You Are Here: Home » ئومۇمى » مەشھۇر ئالىم ستېفېن ھوكىڭ ئىسرائىلىيەدىكى يىغىننى بويكوت قىلدى

مەشھۇر ئالىم ستېفېن ھوكىڭ ئىسرائىلىيەدىكى يىغىننى بويكوت قىلدى

howking_boykot_israil

دۇنياغا داڭلىق فىزىكا ئالىمى سىتىفىن خاۋكىڭ ئىسرائىلىيەدىكى يىغىننى بايقۇت قىلدى

سىتىفىن خاۋكىڭ (Stephen Hawking) ئەسلىدە بۇ يىل 6-ئايدا ئىسرائىلىيىدە ئېچىلىدىغان بىر ئىلمىي يىغىنغا قاتنىشىشنى پىلانلىغان بولۇپ، 8-ماي كۈنى ئۇ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىسرائىلىيىدىكى ئاكادېمىكلار بىلەن بولغان ئالاقىنى بايقۇش قىلىش چاقىرىقىغا ھۆرمەت قىلىش نۇقتىسىدىن، يۇقىرىقى يىغىنغا بېرىش پىلانىدىن ۋاز كەچكەن.

خاۋكىڭنىڭ بۇ قارارى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئالىملارنىڭ بىرى ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قوللانغان مۇئامىلىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئويۇشتۇرۇلغان بايقۇت قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. خاۋكىڭ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان مەزكۇر ئىستراتېگىيىنى قوللىغان ئەڭ داڭلىق شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خاۋكىڭ بايقۇت قىلغان يىغىننىڭ ئىسمى «2013-يىللىق ئەتىگە يۈزلىنىش يىغىنى» (Facing Tomorrow 2013) بولۇپ، ئۇنى ئىسرائىلىيە پرېزىدېنتى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ يىلقى يىغىن 5-قېتىملىق يىغىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىغىندا ئىسرائىلىيە پرېزىدېنتى ھەر خىل كەسپىي ساھەلەردىكى دۇنياغا داڭلىق باياناتچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى يىغىپ، دۇنيادا ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ. يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىلىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىغىننىڭ تۈپ مەقسىدى، ھازىرقى قىيىن مەسىلىلەرنى ئېنىقلاپ چىقىش ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىپ چىقىش ئىكەن.

مەنبە: http://www.washingtonpost.com/world/middle_east/physicist-stephen-hawking-wont-attend-israeli-conference-cites-personal-reasons/2013/05/08/98521b3c-b7c2-11e2-b568-6917f6ac6d9d_story.html

Comments (4)

  • ئەركىن سىدىق

    ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچىلار،
    ئەگەر مۇمكىن بولسا ئەسلىدىكى تېمىنىڭ ئورنىغا تۆۋەندىكىنى قويۇپ قويغان بولساڭلار. رەخمەت.
    =====================================

    دۇنياغا داڭلىق فىزىكا ئالىمى سىتىفىن خاۋكىڭ ئىسرائىلىيەدىكى يىغىننى بايقۇت قىلدى

    سىتىفىن خاۋكىڭ (Stephen Hawking) ئەسلىدە بۇ يىل 6-ئايدا ئىسرائىلىيىدە ئېچىلىدىغان بىر ئىلمىي يىغىنغا قاتنىشىشنى پىلانلىغان بولۇپ، 8-ماي كۈنى ئۇ پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىسرائىلىيىدىكى ئاكادېمىكلار بىلەن بولغان ئالاقىنى بايقۇش قىلىش چاقىرىقىغا ھۆرمەت قىلىش نۇقتىسىدىن، يۇقىرىقى يىغىنغا بېرىش پىلانىدىن ۋاز كەچكەن.

    خاۋكىڭنىڭ بۇ قارارى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئالىملارنىڭ بىرى ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قوللانغان مۇئامىلىسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئويۇشتۇرۇلغان بايقۇت قىلىش پائالىيىتىگە قاتناشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. خاۋكىڭ ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش ئۈچۈن يولغا قويۇلغان مەزكۇر ئىستراتېگىيىنى قوللىغان ئەڭ داڭلىق شەخسلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    خاۋكىڭ بايقۇت قىلغان يىغىننىڭ ئىسمى «2013-يىللىق ئەتىگە يۈزلىنىش يىغىنى» (Facing Tomorrow 2013) بولۇپ، ئۇنى ئىسرائىلىيە پرېزىدېنتى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ يىلقى يىغىن 5-قېتىملىق يىغىن بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىغىندا ئىسرائىلىيە پرېزىدېنتى ھەر خىل كەسپىي ساھەلەردىكى دۇنياغا داڭلىق باياناتچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەرنى يىغىپ، دۇنيادا ھازىر مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىلىرى ئۈستىدە ئىلمىي مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ. يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىلىرىنىڭ دېيىشىچە، بۇ يىغىننىڭ تۈپ مەقسىدى، ھازىرقى قىيىن مەسىلىلەرنى ئېنىقلاپ چىقىش ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش چارىلىرىنى تېپىپ چىقىش ئىكەن.

  • غۇلامجان

    سىزدىن سوراپ باقسام «بويكوت» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نىمە؟

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top