You Are Here: Home » ئومۇمى » لىۋىيە ئىخۋان رەھبىرى بىلەن سۆھبەت – ئادەم ئۆزكۆسە

لىۋىيە ئىخۋان رەھبىرى بىلەن سۆھبەت – ئادەم ئۆزكۆسە

1-005[1]تۈركىيە ۋاقىت تورى (2013-05-18) سۆھبەت ئېلىپ بارغۇچى:(ئادەم ئۆزكۆسە-بايراقدارلار ژۇرنىلى)
تەرجىمىدە:(جان پولات)

لىۋىيەدىكى ئىخۋان ھەرىكىتىنىڭ(مۇسۇلمان قېرىنداشلار ھەركىتى) رەھبىرى ئابدۇسالام ئەل-قىبتى شىئەلەرگە چاقىرىق قىلىپ: «ئىراننىڭ سۇرىيەگە قاراتقان سىياسىتىنى توسۇڭلار!. ئىسلام دۇنياسى زور  بىر قالايمىقانچىلىق ئىچىگە كىرگۈزلمەكچى بولىۋاتىدۇ»دېدى.

لىۋىيەدىكى ئەڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەردىن بىرى بولغان -خۇددى باشقا ئەرەب دۆلەتلرىدە بولغىنىدەك-مۇسۇلمان قېرىنداشلار ھەركىتى……يىللار بويى قەززافى ھاكىمىيتىگە قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان لىۋىيە ئىخۋانى، ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەكلەنگەنلىكى ئۈچۈن بۇ كۈرەشنى ئۇزۇن مەزگىل يەر ئاستىدا مەخپى داۋاملاشتۇرغان ئىدى. لىۋىيە ئىخۋانلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان ئەزاسى قەززافى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زىندانلارغا تولدۇرۇلغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ،  لىۋىيە ئىخۋانى بولسا ئىنقىلابنىڭ ئاخىرىدا رەسمىيلەشتى. ئىجتىمائى ساھە بىلەن بىرگە سىياسىي ساھەدىمۇ كۈرەش قىلغان لىۋىيە ئىخۋانى، پارلامېنىتتا  ئادالەت ۋە قۇرۇلۇش پارتىيسى بىلەن ۋەكىل بولىۋاتىدۇ. دۆلەتتىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىككىنجى سىياسى ھەرىكەت بولغان ئادالەت ۋە قۇرۇلۇش پارتىيسى ھازىرقى مەۋجۇت ھۆكۈمەت ئىچىدە ئورۇن ئالماقتا، پارتىيە شۇئان بىر باش مىنىستىر ياردەمچىسى بىلەن قۇشۇپ كابېنتتا جەمئىي 7 مىنىستىرغا ئىگە….لىۋىيەدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى بولسا بەشىر ئابدۇسالام ئەل قىبتى ئۆتەۋاتىدۇ. قىبتى بىلەن ئۆمەر مۇختارنىڭ  يۇرتى بولغان بىنغازى شەھىرىدە ، ئىخۋاننىڭ مەركىزىدە ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىز لىۋىيە بىلەن باشلىنىپ، سۇرىيە بىلەن ئاخىرلاشتى. ئىخۋان رەھبىرى شىئەلەرنى ئىراننىڭ سۇرىيەگە قاراتقان سىياسىتىنى توسۇشقا ، توختىتىشقا چاقىردى.

-ھۆرمەتلىك ئابدۇسالام قىبتى! ئىنقىلابتىن كېيىن لىۋىيەدە نىمىلەر ئۆزگەردى؟ قەززافى دەۋرىدىكى لىۋىيە بىلەن بۈگۈنكى لىۋىيە ئارىسىدا قانداق پەرىق بار؟

