You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن ساياھەت تېلىۋىزىيە پروگراممىسى : ئەينەك

تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن ساياھەت تېلىۋىزىيە پروگراممىسى : ئەينەك

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەدىرلىك تۈرك تىلى ھەۋەسكارلىرى ۋەساياھەت ھەۋەسكارلىرى

بىز سىلەرگە تۈركىيەدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن تېلىۋىزىيە ساياھەت پروگراممىسى «ئەينەك»نى سىلەرگە تۇنۇشتۇرۇشنى لايىق كۆردۇق.
www.aynaprogrami.com
سائىم ئورخاننىڭ رىياسەتچىلىگىدە 18 يىلدىن بۇيان سامان يۇلى تېلىۋىزىيەسىنىڭ دۇنياغا ساياھەت قىلىپ جەمئى 1 مىليۇن 200 مىڭ كىلومېتىر مۇساپىنى بېسىپ يەرشارىنى 30 قېتىم كىزىش جەريانىدا ئىشلىگەن «ئەينەك» پىروگراممىسى نۇرغۇن مۇكاپاتلارغا ئىرىشىپلام قالماي،كەڭ تاماشىبىنلارنىڭ ئىتىزاربۇلۇپ كۈرۈدىغان ھۆججەتلىك فىلىمىگە ئايلاندى.ئۇنىڭ ھازىرغا قەدەر ساياھەت پىروگراممىسى ئشلەش ئۈچۈن زىيارەت قىلغان دكلەتلەرنىڭ سانى 130 دىن ئېشىپ كەتتى.
مەنمۇ ھەرھەپتە دىگۈدەك قاچۇرماي كۆرۈپ كىلىۋاتىمەن.يېقىندا سامانيۇلى تېلىۋىزىيەسىنىڭ ئامېركىدا ئىشقا چۈشكەن EBRU TV دا ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغان قىسىملىرى قۇيۇلۇشقا باشلىدى.

تۈۋەندىكى ئۇلانمىلاردىن بۇھۆججەتلىك ساياھەت فىلىملىرىدىن بەھىر ئالاليسىلەر. پاسپورتۇم يوق دەپ قاقشاپ ئولتۇرماي،ئىنتىرنېتتا تۈركچە بولسىمۇكۆرۈپ قۇيۇڭلار. كونىلاردا «شەكۆرگەن ،شەسۇراپتۇ»دەيدىغان تەمسىل بار. ھەتتا «مۇساپىر بولماي تۇرۇپ،ھەقىقى مۇسۇلمان بولغىلى بومماس »دىگەن گەپمۇ بار.
قېنى مەرھەمەت، ھۇزۇرلانغايسىلىر. خەتلىك فىلىم ئىشلەيدىغانلارغىمۇ تەۋىسىيە قىلغايسىلەر.

ئۇيغۇر ئاكادىمىيىدىن ھازىرلىغۇچى : ئابدۇلئەزىز بەشتوغراق

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top