مېنىڭ ئېتىقادىم ۋە دۇنيا قارىشىم: تەۋھىد – ئەلى شەرىئاتى
مېنىڭ ئېتىقادىم ۋە دۇنيا قارىشىم تەۋھىتتىن ئىبارەت. بارلىق ئىجتىھاتچىلار تەۋھىدنى بىر ئېتىقاد سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشىدۇ، ئەلۋەتتە. لېكىن مەن بۇ يەردە تەۋھىدنى دۇنيا قارىشى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچىمەن. مېنىڭ تەۋھىدنى دۇنيا قارشى سۈپىتىدە كۆرۈشىمدىكى مەقسەت شۇكى، پۈتۈن دۇنيانىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەت، فىزىكا ۋە مېتافىزىكا، ماددا ۋە مەنە، روھ ۋە جىسىمغا ئايرىلغان شەكىلدە ئەمەس، بەلكى يېگانە بىرلىك سۈپتىدە چۈشۈنۈشتۇر، يەنى بارلىق مەۋجۇداتنىڭ يالغۇز يېگانە ئىرادە، ئەقىل، تۇيغۇ ۋە غايىگە ئىگە بولغان، جانلىق،تىرىك ۋە ئاڭلىق بىر گەۋدە سۈپىتىدە كۆرۈشنى كۆزدە تۇتماقچىمەن. كۆپىنچە كىشلەر تەۋھىدكە ئىشىنىدۇ. لېكىن يالغۇز بىر دىنى ياكى پەلسەپىۋى قاراش سۈپىتىدە ئىشىنىدۇ. ئاللاھ بىردۇر، شېرىكى يوقتۇر. بۇنىڭ ئۆزىلا كۇپايە، ئەلۋەتتە. ئەمما مەن تەۋھىدنى بىر دۇنيا قارشى سۈپىتىدە چۈشۈنۈشنى تاللىۋالدىم ۋە ئىسلامنىڭ بۇنى بۇ ئاتالغۇ بىلەن مەسىلە سۈپىتىدە ئىزاھلايدۇ، دەپ قارايمەن. ئوخشاش شەكىلدە، شېرىككىمۇ ئوخشاش نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىمەن. يەنى شىېرىكمۇ بىر خىل دۇنيا قارىشىدۇر. دۇنيانىڭ ئايرىلىقلار، زىددىيەتلەر، كېلىشەلمەيدىغان، قۇتۇپلاشقان، بىر-بىردىن تامامەن ئايرىلغان نەرسىلەر، مايىللىقلار، ھېسابلار، پرىنسىپلار، نىشانلار ۋە ئىرادىلەر بىلەن تولۇپ تاشقان تەرتىپسىز بىر نەرسە سۈپىتىدە چۈشۈنۈشىلىشىدۇر. تەۋھىد دۇنيانى بىر ئىمپېراتورلۇق سۈپتىدە كۆرىدىغان بولسا، شېرىك بىر فېئودالىزم سۈپىتىدە كۆرىدۇ.
