You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئىستانبۇلدا قەدىمى ئۇيغۇر خوتەن قەغىزى ياساش فابرىكىسى قۇرۇلدى

ئىستانبۇلدا قەدىمى ئۇيغۇر خوتەن قەغىزى ياساش فابرىكىسى قۇرۇلدى

خوتەن قەغىزى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى مىڭ يىلدىنمۇ ئارتۇق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت مىراسلىرىدىن بىرى. ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئەينەك سەنئەتچىسى ۋە ئۇيغۇر خوتەن قەغەزچىلىك مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئوغۇزخان ئەپەندى، ئىستانبۇلنىڭ قەغەزخانا ناھيىسىنىڭ تەسىس قىلىشى بىلەن ئېچىلغان قەدىمى قەدىمى قەغەز ياساش فابرىكىسىدا،  ئۇيغۇر خوتەن قەغىزى ياساشنى رەسمى باشلىدى. قەدىمى قەغەزچىلىك مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئوغۇزخان توغرۇل ئەپەندى، مەدەنىيەت ساھەسىدە خوتەن قەغىزىنىڭ بارغانسىرى ئېتىبارغا ئېرىشىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈردى.

http://video.tg.com.tr/ShowVideo.aspx?File=32359.mp4

kagit1go[1]تۈرك تارىخىدا تۈنجى بولۇپ قەغەز ياسالغان ئۇرۇن ئىستانبۇلنىڭ قەغەزخانا دېگەن رايونغا جايلاشقان بولۇپ، بۇ رايون قەغەزخانا ناھىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. قەغەزخانا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ تەسىس قىلىشى بىلەن يېقىندا بۇ رايونغا قەدىمى قەغەز ياساش فابرىكسى قۇرۇلدى. بۇ فابرىكىدا قەدىمى ئۇيغۇر خوتەن قەغىزى ياساش ئۈچۈن ئۇيغۇر قەغەزچىلىك مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئوغۇزخان توغرۇل ئەپەندى تەينلەندى ۋە قەدىمى قەغەز ياساش خىزمىتىنى رەسمى باشلاندى. قەغەز ياساش ئىش پىلانىنىڭ مەقسىتى، كەسپى مەكتەپلەر، گۈزەل سەنئەت رەسساملار، خەتتاتلار ۋە ئاكادېىمىكلارنىڭ قول بىلەن ياسالغان تەبئى ۋە قەدىمى قەغەزگە بولغان ئېھتىياجىنى قامداش بىلەن بىرگە قەدىمى قەغەزچىلىك ھۆنىرىنى جانلاندۇرۇش ۋە يوقاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئوغۇزخان تۇغرۇل ئەپەندى قەدىمى خوتەن قەغەزچىلىك تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان شەخس بولۇپ، بۇ فابرىكدا ئۇيغۇر قەدىمى قەغەزچىلىك كەسپى بويىچە قەغەز ياساش ئۇسۇلى بىلەن پاختا، رەخ پارچىلىرى، تاشلاندۇق قەغەزلەردىن يېڭى قەغەز ئىشلەپ چىقارماقتا.
قەدىمى قەغەزچىلىك تەتقىقاتچى ئوغۇزخان توغرۇل ئەپەندى، قەغەز ياساش فابرىكىسىدا بۇ كەسىپكە قىزىققۇچىلارغا يەرلىك ئۇسۇلدا قەغەز ياساشنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تاشلاندۇق قەغەز ۋە كونا كىيىم – كىچەكلەردىن قەغەز ئىشلەپ چىقىرىۋاتقان ئوغۇخان ئەپەندى بۇنىڭ قەدىمى بىر ئۇيغۇر سەنئىتى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە ئەسىردىن بۇيان خىتاينىڭ سەددىچىن سېپىلىنىڭ غەربىدە قەغەز ئىشلەپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

