆزىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدە تەسىرى بىلەن چاچ چۈشۈش، چاچ كېپەكلىشىش، چاچ ئاقىرىپ كېتىش كېسەللىكلىرىگە ۋە بىر قىسىم بوغۇم ئاغرىقلىرىغا سىرتتىن ئىشلىتىلىدۇ.

2- قۇلاق تېشىش: قۇلاق تېشىش يەتتە ياشتىن ئۇن ياشقىچە بولغان قىزلارنىڭ قۇلاق يۇمشىقىدىن كىچىككىنە تۆشۈك ئېچىپ، ئۇنىڭغا زىرە- مۇنچاققا ئوخشاش چىرايلىق مېتال ئاسىدىغان ئەنئەنىۋى ئۆرپ -ئادەتلىرىمىزنىڭ بىرى. قۇلاق تەشتۈرۈپ ھالقا سېلىش خانىم-قىزلىرىمىزنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى گۈزەللەشتۈرۈپلا قالماستىن، بەلكى ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن پايدىلىق. قۇلاققا كۆزنىڭ كۆرۈش پەللىسى جايلاشان، ئۇنى تېشىپ زىرە-مۇنچاق ئاسقاندا، بۇ مېتال بۇيۇملار قۇلاقتىكى كۆرۈش پەللىسىنى ئۈزلۈكسىز غىدىغلاپ، كۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە كۆزنى روشەنلەشتۈرىدۇ. ھەر خىل كۆز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قۇلاققا ئاسقان بۇيۇملار ئۆزىنىڭ خاس تەسىرى بىلەن يۈرەك، مېڭە، جىگەر قاتارلىق ئەزالارغا شىپالىق تەسىر بېرىدۇ. يەنە ئالتۇن ھالقىدىكى ئالتۇن يەرلىق ئورۈنغا قان-تومۇر، نېرىپ ۋە تېرىلەر ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئۆزىنىڭ خاس تەسىرىنى بېرەلەيدۇ. ئەرلەردىكى كۆز ئاجىزلىشىش، كۆزگە ئاق چۈشۈش، كۆز كۆرمەس بولۇپ قېلىش ھادىسىلىرىنىڭ ئاياللارغا قارىغاندا كۆپ كۆرۈلىدىغانلىقى، كۆزەينەك تاقايدىغان ھەر 100 ئادەم ئىچىدە 64 نەپەر ئەر، 36 نەپەر ئايال بولىدىغانلىقىمۇ بۇ نۇقتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە ئىسپاتلايدۇ.

«شىنجاڭ ياشلىرى» دىن

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top