You Are Here: Home » ئومۇمى » ئۇيغۇر ئۈمۈت كۇماندىسى ئۆزبېكىستان كۇماندىسىنى يېڭىپ 4 كۈچلۈككە كىردى!!!

ئۇيغۇر ئۈمۈت كۇماندىسى ئۆزبېكىستان كۇماندىسىنى يېڭىپ 4 كۈچلۈككە كىردى!!!

Umut12[1]

يوللىغۇچى:  يوللانغان ۋاقتى: 2010- يىل 01- ماي ئورنى: ئۇنۋېرسال ئۇچۇرلار | ئىنكاس : 31

ئۇيغۇر ئۈمۈت كۇماندىسى ئۆزبېكىستان كۇماندىسىنى زور پەرق بىلەن يىڭىپ 4 كۈچلۈككە كىردى. مۇسابىقە جىددى ۋە قاتتىق بولدى.

بۇ قېتىمقى 24 دۆلەتتىن تەركىپ تاپقان، 28 كۇماندا مۇسابىقىسى ئىستانبۇلدا ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان بۇ تۈردىكى مۇسابىقىلار ئىچىدە كۆلىمى ۋە تەسىر دائىرىسى ئەڭ چوڭ بۇلۇپ، ئىستانبۇلدا ئوقۇۋاتقان 50 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىززىق نوقتىسى.

بۇ مۇسابىقە 7 كىشىلىك كىچىك مەيداندا ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ، مۇسابىقە رىتىمى بەك تىز، تېخنىكىلىق ماھارىتى خىلىلا يۇقىرى. 3 يىللىق ئۆزلۈكسىز جاپالىق مەشىق نەتىجىسىدە مۇشۇ نەتىجىلەرگە ئىرىشتى.

تەپسىلاتى:

1. 4 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسى نەتىجىسى (5-ئاينىڭ 1- كۈنى، شەنبە سائەت 13:00)

ئۇيغۇر ئۈمۈت        12  –  0              ئۆزبېكىستان

2. 8 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسى نەتىجىسى

(5- ئاينىڭ 1- كۈنى، شەنبە سائەت 13:00 )

ئۇيغۇر ئۈمۈت        14  –  1              مۇڭغۇلىيە

Umut2[1]3. كىچىك گۇرۇپ نەتىجىسى

ئۇيغۇر ئۈمۈت    3  –  0        موروككو

ئۇيغۇر ئۈمۈت    6  –  2        ئالبانىيە

ئۇيغۇر ئۈمۈت  12  –  4      لىۋان

كۇماندىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجە قازىنىشى ئۈچۈن ئاللاھتىن غەيرەت تىلەيمىز!!!.

 

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى كونا توربېتى

—————————————

تىمىغا ئالاقىلىق كونا توربەتتە يېزىلغان ئىنكاسلار:

ئىنكاسلار (31)

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top