نۇزۇگۇمنىڭ چاقىرىقى

♣♣♣♣♣♣
نۇرمۇھەممەد ياسىن ئۆركىشى
♣♣♣♣♣♣
نەدە سەن ئەي باتۇر ئەركەكلەر؟!
يۇر كېتەيلى چۆل-باياۋانغا.
ئەرك ئۇندا باتۇر ئوۋچىدۇر،
مەۋج ئۇرار روھ ھەم قېنىڭدا.
♣♣♣
چۆل ناخشىسى ئېيتار قۇمۇشلار،
ئاتلار كىشنەر ئۇپۇق چېتىدە.
قىلىچ ئويناپ ئۆتكەن باتۇر ئەل،
ياتار تىنچ يەرنىڭ تەكتىدە.
♣♣♣
ئاي ئۈزمەكتە بولۇپ گۈزەل قىز،
كۆك ئاسماندا توقۇپ بىر چۆچەك.
ئاھ، لاۋۇلداپ كۆيەر قۇمۇشزار،
ھەم بىر ئەلنىڭ ئارمىنى دېمەك.
♣♣♣
بىز تىڭشايمىز سۈكۇتتە ئۇنى،
قۇلاق ئەمەس، يۈرىكىمىزدە.
قۇم باسماقتا مۇنبەت يەرلەرنى،
قۇم، بورانتۇق بىزلەر ئەسلىدە.
♣♣♣
يۇر كېتەيلى چۆل-باياۋانغا،
قوشاق تۇقار ئۇندا نۇزۇكئاي.
ئۇ بەلكىم بىر جەڭگىۋار قامۇس،
گۈزەل قىسسە يېزىلغان تالاي.
♣♣♣
ئەجەب ئەمەس ئۇچراپ قالسا گەر،
ئەرك ئوغلى باتۇر چىن تومۇر.
بىز ياشايلى ئەركىن دۇنيادا،
چۆل ناخشىسى ئېيتىپ بىر ئومۇر.
♣♣♣♣♣♣
يوللىغۇچى: كەتمەنباي
غۇلامجان
ئىنتايىن ياخشى يىزىلغان شىئىركەن!
كەتمەنباي
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بۇ ماقالەنى باش بەتكە چىقىرىپ قويغايسىلەر!
«جۇڭگوچە قىممەت»نى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟
============
ئەسسالام، كەتمەنباي، ئالالھ رازى بولسۇن.
تۈۋەندىكى ئادرىسقا يوللىۋەتتىم.
https://ug.uyghuracademy.org/?p=2797
ئاللاھ رازى بولسۇن.