You Are Here: Home » ئومۇمى » «ھەج رىسالىسى» – 25.ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ھەججى (مۇستافا ئىسلامئوغلى)

«ھەج رىسالىسى» – 25.ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ھەججى (مۇستافا ئىسلامئوغلى)

25.ئاللاھ رەسۇلىنىڭ ھەججى

ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق تەرجىمىسى / مۇستافا ئىسلامئوغلى

»  «خۇز ئەننى مەناسىكەكۇم

(«ھەججىڭىزنى مەندىن ئۆگىنىڭ»)

تارىختىن مەلۇمكى  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھىجرەتتىن كېيىن 9 يىل ھەج قىلماستىن ھىجرەتنىڭ 10- يىلى ھەج قىلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ  بۇ يىگانە ھەججى تارىختا «ۋىدا ھەجى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ھەج قىلىش جەريانىدا مۆئمىنلەرگە «ھەجىڭلارنى مەندىن ئۆگىنىڭلار » دەپ ئەمىر قىلغان ئىدى. چۈنكى، ھەج ئىبادىتى ئىبراھىمى بىر ئۆرۈپ-ئادەت بولۇپ جاھالەت دەۋرىدىمۇ ئادا قىلىناتتى. پەقەت ھەم  ھەج قىلىشتىكى مەقسەت-مۇددىئاسىدىن ۋە ئادا قىلىش ئۇسۇلىغىچە بۇزۇۋېتىلگەن  ئىدى.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام، جاھىلىيەت ئىنسانلىرىنىڭ قولىدا ئەسلى تونۇلمىغىدەك دەرىجىدە بۇزۇلغان ۋە بۇزۇۋېتىلگەن ھەج ئىبادىتىنى يېڭىدىن ئىھيا قىلىندى. .

ۋىدا ھەجى، پەيغەمبەر ئەلەيىھسسالام ۋاپاتىدىن ئازراق بىر ۋاقىت ئىلگىرى قىلىنغان ئىدى. ھەقىقەتەن، «ۋىدا» ئىسمىنى ئېلىشنىڭ سەۋەبىمۇ بۇ ئىدى. بۇ ھەج، «بۈگۈن دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم» دېگەن ئايەتنىڭ ئەمەلى بىر كۆرۈنىشى بولغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام سانى ئون مىڭغا يەتكەن مۆئمىن كەلكۈنىنىڭ ھۇزۇرىدا ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۇرۇندىغانلىقىغا ئىنسانلارنىڭ گۇۋاھ بولۇشىنى ئۆتۈنگەن، ئۆزىمۇ ھەم بۇ گۇۋاھچىلىققا ئاللاھنى شاھىت تۇتقان ئىدى.

23  يىللىق پەيغەمبەرلىك مۇددىتىنىڭ ئاخىرىغا توغرا كەلگەنلىكى تۈپەيلى ھەج ئىبادىتى باشقا بارلىق ئىبادەتلەرنىڭ تاجى-ياپرىقى بولغان ئىدى. بۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك، ھەج ئىبادىتى مۇھەممەدى شەرىئەتنىڭ تايانغان ئەڭ مۇھىم ئاساسلارغا ئالاقىدار نۇرغۇن پىروگرام ۋە دەلىللەرنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن ئىدى. «دىننىڭ پۈتۈنلەشكەن» بىر زامانغا توغرا كەلگەن  بۇ ئىبادەت، ئىسلام ئىبادەت فىقھى ئۈچۈن ئاساس سالغۇچىلىق رول ئوينىغۇدەك دەرىجىدە تەپسىلى ۋە مول پايدىلىنىش مەنبەسى بولۇپ بەردى. ئەڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىگە يەتكەن،  ئەڭ ئىنچىكە  تەپسىلاتلارغىچە خاتىرلەنگەنلىك تەبىئىتى بىلەن ھەج ئىبادىتى، ئىبادەتلەرنىڭ ھېكمىتىنى چۈشۈنىشنى خالىغانلار ئۈچۈنمۇ ناھايىتى مول بىر ئۇچۇر مەنبەسىدۇر..

.

بىز بۇيەردە، ھەدىسلەرگە تېما بولغان ۋىدا ھەججىنى نەقىل قىلىمىز. بۇنى قىلىشتىكى مەقسىتىمىز، «ھەج ئىلمىھالى»نى ئۆگۈنىشنى خالىغان ھەر بىر ئادەمگە ھەجنىڭ ھەقىقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ  ھەجى بولغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى بايان قىلىشتۇر.