ئىنقىلابتىن بۇرۇن لىۋىيەنى بىر دىكتاتور باشقۇراتتى. خەلق ھېچقاچان دۆلەتنىڭ باشقۇرىشىغا قۇشۇلمايتتى، لىۋىيەدە بىرلا ئادەم، دىكتاتور نىمە دېسە شۇ بولاتتى. قەززافىنىڭ قاراشلىرى، پىكىرلىرى، ئىجرا قىلغانلىرى ھېچقاچان سورىقى قىلىنمايتتى، سوراشقا ئۇرۇنغانلار بولسا ئېغىر بىر شەكىلدە جازالىناتتى.  مانا لىۋىيە مۇشۇنداق بىر سىياسى ۋەزىيەتتىن ، بىر ئادەمنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن، دىكتاتورلۇقتىن ئەركىنلىككە، خەلق باشقۇرۇشىغا ئۆتتى. ئىنقىلابتىن بۇرۇن لىۋىيە خەلقى يوق ھېسابتا ئىدى، ئۆلۈككە ئوخشاشلا ئىدى. پەقەت مۇئەممەر قەززافى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ مەنپەئەتلىرى بار ئىدى. ئەمما ئىنقىلاب بىلەن بىرلىكتە لىۋىيە خەلقى جانلاندى. لىۋىيەدە بۇنىڭدىن كېيىن بىر كىشىنىڭ ۋەياكى بىر ئائىلىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئويلايدىغان بىر ھۆكۈمەت ئەمەس،خەلقنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ئويلايدىغان بىر ھۆكۈمەت بار. ۋەتىنىمىزدە بۇنىڭدىن كېيىن نۇرغۇن سىياسى گۇرۇپلار مەۋجۇت ۋە خەلق كىمنى خالىسا شۇنى سايلايدۇ. بىر ۋاقىتلاردا بىرلا كىشى، بىرلا قاراش باشقۇرغان دۆلەتنىڭ ھۇقۇقى ئىنقىلاب بىلەن بىرلىكتە خەلقنىڭ قولىغا ئۆتتى…

-ئىسلامچىلارنىڭ لىۋىيە ئىنقىلابىدا تەسىرى بارمىدى؟ لىۋىيەلىك ئىسلامى گۇرۇپلار ئىنقىلاب جەريانىدا قانداق رول ئوينىدى؟

ئىسلامچىلارنىڭ ئىنقىلاب جەريانىدىكى رولى ناھايتى زور ئىدى. بۇنىڭىن باشقا بۇ مۇبارەك ئىنقىلابنىڭ تۇنجى كۈنىدىن ئىتىبارەن شۇئارى » ئاللاھۇ ئەكبەر!» ئىدى. قەززافى كوچىلاردا ئېيتىلغان تەكبىرلەر بىلەن يېقىتىلدى. مۇسۇلمان ياشلار بىخەتەرلىك كۈچلىرىنىڭ ئوقلىرىغا قارشى تۇردى. بەرداشلىق بېرىپ قارشىلىق كۆرسەتتى ۋە ئاخىرىدا ھاكىمىيەتنى يېقىتتى. لىۋىيە خەلقى مۇسۇلمان بىر خەلقتۇر. دىنداردۇر ۋە توغرا بىر ئىسلامى ئاڭغا ئىگىدۇر.  مانا بۇ ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغان بۇ خەلق دىكتاتورنى يېقىتتى. ئىسلامچىلار خەلقكە رەھبەرلىك قىلدى.ئىسلامچىلار بېشىدىن باشلاپ ئادەتتىكىدەك ئىنقىلابنىڭ يېقىلغۇسى، بېنزىنى بولدى.

-ئىسلامى پارتىيەلەر مىسىر ۋە تۇنىستا كىرگەن سايلاملاردا بىرىنجى پارتىيە بولدى. ئەمما ئەينى ئەھۋال لىۋىيەدە روياپقا چىقمىدى. لىۋىيە ئىخۋانى تەرىپىدىن قوللىنىۋاتقان ئادالەت ۋە قۇرۇلۇش پارتىيسى سايلامدا ئىككىنجى پارتىيە بولدى. لىۋىيەلىك ئىسلامچىلار مىسىر ۋە تۇنىستا قولغا كەلتۈرۈلگەن غەلبىنى نىمە ئۈچۈن لىۋىيەدە تەكرارلىيالمىدى؟

