You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » قابىلىيەتلىك بولۇشلا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن كۇپايە قىلمايدۇ

قابىلىيەتلىك بولۇشلا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن كۇپايە قىلمايدۇ

قابىلىيەتلىك ئىنسانلارنىڭ ئىقتىدارلىرى بىزنى ھەيران قالدۇرسىمۇ، لېكىن كۆز قامۇشتۇرغان غەلبىنىڭ سەۋەبى پەقەت قابىلىيەت ئەمەسلىكىنى ئۇنتۇماسلىقىمىز لازىم. چۈنكى ئەڭ ئۈستۈن قابىلىيەتكە ئىگە كىشىلەر باشقىلاردىن ئاز ئىشلەش ئارقىلىق بۇ سەۋىيىگە يېتەلمەيدۇ. ۋاھالەنكى ئۇلار ئۆزىدىكى ئىقتىدارنى ئىرادىلىرى بىلەن كۈچەيتىدۇ.

ئىنساننىڭ ھۆر ئىرادىسى قابىلىيەتلىرىدىن ئەمەس:
قابىلىيەتلىك ئىنسانلار ھەممىمىزنى ھەيران قالدۇرىدۇ. شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ نەتىجىلىرىمۇ كۆزىمىزنى قاماشتۇرىدۇ. مەسىلەن ناھايىتى مەشھۇر بىز مۇزىكانىتقا قۇلاق سالساق ھەيران قالىمىز. مەشھۇر بىر پۇتبۇلچىنىڭ قىلغان جىددى ھەرىكەتلىرىدىن ھاڭ – تاڭ قالىمىز ۋە ھەرىكەتلىرىدىن تەسىرلىنىمىز. بىزگە نىسبەتەن ئۇلارنىڭ غەلىبە قىلىشىدىكى سەۋەپ ئۇلاردىكى قابىلىيەتتەك كۆرىنىدۇ.
شۇڭا كۆپىنچە كىشىلەر دۇنيانىڭ ئادالەتسىز بولغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئۇلارنىڭچە ھەر نەرسىنىڭ ئەڭ ياخشىسى قابىلىيەتلىك كىشىلەرگە بېرىلىپ ئۇلار ھەقسىزلىق ياكى زۇلۇمغا ئۇچرىغان كىشىلەردۇر.
بۇ كۆز قاراش سىزنىڭچە قانچىلىك توغرىدۇ؟ ھەقىقەتەن قابىلىيەت ئىنسانلارنىڭ غەلىبە قىلىشىدىكى بىردىن سەۋەپمىدۇ؟
ئىنساندىكى قابىلىيەتنىڭ نە قەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. لېكىن ھەر جەھەتتىن كۈچ سەرپ قىلىنمىغان ياكى تىرىشمىغان تەقدىردە، يالغۇز قابىلىيەتنىڭمۇ بىر ئىشقا ئەسقاتمايدىغانلىقىنىمۇ ئۇبدان بىلىمىز. قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرى يىراقتىن قارىماققا ناھايىتى ئاساندەك، پۈتۈن غەلبىلەرنى ئۆزىدىكى قابىلىيەت بىلەنلا ئەمەلگە ئاشۇرغاندەك كۆرۈنىدۇ. لېكىن ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. چۈنكى بىر ساھەدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پەقەت قابىلىيەتلا كۇپايە قىلماستىن بەلكى ھارماي – تالماي ئىشلەش ۋە سەبىر قىلىش، ئۆزىدىكى قابىلىيەت بىلەن نېمە ئىش قىلالىغانلىقى ۋە قانداق جارى قىلدۇرۋاتقانلىقى بىلىش ھەممىدىن مۇھىمدۇر.
مەسىلەن: مالكۇم گىلادۋىل قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە: يۇقىرى نەتىجىلەرنى كۆرسەتكەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەڭ ئاز ئون يىلغا قەدەر ھەپتىدە 20 ئىشلىگەن دەيدۇ.
بېتلىس، بىل گېتس، موزارت قا ئوخشاش ئاللاھ تەرىپىدىن بىرىلگەن قابىلىيەت ئىگىلىرىنىڭمۇ نىڭمۇ بىردىن – بىر ئالاھىدىلىكى كۆپ ئىشلەش ۋە تىرىشچانلىقتۇر.