بۇ نۇقتىدىن قارالغىنىدا، ماتېرىيالىزم ياكى ناتۇرالىزم ئوتتۇرىسىدىكى پەرق مۇنداق بولىدۇ: مەن دۇنيانى تىرىك، جانلىق، ئىرادىلىك، ئاڭلىق، غايىلىك ۋە مۇئەييەن نىشانغا ئىگە بولغان بىر مەۋجۇدىيەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىمەن. مەۋجۇداتمۇ ھايات، ئىرادە، تۇيغۇ ۋە نىشانغا ئىگە بولغان رىتىملىق تەرتىپكە ئىگە جانلىق بىر نەرسىدۇر. خۇددى مۇتلەق ئۇلۇغ ئىنسانغا ئوخشاش ( دۇنياغا ئوخشايدىغان بىراق كەم، كىچىك ۋە نىسپىي ئىنساننىڭ زىتىغا ئوخشاش). يەنى ئىرادە، يارىتىش روھىغا باي ۋە غايىلىك بىر ئىنساننى مۇتلەقلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ بارلىق تەرەپلىرىنى ئۈلگە سۈپىتىدە تەرەققىي قىلدۇرساق دۇنياغا ئېرىشكەن بولىمىز. ئىنسان ۋە تەڭرى مۇناسىۋىتى، فىزىكا ۋە مېتافىزىكا مۇناسىۋىتى، تەڭرى ۋە تەبىئەت مۇناسىۋىتى قاتارلىق ئېيتىملارنى تەكىتلەشنى پەقەتلا ياقتۇرمايمەن. بۇنى يورۇقلۇقنىڭ يېنىۋاتقان لامپۇچكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى، گەۋدىنىڭ ئۆزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى دائىرىسىدە ئىزاھلاشنى مۇۋاپىق، دەپ قارايمەن. ئاڭ گەۋدىدىن ئايرىم ئەمەس. ئەمما ئاڭ گەۋدىنىڭ بىر پارچىسى ئەمەس. گەۋدىنىڭ ئۆزى ئەمەس، بىراق گەۋدىگە ياتمۇ ئەمەس، بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاڭسىز بىر گەۋدە پۇراپ كەتكەن بىر لەشتۇر، خالاس. مۇشۇنداقمۇ ئەمەسمۇ؟ مەن ۋەجدەتى ۋۇجۇدقا، كۆپ تەڭرىلىككە، ئۈچلۈك ئېتىقادىغا ۋە دۇئالىزىمغا ئەمەس، پەقەتلا تەۋھىدكە ئىشىنىمەن. تەۋھىد ئەسلىدە دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك ئالاھىدە چۈشىنىش شەكلىدۇر. تەۋھىدى دۇنيا قارىشى، مەۋجۇداتتا بىرلىكنى كۆرسىتىدۇ. بىر بىرىدىن ئايرىم بولغان ئۈچ ئاساسلىق ئامىل ئوتتۇرىسىدا بىرلىك تەڭرى، تەبىئەت ۋە ئىنساندۇر. چۈنكى مەنبە بىردۇر، ھەممىسىنىڭ بىرلا تەرىپى بار بولۇپ ھەممىسى يىگانە ئىرادە ۋە روھ بىلەن ھەرىكەت قىلىدۇ ۋە ھاياتقا ئىگە بولىدۇ. بۇ دۇنيا قارىشىدا مەۋجۇتلۇق ئىككى ئېتىبارلىق تەرەپكە ئايرىلىدۇ. غايىپ ۋە شاھادەت، يەنى ئاڭلانغان ۋە ئاڭلانمىغان ياكى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش ۋە تەجرىبىمىزدىن ئۇزاق بولغان ۋە ئاڭلاش قابىليىتىمىزدىن خالىي بولغان نەرسە بىلەن ئاشكارە نەرسىدۇر. بۇ بولسا قانداقتۇر دۇئالىزم بولماستىن، ئىنسانغا ۋە ئۇنىڭ بىلىم ۋە ئۇچۇر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن نىسپىي بىر بۆلۈنۈش ھېسابلىنىدۇ. غايىپ ۋە شاھادەت شەكىلدە تۈرگە ئايرىش، ئەمەلىيەتتە كائىنات نەزەرىيىسىنىڭ تېمىسى بولماستىن، بىلىش نەزەرىيىسىنىڭ تېمىسىدۇر. بۇ مەنتىقلىق بىر تۈرگە ئايرىش بولۇپ بىلىممۇ بۇنى قوبۇل قىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، بۇخىلدىكى تۈرگە ئايرىشنى قوللىنىۋاتىدۇ.
