You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئۇيغۇرزادە: رەتلىك ، مەنتىقىلىق پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىش نېمىشقا شۇنچە زۆرۈر؟

ئۇيغۇرزادە: رەتلىك ، مەنتىقىلىق پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىش نېمىشقا شۇنچە زۆرۈر؟

گەپتىن گەپكە شاخلاپ كېتىش ، تاغنىڭ گېپىنى قىلىۋېتىپ باغنىڭ گېپىگە چۈشۈپ كېتىش، گەپنى دەپلا قويۇپ ئىگە بولماسلىق ھەقىقىي ماقالە يېزىقچىلىقدا، رەسمىي مۇنازىرەلەردە ئېغىر ئېلىنىدۇ.لېكىن، بۇنداق يارىماس ئادەت چەمبىرەك ئەپسۇنىدەك مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر يازارمەنلىرىنىڭ، مۇنبەرلەردە مۇنازىرە قىلىۋاتقان بىر تۈركۈم تورداشلارنىڭ يازمىلىرىنى چۈشەپ كەلمەكتە. نۆۋەتتە، بۇنداق يۈزلىنىشنى بايقايدىغان ئادەم تولىمۇ ئاز بولۇۋاتىدۇ.بۇ كىچىك ئىشتەك قىلغان بىلەن بىر مىللەتنىڭ رەتلىك،سىستېمىلىق پىكىرقىلىشغا باغلىق مۇھىم ئىش..نېمشقا رەتلىك، مەنقىلىق پىكىر قىلشقا تىرىشىش شۇنچە زۆرۈر؟

 

سەۋەب شۇكى، دۇنيا كۆزىمىزگە بىسەرەمجاندەك، رەتسىزدەك كۆرۈنسىمۇ يەنە ئۇنىڭ تەرتىپىنى باغلاپ تۇرىدىغان مەنتىقە ۋە قائىدە-قانۇنىيەت بولىدۇ. شۇڭىمۇ، لوگىكا پەلسەپسىسى نەچچە ئەسىردىن بېرى پەلسەپىنىڭ مۇھىم شاخلرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.ئسىلام پەيلاسوپلىرىنى مىسالغا ئالساق، ئەينى چاغدا فارابى، ئىبن سىنا، ئىبن رۇشدلار مەنتىقىنى پىششىق ئۆگەنگەن.غەرب پەلسەپىسدە بولسا 20-ئەسرگە كەلگەندە كانتىىن كېيىنكى ئەڭ بۈيۈك پەيلاسوپ دەم نام ئالغان ۋىتتىېگنستان ۋە ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بېتراند رۇسسېل لوگگىكا بىلەن دۇنيانىڭ ماھىيىتى ھەققىدىكى ئەڭ چوڭقۇر مۇناسىۋەتلىرىنى ئەكس ئەتتۈرگەن بىر يۈرۈش ئەسەلىرى بىلەن 20-ئەسىردىكى غوللۇق پەلسەپىنىڭ بىرى بولغان ئانالىتىك پەلسەپىنىڭ ئۇلىنى سالدى. يىغىپ كەلسەك گەپ بىر: دۇنيانى مەنتىقە تۇتۇپ تۇرىدۇ.

شۇڭا دەيمىزكى، ئۇيغۇر زىيالىلىرى ۋە مۇنبەردىكى ئۇيغۇر بالىلىرى چوقۇم جىددي ئۆگىنىش كېرەك بولغان بىر نەچچە ئىش قاتارىدا رەتلىك، سىستېمىلىق پىكىر قىلىشنى ئۆگنىشى كېرەك. مەنتقىلىق پىكىر قىلشىنى ئۆگەنمىسەك يازغانلىرىمىز ۋاقتى كەلسە گەپ تىزمىسىدىن باشقا نەرسە بولماي قالىدۇ.

ھازىر بىز شۇنداق بىر نەرسىگە سەل قاراۋاتىمىز. ھازىرقىدەك گادىرماچ رېئاللاىقا تاقابىل تۇرۇش، ياكى ھېچ بولمىغاندائۇنى تۈزۈك شەرھلەش ئۈچۈن، ئاۋۋال رېئاللىقنى رەتلشىمىز كېرەك. رەتلەش ئۈچۈن پەلسەپىنىڭ نۇرغۇن شاخلىرى قاتارىدا مەنتىقە ئۆگىنىشمىز كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن روسسېلنىڭ ھادىسەشۇناسلىقىدىن تارتىپ ۋىتتېگىنستاننىڭ تىل،مەنتىقە، دۇنيانىڭ باغلىنىشى ھەققىدكى گىگانت ئەسەرلىرى بىلەن تونۇشۇشمىز كېرەك.ئەمدى بىز ماقالە يازغاندا 20-ئەسىردىكى كونا ئۇسلۇبتىن ۋاز كېچىپ لوگىكا، پەلسەپە، نەزەرىيە ئۆگنىشىمىز ؛ گەپتىن گەپ چىقىرىپ، شاختىن شاخ چىقىرىپ، ماتېريال كۆرمەي تۇرۇپ يازما ۋە ئوبزور يازىدىغان ئادەتكە، يازمىلىرىمزىدىكى مەنقىسىزلىككە خاتىمە بېرىشىمىز لازىم..

