You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » دۇنيا ۋە جەمئىيەتتە نېمىلەر ئۆزگىرىدۇ؟ – ئەلى بۇلاچ

دۇنيا ۋە جەمئىيەتتە نېمىلەر ئۆزگىرىدۇ؟ – ئەلى بۇلاچ

قۇتلۇق بىلگە تەرجىمىسى
مەرىپەت ئويغىنىش دەۋرىدىن كېيىن بولۇپمۇ 19-ئەسىردە ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ئاچقۇچلۇق ئاتالغۇسى ھالىتىگە كەلگەن « ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش » ئاتالغۇسى، مەۋجۇتلۇق ئالىمىدە ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ ماھىيىتىگە ئاساسەن باشتىن كەچۈرگەن ئۆزگىلىشىشنى، خىلمۇ خىللىشىشنى ۋە پەرقلىشىشنى ئىزاھلاشتىن بەكرەك، ئۆزگەرگەن ھەر قانداق نەرسىنىڭ ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىنىڭ « ھەمىشە ياخشى يۆنىلىشكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقان تەدرىجىي تەرەققىيات ماتورى » ئىكەنلىكىگە دائىر پىكىرىگە تايىنىدۇ. مەزكۇر ئىدىيەنىڭ يىلتىزى ئوبېيكتىپ تارىخ ۋە تۇرمۇش ئەمەلىيەتلىرى بولماستىن، تامامەن كىيىنكى 2 ئەسىردە شەكىللەندۈرۈلگەن بىر خىل « ئەقىدە »دۇر. بىز بۇنىڭغا « ئىزچىل تەرەققىيات ئەقىدىسى »دەيمىز.
ئىسلام مەنبەسىدە مەۋجۇتلۇق ئالىمى ۋە تارىخىي ئىجتىمائىي ئەھۋاللار ھالىتىدە داۋاملاشقان ئۆزگىرىشنى بىرلا ئامىلنى ئاساس قىلىپ ياكى بىرلا نۇقتىينەزەردىن ئىزاھلىيالمايمىز. شەيئى ھادىسىلەر ۋە ئىنسانىي ئەھۋاللار ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن « ئۆزگىرىش، ئايلىنىش ياكى بۇرۇلۇش » باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۆزگىرىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش ھالەتلىرىنىڭ ھەر بىرى ئۆز ئالدىغا ئايرىم ھەقىقەتلەرنى ئىپادىلەيدۇ. پەقەت ئۆزگەرمەيدىغان بىرلا نەرسە بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتتۇر. ئۆزگىرىدىغىنى ئۇنىڭ ئىپادىلىرى بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ رېئاللىق ۋە ئەمەلىيەتلەردۇر. ئىسلام نۇقتىئىنەزىرىدىن ئەمەلىيەت ۋە رىئاللىقلار ھەمىشە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، لېكىن ھەقىقەتلەر ئۆزگەرمەيدۇ. ھازىرقى زامان ئۆزگىرىش نەزىرىيەلىرى، يا ھەقىقەتنى ئىنكار قىلىدۇ ياكى ئەمەلىيەت ۋە رىئالىقلارنىڭ ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە ئۆزگەرمەيدىغان ھېچقانداق بىر ھەقىقەتنىڭ يوقلىقىنى، ئەبەدىي ئۆز، ئالەمشۇللۇققا ئىگە ھەقىقەت ۋە قىممەت ئۆلچەملىرىنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەگەر ئەھۋال مۇشۇنداق بولىدىغان بولسا ھاياتنىڭ ھېچقانداق ھەقىقىتى يوق دېگەنلىك بولىدۇ. ئەمما ھەر ئۆزگىرىشنىڭ ئەخلاقىي تەرىپى ۋە يۈزلىنىشى بار. (تىك ياكى تۆۋەن). بۇ گورىزونتال (تۈز)  ئۆزگىرىشنىڭ مەۋجۇتلۇق ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى يوق ھېسابلىشىنى تەقەززار قىلمايدۇ. گورىزونتال ئۆزگىرىش، ئەمەلىيەتتە ئەخلاقىي تەرىپى بولغان مۇئەييەن بىر نىشانغا خىزمەت قىلىدۇ، ئۆزگىرىشنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىدۇ ياكى تىزلاشتۇرىدۇ.