ئېينىشتېين، ماددىنىڭ شەكىللىنىشىگە ماددى دۇنيانىڭ تۇنجى ۋە ئاساسلىق ئۇلى سۈپتىدە ئىشىنىدىغان ۋە ئېنېرگىيەنىڭ ئۆزگەرگەن ۋە شەكلى دەپ ھېسابلايدىغان ماتىرىيالىستلارغا ۋە بۇنىڭ ئەكسىچە ئېنېرگىيەنى يېگانە مەنبە ۋە ماددىنى ئۇنىڭ ئۆزگەرگەن ۋە سىقىلشتۇرۇلغان شەكلى ھېسابلايدىغان ئېنېرگىيەپەرەستلەرگە قارشى شۇنى جاكارلىدىكى، قاراڭغۇ ئۆي تەجرىبىسى ماددا ۋە ئېنېرگىيە ئىچىدىن ھېچ قايسىسىنىڭ مەۋجۇتلۇق دۇنياسىنىڭ ئۆزى ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. ھەتتا بۇ ئىككىسى بىر-بىرىگە شۇنچىلىك تېز ئايلىنىدۇكى، بۇ ئايلىنىش ھەر ئىككىلىسىنىڭ كۆرۈنمەس ۋە تونۇش مۇمكىن بولمىغان بىر ئۆزنىڭ بىر-بىرىنىڭ كەينىدىن كېلىدىغان كۆرۈنۈشلىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئۆزنىڭ بەزىدە ماددى شەكىلدە، بەزىدە بولسا ئېنېرگىيە شەكلىدە كۆرۈنۈشكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى، ئۆزىنى بۇ ئىككى شەكىلدە نامايەن قىلىدىغانلىقىنى ۋە فىزىكا ئىلمىنىڭ ئاڭلىغىلى بولمايدىغان مەۋجۇداتنىڭ يالغۇز بۇ ئىككى كۆرۈنۈشىگە مۇناسىۋەتلىك بولالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تەۋھىدى دۇنيا قارىشىدا تەبىئەت يەنى شاھادەت ئالىمى، ئايەتلەر ۋە سۈننەتلەر تەرتىپىدىن تەشكىل تاپقان.
ئايەت ئىبارىسىنىڭ تاللاپ ئىشلىتىلىشى، ئىنسانىي ھەيران قالدۇرىدىغان ۋە چوڭقۇر ئويغا سالىدىغان تەبىئەت ھادىسىلىرىنى ئىزاھلاش ئۈچۈندۇر. دېڭىز، ياغاچ، كېچە، كۈندۈز، يەر، ئاسمان، قۇياش، يەر تەۋرەش، ئۆلۈم، كېسەللىك، ۋەقە ھەتتا ئىنساننىڭ ئۆزى بىرەر ئايەتتۇر. ئوخشاش ۋاقىتتا، ئايەت ۋە ئاللاھ بىر-بىرىدىن ئايرىم بولغان ئىككى ئاساس، ئىككى خىل ماھىيەت، ئىككى دۇنيا ۋە ئىككى قۇتۇپ ئەمەس. ئايەت ئىشارەت ۋە بەلگە دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ ئاتالما بىلەن ئوخشاش مەنىلىك سۆز بولغان ھادىسە ئاتالمىسى، يالغۇز فىزىكىدىلا ئەمەس، باشقا بىلىملەردىمۇ كەڭ ئىشلىتىلمەكتە. فېنومېنولوگىيە (ھادىسىشۇناسلىق) ئومۇمەن مۇنۇ ئاساسلارغا تايىنىدۇ: مۇتلەق، ئەمەلىيەت، ھەقىقەتنىڭ ئاساسىي، دۇنيانىڭ، تەبىئەتنىڭ ۋە ماددىنىڭ ئۆزى قاتارلىقلاردۇر. يەنى بىز قەتئىي ئېرىشكىلى بولمايدىغان نەرسىلەردۇر. مەۋجۇت بولغان، ئاڭلىغىلى بولىدىغان، ئىلمىي جەھەتتىن تەتقىق قىلىپ تونۇشقا ئىمكان بولىدىغان، تەجرىبە قىلغىلى ۋە تەتقىق قىلغىلى بولىدىغان نەرسىلەر كۆرگىلى ۋە ئاڭلىغىلى بولمايدىغان ئەسلىدىكى ھەقىقەتنىڭ تاشقى ۋە ئاڭلىغىلى بولىدىغان كۆرۈنۈشلىرى، ئىشارەتلىرى ۋە بەلگىلىرىدۇر. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، فىزىكا، خىمىيە، پىسخولوگىيە قاتارلىق بىلىملەر دۇنيا ۋە روھ ھەقىقىتىنىڭ يالغۇز كۆرگىلى ۋە ئاڭلىغىلى بولىدىغان قىسمىنى تەتقىق قىلىپ تونۇشقا مۇيەسسەر بولماقتا. چۈنكى بىزگە نىسبەتەن كۆرگىلى ۋە ئاڭلىغىلى بولىدىغان تەبىئەت بۇ ئىشارەت،كۆرۈنۈش ۋە بەلگىلەردىن تەشكىل تاپقان بىر يۈرۈش تەرتىپلەردىن ئىبارەت.
