دوكتور ئەركىن سىدىق NASA دىن 2 ۋە JPL دىن 2 جەمئى 4 تۈرلۈك مۇكاپاتقا ئېرىشتى
يوللىغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يوللانغان ۋاقتى: 2011- يىل 19- سېنتەبىر ئورنى: UA شەرەپلىك ئەزالىرى، تەۋسىيەلىك ئەسەرلەر، دۇنيادا بۈگۈن، يېڭىلىقلار| ئىنكاس : 17
ناسادىن كەلگەن ئىككى پارچە تەبرىك ئېلخېتى ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: «دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى: مەن ناسا ئالاھىدە تۆھپە ۋە يېڭى كەشپىيات ئىشخانىسىنىڭ رەئىسىگە ۋاكالىتەن، سىزگە ناسا يېڭى تېخنولوگىيە مۇكاپاتى بېرىلگەنلىكىنى خۇشاللىق بىلەن ئۇقتۇرىمەن.بۇ مۇكاپات سىزنىڭ 47711-نۇمۇرلۇق يېڭى تېخنولوگىيە دوكلادى (NTR,New Technology Reporting)دا بايان قىلىنغان
كەشپىياتىڭىز ئارقىلىق ، ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقى پىروگراممىسى (تەتقىقات خىزمىتى( گەقوشقان ئالاھىدە تۆھپىڭىزئۈچۈن بېرىلدى.بىز بۇ مۇكاپات ئارقىلىق ،ئېتراپ قىلىنغان ئالاھىدە مۇۋەپپەقىيىتىڭىز ئۈچۈن سىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.»
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن دوكتۇر ئەركىن سىدىق قا 2 دۇنيالىق شان-شەرەپ ۋە ئائىلىسىگە مەڭگۈلۈك بەخىت-سائادەت تىلەيمىز!!!
دوكتور ئەركىن سىددىق يېقىندا ئېرىشكەن شان شەرەپلىرىدىن قىلچە مەغرۇرلىنىپ قالماستىن،ئۇيغۇر خەلقىنى ئۈمۈتۋار بۇلۇشقا چاقىرىدۇ ۋە يېقىندا تاماملىغان «بىر لىدېردا چوقۇم بولۇشقا تېگىشلىك 21 سۈپەت »دىگەن ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا بىزگە تۈۋەندىكى يۈرەك سۆزلىرى بىلەن قان-تەر ئجىرىگە ئېرىشكەن مۇكاپاتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنىكى قىزغىن ھىسياتىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئۇيغۇرلار ھازىر بىر ئىنتايىن ھالقىلىق تارىخىي دەۋردە ياشاۋاتىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈمىدۋارلىق ۋە ئىجابىي پوزىتسىيە (optimism) نىڭ قىممىتى بارغانسېرى ئۆسۈپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى كۈچىيىپ مېڭىۋاتىدۇ. ئۈمىد ئىنسانلاردا بار بولۇشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ھېسسىيات. ئۈمىد بولمايدىكەن بىز ئۆز ھاياتىمىزنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرالمايمىز. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدۋارلىقىنى ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ مېڭىشتا ھەر بىر لىدېر، ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى، ھەر بىر بىلىم ئىگىسى، ۋە ھەر بىر تەپەككۈر ئىگىسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بار. مەن ئاشۇنداق بىر چۈشەنچە ئاستىدا، ھازىرغىچە ئۆزەم ئېرىشكەن چوڭ-چوڭ نەتىجىلەرنى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نەتىجىسى ھېسابلاپ، ئۆزەم توغرىسىدىكى خوش خەۋەرلەردىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى خەلقىمىزنى خەۋەردار قىلىپ تۇرۇشقا تىرىشىپ كەلدىم. مەن ئاشۇ ئادىتىم بۇيىچە، بۇ يەرگە ئۆزەم توغرىسىدىكى يېقىنقى بىر قانچە خوش-خەۋەرنى كىرگۈزۈپ قوياي. مەن مۇشۇ ئاي (يەنى 2011-يىلى 9-ئاي) نىڭ 13-كۈنى ئامېرىكا