يوقبولۇپكېتىشئالدىداتۇرغانقەدىمىئۇيغۇرقەغەزچىلىكمەدەنىيەتسەنئىتىئىستانبۇلداقايتىدىنجانلاندۇرۇلدى.
ئوغۇزخان توغرۇل ئەپەندى قەغەزخانا ناھىيىسىدە قۇرۇلغان قەدىمى قەغەز ئىشلەپ چىقىرىش فابرىكىسىدا، ئايالى ئاينۇر توغرۇل ۋە باللىرى بىلەن بىرلىكتە قەغەز ئىشلەپ چىقىرىدىكەن.
ئوغۇزخان توغرۇل ئەپەندى مۇنداق دېدى:  قەغەز ئىلگىرى  رەخ پارچىلىرىدىن ياسالغانلىقى ئۈچۈن پاختا رەخلەرنى پارچىلايمىز، ئۇنىڭدىن كېيىن توقماق بىلەن سوقۇپ ئىزىمىز ۋە خېمىر ھالغا كەلتۈرىمىز، كېيىن خېمىرلارنى بىر سۈزگۈچتە سۈزۈپ قەغەز ھالغا كەلتۈرىمىز قەغەزلەر ئاپتاپقا سالغاندىن كېيىن 2 كۈندە قۇرۇپ قەغەز ھالغا كېلىدۇ.

 

ئوغۇزخان ئەپەندى قەدىمى قەغەز ياساش سەنئىتىگە تۈركلەرنىڭ ئەھمىيەت بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: بىز ئۇيغۇرلاردىن بىر ئائىلە بۇ يەردە قەغەز ياساۋاتىمىز، 550 يىلدىن كېيىن يوقاپ كەتكەن بىر سەنئەتنى قەغەزخانىدا قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمىز. ئۇيغۇر تۈركلەر قەدىمدىن باشلاپ سەددىچىن سېپىلىنىڭ غەربىدە قەغەز ياسايتتى. ئۇيغۇرلار قەغەز ياساش ۋە مەتبەئەچىلىككە تۈنجى بولۇپ قەدەم باسقان مىللەت. بىز ئۈچۈن قەغەزخانىدا بۇ ئىشنى يېڭىدىن باشلاش بەك ئەھمىيەتلىك بىر ئىش بولدى. بىزگە بۇ پۇرسەتنى يارىتىپ بەرگەن قەغەزخان شەھەر باشلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن.

 

ئوغۇزخان توغرۇل، خەتتاتلىق، گۈزەل – سەنئەت رەسساملىق ۋە ماي بۇياق رەسىملەر ئۈچۈن كېرەك بولغان ئەنئەنىۋىي سەنئەتلەردىن بىرى بولغان قەدىمى قەغەزنىڭ تاشلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئەپسۇسلىنارلىق بىلەن تۈرك مىللىي گۈزەل سەنئەتلىرىدە ئىشىلتىلىۋاتقان قەغەزلەرنى چەتئەللەردىن ئىمپورت قىلىنىۋاتىدۇ، بىز، ئۇيغۇر – تۈرك قەدىمى قەغەز ياساش مەدەنىيىتىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇشتا پايدا بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردىكى مەقسىتىمىز، خەلقىمىزگە، بۇ كەسىپكە قىززىقان كىشىلەرگە، قەغەزنىڭ قانداق ياسىلىدىغانلىقىنى ۋە قەغەز ياساشنىڭ قانچىلىك ئاسان ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈش، ئۇيغۇر – تۈرك قەغەزچىلىكنى تەرەققى قىلدۈرۈپ بىر نوقتىغا كەلتۈرۈش، بىز كۆپلەپ قەغەز ئىشلەپ چىقارساق دۇنيادا قۇرۇلغان قەغەز بازارلىرىدىن ئورۇن ئالالايمىز، بىزنىڭ ئىنسانلارنىڭ بۇ بازارلاردا قەغەز سېتىش ئارقىلىق دۆلەتلىك ئىقتىسادىي ساھەگە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ  ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە روھى كەيپىياتىمىز كۆتۈرۈلىدۇ.