ھەر بىر دۆلەتنىڭ باشتىن كەچۈرگەن تەجرىبىلىرى پەرقلىق بولغىنىدەك ھەر بىر دۆلەتتىكى ئسىلامى ھەرىكەتلەرنىڭ ئىچىدە بار بولغان شەرت-شارائىتلار، تەجرىبىلەرمۇ پەرقلىقتۇر. بىز ۋەتىنىمزىنىڭ مەنپەئەتىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر ئىسلامى ھەرىكەت. باشقا گۇرۇپلارنىڭ پىكىرلىرىنى ، تەلەپلىرىنى ھەم دىققەتكە ئالىمىز. بىر قاراشنىڭ، پارتىيەنىڭ ئۆز قاراشلىرىنى باشقىلارغا تېڭىشىغا قارشىمىز. بىز بىر يولغا چىقتۇق. ۋە بۇ يولدا خەلقىمىز بىلەن، باشقا گۇرۇپىلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ يولنى داۋاملاشتۇرىمىز. بىز ئۈچۈن مۇھىم بولغىنى دىنىمىزنىڭ، خەلقىمىزنىڭ ۋە ۋەتىنىمىزنىڭ مەنپەئەتلىرىدۇر. ئىخۋاننىڭ ۋەياكى بىزگە يېقىن بىرەر پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىشى، سايلامدا غەلبە قازىنىشى ئەمەس…..  بۇ سەۋەبتىن ئىنقىلابتىن كېيىن تەشكىللەنگەن ئۆتكۈنچى مەزگىلدە لىۋىيەنى يالغۇز بىر پارتىيەنىڭ باشقۇرىشىنى توغرا دەپ قارىمايمىز.

-لىۋىيە ئىنقىلابىدا ناتونىڭمۇ تەسىرى بولغان ئىدى. شۇئان ناتونىڭ ، خۇسۇسەن فرانسىيەنىڭ لىۋىيەدىكى تەسىرى قانداق؟

ھېچ شۈبھىسىز فرانسىيە مۇستەملىكىچى بىر دۆلەتتۇر. شىمالى  ئافرىقىدىكى نۇرغۇن ئافرىقا ۋە ئەرەب دۆلىتىنى مۇستەملىكە قىلغان ئىدى. ئەمما شىمالى لىۋىيەنىڭ بىر بۆلۈكىدىن باشقا لىۋىيەنى مۇستەملىكە قىلمىغان. فرانسىيە ئەلۋەتتە ئۆز مەنپەئەتلىرىنى ئويلايدۇ. ئىتالىيە، گېرمانىيە ۋە فرانسىيەنىڭ،  لىۋىيەنىڭ نېفىت ۋە تەبى گازىغا كۆزى چۈشمەكتە. بۇ سەۋەبتىن لىۋىيەدە مۇقىملىق بولۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ. بىزمۇ لىۋىيەدە مۇقىملىقنىڭ بولۇشىنى خالايمىز. لىۋىيەنىڭ سومالى ۋە باشقا تۇقۇنۇشقا تولغان دۆلەتلەرگە ئوخشاش بولۇشىنى خالىمايمىز. ئەمما داۋاملىق تىلغا ئېلىۋاتقان بىر مەسىلە بار.

-ئۇ مەسىلە قايسى؟

لىۋىيەلىكلەر ئالىدىغان قارارلاردا ئەركىن، ھېچقانداق بىر چەتئەللىك تۇپراقلىرىمىزغا ۋەياكى سىياسىتىمىزگە مۇداخىلە قىلالمايدۇ. مانا بۇ بىزنىڭ قىزىل سىزىقىمىز. چۈنكى لىۋىيە خەلقى ئەركىنلىك، سىياسى مۇستەقىللىق ئۈچۈن زور بەدەللەر تۆلىدى. ھەر قانداق بىر لىۋىيە ھۆكۈمىتى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، شۇنىڭغا قەدەم ئالسا خەلق ئۇنى يېقىتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن فرانسىيە ۋەياكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىمىز ئەكىن دۆلەتلەرگە يارىشىدىغان بىر شەكىلدە بولىدۇ. يەنە بىز خۇسۇسەن نېفىت سەۋەبلىك غەربتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئىنقىلابنى ئوغرىلاشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى، بۇ شەكىلدە ئۇرۇنۇشلاردا بولىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىمىز.