ھاۋا قاتناش ۋە ئالەم تېخنولوگىيىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى (National Aeronautics and Space Administration, NASA) نىڭ ئالاھىدە تۆھپە ۋە يېڭى كەشپىيات ئىشخانىسىدىن ئىككى پارچە ئېلخەت تاپشۇرۇپ ئالدىم. بۇ خەتلەر ماڭا بۇ يىل ناسا نىڭ ئىككى دانە يېڭى تېخنولوگىيە مۇكاپىتى بەرگەنلىكى ھەققىدە بولۇپ، مەن ئۇ خەتلەرنى مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ قويدۇم. مەن بىر ئالىي دەرىجىلىك ئوپتىكا ئىنجىنىرى بولۇپ، ھازىر 3 خىل ئالەم تېلېسكوپىنىڭ ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن. مېنىڭ ئاساسلىق ئىشىم تېلېسكوپلارنىڭ ئوپتىكىلىق لاھىيىلىرىنى كومپيۇتېر ئارقىلىق تەھلىل قىلىپ باھالاپ، كۈتكەن ئىشنى قىلىش ئۈچۈن قايسى لاھىيەنى تاللاش كېرەكلىكىنى، يولۇقىدىغان ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ئۇسۇلنىڭ نېمە بولۇشى كېرەكلىكىنى، ھەمدە ھەر بىر ئوپتىكىلىق زاپچاسلارغا بولغان تېخنىكىلىق تەلەپلەرنىڭ نېمە بولۇشى كېرەكلىكىنى تېپىپ چىقىش. بەزى ئەمەلىي تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يېڭى ئۇسۇل ياكى يېڭى تېخنولوگىيە كەشىپ قىلىشقا توغرا كېلىدىغان بولۇپ، مەن «پۈركۈپ ئىتتىرىش تېخنولوگىيىسى تەجرىبىخانىسى» (Jet Propulsion Laboratory, JPL) دەپ ئاتىلىدىغان ھازىرقى ئىدارىگە كىرگەندىن بۇيان بۇ ساھەدە بىر قىسىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۈم (بىزنىڭ ئىدارە 1930-يىللىرى بىر راكېتا ياساش تەجرىبىخانىسى سۈپىتىدە قۇرۇلغان بولۇپ، راكېتا پۈركۈپ ئىتتىرىش تېخنولوگىيىسى بىلەن ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدىغان بولغاچقا، بىزنىڭ ئىدارىگە ھېلىقىدەك ئىسىم قويۇلغان ئىكەن. دۇنيادىكى تۇنجى راكېتانى بىزنىڭ ئىدارە ياساپ چىققان. ھازىرقى ئايروپىلانلارنىڭ كۆپۈنچىسىمۇ پۈركۈپ ئىتتىرىش تېخنولوگىيىسىنى ئىشلىتىدۇ). بۇ قېتىمقى ھېلىقى ئىككى مۇكاپات مەن ئىشلەپ چىققان ئاشۇنداق يېڭى تېخنولوگىيىلەر ئۈچۈن بېرىلگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، مۇشۇ 13- ۋە 15-سېنتەبىر كۈنلىرى جپل مۇ ماڭا يۇقىرىدىكى ناسا مۇكاپاتلىرىدىن باشقا يەنە ئىككى دانە ئالاھىدە تۆھپە مۇكاپىتى بەرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەغدىرنامىسىنىڭ رەسىملىرىنىمۇ مۇشۇ ماقالىنىڭ ئاخىرىغا قوشۇپ قويدۇم.
مەن مەزكۇر ماقالەمنى ئامېرىكىلىق داڭلىق پەيلاسوپ ۋە ۋاسكېتبول ترېنېرى (coach) جون ۋۇدەن (Johm Wooden، 1910-2010) نىڭ بىر قانچە ھېكمەتلىك سۆزلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمەن:
–مۇكەممەللىك: مۇكەممەللىك مۇمكىن ئەمەس، بىراق مۇكەممەللىككە يېتىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىش پۈتۈنلەي مۇمكىن. مۇھىمى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تىرىشىش.
–باشقۇرۇش: يالغۇز باشقىلارنىڭ خىزمەتنى قانداق قىلىدىغانلىقىغىلا ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ۋە قىزىقىشلىرىغىمۇ چىن كۆڭلىڭىزدىن قىزىقىدىغان بولسىڭىز، سىز ياخشىراق ھەمكارلىق ۋە ياخشىراق نەتىجىلەرگە ئېرىشىسىز.
–ئۆگىنىش: مەڭگۈ ياشايدىغاندەك ئۆگىنىڭ. ئەتىلا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياشاڭ.