 

ئوغۇزخان توغرۇل مەدەنىيەت مىنىستىرلىكىدىن، يوقاپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان قەغەز ياساش سەنئىتىگە ئىگە چىقىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، تۈركىيىگە ئائىت مىللىي بىر قەغەز ياساپ چىقىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئوغۇخان توغرۇل ئەپەندى ، قەغەز ياساش سەنئەتنىڭ يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئايالى ۋە باللىرىغا ئۈگەتكەنلىكىنى، 10 ياشلىق قىزى بىلگىخاقانمۇ خۇددى ئاتا- ئانىسىغا ئوخشاش قەغەز ياساشقا قىزىقىپ ئۆگەنگەنلىكىنى، مەكتەپتىن قايتقاندا بوش ۋاقىتلىرىنى فابرىكىدا قەغەز ياساشقا ياردەملىشىپ ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قەغەز ئوتتۇرا ئاسىيادا ئېلىپ بېرىلغان ئارخۇلۇگىيىلىك تەتقىقات ۋە قىدىرىپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، 2 ‏- ۋە 7 ‏- ئەسىرلەر ئوتتۇرىسىدا قوللىنىلغان قەغەزلەرنىڭ، ئۈژمە دەرىخىنىڭ قوۋزاقلىرى، كەندىر، يىپەك رەخ پارچىلىرى ۋە پاختىدىن ياسالغانلىقى ئىسپاتلانغان. تۈركىيىدە بولسا 1453‏- يىلى ئىستانبۇلنىڭ قەغەزخانا مەھەللىسىدە قۇرۇلغان قول بىلەن ئىشلەپ چىقىردىغان تۈنجى قەغەزچىلىك فابرىكىسى 3 ‏- سۇلتان سېلىم دەۋرىدە يولغا قويۇلغان.
قۇربانجان روزى شەيدائىنىڭ، «خوتەن قەغىزى ۋە ئۇيغۇر خەتتاتلىقى» دېگەن كىتابىدا خوتەن ئۇيغۇر قەغىزى توغرىسىدا مۇنداق يېزىلغان: قەغەز- ئىنسانىيەت تارىخىدىكى تەڭداشسىز كەشپىياتلارنىڭ بىرى. قەغەز كەشپقىلىنغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئىنسانلار ياراتقان تارىخ ۋە مەدەنىيەت، ئىختىرا ۋەئىجادىيەت، پىكىر ۋە ئىدىيە، شۇنداقلا باشقا نۇرغۇن مەنىۋى بايلىقلار قەغەزنى ۋاستەقىلىپ تارىختا ئۆچمەس خاتېرە بولۇپ پۈتۈلگەن؛ قەغەز بولغانلىقى ئۈچۈنلا كۆپلىگەنقىممەتلىك مىراسلار ئۆز دەۋرىدە كەڭ تارقالغان ۋە كېيىنكى دەۋرلەرگىچە يېتىپ كېلەلىگەن.تارىختىن بۇيان جۇغلانما بولۇپ، بۈگۈنكى دەۋرلەردە قىممەتلىك مىراس سۈپىتىدە قەدىرلىنىپكېلىۋاتقان نۇرغۇن ئېسىل يادىكارلىقلارنىڭ كېيىنكىلەرگە يېتىپ كېلىشىنى،ئۇلارنىڭ ھەرقايسى تارىخى دەۋرلەردە ئوينىغان مۇھىم روللىرىنى، ئۇلارغا جەملەنگەنتارىخ ۋە مەدەنىيەت قىممىتىنىڭ بىرخىل ئەنئەنە بولۇپ داۋاملىشىپ كېلىشىنى قەغەزسىز تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس.