مۇسۇلمانلارنىڭ زىھنىدىكى پەيغەمبەر تەسەۋۋۇرلىرى پەرىقلىق بولسىمۇ ، ھەقىقەتتە  پەيغەمبەر بىرلا قېتىم يەنە كېلىپ ئۇمۇ بىر قېتىملا ھەج قىلغان  ۋە بۇ ھەجنى پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا «ئۈلگە» قىلىپ تەقدىم قىلغان ئىدى. بۇ تەقدىم تەلىماتنى « ھەجىڭىزنى مەندىن ئېلىڭ » دېيىش بىلەن بۇيرىغان ئىدى.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋىدا ھەججىنى نۇرغۇنلىغان  ساھابىلەر  رىۋايەت قىلغان ئىدى. بۇ نەقىللەرنىڭ ئوخشىمىغان بايانلىرى بىلەن نۇرغۇنلىغان ھەدىسلەر توپلانغان ئىدى. بىز بۇ ھەدىسلەرنىڭ ئەڭ سالىھ ۋە ئەڭ مەشھۇرلىرىنى بىر يەرگە يىغىپ نەقىل قىلىمىز. رىۋايەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى جابىر بىن ئابدۇللاھ، ئائىشە بىنت ئابۇبەكىر، ئابدۇللاھ بىن ئابباس، ئابدۇللاھ  ئىبىن ئۆمەر ۋە باشقىلارغا ئوخشاش ئالدىدا ماڭغان سالىھلەر تەرىپىدىن رىۋايەت قىلىنغاندۇر. بۇ رىۋايەتلەرنى باشتا بۇخارى ۋە مۇسلىمدىن تارتىپ، نۇرغۇنلىغان ھەدىس مەنبەلىرىدە ئورتاق ۋەيا يالغۇز ھالدا نەقىل قىلىنغان ئىدى. رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننۈتى بولغان ۋىدا ھەججىنى نەقىل قىلىۋېتىپ يېرى كەلگەندە ھەدىسلەرگىمۇ مۇراجىئات قىلىمىز. بۇ پەرىقنى، «سۈننەت» ۋە «ھەدىس» نى ئەينى دەپ گۇمان قىلغان ئوقۇرمەنلىرىمىزنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن قىلغانلىقىمىزنىمۇ ھەم بۇ يەردە ئوتتۇرغا قويغان بولدۇق.

ئەمدى ۋىدا ھەجىنى بايان قىلىشقا  ئۆتۈمىز.

* * *

رەسۇلۇللاھنىڭ ھەج ئېلانىنى ئاڭلىغان  ئىنسانلار، ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ھەج ئىبادىتىنى قىلىش ئۈچۈن سۇدەك ئېقىشقا باشلىدى. رەسۇلۇللاھ مەدىنىدىن چىقىپ زۇلھۇلەيفە دىگەن يەرگە كەلگەن ئىدى. بۇيەردە ئالدى بىلەن يۇيۇندى، ئەتىر سۈرتتى، ئىككى رەكەت ناماز ئوقۇدى. بىلىگە بىلىنىڭ ئاستىنى ئورايدىغان بىر يېپىنچا (ئىزار) بىلەن يۆگىدى. مۈرىسىدىن ئاستى تەرەپكىمۇ يەنە باشقا بىر رىدا بىلەن ئۇراپ ئىھرامغا كىردى.

ئىبىن ئابباس بىلەن مىھۋەر بىن ماھرەمە، ئەبۋا دېگەن يەر ئىسمى ھەققىدە  ئىختىلاپ قىلىشقانىكەن. ئىبىن ئابباس « ئىھرامغا كىرگەن بىرسى بېشىنى يۇيالايدۇ » دېسە، مىھۋەر « يۇيالمايدۇ » دەيدۇ. راۋى ئابدۇللاھ بىن ھۇنەيىن دېدىكى : « بۇنىڭ ئۈچۈن ئىبىن ئابباس مېنى ئەبۇ ئەييۇپ ئەل ئەنسارىنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. ئەبۇ ئەييۇپقا ئەھۋالنى ئېيتتىم. ئۇ كىيىملىرىنى بېشى كۆرۈنگۈدەك قىلىپ تارتتى. بېشىغا سۇ تۆكۈلۈشىنى ئىستىدى ۋە بېشىنى قوللىرى بىلەن سىلاپ يۇدى ۋە دېدىكى : « مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇشۇنداق قىلغانلىقىنى كۆردۈم.» (بۇخارى، مۇسلىم، نەسائى، ئەبۇداۋۇد، ئىبىن ماجە))