بارلىق دىن، بىلىم ۋە پەلسەپىگە ئائىت كىتابلار ئىچىدە تەبىئەتتىكى شەيئى ھادىسىلەرنى، بارلىق ھەقىقەتلەرنى ۋە ئۆزگىرىشلەرنى ئايەت دەپ ئاتىغان يالغۇز قۇرئانى كەرىمدۇر. ئەلۋەتتە، ئىسلام تەسەۋۇپىدا ۋە بۇنىڭدىن سىرت ۋاھدەتى ۋۇجۇد قاتارلىق پەلسەپىۋى ئېقىملاردا ماددى ئالەم تەڭرىنىڭ ياكى ھەقىقەت مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۆزى بولغان مۇتلەق ھەقىقەتنىڭ پايانسىز، شەكىلسىز ۋە رەڭسىز ئوكياننىڭ يۈزىدە شەكىللەنگەن دولقۇنلار ۋە كۆپۈكلەر سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ. ياكى ئىدېئالىزم، دىنى ۋە ئەخلاقىي پەلسەپە ئېقىملىرىدا، تەبىئەت تەڭرى ۋە ئىنسانغا قارشى چىققان پەس، ئەرزىمەس نەرسە ۋە ھادىسىلەردىن تەركىپ تاپقان بىر سىستېما سۈپىتىدە كۆرۈلىدۇ. قۇرئانى كەرىمدە بولسا ئايەتلەرگە زور دەرىجىدە ئىلمىي قىممەت بېرىلگەن بولۇپ، ئايەتلەر ھەقىقەتنى يوشۇرغان پەردىلەر ئەمەس، ئەكسىچە ھەقىقەتنىڭ ئىشارەتلىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىپ، بۇلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇش ياكى نەزەردىن ساقىت قىلىش ئەمەس، ئۇلار ئۈستىدە ئىلمىي ۋە ئەستايىدىل تەپەككۇر قىلىش ۋە ئۇلارنى ھەقىقى مەنىسىدە چۈشۈنۈپ ھەقىقەتكە يەتكىلى بولىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنمەكتە.
ئايەتلەرنى يەنى دۇنيا كۆرۈنۈشلىرىنى بۇ شەكلىدە چۈشىنىش بۇرۇنقى ئىرپانى ئىلىملەرنىڭ ئەمەس يېڭى بىلىمنىڭ چۈشىنىش دائىرىسىگە يېقىنراق كېلىدىغانلىقىغا شاھىت بولۇۋاتىمىز. بۇ سۇپىزىملىق ۋەھدى ۋۇجۇد بولماستىن، ھەل قىلىشچان ئىلىمى ۋە تەۋھىدى ۋۇجۇدتتۇر. تەۋھىدتە كۆپلۈكنىڭ، خىلمۇ-خىللىقنىڭ ۋە شېرىكنىڭ نە مەۋجۇداتتا، نە تارىختا، نە جەمئىيەتتە، نە ئىنساننىڭ ئۆزىدە قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن ئەمەس. خۇلاسىلىغاندا تەۋھىد فىزىكىنىڭ مېتافىزىكا بىلەن، ئىنساننىڭ تەبىئەت بىلەن، ئىنساننىڭ ئىنسان بىلەن، تەڭرىنىڭ دۇنيا ۋە ئىنسان بىلەن بىرلىكىنى ئىزاھلاپ، ھەممىسىنى ماسلىشىشچان، تىرىك، جانلىق ۋە ئاڭلىق يىگانە بىر ئورگاندا تەسۋىرلىمەكتە.
تەۋھىدى ئاستى قۇرۇلمىنىڭ دۇنيادا زىددىيەت ۋە ئايرىلىقنى قەتئىي قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن ئىدىم. شۇڭا مەۋجۇداتنىڭ زىددىيىتى ئىنسان ۋە تەبىئەتنىڭ، روھ ۋە جىسىمنىڭ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتنىڭ، ماددا ۋە مەنىنىڭ زىددىيىتى، بۇنىڭدىن سىرت قانۇنى، سىنىپىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي، مىللىي زىددىيەت، زېمىن، قان ۋە نەسەپ زىددىيىتى قاتارلىقلار تەۋھىدى دۇنيا قارىشىدا ئورنى يوق بولغان نەرسىلەردۇر. چۈنكى تەۋھىد، مەۋجۇداتقا بىرلىك نۇقتىسىدىن قارايدۇ.
فىزىكا ۋە مېتافىزىكا، ماددا بىلەن مەنە، بۇ ئالەم بىلەن ئۇ ئالەم، ئاڭلانغان بىلەن ئاڭلانمىغان، روھ بىلەن جىسىم، ئەقىل بىلەن ئىدراك، بىلىم بىلەن دىن، دىن ئىلىملىرى بىلەن تەبئىي پەن بىلىملىرى،خەلققە خىزمەت قىلىش بىلەن ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن ئىشلەش، سىياسەت بىلەن دىن، مەنتىق بىلەن ئاشق، نان بىلەن چوقۇنۇش، تەقۋالىق بىلەن مەسئۇلىيەت، تۇرمۇشنى قامداش ئارقىلىق ياراتقۇچىغا يۈزلىنىش ۋە دۇنيا بىلەن ئاخىرەت زىددىيىتى، باشلىق بىلەن پۇقرا، سوتچى بىلەن مەھبۇس، قارا بىلەن ئاق، ئاقسۆڭەك بىلەن تۆۋەن تەبىقە، شەرقلىق بىلەن غەربلىك، بەختلىك بىلەن بەختسىز، قاراڭغۇلۇق بىلەن ئايدىڭلىق، ياخشىلىق بىلەن يامانلىق، يۇنانلىق بىلەن بەربەر ئەرەب ۋە پارسلار، ئىرانلىق بىلەن باشقىلار، كاپىتالىست بىلەن پرولېتارىيات قاتارلىق ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتتە كۆرۈلگىنىگە ئوخشاش شېرىك دۇنيا قارىشى بىلەن يەنى، دۇئالىزم، كۆپ تەڭرلىك ئېتىقادلار بىلەن دۇنيانى بۆلۈنۈپ كەتكەن ۋە كۆپ پارچە ھالىتىدە كۆرۈش مۇمكىن. بۇ سەۋەبتىن، شېرىك دۇنيا قارىشى تارىختىن بېرى ئىجتىمائىي ۋە سىنىپىي شېرىكنىڭ ئاستى قۇرۇلمىسىنى تەشكىل قىلىپ كەلگەن. ياراتقۇچىنىڭ كۆپلۈكى ئەمەلىيەتتە ياراتىلغۇچىنىڭ كۆپلۈكىنىڭ ئىزاھىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. شېرىك دۇنيا قارىشىدا تەڭرىلەرنىڭ زىددىيىتى ئىنسانلارنىڭ زىددىيىتىنى تەبئىي ۋە مۇقەددەس كۆرسىتىپ كەلگەن. تەۋھىد بولسا بارلىق شېرىكلىكلەرگە قارشى چىقماقتا. تەۋھىدتە زەرىچىلەرنىڭ جىمى ۋە مەۋجۇداتنىڭ بارلىق ئۆزگىرىش ۋە كۆرۈنۈشلىرى رىتىم ئىچىدە ھەرىكەت قىلماقتا ۋە تاق بىر يۆنىلىشكە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە. بۇ تەرەپكە قاراپ ھەرىكەت قىلمىغانلار بولسا ئاخىرقى ھېسابتا يوق بولىدۇ.
