You Are Here: Home » ئومۇمى » ئىراق چۈشى ئاخىرى بەربات بولدى

ئىراق چۈشى ئاخىرى بەربات بولدى

064133nr7t6nhzsw4rw8wn[1]ئاپتورى: ئاياد ئاللاۋى (تەرجىمىدە: نەپرەت 2009)

سادام ھۈسەيىننىڭ 20 نەچچە يىللىق زالىم ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان پەيتتىن باشلاپ، 10 يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئىراقلىقلارنىڭ سادام غۇلاپ چۈشكەندىن كېيىنكى ئارزۇسى گۈللەنگەن دېموكراتىك يېپيېڭى ئىراق قۇرۇش ئىدى. بارلىق كىشىلەر دېگۈدەك دۆلەت ئىچى ئاممىسى ھەمدە ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشنى ھەمدە ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىپ ئاساسىي ئىنسانىي ھوقۇق ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۈمىد قىلىشقان ئىدى.
ئەمما ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى ئىراقنىڭ كەلگۈسىگە ئالاقىدار ئېنىق پىلاننى تۈزۈپ چىقمىدى، كېيىنكى سادام دەۋرىدىكى ئاقىلانە سىياسەتتىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ. ئۇلار ئىراق ئىشغال قىلىنغان دۆلەت ھەمدە ئامېرىكا تەيىنلىگەن ئەمەلدارنىڭ باشقۇرۇشىنى قوبۇل قىلدى دەپ جاكارلىدى، ئەمما بۇ ئەمەلدار تېزلىكتە قارار چىقىرىپ، بارلىق بىخەتەرلىك، ھەربىي ۋە مېدىيە ئورگانلىرىنى تارقىتىۋەتتى. ئۇ يەنە ئەرەب گۈللىنىش پارتىيىسىنىڭ قانۇنىنى تازىلاشنى ئىجرا قىلىپ، قانۇنىي تەرتىپ تەستىقلىمىغان ئەھۋالدا ۋەزىپىدىكى گۈللىنىش پارتىيىسى ئەزالىرىنى قوغلاپ تاشلاپ، دىنىي مەزھەپچىلەر ھەمدە ئەڭ ئاخىرىدا كوللېكتىپ زوراۋانلىق داۋالغۇشىغا ئاساس سېلىپ بەردى.
ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاۋارىچىلىقنىڭ ئۈزۈلمەسلىكى دۇنياغا نىسبەتەن ھەل قىلغۇچ مۇھىم، يۇقىرىقى بەختسىز (ئەڭ ئاخىرىدا ھەتتا ئاپەت خاراكتېرىدە بولدى) ۋەقەلەر ئوتتۇرا شەرقتىكى يادرولۇق ئىستراتىگىيىلىك دۆلەت ئىراقتا داۋالغۇشنىڭ ئاساسىي مۇقامىغا ئۇل سېلىپ بەردى. ئىراقنىڭ كېيىنكى ئازاب-ئوقۇبەتلىك 10 يىلى باشقۇرۇش ياخشى بولماسلىقنىڭ بارلىق باسقۇچلىرىنى باشتىن كەچۈردى، دۆلەتنىڭ يىمىرىلىشى ئىراقلىقلارنىڭ چۈشىنى بەربات قىلدى. ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ سۆيۈملۈك ۋەتىنىنىڭ قايتا مۇستەبىتلىككە چۈشۈپ قالغانلىقىنى، ئاساسىي قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنىڭ ئادەتتىكى ئىش بولۇپ قالغانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تۇردى. دۇنيا پەقەتلا نائىلاجلىق ھالدا سوغاق نەزەردە بىر چەتتە قاراپ تۇردى.
2010-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئىراق چوڭ سايلىمى سۈننىي مەزھىپى، شىئە مەزھىپى ھەمدە كۇردلارغا ھوقۇقنى قايتىدىن بۆلۈشۈپ، دۆلەتنى يېڭىدىن مۇستەبىتلىككە پاتقۇزۇپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈمىدى ئاتا قىلدى. مەن رەھبەرلىك قىلغان «ئىراقىيە گۇرۇھى» ئۇ قېتىملىق سايلامدا كۆزگە كۆرۈنگەن ئەڭ چوڭ سايلام گۇرۇھى ئىدى، گەرچە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولساقمۇ، بىز يەنىلا ئاساسىي قانۇن بەرگەن رەھبەرلىك ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشكە ماقۇل بولدۇق، چۈنكى ھوقۇقنى بۆلىشىش ۋە بارلىق ئىراقلىقلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھۆرمەت قىلىشلا ئاندىن دۆلەتنى دېموكراتىك ئىدارە قىلىشنىڭ بىردىنبىر قائىدىسى ئىكەنلىكىنى ئىشىنەتتۇق. ئىراقنىڭ ئىككى نۆۋەتلىك باش مىنىستىرى نۇرى مالىكى كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، بۇنداق ئۈمىد ئۇزۇن ئۆتمەيلا بەربات بولدى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئاساسىي قانۇن كاپالەتلىك قىلىدىغان ئىنسانىي ھوقۇق دەپسەندە قىلىندى، سىياسىيلاشتۇرۇلغان ئەدلىيە سىستېمىسى ھوقۇقنى پات-پات كونترول قىلىدۇ ۋە قالايمىقان ئىشلىتىدۇ، باش مىنىستىرنىڭ قىلمىش-ئەتمىشلىرىگە باھانە ئىزدەيدۇ. سوت مەھكىمىسى مالىكى ھۆكۈمىتىنى چەكلىيەلمەستىن، ئەكسىچە تېخىمۇ چوڭ ھوقۇق ئىستىكىگە ياردەم قىلدى.