–مۇۋەپپەقىيەت: ئۆز خاھىشىڭىز بويىچە ئىش كۆرۈشكە ئەمەس، ئەڭ ياخشى ئامالنى تېپىشقا تىرىشىڭ.
–ئىشىنىش: باشقىلارغا بەك ئىشىنىپ كەتسىڭىز بەزىدە ئازار يەپ قالىسىز، بىراق باشقىلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئىشەنمىسىڭىز ھەسىرەت ئىچىدە ياشايسىز.
–شاد-خۇراملىق: ئىدېئالىزم (غايىچىلىك) بىلەن رېئالىزم (ئەمەلىيەتچانلىق) نى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭغا قاتتىق تىرىشچانلىقنى قوشۇڭ. شۇنداق قىلسىڭىز سىز بۇرۇن ئۈمىد قىلغاندىن كۆپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىسىز.
–ئۇتۇش: ئەگەر مۇۋاپىق تەييارلىق قىلسىڭىز، باشقىلاردىن تۆۋەنرەك نومۇر ئېلىپ قالسىڭىزمۇ مۇسابىقىدە ھەرگىز ئۇتتۇرۇپ قويمايسىز. ئەگەر ئۆز قابىلىيىتىڭىزنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سېلىش يولىدا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىڭىز، سىز مۇسابىقىدە ھەر دائىم ئۇتۇپ چىقىسىز.
JPL دىن بېرىلگەن 1-مۇكاپاتنىڭ تەغدىرنامىسى
«بىر لېدىردا بۇلۇشقا تېگىشلىك 21 سۈپەت»ناملىق يېڭى كىتابى پۈتتى.
ئېلكىتاپ نۇسخۇسىنى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەفەندىنىڭ مەرىپەت تورىدىن ئۇقۇيالايسىز.
http://www.meripet.com/PDF/20110729_21Supet.pdf
http://www.meripet.com/Sohbet1/20110729_21Supet.htm
http://www.meripet.com/Sohbet1/20110831_21Supet4.htm
ئىنكاسلار (17)
-
udunistan
esse la mu e ley kom e ziz qe rin dash le rim …man inka sim ni mu nu ..suz bi len a hir lash tu ray ..yashi sun uz ha ya ti ni ..bu yuk ish lar gha a ti ghan… uyghur..ogh lan li ri ..
-
ئاچىنۇق
مۇبارەك بولسۇن، ئەركىن مۇئەللىم، بىزگە بىرىدىغان ئىلھاملىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن! تىخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرگە تېلەكداشمەن!
-
berqut
mubarek bolsun!Teximu kop netijelerge Tilekdashmen.
-
turghun
Congratulations Dr. Erkin, it is really a good news to hear
-
arslan tegin ghazi
bütün türki tillik xalqlarğa mubarak bolsun
erkin sidiq = cənubi azərbaycanıng iftixari
-
wolqan
السلام عليكم
ھۆرمەتلىك ئەركىن سىدىق ئەپەندى سىزگە شۇنچە ئىلىملەرنى ئاتا قىلغان، شۈنچە شەرەپلەرگە، نەتىجىلەرگە مۇيەسسەر قىلغان،ئالەملەرنىڭ، ئىنسانىيەتنىڭ، مىنىڭ ۋە سىزنىڭ ياراتقۇچىمىز بولغان ئۇلۇغ ئاللاھقا ھەمدۇلەر بولسۇن، ھەمدە ئىگىمىز ئاللاھتىن ئىشلىرىڭىزغا مۇۋاپىقىيەت، خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق، ئائىلىڭىزگە ئەمىنلىك، كۈنلىرىڭىزگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن.
