NASA دىن دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىگە يەنە بىر كەسپى مۇكاپات
يوللىغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى يوللانغان ۋاقتى: 2010- يىل 25- ئىيۇن ئورنى: يېڭىلىقلار | ئىنكاس : 29
بۈگۈن ئامىرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسى (NASA) ئۇيغۇر ڧىزىكا ئالىمى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخىرى رەئىسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىگە يەنە بىر قېتىم ئونىڭ NASA تەتقىقات خىزمىتىگە كۆرسەتكەن تۆھپىسىنى تەقدىرلەپ، ئالاھىدە تەقدىرلەش ئېلىپ بارماقچى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىپتىخارى بولغان سۆيۈملۈك ئۇيغۇر ڧىزىكا ئالىممىز دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىمنى ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە ئوقۇغۇچى زىيالىلار نامىدىن قىزغىن تەبرىكلەيمىز. ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئاللاھ دوكتۇر ئەركىن سىدىققا ئوخشاش ئۇيغۇر ئالىملىرى ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ يىتىشىپ چىقىپ ئۇيغۇر مىللىتى ئۈچۈن شان – شەرەپ ئېلىپ كىلىشىگە، بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ پەن – تەتقىقات ۋە مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى، مۇتەخەسىس ۋە ئوقۇغۇچى زىيالىلىرىمىز بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئىشلىشىمىزگە ئىمكانلار بىرىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك بۇلىشىغا مەدەت بەرگۈسى!
ئۇيغۇر خەلقى ئۇيغۇر ئالىممىز دوكتۇر ئەركىن سىدىقنىڭ ئۆز كەسپى ھاياتىدا قولغا كەلتۈرگەن غەلبىسىدىن بىر پۈتۈن مىللەت سۈپىتىدە ئىپتىخارلىق ھىس قىلىدۇ. ئۇيغۇرنىڭ ئەقىللىقلىقى ۋە قۇدرەتلىك مىللەت بۇلالايدىغانلىقى مانا مۇشۇنداق تەرەپلەردىن ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ.
– ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى.
داۋامىنى ئوقۇش ئۈچۈن بۇ ئۇچۇرنىڭ تىمسىىنى چىكىڭ!
تۆۋەندە NASA نىڭ تەبرىك خېتى:
ئىنگلىزچە تەبرىك خېتىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى تۆۋەندىكىدەك:
سۆيۈملۇك دوكتۇر ئەركىن سىدىق،
مەن ناسا كەشپىيات ۋە تۆھپە كومتىتىنىڭ رەئىسىگە ۋاكالىتەن، 46582-نومۇرلۇق يېڭى تېخنولوگىيە دوكلاتى ئۇچۇن، سىزگە ناسا يېڭى تېخنولوگىيە مۇكاپىتى بېرىلگەنلىكىنى خوشاللىق بىلەن ئۇختۇرىمەن. بۇ مۇكاپات سىزنىڭ ئامىرىكا دۆلىتىنىڭ ئالەم بوشلۇقى پروگراممىسى بىلەن ج پ ل (JPL) نىڭ خىزمىتى ئۇچۇن قوشقان ئالاھىدە تۆھپىڭىز ئۇچۇن بىر ىلدى. بىز مۇشۇ مۇكاپات ئارقىلىق ئىتىراپ قىلىنغان ئالاھىدە مۇۋەپپىقىيىتىڭىز ئۈچۈن سىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز.
رەھمەت،
ناسا ئالەم بوشلۇقى ئىشلىرى مۇكاپات ئىشخانىسىدىن،
Dr. Christopher H. Jaggers
2010-6-15
ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى پەخىرى رەئىسى دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىنىڭ بۇ بىر ئايلىق كەسپى پائالىيەتلىرى تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:
دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى 6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە ئامىرىكىنىڭ ۋىيومىڭ شىتاتىدا ئېچىلغان، ئامىرىكا ئوپتىكا جەمئىيىتى بىلەن خەلقئارالىق ئوپتىكا ئىنجىنىرلىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرغان بىر ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۆزى قىلغان ئوپتىكا تېخنولوگىيىسى ساھەسىدىكى بىر يېڭىلىق توغرىسىدا ئىلمىي دوكلات بەردى.
بۇ 6-ئاينىڭ 24-كۈنى JPL دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندىگە بەرگەن يەنە بىر تەقدىرنامە
دوكتۇر ئەركىن سىدىق ئەپەندى 6-ئاينىڭ 27-كۇنىدىن 7-ئاينىڭ 3-كۇنىگىچە، كالىفورنىيە سان دىئاگو شەھىرىدە ئوتكۇزۇلىدىغان، خەلقئارا ئوپتىكا ئىنجىنىرلىرى جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان يەنە بىر ئىلمىي تەتقىقات يىغىنىغا قاتنىشىپ، تاشقى پلانىتلارنى ئىزدەشكە ئىشلىتىدىغان تېلىسكوپقا ئائىت قىلغان يېڭى بىر ئىش توغرىسىدا بىر ئىلمىي دوكلات بەرمەكچى.