-ئىسلامچىلارنىڭ رايۇندىكى كەلگۈسىگە قانداق قارايسىز؟ ئىسلامى گۇرۇپلار بىر-بىرلەپ ھاكىمىيەتكە چىقىۋاتىدۇ، كۈچلىنىۋاتىدۇ، بۇلارنىڭ كەلگۈسىگە قانداق قارايسىز؟

كېلەچەك پارلاق ئىنشائاللاھ. رايۇندا ئىنسانلارغا ئەركىن بىر ۋەزىيەت سۇنۇلغاندا ئىنسانلار ئىسلامى گۇرۇپلارنى سايلايدۇ. مىسىردا، تۇنىستا، ئىئوردانىيەدە، ماراكەشتە ۋە تۈركىيەدە مانا مۇشۇنداق بولدى. ئەركىنلىك ۋەزىيتىدىن ئەڭ بەك ئىسلامچىلار پايدىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما ئىسلامچىلارنىڭ قانداق بىر باشقۇرۇش ئوتتۇرغا قۇيىدىغانلىقى، بۇ يېڭى دەۋىردە قانداق خىزمەت قىلىدىغانلىقى ئىنتايىن مۇھىم. بىز ئاللاھتىن مۇۋەپپىقىيەت بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز. تۈركىيەدە زور ئىشلار غەلبە قازاندى. بۇ تەجرىبە بىزگە خەيىرلىك ۋە پارلاقلىقتىن خوش-خەۋەر بېرىدۇ. خەلقلەرنىڭ كىملىكى، تەبىئىتى ئەسلىدە ئىسلامدۇر. ئەركىنلىك بولغاندا خەلقلەر ئىسلامنىڭ ۋەياكى ئىسلامچىلارنىڭ سىرتىدا باشقا بىرەر نەرسىنى تاللىمايدۇ. ئىككىنجى مۇھىم نوقتا بولسا، ئەرەب دۆلەتلىرىدە مۇستەقىللىق قولغا كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، يەنى 40-50 يىللاردىن كېيىن مىللەتچى ۋە ئىلمانى ھۆكۈمرانلىقلار سىناق قىلىندى. مىللەتچى ۋە ئىلمانى ھۆكۈمرانلاردىن زۇلۇم، بېسىمدىن باشقا بىرەر نەرسە كۆرمىدۇق. ئۇلارنىڭ زامانىدا پاساتچىلىق پۈتۈن ساھەلەرگە تارقالدى. پارىخورلۇق،  يولسۇزلۇق، ئىجتىمائى مەسىلىلەر كۆپەيدى. لىۋىيەدە ، مىىسردا، تۇنىستا بۇلار يۈز بەردى، ۋە بۇ پاساتچىلىقنىڭ، بۇ ھۆكۈمەتلەرنىڭ نەتىجىسدە خەلق ئىنقىلاب قىلدى.

-مۇسۇلمان قېرىنداشلار ھەركىتىدىن سىرىت لىۋىيەدە باشقا ئىسلامى گۇرۇپلارمۇ بار. مەسىلەن؛ «ئەنسارۇ-شەرىيئە»گە ئوخشاش….. باشقا ئىسلامى گۇرۇپىلار بىلەن بولغان مۇناىسۋىتىڭىز قانداق؟