باشقىلاردىن ئاز ئىشلەپ ۋە ئاز تىرىشىپ قابىلىيەتكە ئىرىشكەن كىشىلەرنى ھېچ ئۇچۇرتالمايسىز. ھەممە كىشىدىن كۆپرەك ئىشلەپ ۋە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۇرۇپ غەلىبە قىلالمىغان تالانت ئىگىسىمۇ يوق دىيەرلىك.
بۇنىڭ ئۈچۈن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۆزىنى بىر ئىشقا زورلاشنى بىلىش، بىر ساھەدە ناھايىتى ياخشى يېتىشىپ چىقىش ئىرادىسىگە ئىگە بولۇش ۋە شۇ يولدا سەۋرچانلىق كۆرسىتىشتۇر.
پورتۇن ژورنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، گىئوپ كولۋىننىڭ قارىشىچە، يۇقىرى سەۋىيىدىكى تالانت ئىگىلىرىنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك ئالاھىدىلىكلىرى بولۇپ ئۇلار تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت ئىكەن:
1- قابىلىيەت ياكى تالانت ئىگىسى ئىنسانلار، نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ناھايىتى ئىنچىكە ھازىرلانغان بىر پروگرامما ئىلمى يۇسۇندا رىئايە قىلىدۇ. يۇقىرى نەتىجە قازىنالماسلىقىنى بىلگەن تېمىلاردا ئورۇنسىز ۋاقىت سەرپ قىلمايدۇ، ئۆزىنى ۋە دائىرىسىنى بىلىدۇ.
2- تالانتلىق بولىشىغا ۋە ئۆزى ئىش قىلىۋاتقان ساھەنى ياخشى بىلىشىگە قارىماي قىلغان ئىشىنى بىر قانچە قېتىم مەشىق قىلىدۇ ۋە كۈندە ئەڭ ئاز دېگەندە 5 سائەت ئىشلەيدۇ.
3- تالانىتلىرى ھەققىدە ئىشەنگەن كىشىلەردىن پىكىر ئالىدۇ. بۇ پىكىر ئارقىلىق يىڭى پىلان تۈزۈپ شۇ پىلان بويىچە ئىش قىلىدۇ. بۇلارنى ھېچكىم زورلىمىسىمۇ ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن قىلىدۇ.
4- ئۆز تالانتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇلار ئىشىغا قىزىقىدۇ. لېكىن ئىشىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆزىنى زورلايدۇ.
ئەمما تالانتلىق ئىنسانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن غەلىبە قىلالماسلىقى ھەققىدە پىسخولوگ ئالىمى روبېرت سىترەنبىرگ ئوتتۇرىغا قويغان سەۋەبلەر ھەقىقى دەرسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ دەرسلەر غەلىبە قىلىش ئۈچۈن قابىلىيەت ياكى تالانت ساھىبى بولۇشنىڭ نېمە ئۈچۈن كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
روبېرت سىترەنبىرگ: غەلىبە قىلىش ئۈچۈن قابىلىيەت ياكى تالانت ئىگىسى بولۇشنىڭ كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ مۇنداق دەيدۇ:
1- مەقسەت ياكى نىشاننىڭ ئېنىق بولماسلىقى مەغلۇبىيەتنىڭ ئەڭ بىرىنچى سەۋەپلىرىدىن بىرىدۇر. جۈملىدىن تالانت ئىگىسى بولغان، لېكىن ئۆزىدىكى تالانتىنى ئىشلىتىش ئۈچۈن نىشان ۋە مەقسىتى بولمىغان نۇرغۇن كىشىلەر يوق بولۇپ تۈگەيدۇ.
2- ھاياجىنىنى باسالماسلىق كەمچىلىكى، پىسخولوگىيە ئالىملىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھاياجىنىنى باسالماسلىق غەلبىنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇلىرىدىن بىرىدۇر. شۇڭا ئەتە قولغا كىلىدىغان غەلىبە ئۈچۈن بۈگۈنكى پايدا ۋە خۇشاللىقتىن ۋاز كېچىشنى بىلىش كېرەك.
3- سەۋرسىزلىك ۋە قارارسىزلىق، كىچىك مەسىلىلەر سەۋەبىدىن ئۆز نىشانىدىن تېيىپ كېتىش. بىر كىشى نە قەدەر قابىلىيەتلىك ۋە تالانتلىق بولسۇن ئەگەر ئىرادىسى ئاجىز بولىدىغان بولسا، ئۆز غايىسىدىن چەتنەپ كېتىش بىلەن ئەتىراپىدىكى كىشىلەرنىڭ قوللىشىدىنمۇ مەھرۇم قالىدۇ.
4- بىر كىشىنىڭ مەلۈم ساھەدە تالانتلىق بولىشى، ئۇ كىشىنىڭ ھەممە ساھەدە تالانتلىق بولىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. ئەگەر كىشى ئۆز ساھەسىنى توغرا تاللىيالمىسا غەلىبە قىلالمايدۇ.
5- پىكىر ۋە چۈشەنچىلىرىنى ئەمەلىيەتكە چىقىرالماسلىقمۇ غەلبىنىڭ ئەڭ چوڭ تۇسالغۇلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى بىلىش ياكى ئۈمىت قىلىش كۇپايە قىلالمايدۇ. ئەمەلگە ئاشمىغان ھەر قانداق پىكىر چۈشەنچە ئىنسانغا غەلىبە ئېلىپ كەلمەيدۇ. بەزى كىشىلەر توختىماي پىلان ۋە مەقسەتلىرىنى سۆزلەيدىيۇ، لېكىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك ئېنېرگىيىگە ئىگە بولالمايدۇ.
6- باشلىغان ئىشنى يېرىم يولدا تاشلاپ قۇيۇش كۈپۈنچىمىزدىكى بىر خاتالىقتۇر. مەيلى ھارغىنلىقتىن مەيلى ھەۋىسى قالمىغانلىقتىن بولسۇن ئىشىنى يېرىم تاشلاپ قويغان نۇرغۇن كىشىلەر بار. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ئىدى، نورمال قابىلىيەت ئىگىسى بولغان بىر كىشى ئىشنى باشلاپ ئاخىرىغا چىقىرىشنى ئويلىغانلىقى ئۈچۈنلا غەلىبە قىلىپ قالغان بۇلاتتى. دېمەك، قابىلىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئىرادىسىزلىك.
7- مەغلۇبىيەت قورقۇسى ياكى ئۆزىگە ئىشنەلمەسلىكمۇ غەلبىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمەنلىرىدىن بىرىدۇر. ئىنسان بۇ قۇرقۇدىن قۇتۇلماي تۇرۇپ غەلىبە قىلىشىغا ئىشەنسە نە قەدەر قابىلىيەتلىك بولسۇن ھامان مەغلۇب بولماي قالمايدۇ.
8- ھەممە ئىشقا بۇرنىنى سۇقۇش، يەنى ھۆددىسىدىن چىقىپ بۇلالمايدغان ئىشقا كىرىشىش مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ. يەنى بىر قولتۇقتا بىر قانچە تاۋۇزنى كۆتۈرمەكچى بولغان ئادەممۇ ھامان مەغلۇپ بولىدۇ.
9- ئۆز تەقدىرىنى باشقىلارغا تاپشۇرۇش، مەغلۇبىيەتكە ئېلىپ بارىدىغان يوللارنىڭ بىرىدۇر.
10- ھەددىدىن زىيادە ئۆزىگە ئىشىنىشمۇ مەغلۇبىيەتنىڭ ئاساسلىق سەۋەپلىرىدىن بىرىدۇر. چۈنكى ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشەنگەن كىشى، ھەممە نەرسىنى بىلىدىغاندەك گۇمان قىلىپ، ئىشنىڭ ھەققىنى بەرمىگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا يېتەرلىك كۆڭۈل بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن مەغلۇپ بولىدۇ.

ئابدۇلئەھەد ئۇجات تەرجىمىسى.

مەنبە: سەئۇدى ئەرەبىستان رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى http://www.sjrt.org/readpost.php?id=884

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top