ئىنكاسلار (29)
-
مەمەتئېلى
بىزدە سزدەك ئادەمدىن ئونى بولغان بولسا قانداق بولۇپ كېتەردى -ھە؟!
ئىشلىرىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسۇن! اللە غا ئامانەت. -
ئوغلان
خۇشاللىقىمدىن ”ئاللاھۇ ئەكبەر“ دېگىم كېلىۋاتىدۇ! ياخشى ئۆگەنمىگن ۋاقىتلىرىمنى ئويلىسام ”ئەستەغفىرۇللا“ دەپ قالىمەن. ئاللا ياخشى كۆرگەن بەندىسىنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيدۇ!!!
-
سۇمۇرغ
ياشاپ كېتىڭ، ئەركىن سىدىق ئاكا! سىز بىز ھەممىمىزنىڭ ئۈلگىسى. سىزدىن پەخىرلىنىمىز ۋە سىزدەك بولۇشقا تىرىشىمىز!
-
بابۇر
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن ئاكا ! ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان ،تىنىڭىزنى سالامەت قىلسۇن.سىزنىڭ قولغا كەلتۇرگەن نەتىجىلىرىڭىز ئۈچۈن بىز سزدىن پەخىرلىمىز .ئاللاھ ئۆز ھېكمەتلىرى بىلەن سىزگە تېخىمۇ كۆپ ھېكمتلەرنى بىلدۈرسۇن.
-
سەنەم
خەلقىمىز سىزدىن پەخىرلىنىدۇ ئاكا ،ياشاپ كېتىڭ!ئاللاھدىن ساغلام تەن،ئوچۇق تەلەي ۋە قوشلاپ ئامەت تىلەيمەن~بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇتۇقلىرىڭىزنى كۆرۈشكە تىلەكداشمىز!ئاللاھ خالىسا بىزمۇ تىرىشىمىز!ئۇيغۇرلار يۈكسەلمەكتە!!!!!!!
-
نۇرئەخمەت
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى بولغان ئەركىن ئاكا!ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلغاي،ئائىلىڭىز بەخىت سائادەت ئىچىدە ئۆتكەي! بىزمۇ سىزنىڭ ئىزباسارلاردىن بولىشىمىز ئۈچۈن تىرىشىمىز! ئۇيغۇرلانىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولغاي،ئامىن!
-
ئىنتىقام
essalamu aleykum ,erkin sidik apandim ,allahning siz arkilik tehimu kop mojizillirini dunya insanlirica axkarilixiga ixiniman ,ilim insanga allah taripidin birilidu qunki allah mubarek kuranda ,,bilganlar bilan bilmiganlar hargiz tang bulalmaydu digan .biz pakat bilgandila andin baxkilardin exip quxalaymiz ham baxkilar biz bilan tang bulalmaydu. .ahirida allah tiningizni salamat kilsun.
-
wolqan
ياشاپ كەت ئۇيغۇر ئوغلى!!! ئاللاھنىڭ كەڭرى زىمىنىدا ئىسمى جىسمىڭغا لايىق ئەركىن پەرۋەز قىل !!!!
-
ۋەتەن ئوغلى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇر ئاكادىمىكى تور بېتىدىكى ئەزىز دوسلار ئاكا ئىنى ئاچا سىڭىل قىرىنداشلار ياخشىمۇ سىلەر ۋەتەن ئوغلىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام ھەممىڭلەرنىڭ تىنىگە چەكسىز سالامەتلىك بەخىت ئامەت ئىلىم مەرىپەت شەرمى ھايا كۇچلۇك ئىمان تىلەيمەن
مەن ئەركىن ئەپەندىمنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىنىڭ مۇئاپىقيەتلىك بولىشىنى تىلەيمەن -
دىلخۇش
مەنمۇ ھاياجىنىمنى باسالماي ۋاتىمەن.ئاكابىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز.ئاللاسىزگە ئۇتۇق ۋە ساغلاملىق ئاتاقىلسۇن.