مەنمۇ ھەم سىزگە ئاللاھنىڭ كىتابى قۇرئاندىن ئىككى ئايەت ھەدىيە قىلاي. ئاللاھ قۇرئاندا مۇنداق دەيدۇ: «كۆرمەمسەنكى، اﷲ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردى، (شۇنىڭدەك اﷲ تاغلارنى ياراتتى) تاغلارنىڭ ئاق، قىزىللىرى، ھەر خىل رەڭدىكى يوللۇقلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار [27]. شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، چاھارپايلارنىمۇ خىلمۇخىل رەڭلىك قىلىپ ياراتتى، اﷲ نىڭ بەندىلىرى ئىچىدە اﷲ تىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ، اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، (بەندىلىرى ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر [28].» (سۈرە فاتىر 27، 28ئايەت)
دىمەك ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ئۈستىدە توختاۋسىز تەتقىقات ئىلىپ بارغۇچى ئالىم ھەردائىم بۈيۈك ئاللاھنىڭ قۇدرەت كامىلىنى كۆرىدۇ-دە ئاللاھنىڭ روبۇبىيتىگە بولغان ئىمانى ھەسسىلەپ ئىشىپ، ئاللاھنى ئادەتتىكى ئىنسانلارغا قارىغاندا تېخمۇ ياخشى تونىيدۇ. بو تونۇش ئىنساننىڭ دۇنيادىكى ئىنتايىن زەئىپ بىر مەخلۇق ئىكەنلىكىنى دەلىلەپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتە ياراتقۇچىنىڭ ئەنە شۇ زەئىپ ئىنسانغا نەقەدەر يۇقىرى ھۆرمەت ماقامىنى بەرگەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. دىمەك ئاللاھ ئىنساننى ئىلىم بىلەن، پەرىشتىلەرنىڭ ھۆرمەت سەجدىسى بىلەن، زىمىنگە خەلىپە قىلىش بىلەن، كائىناتتىكى ئاي، قۇياش، يۇلتۇز ۋە باشقا ئاسمان جىسىملىرى، يەريۈزىدە ھەرخىل تاغ، مىۋىلىك باغ، يەرئاسىتى ۋە ئۈستى نىئمەتلىرى بىلەن نىئمەتلەندۈرۈپ يۇقىرى ماقامغا ئىگە قىلدى. مانا مۇشۇنداق يۇقىرى ماقامنىڭ بەدىلىگە بىز ئىنسانلارغا ئاللاھقا بەندىچىلىك قىلىش، ئاللاھنىڭ ئىنسان ئۈچۈن ياراتقان، ئىنسانغا يارىتىپ بەرگەن تۈرلى نىئمەتلىرىگە ياخشى خەلىپلىك قىلىش، يەنى ئۇلارنى ئاللاھ كۆرسەتكەن يول بويىچە تەسەررۇپ ئىتىشنى ھەمدە ئۇنىڭ شۇكرانىسى ئۈچۈن ئاللاھقا ئىمان ئېيتىش، كۈندە بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلىش، تاپقان مال دۇنيالىرىمىزدىن زاكات ئايرىش، رامىزان روزىسى تۇتۇش، ھەج قىلىشنى بىزگە پەرھىز (مەجبۇرىيەت) قىلىپ بىكىتتىلەر. ئەلۋەتتە ئىنسانغا شۈنچە نئمەتلەرنى ئاتا قىلغان رەببىل ئالەمىننىڭ ئىنساندىن بۈلارنى تەلەپ قىلىشى، بىزلەرگە ئايدا مانچە پۇلدىن مائاش بەرگەن لىدىرلارنىڭ بىزدىن كۈندە نەچچە سائەت ئىشلەشنى تەلەپ قىلغىنىغا سىلىشتۇرغاندا ھىچقانچە گەپ ئەمەس ئەلۋەتتە. دىمەكچى بولغىنىم سىز بىزنىڭ پەخىرلىك ئالىمىمىز، ئىلىم كۆكىدە چاقنىغان يۇلتۇز، سىز بىزنىڭ ئىلىم ئىگەللەش ۋە مىللەت ئۈچۈن ئىشلەشتىكى ياخشى ئۆلگىمىز. بولسا مانا مەن يۇقىردا ئوتتورغا قويغان مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىپ، بىزگە، بولۇپمۇ ئاتالمىش ئالىم، زىيالىرىمىزغا تەقۋادار مۇسۇلمان بولۇشتىمۇ، پەن بىلەن دىننى (دىنىمىز ئىسلىمدا ئىلىم ئەزەلدىن دىندىن ئايرىپ مۇئامىلە قىلىنغان ئەمەس. تارىخ بىتىنى ۋاراقلىغىنىمىزدا ئوتتورا ئەسىردىكى ئىسلام تەبئىي پەن ئالىملىرىنىڭ يەنە يىتىشكەن دىنى ئالىم ئىكەنلىكەنلىكىگە گۇۋاھ بولىمىز) تەڭ ئىلىپ مىڭىشتىمۇ، يىتىشكەن بىر پەننى ئالىمىنىڭ تەقۋادار مۆئمىن مۇسۇلمان بولۇشتىمۇ بىزگە ئۆلگە بولغان بولسىڭىز دىگەن ئۆمۈددە.
ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆزىنىڭ ئارغامچىسىغا مەھكەم ئىسىلغان، ئۆزىنىڭ ھەق دىنى، توغرا يولى ئىسلامدا مىڭىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن، قەلبىمىزنى ئىمان نۇرى بىلەن يۇرۇتسۇن. (ئامىن) -
ئابدۇلقۇددۇس
يۇقېرىدىكى – ۋولقان ھاجىمنىڭ ئىنكاسىدىن بەكمۇ خۇرسەنت بولدۇم!
ئەلبەتتە ئەركىن سىدىق ئەپەندىمدىن پەخىرلىنىشكە ئەرزىيدۇ. چۈنكى يالغۇز ئۆز كەسپى بىلەنلا بولۇپ كەتمەي، مىللەتنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان دىشۋارچىلىق ئۈستىدىمۇ قاتتىق قايغۇرىۋاتىدۇ!!!
ئەمدىكى گەپ ، دەل ۋولقان ھاجىم ئېيتقاندەك، پەن بىلەن دىننى ئايرىۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن تەتقىقاتىنى چۇڭقۇرلاشتۇرسا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، ئىنشا ئاللاھ!
بۇ جەھەتتە «دانىشمەن دوكتۇر ئابدۇسالام » دېگەن كىتاپنى كۆرگەن بولسا بەك ياخشى بولاتتى. …..
خەير، جەنابىي ئاللاھ يولىڭىزنى راۋان، ئىشىڭىزنى ئاسان قىلغاي، ئامىن! -
wolqan
السلام عليكم
ئىتتىكلىكتە ئەلىفنىڭ ئورنىغا ئەيىننى ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن، كەچۈرسىلە! -
ئەركىن سىدىق
ۋولقان ۋە ئابدۇلقۇددۇس ئەپەندىلەر:
ياخشىمۇسىلەر؟ سەمىمىي پىكىر-تەكلىپلىرىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە كۆپتىن-كۆپ رەخمەت. مەن سىلەر تەۋىسىيە قىلغان ئىشلار ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلۇنىمەن.
ئامان بولۇڭلار.
-
turanjp
bu pehirlik almimizni alla oz panahida saklisun. e
-
مةمةتجان
ھۆرمەتلىك ئەركىن سىدىق ئاكا:سىزنىڭ ئىرىشكەن شان-شەرەپلىرىڭىزنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن،شۇنداقلا سىزنىڭ ئۆز ئىش-ئىزلىرىڭىز بىلەن مەندەك ياشلارنىڭ كەلگۈسى نىشانى ئۈچۈن ياخشى بىر ماياك بولغانلىقىڭىزغا رەھمەت ئىيتىمەن.سىزنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن تىخىمۇ زور شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن،ھەمدە تەربىۋى ئەھمىيتى يۇقۇرى نادىر يازمىلىرىڭىزنى داۋاملىق ئايىماسلىقىڭىزنى ئۆمۈد قىلىمەن.خۇدايىم ئائىلىڭىزگە بەخىت،خىزمىتىڭىزگە ئۇتۇق،تىنىڭىزگە سالامەتلىك ئاتا قىلغاي!
-
Qaraxan
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا ياخشى تۇرۋاتقانسىز؟
سىزنىڭ بۇنداق ئالى شەرەپكە ئېرىشكىنىڭىزدىن مەن بەك خۇش بولدۇم ھەم سۆيۈندۈم! مەن ئاددى بىر ئىنسان ھەم ۋەنتەندە تۇرۇپ قېرىدانشلىرىمغا خىزمەت قىلىشقا تىرشىۋاتقان ئاددى بىر ئىنسان!
سىزگە ئامەت ۋە بەخىت تىلەيمەن! -
ئەركىن سىدىق
مەن يۇقىرىقى سەمىمىي ئىنكاسلاردىن ناھايىتى سۆيۈندۈم ھەم ئىلھاملاندىم. ھەممە قېرىنداشلارغا كۆپتىن-كۆپ رەخمەت.
