ئۆلىمالارنىڭ ۋەزىپىسى
قەدىمدە مەلۇم بىر ئىسلام يۇرتىغا كاپىرلار ھۇجۇم قىپتۇ.خەلىق ئۆزىنىڭ پادىشاھىنىڭ رەھبەرلىكىدە قانچىلاپ كۆرەش قىلىپمۇ ئاخىرى مەغلۇپ بوپتۇ ۋە ئۇلارغا مۇستەملىكە بولۇپتۇ.كاپىرلار ئۇزۇن كۆرەشلەردىن كىيىن مۇسۇلمان رەھبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپتۇ ۋە ئەسىر ئاپتۇ ،ۋە خەلىقنى ئاران دىگەندە تىنجىتىپتۇ.
ئەسىرگە چۈشكەنلەرنىڭ ئىچىدە بىر ئۆلۈما كىشى بولۇپ خەلىق ئۇنى بەكمۇ ھىمايە قىلىدىكەن،ۋە ئۇنىڭ سۆزلىرىنى شەرىئەت دەپ بىلىدىكەن.كاپىرلارنىڭ پادىشاھى ئۇنىڭ ئىناۋىتىدىن پايدىلىنىپ خەلىقنى ئۆزىگە تولۇق بويسۇندۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ دىينىغا كىرگۈزۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا نۇرغۇن خىزمەت ئىشلەپمۇ ئۇنى ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلىششقا قايىل قىلالماپتۇ.ئاخىرى ئۇلار ئۇنى ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلارنىڭ زىندانىغا قامىشىپتۇ.
ئۆلۈم ئىجرا قىلىنىدىغان كۈننىڭ ئالدىنقى كۈنى پادىشا ئۇنىڭغا ئەگەر ئۇ كىشىلەر توپلاشقان سورۇندا چوشقا گۆشىدىن بىر چىشلەم يىسە ئۇنى ھايات قويىدىغانلىغى ۋە خالىغان جايغا كىتىشكە رۇخسەت قىلىدىغانلىغى ھەققىدە تەكلىپ كىرگۈزۈپتۇ.ئۇستاز بۇ گەپنى قەتئى رەت قىپتۇ .
مۇستەملىكىچىلەرنىڭ كاتتا مەنسەپدارلىرى ئارىسىدا بۇ ئۆلىمانىڭ بۇرۇنقى ئىخلاسمەنلىرىدىن بىرى بولۇپ ئۇ مەخپى رەۋىشتە ئۆزىنىڭ ئامالسىز كاپىرغا خىزمەت قىلغانلىغىنى ،ئۇستازنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇپ قىلىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ خىزمەت كۆرسەتكۈسى بارلىغىنى يەتكۈزۈپتۇ.مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق ئۇستاز بۇ ئىشقا قوشۇلىدىغان، ئۇستازنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولماسلىغى ئۇچۈن بۇ ئەمەلدار ئۇنىڭ ئالدىغا قويۇلىدىغان چوشقا گۆشنى قوي گۆشىگە ئالماشتۇرۇۋىتىدىغان، مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئۇستاز ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدىغان بولۇپ پىلان تۈزۈشۈپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇستاز كاپىرلار پادىشاھىغا ئۆزىنىڭ چوشقا گۆشىنى يىيىش ئارقىلىق جىنىنى ساقلاپ قالىدىغانغا رازى بولغانلىغىنى يەتكۈزۈپتۇ.
شەھەردىكى ھازىر مەجبۇرى بۇتخانىغا ئايلاندۇرۇلغان ئەڭ چوڭ مەسجىد ئالدىدىكى مەيدانغا كىشىلەر توپلىشىپتۇ.مەسجىد ئالدىدىكى سۇپىغا كاتتا سورۇن ھازىرلىنىپ ئۇستاز كەلتۈرۈلۇپتۇ.
ئۇستازنىڭ ئالدىغا كىشلەر ئالدىدا يىيىش ئۈچۈن بىر داس گۆش كەلتۈرۈلۈپتۇ.