دىنلارغا، پاكىز فىتراتلار (ئىنسان تەبىئىتى) غا ۋە ياخشى نىيەتلىك ئەقىللەرگە نىسبەتەن توغرا، گۈزەل ۋە ئەڭ مۇۋاپىق ھېسابلىنىدىغان « يوليۇرۇق، كۆرسەتمە ۋە ئەمىرلەر » جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ئىنساننى ئەخلاقىي جەھەتتىن تېخىمۇ ئېزىز ۋە ئۈستۈن قىلىدۇ. جەمئىيەت بۇ جەھەتتە ئۆزگەرگەنسېرى ئادالەت، ھەق ۋە ھەققانىيەت، باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىق روھى كۈچىيىدۇ، يوقسۇللار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي پەرق ئازىيىشقا باشلايدۇ. ئىنسان بىلەن نەپسى، ئىنسان بىلەن تەبىئەت ۋە ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە ئىختىلاپلار ئازىيىدۇ. نەتىجىدە جەمئىيەتتە تىنچلىق، خاتىرجەملىك، ئامانلىق ۋە مۇقىملىق قاتارلىق  ئىجابىي ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر بەرپا بولىدۇ. يەنە دىنلارغا، پاكىز فىتراتلار (ئىنسان تەبىئىتى) غا ۋە ياخشى نىيەتلىك ئەقىللەرگە نىسبەتەن خاتا، ناچار ۋە نامۇۋاپىق ھېسابلىنىدىغان «ھارام» جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلەر ئىنساننى تېخىمۇ پەسلەشتۈرۋېتىدۇ. جەمئىيەت بۇ جەھەتتە ئۆزگەرگەنسېرى زۇلۇم، ئادالەتسىزلىك، سۈيئىستىماللار، چىرىكلىكلەر ئەۋج ئېلىپ كېتىدۇ. نامراتلار بىلەن بايلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىجتىمائىي پەرق چوڭىيىدۇ. ئىنسان بىلەن نەپسى، ئىنسان بىلەن تەبىئەت ۋە ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە ئىختىلاپلار كەسكىنلىشىدۇ. نەتىجىدە  جەمئىيەتتە، پىتنە پاسات، بۇزغۇنچىلىق، توقۇنۇشلار ئەۋج ئېلىپ تىنچلىق، خاتىرجەملىك، ئامانلىق بۇزۇلىدۇ.
مۇۋاپىق ۋە جايدا بولغان ئۆزگىرىشنىڭ روھى ھېسابلىنىدىغان ئەخلاقىي غايىلەر جەمئىيەتتىن جەمئىيەتكە، زاماندىن زامانغا ئۆزگىرىدىغان ئادەتىتكى قىممەت ئۆلچەملىرى ئەمەس. يەنى ئەخلاقىي ماھىيىتى نۇقتىسىدىن نىسبىي ھېسابلانمايدۇ. ئەخلاق ئەبەدىي ۋە ئالەمشۇمۇل قىممەت ئۆلچەملەرنىڭ بىر پۈتۈنىدۇر. ئىزچىل ۋە ئىنساننىڭ ئارزۇسى بويىچە ئۆزگىرىدىغان شەيئى ۋە ھادىسىگە ئەخلاق دېگىلى بولمايدۇ. پەقەتلا ئەخلاقنىڭ بىر تۈرى دېگىلى بولىدۇ. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى، بىراۋنىڭ ئەقىلىنى، تاللىشى ۋە نىسبىي قىممەت ئۆلچەملىرىنى ئاساس قىلغان بىر خىل ئەخلاق تۈرى بولۇپ، ئەسلىدە بۇ «ئەخلاق»بولماستىن،ئەخلاقنىڭ سۇيىئىستېمال قىلىنىشىدۇر. ھازىرقى زامان ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش نەزىرىيەلىرىنىڭ ھېچ قايسىسى ئەخلاقىي ماھىيەت ۋە نىشانغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ.
ئىزچىل تەرەققىيات ئەقىدىسىنى مۇقەددەسلەشتۈرۋېتىدىغان نەزىرىيەلەرگە نىسبەتەن، ئۆزگىرىش نوقۇل گورىزونتال جەھەتتىكى ئۆزگىرىشنىلا كۆرسىتىدۇ. تۈز بىر يۆنىلىشنى تەقىب قىلىدۇ. ئادىللىقتىن مۇرەككەپلىككە قاراپ تەرەققىي قىلىدۇ. بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغان « مۇكەممەللىك » ئەخلاقىي كامالەت ياكى مەنىۋى مۇستەھكەملىك ۋەياكى ئەردەملىك (بۇلارنىڭ ئىپادىلىرى ئادالەت، ئىززەت، روھنىڭ ئەركىنلىكى، ئىلمىي ئىدراك، چوڭقۇرلۇق، ياخشلىق ۋە تەقۋادارلىقتا بەسلىشىش قاتارلىقلار) بولماستىن شەيئىلەر، ۋە ئوبىيكىتلارنى ئىشلىتىشتە، قوراللار، ۋاسىتىلەرنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىدا ئىگە بولغان يۇقىرى ماھارەت ۋە تېخنىكا قىسقىسى تېخنولوگىيىلىك ئۆزگىرىشتۇر. بۇ ئەھۋال ئىنساننىڭ تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش ئىمكانىيىتىنى ئاشۇرىدۇ. بەدەننىڭ ئىشتا ۋە شەھۋىتىنى ئاساس قىلىدۇ. ئىنساننىڭ ئىنسانغا ھۆكۈمران بولۇشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. ئەڭ بۈيۈك ئىلمىي ئىجادىيەتلەر ۋە تېخنولوگىيىلىك تەرەققىياتلارنىڭ ئۇرۇش مەزگىللىرىدە ۋە ھەربىي مەقسەتلەرنى كۆزلەپ روياپقا چىقىشى بۇنىڭ ئىسپاتىدۇر.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top