You Are Here: Home » ئومۇمى » بىر ئەنگىلىيەلىك قىزنىڭ مۇسۇلمان بۇلۇشى!

بىر ئەنگىلىيەلىك قىزنىڭ مۇسۇلمان بۇلۇشى!

World_Hijab_Days_2013بىر كۈنلۈك ياغلىق چىگىش ، بىر نەپەر 21 ياشلىق ئەنگىلىيەلىك قىز ئىسلامنى ئۈگىنىش ئارقىلىق مۇسۇلمانغا ئايلاندى .
«مەن بىرنىجى قىتىملىق دۇنيا ھىجاب كۈنىگە(World Hijab Day) قاتناشتىم ، ھەمدە مەن بىر ئاينىڭ ياقى ياغلىق چىگىشىنى چىداپ داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم .مەن يەنە قۇرئان ئۇقۇشنى باشلىدىم -ئۇنىڭ ئىچىدىكى سۆزلەر ناھايىتى لوگىكىلىق ۋە رۇشەن ئىكەن  ، ئىنجىلدىكى سۆزلەرگە ئوخشاش مۇجمەل ئەمەسكەن» جىشكا ( Muslim Mirror  (Jessica Rhodes (مۇسۇلمانلار ئەينىكى) تورىنىڭ مۇخبىرىغا شۇنداق دىدى.
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى ، ئەنگىلىيەنىڭ غەربى قىسىمدىكى نۇرۋىچ( Norwich) شەھرىدىن كەلگەن جىشكا بىلەن باشقا غەيرى مۇسۇلمانلار بىر يىلدا بىر قىتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ھىجاب كۈنىگە(World Hijab Day) ياغلىق چىگىپ قاتناشتى . بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى كىشلەرنىڭ ھىجاپقا بولغان خاتا قارىشىنى تۇگۈتۇش .
jess[1]كىشلەر ئىسلام دىنىدىكى رومال ئارتىشىغا- بۇ خىل زورۆرىيەتتە كىيىم كىيىش ئاياللار ئەركىنىلىكنىڭ چەكلىنىشى دەپ قارايدۇ .
رومال ئارتىقاندىن باشلاپ ، ئۇ ئەينى چاغدىكى رومال ئارتمىغان ۋاقتىتىكى ھىسياتىنى بىلەلمىدى. كىيىنىرەك ئۇ ئىسلامنى ئۈگىنىشنى باشلاپ ئىسلام چوڭقۇرلاپ چۈشنىشكە تۇتۇش قىلدى .
ئۇ – مەن ئىسلام دىننى چۇڭقۇر تەتقىق قىلدىم ، مەن ئىسلام دىننى مەن چۈشىنەلمەي قالغان بارلىق مەسللەرگە جاۋاب بىرەلەيدىغان دىن دەپ قارايمەن -دىدى .
ئىسلام دىننى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئۇ ئۇخشىمغان نۇرغۇن ئىنكاسلارغا يۇلۇقتى . ئۇ – ئىشلار راستىنلا ناھايىتى قالايمىقان بۇلۇپ كەتتى . ئاتا- ئانام مىنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلىپ ئانچە خۇشال بولمىغان بولسمۇ ئەمما مىنىڭ تاللىشىمنى قۇبۇل قىلدى . مىنىڭ قىيئانا-قىيناتام مىنى خىلىلا قوللىدى . دوسلۇرۇمنىڭ ئىنكاسىمۇ ئوخشاش بولمىدى ، بەزىلىلىرى ناھايىتى خۇشال بولدى . بەزىللىرى مەن بىلەن مۇنازىرلەشتى ، يەنە بەزى دوسلۇرۇم مەن بىلەن چەك-چىگراسىنى ئايرىدى -دىدى .

بۇ ياش ئەنگىلىيەلىك قىز ناھايىتى كۆپ مۇسۇلمانلارنىڭ يىڭى مۇسۇلمانلارغا ئىسلامنى چۈشىنىشگە يىتەرلىك ياردەم قىلمىغىندىن ئاغرىندى .بەزى مۇسۇلمانلار ماڭا ياردەم قىلدى ، ئەمما كۆپلىگەن مۇسۇلمانلار ماڭا ياردەم قىلىشنى ئويلاپمۇ قۇيمىدى ،مەن ئۇدۇللا باشقىلارنىڭ ياردەم قىلىشغا ئىنتىلدىم .  -ئۇ شۇنداق دەپ ئاھ ئۇردى .
ئۇنىڭ دىيشىچە ناھايىتى نۇرغۇن مۇسۇلمانلارنىڭ قۇرئان كەرىمنى ئۆزلەشتۇرىشى چەكلىك ئىكەن . مەن بىرىپ مەسىلە سورىغان چاغدا كۆپچىلىكى قۇرئان كەرىمنىڭ تىكىسىتىدىن نەقىل كەلتۇردى . ئەمما يىڭى مۇسۇلماننىڭ ئۇلارنىڭ دىگەنلىرىنى  بىردەمدىلا چۈشۈنۈپ ئۆزلەشتۇرشى ئاسان ئەمەس .شۇڭا  مەن ئىسلام دىننى چۇڭقۇر تەتقىق قىلشىنى داۋاملاشتۇرىمەن.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top