-
Howking
پەحىرلىنىشكە ئەرزىيدۇ دىگەن قانداق گەپ. بۇ بىر دىنىي موللىچاقنىڭ بىر مەسئۇلىيەتچان ئالىمعا بەرگەن ھاۋادەك يەڭگىل باھاسى بولۇپتۇ. شۇنچە كۆپ ۋاقتىنى سىز ۋە بىزنىڭ ئۇمۇتسىزلىك پاتقىقىدىن قۇتۇلىشىمىزعا سەرپ قىلىۋاتقان بىر مەسۇلىيەتچان ئادەمدىن نىمىنى تەلەپ قىلىۋاتقىنىڭىزنى بىلەمسىز. ئۇنىڭ سىزدەك ئىشىپ تىشىپ تۇرىدىعان بىكار ۋاقتى يوق. ئاللاھنى ئۇ ھەرقاندىقىمىزدىن ئوبدان چۇشىنىدۇ. مىنىڭچە بىز تىحى ئۇنىڭ ئالدىدا ساقال تارىعۇدەك ھالدا ئەمەس دەپ كىسىپ ئىيتالايمەن. ئۇنىڭعا دەحلى قىلمايلى. (كەچۇرۇڭلار. كومپيۇتىرىمدا كونا يىزىق تولۇق بىسىلماي قالدى)
ئەركىن سىدىق
سالام قېرىنداشلار،
يۇقىرىدىكى ئىنكاس (ئۇنى مەزكۇر ئىنكاسنىڭ ئاخىرىغا كۆچۈرۈپ قويدۇم) نى مەن يازمىدىم. باشقا بىرەيلەن مېنىڭ ئىسمىم بىلەن يېزىپتۇ. شۇڭا توغرا چۈشىنىشىڭلارنى سورايمەن.
تور باشقۇرغۇچىغا:
ئەگەر ئىمكانىيەت بولسا بۇنداق باشقىلارنىڭ ئىسمى بىلەن ئىنكاس يېزىشقا يول قويمىغان بولسىڭىز. رەخمەت.
«ەركىن سىدىق
2013- يىل 11- ئاپرېل سائەت 15:22
Howking دىگەن يەھۇدى ئاۋۇ دىنىي موللىچاق نېمىنى تەلەپ قىپتۇ؟ نېمىنى؟!
ئىككى ئادەم دەيدىغىنىنى دەپ بولغاندىكىن خاۋكىنڭ بولامسە فىرئەۋىن بولامسە مىنىڭچە سەنمۇ تىحى ئۇنىڭ ئالدىدا ساقال تارىعۇدەك ھالدا ئەمەس دەپ كىسىپ ئىيتالايمەن.
ئېغىزىمغا نېي گەپلەر كەلگەنتى….. تۆۋە قىلدىم.»
ئەركىن سىدىق
Howking دىگەن يەھۇدى ئاۋۇ دىنىي موللىچاق نېمىنى تەلەپ قىپتۇ؟ نېمىنى؟!
ئىككى ئادەم دەيدىغىنىنى دەپ بولغاندىكىن خاۋكىنڭ بولامسە فىرئەۋىن بولامسە مىنىڭچە سەنمۇ تىحى ئۇنىڭ ئالدىدا ساقال تارىعۇدەك ھالدا ئەمەس دەپ كىسىپ ئىيتالايمەن.
ئېغىزىمغا نېي گەپلەر كەلگەنتى….. تۆۋە قىلدىم.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا،
سىزنىڭ ئىنكاسلىرىڭىزنى يېڭىدىن توربېتىمىزدە كۆرۈش بىزنى بەك خۇشال قىلدى.
بەلكىم خاۋكىڭ ئۇقماستىن شۇنداق دىگەندۇ، ئاللاھ س ۋ ت ئۇنىڭغا ھىدايەت ئاتا قىلسۇن!
سىزنىڭ سەمىمى بىرىلگەن پىكىرلەر بەرگەن سەمىمى جاۋاپلىرىڭىز ئادەمگە مۇئامىلە سەنئىتىنى ئۈگىتىدۇ.
بىز ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى قېرىنداشلار، ھەردائىم خەلقىمىزنىڭ توربېتىمىزغا قالدۇرۇپ قويغان ئىنكاسلىرىدىن ئىلھام ئېلىپ تىرىشىپ كېتىۋاتىمىز، بەلكىم سىزمۇ خېلى روھلىنىپ قالىدىغانسىز بۇ ئىنكاسلارنى ئۇقۇپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىت قىلىمىز.
ئاللاھ س ۋ ت ئائىلىڭىزگە ۋە ئىشىڭىزگە 2 دۇنيالىق بەرىكەت بەرسۇن!
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام