ۋاشىنگىتون شىتاتلىق ئۇنېۋىرسىتىدىن تۇرسۇنجان ئابلىكىم (Jeck) ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر زىيالىلىرىغا ئېنىرگىيەنىڭ كەلگۈسى تېمىسىدا ئىلمىي دوكىلات بەردى
ئامىرىكا ۋاشىنگىتون شىتاتلىق ئۇنېۋىرسىتىدىن تۇرسۇنجان ئابلىكىم 7 – ئاينىڭ 23 – كۈنى (2012)شەنبە چۈشتىن كېيىن سائەت 13:45 تە بابى – ئالەم خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار تەشكىلاتى يىغىن زالىدا ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىلارغا ئۆزىنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتىنى تونۇشتۇرۇش بىلەن بىرگە، ئوقۇش ھاياتى، ئامىرىكا جەمىئىيىتى ۋە ئۇيغۇر زىيالىلىرى ھەققىدە ئىلمىي سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئىستانبۇلدىكى ئىلىمخۇمار 30 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ۋە زىيالىلار بۇ ئىلمىي دوكىلاتتىن بەھرىمان بولدى.كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار تەتىل بولۇپ ۋەتەنگە قايتىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن بۇ قېتىملىق پائالىيىتىمىزگە قاتنىشالماي قالدى.
باشلىنىش قىسمىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئابدۇلھەمىد قاراخان قاتناشقۇچىلارغا تۇرسۇنجان ئابلىكىمنىڭ قسقىچە تەرجىمھالىنى ئوقۇپ ئۆتتى:
تۇرسۇنجان ئابلىكىم 1977 – يىلى خوتەن ۋىلايىتى قارىقاش ناھىيىسى پۇرچاقچى يېزىسىنىڭ ئوتتۇرا ياغاچچى كەنتىدە تۇغۇلغان، باكلاۋۇرلۇق ئۇقۇشىنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پەن تېخنىكا سىنىپىدا ئىككى يىل تەييارلىق باسقۇچىنى تاماملىغاندىن كېيىن چىڭدۇ پەن تېخنىكا ئۇنۋېرسىتېتىدا ڧوتو ئېلىكترون كەسپىدە ئوقۇغان. ئۇقۇش پۈتتۈرۈپ شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتېتىدا بىر نەچچە يىل ئىشلىگەندىن كېيىن ئامېرىكىغا ئوقۇشقا چىققان، تۇرسۇنجان ھازىر ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شىتاتىدىكى (ۋاشىنگىتون شەھىرى ئەمەس) ۋاشىنگىتون شىتاتلىق ئۇنۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتىدۇ، تۇرسۇنجان ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، 2006- يىلى قۇرغان جەك تور بېتىدە ئۆزىنىڭ ئوقۇش ۋە تۇرمۇش تەجىربىلىرى، كەسپى بىلىملەر ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ياشلىرىغا پايدىلىق بولغان ئۇقۇش ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە (http://jeckblog.com).
تۇرسۇنجان ئابلىكىمنىڭ سۇنماقچى بولغان تېمىسى «ئېنىرگىيەنىڭ كەلگۈسى» بولۇپ، ئاساسلىق مەزمۇنغا ئۆتۈشتىن بۇرۇن، ئۆزىنىڭ ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارغاندىن كېيىن يولۇققان قىيىنچىلىقلىرى ۋە ھازىر يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى بىلەن قۇياش ئېنىرگىيەسى باتارىيىىسى ياساش تەتقىقاتىدا ئىشلەۋاتقانلىقى قاتارلىقلارنى قىسقىچە سۆزلەپ ئۆتتى.
تۇرسۇنجان لېكسىيەسىدە، ھازىر ئىنسانلارنىڭ (بولۇپمۇ ئامېرىكىدا) كۆپ ئىشلىتىۋاتقان ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يېڭىلانمايدىغان ئېنىرگىيەلەر بولۇپ بۇلار رەت تەرتىپى بويىچە: نېڧىت (%40)؛ كۆمۈر (%23)؛ تەبىئى گاز (%22)؛ يادرو ئېنىرگىيەسى (%8) قاتارلىقلار ئىكەنلىكىنى، يېڭىلىنىدىغان ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ بولسا ئاران %7 نى ئېگەللەيدىغانلىقى ۋە بۇ ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنىڭ: قۇياش ئېنىرگىيەسى، يەر شارىنىڭ ئۆز ئسسىقلىق ئېنىرگىيەسى، شامال كۈچى ئېنىرگىيەسى، سۇ كۈچى
ئېنىرگىيەسى، زىرائەت ياكى ئۆسۈملۈكلەردىن ئىشلەپ چىقىرىلىدىغان ئېنىرگىيە قاتارلىلاردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاسان ئېرىشكىلى بولىدىغان ئېنىرگىيەنىڭ يەنىلا قۇياش ئېنىرگىيەسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى. ئامېرىكىدا باراك ئوباما دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تەكلىپ پىلانلىرى بىلەن يېڭىلىنىدىغان ئېنىرگىيەلەرنى ئېچىشقا مەبلەغ سېلىنىشقا باشلىغان بولۇپ، بۇ پىلان بويىچە، 2025-يىلىغا بارغاندا ئامېرىكىدىكى پۈتۈن بىنالار ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان توكنى ئۆزلىرى ئىشلەپ چىقىرىدىغان ھالەتكە كېلىدىكەن. تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا دۇنيادىكى نېڧىت زاپىسى 2050- يىلى، كۆمۈر زاپىسى بولسا 2060- يىلىغا بارغاندا تۈگەيدىكەن، ئامېرىكا بۇ ئېنىرگىيە مەنبەلىرى تۈگەشتىن بۇرۇن قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى كۆپلەپ يارىتىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوتتورا شەرق ۋە باشقا رايونلاردىن كىرگۈزىۋاتقان نېڧىت قاتارلىقلارنى توختاتماقچى ئىكەن.
تۇرسۇنجان دوكلاتىدا دۇنيادىكى نېڧىت زاپىسىنىڭ نۆۋەتتىكى قېزىلىش ئەھۋالى ۋە خام نېڧىت باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش باسقۇچلىرى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى. يېڭىلىنىدىغان ئېنىرگىيە مەنبەلىرىنى ئېچىشنىڭ تەننەرخى يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى بولغانلىقى ئۈچۈن، يېڭىلانمايدىغان ئېنىرگىيە مەنبەلىرىگە بولغان تەلەپ يەنىلا يۇقىرى ئىكەن. بۇ سەۋەپتىن ئامېرىكا شامال كۈچى ئېنىرگىيەسى ۋە قۇياش ئېنىرگىيەسىدىن ئېرىشىلىدىغان توكنىڭ باھاسىنى، كۆمۈردىن ئېرىشىلىدىغان توكنىڭ باھاسى بىلەن تەڭلەشتۈرۈش ۋە بۇ ئارقىلىق ئىنسانلارنى پاكىز ئىنىرگىيە مەنبەلىرىدىن پايدىلىنىشقا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن.
دوكلات سۇنۇلغاندىن كېيىن قاتناشقۇچىلار بەس- بەستە سوئال سوراپ پائالىيەتنىڭ جانلىقلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈردى، تەنەپپۇسنىمۇ قولدىن بەرمەي قىزغىن سۆھبەت باشلىنىپ كەتتى، قاتناشقۇچىلاردىن بەزىلەر «بوشلۇق نەزەرىيەسى» بىلەن بىر مەزگىل غۇلغۇلا پەيدا قىلغان قاسىم سىدىق ۋە Jeck ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرىلەر ھەققىدە تۇرسۇنجاننىڭ پىكىرىنى سورىدى، تۇرسۇنجان ئۇ تالاش تارتىشلار ۋە قاسىم سىدىقنىڭ پەقەت نەزەرىيەسىلا ئوتتورىغا قويۇلۇپ ھېچقانداق ئىلمىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانمىغان بەزى كۆز قاراشلىرى ھەققىدە پىكىرلەر بايان قىلدى. قاتناشقۇچىلارنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، تۇرسۇنجان ئاخىرىدا كۆپچىلىككە ئامېرىكىغا چىقىپ ئوقۇش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىپ ئۆتتى.
ئاخىرىدا، ئابدۇلھەمىد قاراخان يېپىلىش نۇتىقىدا، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۆزىنى تەرەققى قىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ توغرا يولىنىڭ يەنىلا ئىلىم – پەن ئۆگىنىش ئىكەنلىكىنى مەمتىلى تەۋپىقنى مىسال كەلتۈرۈپ تۇرۇپ تەكىتلەپ ئۆتتى ۋە پائالىيەتكە قاتناشقانلارغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى نامىدىن چۇڭقۇر رەھمەت ئېيتتى. بۇ ئىلمىي يىغىن تۈگكەندە، يىغىنغا قاتناشقان بىر قىسىم زىيالىلار خاتىرە رەسىمىگە چۈشتى.
خەۋەر ئىشلىگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن زەمىرە ئەھمەد
======================
كونا بەتتىكى بۇ تىمىغا چۈشكەن ئىنكاسلار:
ئىنكاسلار (50)
-
jalzat
ulugh allah namidin ishliringlargha utuq tileyman….
-
adnan
ئاپىرىن ، قېرىندىشىمىزغا ئۇزۇن ئۆمۈر ۋە مول بەخىتلەر تىلەيمىز .
-
miskin23
muxundak yaxlar ning kuplap qikixini umut kili miz….
-
قاسىم سىدىق
ئالدى بىلەن تۇرسۇنجان (جېك) ئەپەندىنىڭ ئۆگىنىش ۋە تەتقىقاتتا زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرمەن. بۇ تېمىدا ماڭا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ يەرگە چاپلاپ نادىرلاپ قويدۇم. تۇرسۇنجان يەنە شۇ «قاسىم سىدىقنىڭ پەقەت نەزەرىيەسىلا ئوتتورىغا قويۇلۇپ ھېچقانداق ئىلمىي پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلانمىغان بەزى كۆز قاراشلىرى ھەققىدە پىكىرلەر بايان» قىلىپتۇ. بۇ ھەقتە نۇرغۇن مۇھاكىمە-مۇنازىرەلەر بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ يەردە ئارتۇق توختالمايمەن. لىكىن. بىر نۇقتىنى ئەسكەرتىپ قويماقچى. تۇرسۇنجان بۇ دوكلاتىنى 29-تىئورمىنىڭ تەجىربە دوكلاتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مۇشۇ ئايدا ئوتتۇرغا قويۇپتۇ. بىز ھازىر بۇنداق تەجىربىنىڭ بۇرۇن ئىشلەنگەن-ئىشلەنمىگەنلىكى ياكى باشقا مەۋقەدە تۇرۇپ چۈشەندۈرۈلگەن-چۈشەندۈرۈلمىگەنلىكىنى بىلەلمەي ئاۋارە… تۇرسۇنجان بۇ تەجىربىنى نىمىلا بولمىسۇن بىرەر «ئىسپات» دەپ قارامدۇ ياكى قارىمامدۇ؟ سەۋەبى نىمە؟ بۇنى بەكمۇ بىلگم بار.
قاسىم سىدىق
2011.7.27 -
قاسىم سىدىق
قاسىم سىدىق: نەزەرىيە ھەققىدىكى سەپسەتەلەر
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2283
-
قاسىم سىدىق
ئالىمجان ئوبۇل:GP-Bتەجرىبىسى زامان-ماكان ئەگرىلىكىنىڭ يېتەرلىك ئېسپاتى ئەمەس
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=3736
-
قاسىم سىدىق
ئالىمجان ئوبۇل: ئىككى تەجرىبە ھەققىدە سىلېشتۇرما تەھلىل
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=3641
-
Karwan
Assalamu eleykum! Hormetlik Jeck ependim, Qasimjan.Sidiq ependim, men aldi bilen her ikkinglarning tetqiqatinglarning utuqluq bulushini umut qilimen.Qasimjan sidiq ependim 29-tieormingizning ispatlanghanliqidin tulimu suyudnum. Bu netijingizni birer journalda ilan qilip baqtingizmu? Mumkin bolsa tetqiqat netijiliringizning nopuzluq ilni jourlallarda ilan qilnishini umut qilimen.
-
قاسىم سىدىق
قاسىم سىدىق: چوڭ بايقاش-خۇشاللىنارلىق خەۋەر
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=4797&page=1&extra=#pid12144 -
قاسىم سىدىق
قاسىم سىدىق:«سەرگەردان يۇلتۇز»لار__ جەلىپكار تېما
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=4785 -
قاسىم سىدىق
29- تىئورما تەجىرىبىسىنى ئىشلىگەنلەر دىققەت قىلىشقا تىگىشلك مەسلە!!
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=4606 -
قاسىم سىدىق
سىتىۋېن ۋېنبېرىگ: ئېنىشتېيىننىڭ خاتالىقى
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=537&page=1&extra=#pid611
-
قاسىم سىدىق
شەكىل نەزەرىيىسىنىڭ پەرەزلىرى ئىچىدىكى قوللاشقا ئىرىشكەن دەپ قاراشقا بولىدىغان پەرەزلەر
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1095
-
قاسىم سىدىق
بىلىكيار:
«ئېغىش ھادىسىسى» تەجرىبىسى تەتقىقاتىغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەققىدە جىددىي مۇراجىئەتhttp://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=4863
-
كارۋان
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھورمەتلىك قاسىم.سىدىق ئۇستاز، سىز ۋە سىزنىڭ گورۇپپىڭىز قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەردىن قەۋەتلا سۈيۈندۈم. ھەممىگە قادىر ئاللاھ سىز ۋە گۇرۇپپىڭىزدىكىلەرگە تېخىمۇ كۆپ نۇسرەت ئاتا قىلغاي.
مىنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم، سىلەر 29-تېئورما ئىسپاتلىنىش نەتىجىسىنى بىرەر ئىلمې جورنالغا تاپشۇردىڭلارمۇ؟
رەھمەت! -
Murat Orhun
Esselammu eleykum Hormetlik Qasim Sidiq efendim. Sizning tetqiqatingizdin bekmu hoshal boldum we ghurur tuydum. Aldi bilen qiliwatqan bu tetqiqatingizni toxtimay dawamlashturushini otunimen we tetqiqat neticiliringizni , siz qilwatwan tetqiqatlar bilen munasiwetlik maqalilarning ilan qiliniwatqan Xeliqaraliq Ilmiy Jornallargha yollighan bolsingiz tiximu yahshi bolatti.
Hormet bilen,
Murat Orhun -
قاسىم سىدىق
ۋائەلەيكۇم ئەسسالام!
شەكىل نەزەرىيىسىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىگىڭلار ئۈچۈن تەشەككۇر!
بىر قىسىم ماقالىلار ئۇيغۇرچە ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى، تەجرىبە دوكىلاتى تېخى ژۇرنالغا بىرىلمىدى. تەھرىرلەپ، مەتبۇئات تەلىۋىگە لايىق قىلىپ ژۇرنالغا بەرمەكچى ۋە خەنزۇچە ئىنگىلىزچە تەرجىمىلىرىنى ئىشلىمەكچى.
شەكىل نەزەرىيىسى چىتىلىش دائىرىسى كەڭ نەزەرىيە سىستېمىسى بولغانلىقى ئۈچۈن بىزنىڭ كۈچىمىز يىتىشمەيۋاتىدۇ. ماتېماتىكىلىق مودىللىرىنى تۇرغۇزالمايۋاتىمىز. بۇ نەزەرىيەنىڭ ئىستىقبالى بار دەپ قارايدىغان كەسپى ئىقتىدارى يۇقىرى ۋە ماتېماتىكا ئاساسىي ياخشى بولغان، كۆپرەك كىشىلەرنىڭ بۇ تەتقىقاتقا قاتنىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئالاقىدار ئورۇنلار 9-10 ئايلاردا بىر قېتىملىق «شەكىل نەزەرىيىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۇيۇشتۇرۇپ بىرىش ھەققىدە پوزىتسىيە بىلدۇردى. بىز شۇ يىغىندىمۇ يۇقۇرقى تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويماقچى.
قاسىم سىدىق
2011-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى. -
قاسىم سىدىق
ئالىمجان ئوبۇلقاسىم: مىنكوۋېسكى بوشلۇقى ۋە تەكشى ماكان
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=3875
-
قاسىم سىدىق
ئالىمجان ئوبۇلقاسىم: مۇتلەق ھەجىم-«پلانىك زەررىچىسى»-ئېلمىنتار زەررىچە
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=4114
-
ئۇيغۇر بالىسى
ھازىر تور دۇنياسىدا ئىلمى مۇھاكىمىلەر بولالايدىغان بولغاچقا، قاسىم سىدىق ئەپەندىممۇ ئۆزىنىڭ تەتقىقاتىنى ئۇيغۇر ئاكېدىمىيىسىگە سۇنۇپ باقسا ( توردا )
جېكنىڭ زىيارەتلىرى قۇتلۇق بولغاي . -
قاسىم سىدىق
بەزى تېمىلارنى يوللاشتا بىرمۇنچە تېخنىكىلىق قېيىنچىلىقلارغا دۇچ كىلىدىكەنمىز. «كائىنات» تورى «شەكىل نەزەرىيىسى»نى نوقتىلىق مۇھاكىمە قىلىش مەقسىتىدە تور بولغانلىقى ئۈچۈن مۇھاكىمىگە قاتنىشىشنى خالايدىغان تورداشلارنىڭ ۋە كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ كائىناتتىكى ئالاقىدار تېمىلار ئاستىدا مۇھاكىمە ئىلىپ بىرىشى تېخىمۇ قۇلايلىقمىكىن دەپ قارايمەن.