ئۇيغۇرلاردىكى چەللىدا ئات چاپتۇرغاندەك پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى ۋە يازمىلىرىدىكى يوغان گەپ قىلىپ ئىگە بولماسلىق ھادىسىسگە قارىتا مەمتىمىن ئەلا ئۆزىنىڭ ”تارىم“ دا ېلان قىلىنغا ‘ياشلىق خاتىرىلىرى“ دېگەن ماقالىسدە لېۋىن ئۇنىۋېرسىتىتىدكى كەچۈرمىشىگە باغلاپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىدۇ .يەنى بىز تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى چاغدىلا مۇھاكىمە ماقالىسى يېزىش ئۆلچىمىدىكى نۇقتىنەزەر ئوتتۇرىغا قويۇش، ئۇنى مۇھاكىمە قىلىش، ئاندىن نۇقىتنەزەر ئاساسى(دەلىل) نى قويۇش،ئاخىرىدا لوگىكىلىق يوسۇندا خۇلاسىگە ئۆتۈشتەك ئاددىي قائىدىلەرنى ئۆگەنگەن بولساقمۇ،ئۇنتۇپ قالدۇق ياكى ئەمەلىيەتتە يازغانلىرىمىزدا ئەمەل قىلمىدۇق. مەمتىمىن ئەلا ئۇ يەردە ئوقۇغاندا ئۇيغۇر يازارمەنلىرىنىڭ ماقالە يېزىش ئۇسۇلىدىكى لوگىكىسىز پىكىر قىلىش كېسىلىنىڭ زىيىنىنى بەك تارتقىنىنى تىلغا ئالىدۇ..

ماقالە(بولۇپمۇ ئىلمىي ماقالە) يېزىشىنىڭ ئومۇمىي جاھازىسىى ھەققدىكى تۈپكى قاراشلار ئوخشاش. يەنى دېگەن گەپكە ئىگە بولۇپ دەلىلى ۋە مەنبەسىنى كۆرسىتىش، بىر ئابزاستا بىر گەپنى دەۋېتىپ يەنە باشقا گەپلەرگە ئۆتۈپ كەتمەسلىك، شۇ نۇقتىدا ئۆزىمىز تۇنجى بولۇپ قەلەم تەۋرىتىۋاتقاندەك ھېسسىياتتا ماقالە يازماسلىق، ئابزاسلار ئارىسىدا مەنتىقىلىق باغلىنىش بولۇش دېگەندەك پرىنسىلار ئورتاق. لېكىن ، بىزنىڭ خېلى كۆپ قىسىم ”ئوبزورچىلىرىمىز مۇشۇنداق گەپتىن گەپ چىقىرىپ ئاساسسىز يېزىۋېرىدۇ. بۇ بىر كېسەل. كۆپ ھاللاردا بىزنىڭ يېزىۋاتقىنىمىز گەپ تىزمىسىدۇر. لېكىن بىز ئۇنى ماقالە دەۋالدۇق. ماقالە يېزىقچىلىقىدىكى بۇ كېسەلنى ساقايتىشنىڭ ئاددي بىر ئۇسۇلى بار، ئۇنىڭ بىرى فارابى قاتارلىقلارنىڭ ئىزىدىن بېسىپ لوگىكانى ياخشى ئۆگىنىش. ئابدۇقادىر دامولامنىڭ تەرجىمھالىنى ئوقۇساقمۇ، ئۇنىڭ ئلىمىي مەنتىقنى بېرىلىپ ئۆگەنگەنلىكىنى بايقايمىز. ئاندىن ئۇقۇملار بويىچە كىرىپ چوڭقۇر كىتابلارنى كۆرۈش. ، شۇ ساھەدىكى مۇھىم مۇتەپپەككۇرلار بىلەن تونۇشۇش كېرەك.

ئەمما، ئەپسۇسلىنارلىق يېرى، بىزدە ھازىر رازاق مەتنىياز تۈزگەن ”ئومۇمىي لوگىكا“، كۈرەش رەئىسى تۈزگەن لوگىكا ساۋاتلىرىدىن باشقا تۈزۈك ماتېريىاللار يوق.بولسا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى ۋىتتېگىنستاننىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمگە ئۇيۇشتۇرسا بولاتتى.ياكى بولمىسا كلاسسىك ئاپتورلار يازغان لوگىكا پەلسەپىسى دېگەندەك بىرەر كىتابنى چىقارسىمۇ بولاتتى. دۇنيانى مەنتىق تۇتۇپ تۇرىدۇ.مەنتقىنى مەنسىتمىگۈچىلەر ھامان مىققا ئۈسسۈيدۇ. بىزگە قيىن بىلىنگەن نۇرغۇن نەرسە مەنتىقە ئۆگەنگەندىن كېيىن كاللىمىزدا ۋاللىدە يورۇيدۇ.

چۇۋالچاقلىق ۋە مەنتىقىسىزلىك بىلەن ئۇيغۇرغا ياردەم قىلغىلى بولمايدۇ. شوئار بىلەن ياردەم قىلغىلى بولمايدۇ..

مەنبە : سەرخۇش بىلوگى

http://serhush.com/?p=741

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top