باشقا ئىسلامى گۇرۇپىلار بىلەن مۇناسىۋىتىمىز ئىنتايىن ياخشى….. بىز بىر-بىرىمىزنى، ئەنسارۇ شەرىيئە ۋە باشقا ئىسلامى گۇرۇپلارنى بىر بەدەننىڭ پەرقلىق ئەزالىرىغا ئوخشاش كۆرىمىز. قەززافى دەۋرىدە لىۋىيەدە ئىسلامى گۇرۇپىلار زور بېسىمغا ئۇچرىغان ئىدى. ئىلىملىرىمىز خارلاندى، ئىسلامى كىتابلار چەكلەندى، ياشلىرىمىز پەقەتلا ئىسلام ۋە ئەركىنلىك تەلەپ قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن زىندانلارغا تولدۇرۇلدى. ئەمما لىۋىيەدىكى ئىسلامى ئويغىنىش توختىتىلمىدى، توسۇۋېلىنالمىدى. بىز ئىسلامى ئويغىنىشنىڭ ئوتتۇرا يول ئۈستىدە بولۇشىنى، بۇ سىزىققا  دائىم ئەھمىيەت بېرىش كېرەكلىكىنى ئويلايمىز. ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن كېلىدىغان زەپەرگە پەقەتلا ئوتتۇرا يول ئۈستىدە (يەنى ھەددىدىن ئاشۇرۋېتىش ۋە يىتەرسىزلىك قىلىشتىن خالى ھالدا -ت)بولغىنىمىزدا ۋە ئۈزۈلدۈرمەستىن تىرىشىپ خىزمەت قىلغىنىمىزدا ئېرىشەلەيمىز. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ، ئۆلىمالارنىڭ ۋە ئىسلام ئويغىنىش رەھبەرلىرىنىڭ ئۈممەتكە قۇيۇپ كەتكەن ئەڭ مۇھىم مىراسلىرىدىن بىرى مۇشۇدۇر. ( يەنى ئوتتۇرا يول تۇتۇپ ماڭىدىغان ئۈممەت).

-ئۆتمۈشتە مۇسۇلمان قېرىنداشلار ۋە باشقا ئىسلامى گۇرۇپلار ئىسلام دۆلىتى چۈشەنچىسىنى چوڭ شەكىلدە قوللىناتتى، بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتاتتى. ئەمما ئىسلام دۆلىتى چۈشەنچىسى ئەمدىلىكتە بۇرۇنقىدەك چوڭ شەكىلدە قوللىنىلمايۋاتىدۇ. بۇ نىشاندىن ۋاز كېچىلدىمۇ؟ مەسىلەن؛ لىۋىيەدىكى ئىخۋان ھەرىكىتى نامىدىن سىزنىڭ كەلگۈسىدە بىر ئسلام دۆلىتى قۇرۇشتەك بىر نىشانىڭىز بارمۇ؟

دۆلەتنى ئىسلامىيلەشتۈرۈش، ئادالەت ۋە ئەركىنلىكلەرنى، پىكىر ئەركىنلىكىنى ئاشۇرۇش، خەلقىمىزنى گۇناھ ۋە پاساتچىلىقتىن قوغداش، ياشلىرىمىز ئارىسىدا ئىسلام مەدەنىيتى ۋە ئەخلاقىنى تارقىتىش نىشانىمىزنى تۈنۈگۈنكىدەك بۈگۈنمۇ ھەم داۋاملاشتۇرۋاتىمىز. ۋەتىنىمىزنى، ئىسلام ئۈممىتىنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇش، مۇسۇلمانلارنىڭ ، مەزلۇم ئىنسانلارنىڭ چېكىۋاتقان قىيىنچلىقلىرىنى ئاياغلاشتۇرۇشنى خالايمىز. بۇلار بىزنىڭ نىشانلىرىمىز………  يەنە ئاساسى قانۇننىڭمۇ پۈتۈنلەي ئىسلامغا ئۇيغۇن بولۇشىنى خالايمىز.

-ئىسلامنىڭ يېڭى لىۋىيە ئاساسى قانۇنىدىكى رولى ، تەسىرى قانداق بولىدۇ؟

ئاللاھقا شۈكۈرلەر بولسۇنكى، بارلىق سىياسى گۇرۇپىلار بىلەن ئاساسى قانۇننىڭ يىلتىز مەنبەسىنىڭ ئىسلام بولۇشى نوقتىسىدا بىردەكلىككە كەلدۇق. پارلامىنتتىن  ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە قارشى كېلىدىغان ھېچقانداق بىر قارار چىقمايدۇ. بۇ تېمىدا خەلقمۇ بىزگە ياردەم بېرىۋاتىدۇ. لىۋىيە پارلامېنتىدىن ئاللاھنىڭ شەرىئىتىگە قارشى بىرەر قارار چىقسا بۇ ھەم ئاساسى قانۇنغا ھەم خەلقنىڭ قاراشلىرىغا قارشى بىر قارار بولىدۇ. بىزمۇ بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرىمىز.

