تۈركىيەدە تولۇق كۇرستا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش!
قەدىرلىك ئوقۇغۇچىلار!
تۈركىيە خاندەلىكىدىن پايدىلىنىپ تولۇق كۇرۇستا ئوقۇش ئۈچۈن تىزىملىتىش 5-ئايدا باشلىنىدۇ. ئارزۇ قىلىمىزكى، كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلىرىمىز بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قالار. ئامما تاللاش، خەلىقارالىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە ئىلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئۈچۇن، بەزى ئوقۇغۇچىلار شاللىنىپ كېتىشى مۇمكىن. بۇ سەۋەپتىن، تۈركىيەدىكى نۇرغۇن ئۇنىۋېرسىتېتلار ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇيدىغان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك ئىمتىھانلار ئالىدۇ ياكى بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئىمتىھانلىرىنى بىۋاسىتە ئېتىراپ قىلىدۇ. ئانا ۋەتەندىن كىلدىغان ئوقۇغۇچىلاردىن، جۇڭگو’دا بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان « Gao Kao» نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. ئەگەر سىزدە بۇ « Gao Kao» نەتىجىسى بولمىسا، سىز ئوقۇماقچى بولغان ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ ئىمتىھانىغا كىرىشى ئۈچۈن تىزىملىتىشىڭىز كېرەك.
ئەسكەرتىش: ئىمتىھانغا تىزىملىتىشتىن بۇرۇن، سىز ئوقۇماقچى بولغان كەسىپ ئۇ مەكتەپتە بارمۇ، ئوقۇش پۇلى، تاللىنىشى نىسپىتى قاتارلىق نەرسىلەرنى ياخشى ئويلىنىڭ. مەسلىھەت ئىلىش ئۈچۈن بىز بىلەن ياكى ھەقىقەتەن ياخشى بىلىدىغان بىرلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىڭ. بىرەر كىشى، سىزنى، «مېنىڭ يولۇم بار، مەن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويىمەن» دىسە ،ئىشىنىپ كىتپ، ئالدىنىپ قاقتى-سوقتى بولاپ كەتمەڭ. بەزى مەكتەپلەرنىڭ نەتىجىسى، باشقا مەكتەپلەردىمۇ ئېتىراپ قىلىنىدۇ، بۇنى ياخشى سۈرۈشتۈرۈڭ.
1. ئستانبۇل ئۇنىۋېرسىتىتى1. ئستانبۇل ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئمتاھانغا تىزىملىتىشى ئېلانى:
تىزىملىتىش 3-ئاينىڭ 18- كۈنى باشلىنىپ، 4-ئاينىڭ -19 كۈنى تۈگەيدۇ.
تىزىملىتىش رەھبىرى ئۈچۇن تۆۋەندىكى تورنى كۆرۈڭ:
http://yos.istanbul.edu.tr/?p=5957
(بىزمۇ چۈشۈرۈپ چىقىرىپ قويدۇق چۈشۈرىۋېلىڭ: IUYOS_Klavuz )
ئىچىلغان كەسىپ ۋە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى ئۈچۈن تۆۋەندىكى تورنى كۆرۈڭ:
http://yos.istanbul.edu.tr/?p=5976
(بىزمۇ چۈشۈرۈپ چىقىرىپ قويدۇق چۈشۈرىۋېلىڭ: 2013_IUYOS_KONTENJAN_ONERILERI )
تىزىملىتىش ئۈچۇن تۆۋندىكى تورنى كۆرۈڭ:
http://yos.istanbul.edu.tr/basvuruen.pdf
(بىزمۇ چۈشۈرۈپ چىقىرىپ قويدۇق چۈشۈرىۋېلىڭ: basvuruen )
2. ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئمتاھانغا تىزىملىتىشى ئېلانى:
تىزىملىتىش 3-ئاينىڭ 24- كۈنى باشلىنىپ، 4-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈگەيدۇ.
تىزىملىتىش رەھبىرى ئۈچۇن تۆۋەندىكى تورنى كۆرۈڭ:
http://ayos.ankara.edu.tr/?page_id=79
باشقا قوشۇمچە بىلگىلەر ئۈچۈن تۆۋەندىكى تورنى كۆرۈڭ:
http://ayos.ankara.edu.tr/
3. مارمارا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئمتاھانغا تىزىملىتىشى ئېلانى:
تىزىملىتىش 3-ئاينىڭ 19- كۈنى باشلىنىپ، 4-ئاينىڭ 19-كۈنى تۈگەيدۇ.
ئوقۇغۇچى تاللاشتىكى پرىنسىپ ئۈچۈن تۆۋەندىكى تورنى كۆرۈڭ:
http://dosya.marmara.edu.tr/www/ … nci_uyruklu_v28.pdf
تىزىملىتىش رەھبىرى، كەسىپلەر ۋە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى ئۈچۇن تۆۋەندىكى تورنى كۆرۈڭ:
http://dosya.marmara.edu.tr/www/duyuru/MUYOS_kilavuz_2013.pdf
تىزىملىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تورنى كۆرۈڭ:
http://muyos.marmara.edu.tr/
4. ئوتتۇرا شەرق ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئمتاھانغا تىزىملىتىشى ئېلانى:
تىزىملىتىش 5-ئاينىڭ 31- كۈنى باشلىنىپ 6-ئاينىڭ 28-كۈنى تۈگەيدۇ. نەتىجىسى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ.