خەلقىمىز قەدىمقى زامانلاردىنتارتىپلا قەغەز ياسىغان ۋە قەغەز ئىشلەتكەن. ئارخىلوگىيىلىك ماتېرىياللاردىن مەلۇمبولىشىچە، ئاۋرېل سىتەيىن لوپنور ئەتراپىدىن تاپقان قەغەز پارچىلىرىنىڭ مىلادى 3-ـــ 5-ئەسىرلەر ئارىلىقىدا ياسالغانلىقى ئېنىقلانغان. ئاۋرېل سىتەيىن خوتەندىنتاپقان ۋەسىقىلەر ئىچىدە خوتەن قەغىزىگە يېزىلغانلىرىمۇ خېلى كۆپ ساننى ئىگەنلىگەندىنباشقا، ئۇلار ئىچىدىكى ئېلىم-سېتىم دەپتىرىدە قەغەزنىڭ باھاسى ۋە تۈرىمۇ خاتىرىلەنگەن.مانا بۇ ماتېرىياللاردىن بىز خوتەن قەغىزىنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلامىلادى 7- ـــ 8-ئەسىرلەرگە كەلگەندە جەمئىيەت ۋە تۇرمۇشتىكى مۇھىم توۋارغائايلىنىپ، ئېلىم-سېتىم ئوبىكتى بولغانلىقىنى بىلەلەيمىز. كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندەقەغەزچىلىك رەسمىي ھۆنەر سۈپىتىدە جەمئىيەتتە مۇھىم ئورۇندا تۇرغان، قەغەز مەھسۇلاتلىرىكۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلغان ھەم كىشىلەرنىڭ ھەرخىل ئېھتىياجىنى قاندۇرغان.
   خوتەن قەغىزىنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، تاكى يېقىنقىيىللارغىچە قەغەزچى ئۇستىلار تەرىپىدىن ئىزچىل تۈردە ياسىلىپ، ھاجەتمەن كىشىلەر تەرىپىدىنئىشلىتىلىپ كەلگەن. يۇقۇرىدىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ھەرقايسى دەۋرلەردەئىجاد قىلىنغان ۋە كۆپەيتىلگەن ئەدەبىي ئسەرلەر، دىنىي ئەسەرلەر، قىسسە-تەزكىرىلەرئەشۇ قەغەزلەرگە پۈتۈلگەن. قەغەزچىلىك سانائىتىنىڭ تەرەققىياتى، قەغەزگە قويۇلغانتەلەپلەرنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىشى، ئەنئەنىۋى قەغەزچىلىكنىڭ بىرقاتار يېتەرسىزلىكلىرى،قەغەز خام ئەشيا سىنىڭ چەكلىمىلىكى قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن ئەنئەنىۋى قەغەزچىلىك(خوتەن قەغەزچىلىكى) زامانىۋى قەغەزچىلىككە ئورۇن بوشىتىپ، بارا-بارا يوقىلىپ كېتىشگىردابىغا بېرىپ قالدى.20-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە،خوتەن قەغەزچىـلىكى بۇرۇنقىشانۇ-شەۋكەتلىرى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن خوشلاشتى، قەغەز ياسايدىغان ئۇستىلارنىڭ كۆپقىسمى قېرىدى، ئاغرىدى ۋە ئۇ دۇنياغا كەتتى؛ قەغەز ياساشنى بىلىدىغان بىرقىسىم ھۆنەرۋەنلەرتەننەرقى يۇقۇرى، جاپاسى كۆپ، ئەمما كىرىمى تۆۋەن بۇ كەسپ بىلەن شۇغۇللانمىدى؛ياشلار بۇ كەسپنى ئۈگىنىشكە قىزىقمىدى. شۇنىڭ بىلەن خوتەن قەغەزچىلىكى بىر خىل ھۆنەر-كەسپسۈپىتىدە مەۋجۇت بولالماي قالدى، بارا-بارا تارىخقا ئايلىنىپ كەتتى.
م. تەشنائى

 

مەنبەسى: تۈركىيە گېزىتى

 

bagdax تىن

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top