-سۇرىيە ئىنقىلابىغا قانداق قارايسىز؟ ئەسەد ھۆكۈمىتى ھەر كۈنى يۈزلەرچە بىگۇناھ ئىنساننى قەتلى قىلىۋاتقان ئىكەن، ھىزبۇللاھ ۋە بەزى ئىسلامچىلار ئەسەدنى قوللاشنى، سۇرىيە ئىنقىلابىنىڭ قارشىسىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىۋاتىدۇ. بۇ ئەقىلگە ئۇيغۇن بولمىغان ئىشنىڭ سەۋەبى سىزنىڭچە قايسى؟

خۇددى لىۋىيەدە قەززافىنىڭ دۆلەت ھاكىمىيتىنى ئوڭچىلىۋالغىنىغا ئوخشاش، ئەسەد ئائىلىسىمۇ يىللار بويى سۇرىيە ھاكىمىيتىنى ئوڭچىلىۋالغان. سۇرىيە ئىنقلابى بولسا خەلقنىڭ ھاكىمىيەتنى ئوڭچىلىۋالغانلارغا قارشى بىر ئىسيانى، قوزغىلىڭىدۇر. بىز لىۋىيەدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار ھەرىكىتى نامىدىن بۇ كۈرەشتە سۇرىيە خەلقىنىڭ يېنىدا. ئىنقىلابچى لىۋىيە دۆلىتىمۇ ئەسەد ھاكىمىيتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان بۇ مۇبارەك كۈرەشلەردە سۇرىيەلىك ئىنقىلابچىلارنىڭ يېنىدىدۇر. لىۋىيە دۆلىتى ھەر تۈرلۈك ئىمكانىيتىنى قوللىنىپ سۇرىيە ئىنقىلابىنى قوللىۋاتىدۇ، ياردەم قىلىۋاتىدۇ. ئىران  ۋە ھىزبۇللاھنىڭ ھەر كۈنى سۇرىيە خەلقىنى قەتلى قىلىۋاتقان بىر ھۆكۈمەتكە ياردەم بېرىشى بولسا ، ئىسلامى نوقتىنەزەردىن قۇيۇپ تۇرايلى تېخى، بارلىق دىنلارغا قارشى بىر مەيداندۇر. ئىران ۋە ھىزبۇللاھنىڭ زالىم بىر ھۆكۈمەتكە ياردەم بېرىشى ۋە يەنە كېلىپ تېخى ئىسلام ۋە ھەق توغرىلىق توختىلىشىغا ئوخشاش بىر-بىرىگە زىت مەيدان بولماس!. ئىران ۋە ھىزبۇللاھ بۈگۈن مەزلۇمغا قارشى قاتىلنىڭ، جاللاتنىڭ، تاغۇتنىڭ، زالىمنىڭ يېنىدا سەپ تۇتۇپ تۇرماقتا. ئىران ھۆكۈمىتى بۇرۇن ئىراقتا قوللانغان مەزھەبچى پوزىتسىيەنىڭ ئۆز ئەينىنى بۈگۈن سۇرىيەدە قوللىنىۋاتىدۇ. ئىسلام دۇنياسى بۇ مەزھەبچى مۇتەئەسسىبلىك ۋە سىياسەت سەۋەبلىرى بىلەن زور بىر قالايمىقانچلىق ئىچىگە كىرگۈزۈلمەكچى بولىۋاتىدۇ. بىز شىئە قېرىنداشلىرىمىزدىن ئىران ۋە ھىزبۇللاھقا سۇرىيە سىياسىتى سەۋەبىدىن قارشى تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. شىئە قېرىنداشلىرىمىز ئىران ۋە ھىزبۇللاھنىڭ زالىم ھۆكۈمەتكە بېرىۋاتقان ياردىمى ۋە سىياسىتىنى توسۇشى كېرەكتۇر…..

تۈركىيە ۋاقىت تورى (2013-05-18) سۆھبەت ئېلىپ بارغۇچى:(ئادەم ئۆزكۆسە-بايراقدارلار ژۇرنىلى)
تەرجىمىدە:(جان پولات)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top