-
كارۋان
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ھورمەتلىك قاسىم.سىدىق ئۇستاز، ئالدىراش بۇلشىڭىزغا قارىماي، ۋاقت چىقىرىپ سۇئلىمغا جاۋاپ بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت. تەتقىقات ئىشلىرىڭىزنىڭ تىخىمۇ ئۇتۇقلۇق بۇلۇشىنى ئۈمۈت قىلىمەن.
-
قاسىم سىدىق
كراگ كالىندىر: زامان پەقەتلا تۇيغۇمۇ؟
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=565&extra=page%3D1
-
قاسىم سىدىق
ھانىس ئوھانىيان :ئېنشتيىن تۆۋەندىكى 23خىل ئىلمى خاتالىقنى سادىر قىلغان
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=4939&page=1&extra=#pid12615
论坛:爱因斯坦一生中的23个错误
http://scitech.people.com.cn/GB/98868/8339811.html
Einstein’s 23 Biggest Mistakes
-
قاسىم سىدىق
قاسىم سىدىق: ئاق قەغەز مودىلى
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1036
-
قاسىم سىدىق
قاسىم سىدىق: 29-41-تېئورمىلارنىڭ نەزەرىيىۋى ئاساسلىرى
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=2114
-
儿科医生
baxkilar nurgun nahxi inkaslarni kalduruptiken,birak jeck mahtimay uning hatalikini korsitip kalganliktinmu nime dep oqurwitildikin? emiliyette jeckning kop gunayimu yok u peket sehsiyetqi we abruy pesrla yiri barikenduk xu.k
-
قاسىم سىدىق
“ 29-تېئورىما“ نىڭ ئىسپاتلىنىشىدىكى نۇقسانلار
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=4996
-
قاسىم سىدىق
قاسىم سىدىق: ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ فۇنۇن ئەپەندى!
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=5252
-
قاسىم سىدىق
ئالىمجان ئوبۇلقاسىم: شەكىل نەزەرىيسى تەقەززالىغىدىكى يېڭى فىزىكا
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=5261&page=1&extra=#pid13791
-
قاسىم سىدىق
تىرىشچان:فۇنۇن ئەپەندىگە ئۇچۇق خەت
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=5274
-
قاسىم سىدىق
ئالىمجان ئوبۇلقاسىم: 29-تېئورىمىنى قوللايدىغان تەجرىبە –كۈزىتىش نەتېجىلىرى
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=5260
-
قاسىم سىدىق
قاسىم سىدىق: «مۇتلەق ھەجىم»ھەققىدە
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1393
-
قاسىم سىدىق
ھەۋەسكار:29-تىئورمانىڭ تەجرىبە دۇكلاتى 1 گە بولغان تەكلىپلىرىم
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=5294
-
قاسىم سىدىق
روزى ھىيتلىق سوۋغا: 29- تىئورمىغا مۇناسىۋەتلىك تەجىربىنڭ بۇرۇن ئىشلەنگەن- ئىشلەنمىگەنلىگى توغرىسىدا
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=5340
-
قاسىم سىدىق
شىنجاڭ ئويغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پەن –تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى» ئىلمىي مۇھاكىمە سالونى ئىچىشقا تەييارلىق قېلىش ئۇقتۇرۇشى
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=6101&page=1&extra=#pid17191
-
قاسىم سىدىق
فىرافىسۇر ھوشۇر ئىسلامنىڭ «شەكىل نەزەرىيىسى» ھەققىدە ئېيتقانلىرى
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=6128
-
قاسىم سىدىق
خالمىرات ئازاتنىڭ «شەكىل نەزەرىيىسى» ھەققىدە ئېيتقانلىرى
http://www.kayinat.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=6190
تورباجىن
ئەجەپ ياخشى خەۋەركەن. ۋەتەندە بولسا قاتنىشاركەنمىز. ۋەتەندە قاتنىشىلى دىسەكمۇ ئۇيغۇرچە ئىلمىي مۇئاكىمە يېغىنى يوق.يا كۆڭلىدىكىنى دىگىلى بولمىغان.
جاۋاب