گەرچە مالىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن 7 يىلدا ئاممىۋى خىراجەت 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئىشسىزلىق نىسبىتى شىددەت بىلەن ئاشتى، ئاممىۋى مۇلازىمەت يامانلىشىپ كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان دەرىجىگە بېرىشىغا ئادەتتىكى ئىراق ئاممىسىنىڭ بەرداشلىق بېرىشى تەس. مەزھەپچىلىك ۋە مىللەتچىلىك ئادەتتىكى سىياسىي ھادىسە بولۇپ قالدى. چىرىكلىك ھادىسىسى ھەممە يەردە ئۇچراپ تۇرىدۇ، باغداد ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ چاتاق جاي دەپ قارىلىدۇ.
ئەگەر ئىراق نۆۋەتتىكى بۇ ئاپەت خاراكتېرلىك يولنى بويلاپ كېتىۋېرىدىغان بولسا، مالىمانچىلىق ۋە ئىچكى ئۇرۇش مۇقەررەر ئاقىۋەت بولۇپ قالىدۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن مەزكۇر رايوننىڭ ۋەزىيىتىگىمۇ ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىدۇ. ئەمما ئىراقلىقلار گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىدىن يەنىلا ۋاز كەچمىدى.
4-ئايدىكى يەرلىك سايلامنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ يېڭى سايلام ئىراقنى توغرا يولغا باشلاپ مېڭىشى مۇمكىن. ئەمما بېلەت تاشلاش ئەركىن، بېلەت ھېسابلاش ئادىل بولغاندا بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
ئەمما ھازىرقى ھۆكۈمەت ئەركىن، ئادىل بىر مەيدان سايلامنى نازارەت قىلىشقا ئامالسىز. بىتەرەپ خەلقئارالىق ئورگان ۋە كۆزەتكۈچى خادىملار چوقۇم ئاكتىپ قاتنىشىشى، ھۆكۈمەت قىلمىشىنى چەكلىشى ھەمدە سايلام ئاممىسىنىڭ ھەقىقىي ئارزۇسىنى ئىپادىلەشكە پۇرسىتى بولۇشى كېرەك. بىز مەزھەپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ئىراقلىقلارنىڭ مەزھەپ ۋە مىللەتچىلىكتىن سىرتقى نامزاتنى ئامال بار ئەركىن سايلام چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
يېڭى قانۇن ماددىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار پەقەت ئىككى قېتىم ۋەزىپە ئۆتىشى كېرەك دېگەن چەكلىمىسىنى نەزەردە تۇتقاندا، بىز يېڭىدىن ھوقۇق تۇتقان مەسئۇل رەھبەرلەرنى كۆرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز ھوقۇقنى بۆلىشىش ۋە يارىشىش ۋە مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ئىراقنىڭ بىردىنبىر چىقىش يولى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمىز. ئامېرىكا ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن، سادام ئاغدۇرۇلغان 10 يىلدىن كېيىنكى باھارنىڭ ئىراقلىقلارغا يېپيېڭى ئىجابىي باشلىنىش ئاتا قىلىشىنى دۇئا قىلىمىز.
مەنبە: ئاپتورى ئاياد ئاللاۋى سادام ھۈسەيىن ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى ئىراقنىڭ تۇنجى باش مىنىستىرى (2003-2005) ھەمدە ئىراقنىڭ تۇنجى ئەركىن سايلىمىنى نازارەت قىلغۇچى. ئۇ ھازىر ئىراق پارلامېنتىدىكى ئىراقىيە ئىتتىپاقىغا رەھبەرلىك قىلماقتا. (نەپرەت 2009 تەرجىمە قىلدى)

مەنبە: قۇتادغۇبىلىك تورى  http://www.qutad.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4626

Comments (2)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top