خاتالىق بولىدىكەن ئۇنى كورسىتىش ئىنتايىن ياخشى پەزىلەت – تاشپولات روزى

سالام قەرىنداشلار،
پەخىرلىك ئالىمىمىز شوھرەت مۇتەلىپنىڭ دۇنيانى ھەيران قالدۇرغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى تەپرىكلەۋاتقان مۇشۇ كۇنلىرىمىزدە، بەزى تەنقىتچىلەر ئۇنۇڭ ماقالىسىدا خاتالىق بارلىقىنى كورسەتتى. مەن شەخسەن ھەرقانداق نەرسىدە خاتالىق بولىدىكەن ئۇنى كورسىتىش ئىنتايىن ياخشى پەزىلەت دەپ قارايمەن. ئەمما بۇ تەنقىتچىلەر كورسەتكەن خاتالىقلار ئىنتايىن كىچىك خاتالىق بولۇپ ماقالىدىكى سانلىق مەلۇماتلاردا ھەم نەتىجىدە ھەچقانداق خاتالىق يوقلىغىنى ئالىمىمىز تۇنۇگۇن ياۋروپادىكى ئالدىراش تەتقىقات سەپىرىنى تۇگۇتۇپ كىلىپلا بۇ توغۇرلۇق بايانات ئەلان قىلدى. بۇ يەردىكى خاتالىق دىگىنى ماقالىدىكى ئىككى رەسىمنىڭ ئورنىنى ماقالىدىكى بىرىنچى ئاپتۇر دىقەتسىزلىكتىن ئورنىنى ئالماشتۇرۇپ قويغانلىقى ھەم ماقالىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئۇچۇن 3 كۇن كەتكەن. ئالىمىمىز يەنە تۇنۇگۇن ھەرقانداق بىر مۇستەقىل ئورگاننىڭ ئوزلىرى ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلار ھەم نەتىجىلىرى ئۇستىدە تەكشۇرۇپ چىقىمەن دىسە ئۇنى خوشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئېلان قىلدى. شۇڭا قەرىنداشلارنىڭ بالدۇر ھاياجانلىنىپ كەتتىمۇ دىمەي ئالىمىمىزدىن بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا پەخىرلىنىشىمىزھەم ھاياجانلىنىشىمىزنى ئۇمىت قىلىمەن. مىللىتىمىز ئىچىدىن چىققان بۇنداق بىر ئادەمنىڭ دۇنيانى ئوزىگە قارىتىشى ئاسان ئىش ئەمەس. مىنىڭ بىلىشىمچە دۇنياغا تونۇلغان ھەم دۇنيا ئېتراپ قىلغان تەبىئىي-پەن ئالىمىدىن شوھرەت مۇتەلىپتىن باشقىسى تېخى بىزنىڭ ئارىمىزدىن چىقىپ باققىنى يوق! بۇ ئۇيغۇر مىللىتىگە بىرىلگەن بىر بەخىتتۇر دەپ قارايمەن.
ھورمەت بىلەن تاشپولات روزى
غۇلامجان
ئەلۋاتتە ئۇنداق قۇسۇرچىلارغا پىسەنىت قىلمايمىز،ئالىمدىن داۋاملىق پەخىرلىنىمىز. «ئىتلار قاۋاپ قالار،كارۋان يۈرىۋېرەر.» دەيدىغان گەپ بار ئەمەسمۇ.