ئىچىلغان كەسىپ ۋە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى ئۈچۈن تۆۋەندىكى تورنى كۆرۈڭ:
http://oidb.metu.edu.tr/3-odtu-l … ri-ve-kontenjanlari
جۇڭگو’دا بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان « Gao Kao» نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە 550 كېرەك.
ئوقۇتۇش تىلى ئىنگىلىزچە. ئىناۋەتلىك ئىمتىھانلار ئۈچۇن تۆۋەندىكى تورنى كۆرۈڭ:
http://oidb.metu.edu.tr/8-egitim-dili
تىزىملىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تورنى كۆرۈڭ:
https://oibs2.metu.edu.tr/Applic … ional_Students_199/
باشقا قوشۇمچە بىلگىلەر ئۈچۈن تۆۋەندىكى تورنى كۆرۈڭ:
http://oidb.metu.edu.tr/yurt-disindan-basvuran-oegrenciler
5. يۇلتۇز تېخنىك ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئمتاھانغا تىزىملىتىشى ئېلانى:
تىزىملىتىش4-ئاينىڭ 1- كۈنى باشلىنىپ 4-ئاينىڭ 19-كۈنى تۈگەيدۇ. نەتىجىسى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ. ئىمتىھان 5-ئاينىڭ26 -كۈنى سائەت 10:00 دا.
ئوقۇغۇچى تاللاشتىكى پرىنسىپ ۋە ئوقۇش پۇلى ئۈچۈن تۆۋەندىكى تورنى كۆرۈڭ:
تىزىملىتىش رەھبىرى ئۈچۇن تۆۋەندىكى تورنى كۆرۈڭ:
كەسىپلەر ۋە قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچى سانى ئۈچۇن تۆۋەندىكى تورنى كۆرۈڭ:
جۇڭگو’دا بىر تۇتاش ئېلىنىدىغان « Gao Kao» نەتىجىسىنى ئېتىراپ قىلىدۇ ۋە 500 كېرەك.
2012- يىلى ئېلنغان ماتېماتىكا ئىمتىھان سۇئاللىرى ۋە جاۋاپلىرى:
2012- يىلى ئېلنغان تۈركچە ئىمتىھان سۇئاللىرى ۋە جاۋاپلىرى:
باشقا قوشۇمچە بىلگىلەر ئۈچۈن تۆۋەندىكى تورنى كۆرۈڭ:
يەنە باشقا ئۇنىۋېرسىتىتتا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېلان چىقارسا، بىزمۇ ۋاقتىدا خەۋەر بىرىشكە تىرىشىمىز. شۇڭا تۇرنى پات-پات يوقلاپ تۇرۇڭلار. تىزىملىتىشتىن بۇرۇن چوقۇم مەسلىھەت ئېلىڭلار.
ھۆرمەت بىلەن: ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرى كومىتېتى
http://uyguroku.com/?p=1023
ئالىم
مەن ھازىر ئالى مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقوۋاتىمەن ،مىنىڭ بەكمۇ چەتئەلدە يۇقىرلاپ ئوقوش ئارزۇيۇم با ئىدى ،
پەقەت پاسپورت بىجىرەلمەيۋاتىمەن.بۇ يولدا تەجىربىسى بار ئوستازلارنىڭ يادەم قىلىشىنى سورايمەن.
alim2012@live.com
ئابدىملىك
رەھمەت سىلەرگە .ھازىر مەن تۇلۇق3 يىللىقتا ئوقۇيمەن.مېنىڭ بەكمۇ باشقا دۆلەتلەرگە چىقىپ ئوقۇغۇم بار ئىدى.
لېكىن بىز دېھقان ئۇنداق كۆپ پۇلىمىز يوق. ھەم مەن خەنزۇتىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى بىلىمەن باشقا تىلنى بىلمەيمەن.
ھازىر 18 گە كىردىم .
قانداق قىلسام چەتئەلگە چىقىپ كىتەلەيمەن.
مېنى تۈركىيەدە ئوقۇشۇمغا ياردەم بەرسەڭلار……بولامدۇ.
چچ:1305020200 تېلىفۇن:0903-2029262 يانفۇن:18094890227 خەت ساندۇقى:1305020200@qq.com
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، بىز ھېچكىمنىڭ چەتئەلگە چىكىتىشىگە ياردەم بىرەلمەيمىز.
ئەمما، ئۆز كۈچىڭىزگە تايىنىپ تىرىشىپ ئوقۇپ ئىلىم تەھسىل قىلىمە دېسىڭىز يول كۆرسىتىمىز.
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالم
ئۇرايىمجان
ماڭا ئېلخەت ئادرىسڭلانى ئەۋەتىپ بەسەڭلار بولاپتىكەن
يۈسۈپجان مەمەت
مەن ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى پەقەتلا چۈشۈرەلمىدىم ، قانداق قىلسام بولار ؟ بىرەرسىڭلار چۈشۈرگەن بولساڭلار خاپا بولماي يوللاپ بېرەمسىلەر
ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى
ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام
http://yos.istanbul.edu.tr/panel/AdayForm.php
بۇ يەردىن سىناپ بېقىڭ! ياكى ئۇيغۇر ئوقۇ دىن ياردەم سوراڭ!
http://uyguroku.com/?p=1023