-
غايىپ
دوستلار ،ئۆگىنىش ،تىرشىش،جاپالىق ئىزدىنىش ھەرگىزمۇ ئەركىن سىدىق ئەپەندىگە خاس ئەمەس ،ئەركىن سىدىق ئەپەندى بۇلسا ئادەم قىلشقا تىگشلىك ئىشنى قىلغان كىشى ،ئۇ ئالىم بولۇپلا قالماي ،يەنە ھەققى ئىنسان ،ئالم ئەركىن سىدىق پەقەت بىرلا ،2-ئەركىن سىدىق دۇنياغا كىلىشى مۇمكىن ئەمەس ،لىكىن ئەركىن سىدىقىنى بىسىپ چۇشىدىغان ،ياكى يىڭلىق يارتالايدىغان كىشلەر ئارىمىزدا نۇرغۇن ،ئۆزىمىزگە ئىشىنەيلى ،بىز ئەڭ ئەقىلىق كىشىلەر !،گەرچە بىز ئەركىن سىدىق بولالمىساقمۇ ،بىز ئەركىن سىدىق ئەپەندنىڭ روھىدىن ئۆگىنەيلى ،قىمار ،ھاراق،ۋە ئورۇنسز ئىشلاردىن قول ئۇزۇپ ،كىتاب ،تىخنىكا ،تىل ،قاتارلىق بىلىملەرنى ئۆگۇنۇپ ئۇنۋىرسال ساپايىمىزنى ئاشۇرايلى !
چۇنكى ،بۇگۇن ئۆتمۇشكە،ئەتە تارىخقا ئايلانغۇسى . بىز ھەرگىزمۇ ،بىر قاچا تاماق يىيش ئۇچۇن ياشىمايلى،بولمىسا بىز تارىخىتا جىنايەت ئىزنى قالدۇرىمىز. -
يۇسۇپجان
ئەسسالامۇـئەلەيكۇم !ئەركىن سىدىق ئاكا .ئاللا ئىشلىرىڭىزنى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق قىلسۇن!ئامىن!
-
كارىزىم
سىزنىڭ نەتىجىلىرىڭىزدىن پەخىرلىنىش بىلەن بىرگە سىزدەك ئالىملىرىمىزنىڭ كۆپلەپ يىتىلىشىنى ئارزۇ قىلىمەن!
-
تارىم
مۇبارەك بولسۇن!!!!
بىز ئۈچۈن ۋەتەنداشلار ئۈچۈن قىلغان ئشلىرىڭىزنىڭ بەركىتىنى ئەجرىنى بەر سۇن ئامىن~~~~! -
ruslan
mubarak bolsun,siz kazangan harbir muwappikiyat halkimizning bir nerwisini zaratligusi.kelaqakta tehimu kop yaxlarning izingizni besip hakiki uygur,hakiki insan.hakiki alim bulup qikixiga tilakdaxmiz.uluk alla teningizni salamat,aklingizni ziyada.iradingizni tehimu mustahkam,yultuzingizni tehimu yoruk,yolliringizni tehimu dagdam kilsun,amin.
-
Heweskar
Bu mukapat 2008- yilidikihttp://www.meripet.com/Sohbet1/photo/NASA_Certificate2.jpgmukapattin kiyin alghan mukapat oxshimamdu
shu chaghda bilik munbiride mundaq dep anglighan idim
دوكتۇر ئەركىن سىدىقنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ پەقەت ھازىر مۇكاپات ئالغان تېخنىكىسى بىلەنلا توختاپ قالمىغان بولۇپ، ئۇ يېقىندا يەنە ئۆزى كەشىپ قىلغان ئىككى خىل يېڭى تېخنىكىنى ئېلان قىلىدىكەن. -
yuse yin
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا : ئاللا ئىشلىرىڭىزنى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق قىلسۇن! ئاللا خالىسا بىزمۇ كدلۈسىدە سىزنىڭ ئىزىڭىزنى باسىمىز
-
Abdulla
/ئەسسالامۇئەلەيكۇم!
بەكمۇ ئىپتىخارلىق ئىش بوپتۇ!
كىيىنكى ئىشلىرىڭىزغا تىخمۇ كۆپ ئۇتۇقلار يار بولسۇن! بەكمۇ خۇش بولدۇم!
مۇبارەك بولسۇن! ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! -
ئالىپ تېكىن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەركىن سىدىق ئاكا :بۇ مۇۋاپىقيىتىڭىزنى ئاڭلاپ ناھايىتى خوش بولدۇم!ئىرادەم تېخىمۇ كۈچەيدى!
-
jasur
مۇبارەك بولسۇن ، سىز راستىنلا بىر مىللەتنىڭ پەخىرى. مەن بىر ستودېنت،ساۋاقداشلار ۋە دوستلار ھەممىسى سىزنىڭ تەرىپىڭىزنى قىلدۇ ، سىزنىڭ گىپىڭىزنى قىلىدۇ. بىز بەك ھاياجانلىنمىز ، مىللەتتىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسىغا چۆمۈمىز
زۇلپىقار
ياشاپ كىتىڭ ئەركىن ئاكا ! بىزمۇ چوقۇم تىرىشىمىز !
جاۋاب