« ئائىشەئانىمىزدىن ئىھرامدىكىلەرنىڭ ۋۇجۇدىنى قاشلاپ قاشلىمايدىغانلىقىنى سورىدى. ئائىشە، « شۇنداق، بەدىنىنى قاشلىسۇن، ھەتتا بار كۈچى بىلەن قاشلىسۇن» دېدى. (بۇخارى،مۇسلىم)  ئىمام مالىكتىن قىلىنغان رىۋايەتتە  شۇ يەر ئارتۇق رىۋايەت قىلىنغان : « قوللىرىم باغلانسا ۋە پۇتۇمدىن باشقا قاشلايدىغان يېرىم بولمىسا ئىدى ، پۇتۇم بىلەن قاشلىغان بولاتتىم.»

« پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن ئەبۇ بەكىرنىڭ بارلىق يول ئەشيالىرىنى بىر تۆگە توشۇيتتى. بۇ تۆگىگە قارايدىغانغا بىر قۇل تەيىنلەنگەن ئىدى. ئارج دېگەن يەرگە كەلگەندە، ئارقىدا قالغان بۇ تۆگىنى ساقلاۋاتقان ئەبۇبەكىر، قۇلنىڭ تۆگىسىز كەلگەنلىكىنى كۆردى. سوراش ئارقىلىق تۆگىنى يۈتتۈرۈپ قويغانلىقىنى ئۇقتى. « بىر تۈگىگىمۇ ئىگە بولالمىدىڭمۇ؟ » دەپ قۇلنى ئۇردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر تەرەپتىن تەبەسسۈم قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن « شۇ ئىھراملىقا قاراڭلار نىمە قىلىۋاتىدۇ! » دېدى.ئۇنىڭدىن باشقا بىر نەرسە دېمىدى. (ئەسمادىن ئاخمەد، ئەبۇ داۋۇد ۋە ئىبىن ماجە)

نەبى ئەلەيھىسسالام ئارافاتتا بىر خۇتبە ئوقۇپ شۇنداق دېدى: ئاستىغا يۆگۈگىدەك ئىھرام تاپالمىغان تون كىيسۇن، ساندال تاپالمىسا مەسىتلىرىنى كىيسۇن.« (ئىبىن ئابباستىن ، بۇخارى، مۇسلىم ۋە ئەخمەد)

« ئىھراملىق بىرى ئۆلدى. رەسۇلۇللاھ شۇنداق دېدى: بۇنىڭ بېشىنى ياپماڭلار، چۈنكى ئۇ قىيامەت كۈنى تەلبىيە ئېيتقان ھالدا تىرىلىدۇ»

. رەسۇلۇللاھ ئىھرامغا كىرگەندىن كېيىن تەلبىيە ئېيتىشقا باشلىدى

لەببەيك ئاللاھ ھۇممە لەببەيك، لەببەيكە لا شەرىكە لەكە لەببەيك، ئىننەل ھەمدە  ۋەننىئمەتە لەكە ۋەلمۇلك، لاشەرىكە لەك.

« ئىنسانلاردىن بەزىلىرى ئوخشىمىغان شەكىلدە تەلبىيە ئېيىتتى. رەسۇلۇللاھ ئۇلارغا بىر نېمە دىمىدى.» (جابىردىن مۇسلىم)

ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر « لەببەيكە لەببەيك، لەببەيكە ۋە سەئدەيك، ۋەلخەيرۇ بىيەديك، لەببەيكە ۋەررەغبە، ئىلەيكە ۋەلئەمەل » دەپ تەلبىيە ئېيتتى. (نافى دىن مالىك)

ئىبنى ئۆمەر ساھابىلەرنىڭ ئېيتقان تەلبىيەسىدىنمۇ ئارتۇق قىلىنغان تەلبىيەنى ئاڭلىغان، پەقەت ئۇلارغا ھېچنىمە دىمىگەن ئىكەن.» (ئەبۇ داۋۇت ۋە بەيھەقى)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەلبىيە ئېيتىشنى، كائىناتتىكى بارلىق مەخلۇقلارنىڭ  ئىلاھى مىلودىيەسىگە قېتىلىش دەپ قارىغان ئىدى. بۇ قارىشىنىمۇ شۇنداق تىلغا ئالغان ئىدى: « ھەرقانداق  بىر مۇسۇلمان  تەلبىيە ئېيتسا،  يەريۈزنىڭ بۇ ئۇچىدىن باشقا بىر ئۇچىغىچە ئوڭ تەرىپىدە ۋە سول تەرىپىدە تۇرغان تاش، دەرەخ، تۇپراق ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تەلبىيەدە بىرگە بولىدۇ.»

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىلاھى شۇئارنىڭ يوقۇرى ئاۋازدا ئېيتىلىشىنى بۇيرۇغان ئىدى.

رەسۇلۇللاھ ئىھرامغا كىرگەن زۇلھۇلەيفە دە ئەسما بىنت ئۇمەيس تۇغقان ئىدى ۋە ئۈزىنىڭ  قانداق قىلىشى توغرۇلۇق سوئال سورىغان ئىدى. رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا : « يۇيۇن ۋە (ھەيزدارلارغا ئۇيغۇن) بىر كىيىم كەي، بىر بەلباغ باغلىغىن، ئۇندىن كېيىن ئىھرامغا كىر!» دەپ بۇيرۇغان ئىدى.

رەسۇلۇللاھنىڭ بۇ ھەج سەپىرى جەريانىدا، ھاياتقا ئالاقىدار ئوخشىمىغان ئەھۋاللار يۈز بەرگەن ئىدى. ئۇمۇ بۇ ئەھۋاللارغا مۇناسىپ  كېلىدىغان تەدبىر قوللانغان ئىدى. بۇنىڭغا ئالاقىدار كارۋان سەرىف دېگەن يەرگە كەلگەندە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرلىكتە ھەج سەپىرىگە چىققان ئايالى ھەزرىتى ئائىشە ئانىمىز ھەيىزدار بولۇپ قالغان ۋە ئۇ سەۋەپتىن يىغلاشقا باشلىغان ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا شۇنداق تەسەللى بەرگەن ئىدى:

سۇبھانەللاھ. نىمىشقا يىغلايسەن ئەي ئائىشە؟ بۇ ئاللاھنىڭ ئادەم قىزلىرىغا تەقدىر قىلغان بىر ئىشتۇر. بىر ھاجى نىمە قىلسا سەنمۇ ئوخشاشلار ئۇنى قىل پەقەت بەيتۇللاھنى تاۋاپ قىلىدىغان ئىشنىلا ئېلىپ قويۇپ، ساقايغاندىن كېيىن ئادا قىلغىن.  رەسۇلۇللاھ مەسجىدى ھەرەمدە بەيتۇللاھنى تاۋاپ ئىدى. تاۋاپتىكى يەتتە قېتىم  ئايلىنىشنىڭ ئالدىدىكى ئۈچ قېتىمدا  تىز ماڭغان ئاخىرقى تۆت ئايلىنىشىدا ئاستا ماڭغان ئىدى.

« ئىبنى ئۆمەردىن : « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھەجەرۇل ئەسۋەدكە يۈزلەندى. ئۇنىڭغا سالام بەرگەندىن كېيىن، لەۋلىرىنى تاشنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ياش تۈكۈشكە باشلىدى. ئۆمەر رەزىياللاھۇ ئەنھۇ پەيغەمبەرئەلەيھىۋەسسەلەمنىڭ يىغلىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇمۇ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆزىدىكى ياشلارنى كۆرگەن رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا قاراپ دېدىكى : « ئەي ئۆمەر بۇيەردە ياشلار تۆكۈلىدۇ. » (ھاكىم، مۇستەدرەك)

« ئۆمەرنىڭ ئوغلى ھەجەرۇل ئەسۋەدتە سىقىشىپ قالىدۇ، ھەتتا بۇرنى قانايدۇ. رەسۇلۇللاھ ئۆمەرگە : « ئەي ھافىسنىڭ دادىسى، سەن كۈچلۈك بىر ئادەمسەن. ھەجەرۇل ئەسۋەدتە ئىنسانلارنى سىقىشتۇرما. بولمىسا ئاجىزلارغا ئەرزىيەت بېرىپ قۇيىسەن. ئەگەر بىر بوشلۇق تاپساڭ سالاملىغىن ، تاپالمىساڭ تەكبىر ئېيتىپ ئۆتۈپ كەتكىن. (شافى، سۈنەن)

رەسۇلۇللاھ ئايلىنىش جەريانىدا پەقەت يەمەن تەرەپتىكى ئىككى بۇلۇڭنى سالاملاپ  ۋە قالغان ئىككىسىنى سالاملىمىغان ئىكەن.

« رەببىمىز بىزگە دۇنيادىمۇ ياخشىلىق قىلغىن، ئاخىرەتتىمۇ ياخشىلىق قىلغىن. دوزاخ ئازابىدىن ساقلا دەپ دۇئا قىلغان ئىكەن. تاۋاپتىن كېيىن ھەرەمنىڭ ئىشىكىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدىغان يەرگە كېلىپ ئىككى قېتىم نەپلە ناماز ئوقۇدى. .

ئۇندىن كېيىن ئىشىكتىن سافاغا چىقتى ۋە ئۇيەرگە يېقىنلاشقاندا ئىننەسەفا ۋەلمەرۋە مىن شەئائىرىللاھ («ھىچ شۈپھەسىز سافا ۋە مەرۋە ئاللاھنىڭ سىموۋۇللىرىدىندۇر » (2-سۈرە 158-ئايەت) ئايىتىنى ئوقۇغان ئىدى. ئايەتتە بىرىنجى بۇلۇپ تىلغا ئېلىنغىنى سافانى قەست قىلىپ « ئاللاھنىڭ باشلا دېگەن يېرىدىن باشلىغىن» دەپ بۇيرۇدى ۋە سەئيىنى سافادىن باشلىغان ئىدى.

كەبىنى كۆرەلىگىدەك سافا تۆپىلىكىگە چىقمىش، ئۇيەردىن قىبلىگە يۈزلىنىپ، شۇنداق تەۋھىد ۋە تەكبىر ئېيىتمىش:

لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھۇ لاشەرىكە لەھ.

لەھۇلمۇلكۇ ۋە لەھۇل ھەمدۇ ۋە ھۇۋە ئەلا كۇللى شەيئىن قەدىير.

لائىلاھە ئىللەللاھۇ ۋەھدەھ.

.ئەنجەزە ۋائدەھ

ۋە نەسەرەھ ئابدەھ.

ۋە خەزەمەل ئاھزابە ۋاھدەھ.

( پەقەت بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچبىر ئىلاھ يوقتۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر.»

مۈلۈك ئۇنىڭدۇر ۋە ھەمىد پەقەت ئۇنىڭغىلا مەخسۇستۇر ۋە ھەر نەرسىگە كۈچى يېتىدۇ.

بىر يالغۇز ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ ئەسلا يوقتۇر.

ئۇ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

قۇلىنى زەپەرگە ئېرىشتۈردى.

يالغۇز ئۆز بېشىغا (كۇپرىنىڭ) پۈتۈن ئىتتىپاقداشلىرىنى ۋەيران قىلدى..»

ئارقىدىن دۇئا قىلدى. يۇقۇرىدىكى سۆزلىرىنى تەكرارلىدى. مەرۋە تۆپىلىكدىمۇ مۇشۇنداق قىلدى. مۇشۇنداق قىلىپ بۇ ئىككى تۆپىلىك ئارىسىدا يەتتە كەز كېلىپ-كىتىپ  يۈرۈپ سەيئىنى تاماملىدى.

رەسۇلۇللاھ سەيئى قىلغاندا، كىيئوغلى ئەلى ، يېنىدا تۆگىلەر بىلەن باراۋەر رەسۇلۇللاھ بىلەن ئۇچراشتى. ئايالى پاتىمەنى ئىھرامدىن چىققان ھالدا كۆردى. ئۈستىدە ئىھراملىق كىشىنىڭ كىيشىگە لايىق بولمىغان پۇراقلىق بىرخىل  رەڭگە بويالغان كىيىم بارئىدى. كۆزلىرىگىمۇ سۈرمە تارتىلغان ئىدى. ئۇنىڭ بۇ تۇرقى ئەلىنىڭ خۇشىغا ياقمىدى. فاتىمە : « دادام مۇشۇنداق بۇيرىدى » دېدى. ئەلى ئۇدۇل رەسۇلۇللاھقا كېلىپ ئەھۋالنى ئېيىتتى. رەسۇلۇللاھمۇ « فاتىمە توغرا دەپتۇ. سەن ھەجگە قايسى نىيەتتە چىقتىڭ؟ » دەپ سورىدى. ئەلى دېدىكى: « يا رەببى! رەسۇلىنىڭ نىيىتى بىلەن چىقتىم، دېدىم». رەسۇلۇللاھ « ئەمما مەن يېنىمدا قۇربان كەلتۈردۈم.« دېدى ۋە يەنە بۇنى قوشۇپ : « ئۇنداقتا ئىھرامدىن سەنمۇ چىقما». (مۇسلىم ۋە ئەبۇ داۋۇت)

زۇلھەججىنىڭ 8-كۈنىگە ئۇدۇل كەلگەن تەرۋىيە كۈنى رەسۇلۇللاھ مىناغا چىقتى. پىشىن، ئەسىر، شام، خۇپتەن ۋە بامدات نامازلىرىنى مىنادا ئوقۇدى. قۇياش تۇلۇق چىققانغا قەدەر ساقلىدى ۋە ئاندىن يولغا چۈشۈپ بىر تەرىپى ئەرافات ۋە باشقا بىر تەرىپى مۇزدەلىفە گە ئېچىلغان نەمىرە ۋادىسىدە قوندى.

رەسۇلۇللاھنىڭ مىنادا ئارام ئېلىشى،  كارۋاندىكى ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى چىقىرىۋېلىشىنى مەقسەت قىلغان ئىدى. بىر باشقا سەۋەبى بولسا ۋاقتىدىن بۇرۇن ئارافاتقا چىقىپ قېلىشنى خالىمىغانلىقى تۈپەيلى ئىدى. ئەگەر ئارافاتقا بۇرۇن چىققان بولسا ئىدى ئىنسانلار بۇنى سۈننەت قىلىۋېلىپ ۋاقتىدىن بۇرۇن ئۇيەرگە چىقىش كېرەك دەپ چۈشۈنىشىۋېلىشقان بۇلاتتى.

نەمىرەدە كۈن يېرىمىغا كەلگەندە رەسۇلۇللاھ تۆگىسى قاسۋانىڭ ھازىرلىنىشىنى ئەمىر قىلدى. ۋادىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلدى ۋە مەشھۇر ۋىدا ھەججى خۇتبەسىنى سۆزلىدى. بۇ خۇتبىدە، خۇددى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۇنى تىڭشاۋاتقاندەك، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە خىتاپ قىلدى. يەريۈزىنىڭ ئەڭ كەڭ دائىرىلىك ۋە تۇنجى ئىنسان ھەقلىرى باياناتى بۇلۇش سۈپىتىنى ئالغان بۇ خۇتبە تۈۋەندىكىدەك خاتىرىلەرگە ئېلىندى.

ئەي ئىنسانلار!

قانلىرىڭىز، ماللىرىڭىز ۋە نۇمۇسلىرىڭىز،

گۇياكى شۇ سىز ئىچىدە تۇرۇۋاتقان كۈنگە ئوخشاش، بۇ ئايدەك،

شۇ مۇقەددەس تۇپراق كەبى چېقىلىشقا بولمايدىغان ۋە مۇقەددەستۇر.

شۇنى بىلىڭلاركى جاھىلىيەتنىڭ ھەرقانداق نەرسىسى ئايىقىمنىڭ ئاستىدا.

جاھىلىيەت ۋاقتىدىن قالغان قان دەۋاسى ھۆكۈمسىزدۇر.

بىكار قىلغان تۇنجى قان دەۋاسى بىزنىڭ قانلىرىمىزدىن ئىبىن رابىئا بىن ھارىسنىڭ قېنىدۇر.

جاھىلىييەتتىن قالغان ئۆسۈملەرمۇ بىكار قىلىندى. بىكار قىلغان تۇنجى ئۆسۈم،

بىزنىڭككىلەردىن ئابباس بىن ئابدۇلمۇتەللىپنىڭئۆسۈمىدۇر.

بۇندىن كېيىن ئۆسۈملەرنىڭ ھەممىسى ھۆكۈمسىزدۇر.

ئاياللىرىمىز توغرۇلۇق ئاللاھتىن ئاللاھتىن قورقۇڭلار.

سىلەر ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى قىلىپ ئالدىڭلار. يەنە ئاللاھ نامى بىلەن

ئۇلارنى ئۆزىڭىزلارغا  ھالال قىلدىڭار. خالىمىغان كىشىلەرنى خانەڭلارغا  ئالماسلىقى

سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستۈدىكى ھەققىڭلاردۇر.

ئۇلارنىڭمۇ سىلەرنىڭ  ئۈستىڭلاردا (ئۆز-ئارا ھەق ۋە مەسئۇلىيەت ئاساسىدا) ئۇيغۇن ھەقلىرى باردۇر. نەفىقىلىرىنى ۋە كىيىملىرى بىلەن تەمىنلەش ئۇلارنىڭ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىكى ھەقلىرىدىندۇر.  .

مەن سىلەرگە ئەگەر ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلساڭلار ئېزىپ كەتمەيدىغان نەرسىنى يەنى ، يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىنى قويۇپ قويىمەن.

ئاخىرەتتە مېنى سىلەردىن سورايدۇ. بۇنىڭغا نېمە دەپ جاۋاپ بېرىسىلەر؟

ھەممەيلەن بىرلىكتە « شاھادەت ئېيتىمىزكى سەن رىسالىتىڭنى تەبلىغ ئەتتىڭ،

ۋەزىپەڭنى ئادا قىلدىڭ ۋە بىزگە ياخشى تەربىيە قىلدىڭ!»

بۇ ۋاقىتتا رەسۇلۇللاھ ئىشارەت بارمىقىنى كۆتۈرۈپ شۇنداق دىدى:

شاھىت بول يا رەب!

شاھىت بول يا رەب!

شاھىت بول يا رەب!

ئۇندىن كېيىن ئەزان ئۇقۇلىشىنى ۋە قامەت كەلتۈرۈلىشىنى ئەمىر قىلدى. ئالدى بىلەن پېشىن نامىزىنى ئوقۇتتى. ئۇندىن كېيىن يەنە بىر قامەت بىلەن ئەسىر نامىزىنى ئوقۇتتى. بۇلارنىڭ ئارىسىدا باشقا بىر ناماز ئوقۇتمىدى. ئۇندىن كېيىن ئۇلۇقىغا مىندى. بىر قىيا تاشنىڭ يېنىغا كېلىپ ۋەقپىدە تۇرۇشىنى داۋام قىلدى.

ئۇندىن كېيىن مۇزدەلىفەگە قاراپ ھەرىكەت قىلدى. بۇيەردە شام ۋە خۇپتەن نامىزىنى بىرلىكتە قىلدۇردى. كېيىن شەپەققە ئاتقاتقا  قەدەر ئىستىراھەت قىلدى. يەنە ئەينى يەردە ئەزان ۋە قامەت بىلەن بامدات نامىزى قىلدۇردى.  تۈگىسى قاسۋاغا مىنىپ مەشئارىل ھارامغا كەلدى. ئۇ يەردە قىبلىگە يۈزلەندى، تەكبىر، تەھلىل ۋە تەۋھىد كەلتۈردى.

ئەتراپ يۇرىغاندىن كېيىن ، كۈن چىقىشتىن ئاۋۋال  ئالدىدا ئۇيەردىن مىناغا قاراپ ھەرىكەت قىلدى.

ئۇندىن كېيىن ئاقابە جەمرىسىگە كەلدى. بۇيەردە، ۋادىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ 7 كىچىك تاش ئاتتى.

غەززالى شەيتانغا تاش ئېتىش ھەققىدە: « شەيتان ئىبراھىمنى تېرىكتۈردى. ئىبراھىممۇ شەيتاننى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن تاش ئاتتى. ئەمما مېنى تېرىكتۈرمىدى ۋە كۆرۈنمىدى.» دەپ ئەقلىگە كۆرە  بىر تەرىزدە شەيتانغا تاش ئېتىشتىن ۋاز كېچىدىغان بىرىگە مۇنداق دەيدۇ: « بىلگىنكى خاتىرەڭگە كەلگەن بۇ پىكىرنىڭ  ئۆزى دەل شەيتاندىندۇر. سېنىڭ شەيتانغا تاش ئېتىشىڭدىكى جاسارىتىڭنى سۇندۇرۇش،  ساڭا پايدىلىق بولمىغان نەرسىنى خىيال قىلدۇرۇش ۋە « بۇ ھەرىكىتىڭ ئويۇنغا ئوخشايدۇ، نىمە ئۈچۈن بۇ ئىشقا زامان ئايرىيدىغانسەن؟» دېيىش ئۈچۈن سېنىڭ قەلبىڭگە بۇ پىكىرنى قويغاندۇر. جىددى بىر غەيرەت بىلەن بۇ شەيتاننى تاش بىلەن ئۇرۇپ بۇ پىكىرنى ھەيدە. مۇشۇنداق قىلالىساڭلا شەيتاننىڭ بۇرنىنى قانىتىپ يەرگە سۈرتكەن بۇلىسەن. شۇنى بىلگىنكى سەن كۆرۈنۈشتە ئاقابەدە شېغىل تاشلارنى ئاتىسەن. ھەقىقەتتە بولسا تاشلارنى شەيتاننىڭ دەل ئۆزۈگە ئېتىپ بېلىنى سۇندۇرىسەن. چۈنكى شەيتاننىڭ بۇرنىنى يەرگە سۈرتۈش پەقەت ئاللاھنىڭ ئەمرىگە تولۇق تەسلىم بۇلۇش بىلەن بۇلۇدۇ.»

سائىب بىن مالىكتىن: «ھەجدە  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام  بىلەن بىرلىكتە قايتقىنىمىزدا، ئىچىمىزدىن بەزىلەر

« مەن ئالتە تاش ئاتتىم »، بەزىلىرى بولسا « مەن يەتتە تاش ئاتتىم »

دىيىشكەن بولسىمۇ ئەمما بىر بىرمىزنى ئەيىپلەشمىگەن ئىدۇق.»

ئاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ قۇربانلىق قىلىدىغان يەرگە كەلدى ۋە ئۆز قۇلى بىلەن قۇربانلىقنى بۇغۇزلىدى. بۇنى ئاللاھنىڭ ئۆزۈگە بېغىشلىغان ھەر يىلىغا بىردىن شۈكۈر نىشانىسى بوپقالسۇن دەپ قىلغان ئىدى.  قۇربانلىقلىرىنىڭ گۆشىدىن يېدى ۋە ئۇنىڭ سۈيى بىلەن پىشۇرۇلغان شورپىدىن ئىچتى.

ئۇنىڭدىن كېيىن رەسۇلۇللاھ كەبىگە قاراپ يولغا چىقتى، پىشىن نامىزىنى كەبىدە قىلدى، تاۋاپ قىلدى ۋە زەم-زەم سۈيىدىن ئىچتى.

مىنا كۈنلىرى تۈگىگەندە ئەبتاخقا چۈشۈپ، ۋىدا قىلىشتىن بۇرۇنقى ئەڭ ئاخىرقى تاۋىپىنى قىلدى ۋە ئۇيەردىن ئايرىلدى.

باشقا بىر رىۋايەتكە قارىغاندا رەسۇلۇللاھ بۇ ھەجدىن  55كۈن كېيىن ئەبەدىلىك يۇرتۇغا يۈرۈپ كەتكەن ئىدى.

ئەلھەمدۇلىللاھى رەببىل ئالەمىيىن!!

ماڭا بۇ ئەقىل ۋە قۇدرەتنى بەرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ساڭا ساناقسىز شۈكۈرلەر بولسۇن!

دادامنىڭ روھى پىردەۋىس جەننەتتە بولسۇن!

ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان بەدەل ھەججىمنى قۇبۇل قىلغىن!ئى ئاللاھ

( تۈگۈدى)

ئەسكەرتىش: بۇ ئەسەر ئۇستاز مۇستافا ئىسلامئوغلىنىڭ «ھەج رىسالىسى» ناملىق ئەسىرىگە ئاساسەن مەككە مۇكەررەمدە تەرجىمە قىلىنىپ، تەھرىرلەنگىنىنى ئۇدۇللىق كۆكلەم، ئىزدىنىش،  ۋە باشقا توربەتلىرىدە ئېلان قىلىپ كەلگەن ئىدۇق. بۈگۈن ئەڭ ئاخىرقى تىما تەھرىرلىنىپ ئېلان قىلىندى. بېشىدىكى مەزمۇنغا قىزىققانلار كۆكلەم تورىدىكى يازمامدىن كۆرۈۋالساڭلار بۇلىدۇ. http://koklem.net/forum.php?mod=viewthread&tid=2471

ئىنشا ئاللاھ كىتاپ پات يېقىندا نەشىردىن چىققۇسى!

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top