You Are Here: Home » ئومۇمى » كىتاب كۆرۈش ۋە مىجەز – خاراكتىر

كىتاب كۆرۈش ۋە مىجەز – خاراكتىر

okuma-zamanıپىسخىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە ، كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ بىلىم سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپلا قالماي،يەنە مەلۇم دەرىجىدە، شۇ كىشىنىڭ خاراكتىرىنىمۇ ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن:
مۇھەببەت ھىكايىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلار-ئىنتايىن ھىسياتچان بولۇپ ، سەزگۈر ۋە ئۈمۈدۋار كېلىدۇ ، ئادەتتە تېزلا ئۈمۈتسىزلىكتىن قۇتۇلۇپ ، قايتىدىن ئىش باشلايدۇ .
رازۋېتكا ھىكايىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلار -ئىدىيە جەھەتتىكى رىقابەتنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغانلار بولۇپ ، مەسىللەرنى ھەل قىلىشقا ماھىر كېلىدۇ .باشقىلار ھەل قىلالمىغان قىيىن مەسىللەرگە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ .
فانتازىيە ھىكايىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغانلار -خىيالى ئارزۇسى كۈچلۈك ، ئىجاتچانلىققا باي بولۇپ ،پەن – تېخنىكىغا ھەۋەس قىلىپ كەلگۈسى ئۈچۈن ، پىلان تۈزىدۇ .
مالىيە – ئىقساتقا دائىر كىتاپ -ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار – رىقابەتلىشىشنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەردىن بولۇپ ، باشقىلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇشقا ئىنتىلىدۇ.

ئاياللارغا دائىر كىتاپ -ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار – ‹ دەرىجىدىن تاشقىرى › ( قابىل ئايال ) بولۇشنى ۋە ھەممەئىشقا ماھىر بولۇشنى ئۈمۈت قىلدىغانلار

مودا كىيىم -كېچەكلەرگە دائىر كىتاپ -ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار – ئۆزىنىڭ سالاپىتىگەناھايىتى دىققەت قىلدىغانلار بولۇپ ،ئۇلار ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىنىڭ كىشىلەر ئالدىدىكى قىياپىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىدىغانلار…
تارىخى كىتاپ -ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار – ئىجادچانلىققا ئىگە ، قۇرۇق پاراڭ سېلىشنى خالىمايدۇ .ۋاقىت چىقىرىپ بىرە ئىجادىي خىزمەت بىلەن شوغۇللىنىشنى خالايدۇ . ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ .
تەرجىمىھال خاراكتىردىكى كىتاپ -ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار – شەيئىلەرگە بولغان قىزىقىشى كۈچلۈك ، ئېھتىياتچان، ئىرادىلىك كېلىدۇ .بىرەر قارار چىقىرىشتىن بۇرۇن ، چوقۇم ئالدى بىلەن ھەر خىل پايدا – زىياننى ۋە شۇ ئىشنىڭ ئۈنۈم بېرىدىغان – بەرمەيدىغانلىقىنى ھېساپلايدۇ .
ھەجۋى سۈرەتلەرنى ياخشى كۆرىدىغانلار – ئويۇن – تاماشا قىلىشنى ۋە ئەركىن ئازادە يۈرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ .ئۆزىنىڭ ھاياتىغا بەكمۇ ئەستايىدىل پوزىتسىيە تۇتۇپ كەتمەيدۇ …
گىزىت -ئاخبارات تۈرىدىكى كىتاپ -ژورناللارنى ياخشى كۆرىدىغانلار – ئىرادىسى مۇستەھكەم كېلىدۇ .رېئاللىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ ، بۇلار يېڭى ئىدىيەنى قوبۇل قىلىشقا ماھىر بولىدۇ …

‹ دوردانىلەردىن پارچە›
مەنبە : مىسرانىم مۇنبىرى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top