ئۇستاز خىيالىدا (ھالال ساناپ گۈناھنى مەقسەت قىلماستىن ھاياتنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئامالسىز ھارام نەرسىنى يىسە ئاللاھ كەچۈرىدۇ ،)دىگەن ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن ھايات بىلەن ئۆلۈمنى تاللاش پەيتىدە يىگىنىم چوشقا گۆشى بولغان تەقدىردىمۇ بىر پارچە چوشقا گۆشى يىيىش بىلەن ھاياتىمنى قۇتقۇزۇپ قىلىپ، قالغان ئۆمرۈمدە ئاللاھقا ئىستىغفار ئىيتساممۇ بولاتتى ،لىكىن ھازىر مىنىڭ يەيدىغىنىم ھىلىقى قىرىندىشىم ئالماشتۇرىۋەتكەن ھالال گۆش،دىمەك مەن ھىچقانداق گۇناھكار بولمايمەن ھەم ھاياتىمنى ساقلاپ قالىمەن دىگەن خىيالدا سورۇنغا كەلگەن ئۇستاز ،سورۇنغا كىلىپ ئۆزىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىشنى كۈتۈۋاتقان جامائەتنى كۆرۈپتۇ.بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئاز بولمىغان ياش ۋە سەبى گۆدەكلەر ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ.ئۇلارمۇ ئۆز نەزىرىدىكى بۇ ئۇلۇق ئادەمنى راستىنلا چوشقا گۆشىنى يەمدىغاندۇ دەپ كەلگەن ئىكەن.
ئۇستاز كاپىرلارنىڭ مەقسىدىنى چۈشىنپ يىتىپتۇ،ئۇنىڭ نىشانى ئۆزگىرىپتۇ.
ئۇستاز قەتئى نىيەتكە كەپتۇ .
مەن بۇ گۆشنى يىمەيمەن ،مۇسۇلماننىڭ بۇ گۆشنى يىيىشى ھارام.
ئۇنىڭ جاۋابىنى ئاڭلاپ ،ئۇستازنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىنىنى ئالقىنىغا ئىلىپ قىلغان ئىشلىرىنىڭ بىكار بولۇپ كىتىشىدىن تىت- تىت بولغان ھىلىقى ئەمەلدار ئۆزىنىڭ گۆشنى ئالماشتۇرۇۋەتكىنىنى ھارام گۆش ئەمەسلىگىنى ئىشارەت قىلىپتۇ.ئاخىرى بولماي بىر باھانىلەر بىلەن ئۇستازنىڭ يىنىغا كىلىپ قۇلىقىغا، مەن گۆشنى ئالماشتۇرۇۋەتكەن ،خاتىرجەم بولسىلا دەپتۇ.
ئۇستاز ئۇنىڭغا ،تۆۋەندىكىلەرگە قارا ،ئۇلارمۇ سىنىڭ گۆشنى ئالماشتۇرۇۋەتكىنىڭنى بىلەمدۇ ،دەپتۇ.
ئاخىرى ئۇستاز ئىرادىسىدە قاتتىق تۇرۇپ ھاياتىدىن ئايرىلىپتۇ.
ئۇ ئەمەلىيەتتە بىر ئادەتتىكى ئۆلىما قىلىشقا تىگىشلىك ئىشنى قىپتۇ.
ئۇنىڭ بىر پارچە گۆش بىلەن ھاياتىنى قۇتقۇزۇشقا ئۇرۇنمىغانلىغى سەۋەپلىك كاپىرلارنىڭ ئۇنى ۋاستە قىلىپ مىڭلىغان ئەۋلادلارنى يولدىن چىقارماق بولغان سۈيقەستى تارمار بوپتۇ،كاپىرلار ئۇلارنىڭ يۈرتىنى ئىگەللىسىمۇ قەلبىنى ئىگەللەشكە ئامالسىز قاپتۇ، ۋە دۈشمەنلەرگە قەلبىدىن ئورۇن بەرمىگەن كىينىكى ئەۋلادلار تەرىپىدىن قوغلاپ چىقىرىلىپتۇ..