ئىنساننىڭ بارلىق ئىجتىمائىي كۈچلەرگە بولغان بېقىندىلىقىنىڭ رەت قىلىنىشى ۋە ئىنساننىڭ ھەر جەھەتتە ئۆزىگە خاس بېقىندىلىقىنىڭ ئاڭ بىلەن ۋە مەۋجۇداتقا ھۆكۈمران بولغان ئىرادە بىلەن بولۇشى، تەۋھىدى دۇنيا قارىشىنىڭ ئاساسى، بارلىق يۆنىلىش ۋە مەقسىتى، ئېتىقادى ۋە ئېھتىياج ھېس قىلغان تەرىپى بىلەن بىرلىكتە بىر مەركىزى نۇقتا شەكىللەندۈرۈلگەن دۇنيادىكى بارلىق ھەرىكەتلەر ئۇ يىگانە ماھىيەت ئەتراپىدا ئايلانماقتا. بارلىق زەرىچىلەر، كائىنات بارلىق نەرسىلەر مەركەزگىچە بولغان ھەر نۇقتا بىلەن نۇر تەڭ بولغان بىر دائىرىدە ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ بولسا، مەۋجۇداتنىڭ مەنىۋى ۋە كۈچلۈك مەركىزى ھېسابلىنىدۇ. يەنى مەۋجۇداتنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسىگە ھۆكۈمران بولغان پەقەت ۋە پەقەت ئىرادە، ئاڭ ۋە كۈچتۇر. يەر، ئىنسان، كەبە، تاۋاپمۇ ئىجتىمائىي جەھەتتە دۇنيانىڭ ھەققىي جىسىملىشىشى بولۇپ، بۇ مەنىگە ھەقىقىي تۈس بەرمەكتە ۋە دۇنيا قارىشىدىن ھەققىي بىر كۆرۈنۈش سۇنماقتا.
تەۋھىدى دۇنيا قارىشىدا ئىنسان يالغۇز بىرلا كۈچتىن قورقىدۇ، يېگانە بىر سوتچىنىڭ ئالدىدا سوتلىنىدۇ. بىرلا قىبلىگە يۈزلىنىدۇ.بۇنىڭ زاتى تۆۋەندىكىچە: ئۇنىڭدىن باشقا ھەر نەرسە ھېچبىر. ئەرزىمەپتۇ. باشقا بارلىق تىرىشچانلىقلار، ئىزدىنىشلەر، رەڭگارەڭ قورقۇشلار، تەمەخورلۇقلارنىڭ ھەممىسى مەنىسىز، پايدىسىز ۋە ئەرزىمەستۇر.
بۇ سەۋەبتىن تەۋھىد، ئىنسانغا ئەركىنلىك ۋە ھۆرمەت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ. يالغۇزلا ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە تەسلىم بولۇش ئىنسانىي قورقۇنچاقلىق ۋە ئاچكۆزلۈكنىڭ پەسلەشتۈرگۈچى ئۇنسۇرلىرى ۋە ئالدامچى كۈچلەر ئالدىدا ئىسيان قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ.