قاتتىق خۇيلۇق ئاياللار نېمىگە ئېرىشىدۇ؟

ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ پەرقلىق يارىتىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئاياللار ئەركىنلىكىنى جار سالىدىغانلارنىڭ ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ئەڭ چوڭ بىر نوقتۇسىدۇر. ھەتتا باراۋەرلىك داۋاسىغا زىيان بولمىسۇن، دەپ بۇ ھەقتىكى نۇرغۇن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى يوشۇرغانلىرىنى ئىنساپلىق بەزى غەرپشۇناس ئىلىم ئادەملىرى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى.
مۇسۇلمانلار دۇنياسىدىكى تېلىۋىزىيە قانالىرىدا ئۇچراتقىلى بولىدۇ. باشقىلارغا خېلىلا تونۇلغان ئامىۋى مۇناسىۋەتكە دائىر باياناتچى ئۇستازلاردىن بىرى چىققىپ، ئەر- بىلەن ئايالنىڭ ئارىسىدا ئالاھىدە بىر پەرقنىڭ يوقلىقىنى سۆزلىسە، دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان بىر ئادەم يازغان كىتابىدا ئەر بىلەن ئايال ئوتتۇرسىدا ئالاھىدە بىر پەرقنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان.
بۇ كىتاپ شۇنچىلىك قالايماقان بىر مەنتىقىدە يېزىلغانكى، ھەرقانداق مۇرەككەپ مەزموندىكى كىتاپلارنى ئوقۇغان ئادەممۇ بۇ كىتاپنى ئوقۇشقا تاقەت قىلالمىغىدەك بىر دەرىجىدە.
ئەسلىدە ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئوتۇرسىدىكى پەرقلەر ئىنتايىن ئېنىق بولۇپ، بۇنى ئۇنچىلىك كۆپ كىتاپ سۆزى بىلەن ئېنىقلاشقا ئۇرۇنۇشنىڭ بىر ئەھمىيتى يوق. قىز بالىلار بىلەن ئوغۇل بالىلارنىڭ چوڭ بولۇشىغا قارىساقلا ئۇلاردىكى پەرقنى ئاددى بىر ساۋاتسىز ئىنسانمۇ پەرق ئېتەلەيدۇ. گەرچە چوڭايغانسېرى جەمىئەتنىڭ بېسىملىرىغا بىۋاستە دۇچار بولغۇچىلاردا بۇ پەرقلەر ئازايغاندەك قىلغان بىلەن ئەمەلىيەتتە بۇ پەرق ئىنسان تەبىئىتىدە ئېنىق مەۋجۇدتۇر.
ئاياللار ھەقىقەتەن ئېزىلىۋاتامدۇ؟ شۇنداق ئېزىلىۋاتىدۇ. ھەم ئېزىۋاتىدۇ. ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى ئاياللار ھەم ئەزگەن ھەم ئېزىلگەن بىر مەۋقەدە. نېمە ئۈچۈن؟
بىز ئالدى بىلەن شۇ ئايرىمچىلىقنى بىر يېشەيلى. ھەقىقەتەن زۇلۇم ئاستىدا قالغان، ھاراق ئېچىدىغان، روھى تەڭپۇڭلىقى نورمال بولمىغان بىر ئەردىن ياكى ئائىلىدىن زۇلۇم كۆرگەنلەر بۇ دېمەكچى بولغانلارنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ. بۇ ھەقتە توختىلىشنىڭ لازىمىمۇ يوق. بۇلارغا ئىگە چىقالايدىغانلار (شۇنداقلا ھەمىمىز بۇ ئاياللارغا ئىگە چىقىشىمىز لازىمدۇر) بىزنىڭ دېمەكچى بولغان ئېزىلىۋاتقان ئاياللاردىن ، زامانىۋېلاشقان ، شەھەرلىك ئاياللارنىڭ ئېزىلىشىگە قارىتىلىدۇ.
ئاياللارنىڭ ئېزىلىشىگە سەۋەپ بولغۇچىلار ھەرگىزمۇ ئەرلەر ئەمەس بەلكى، ئاياللار ھۆرلىكىنى تەرغىپ قىلغۇچى فېمىنىستلاردۇر. چۈنكى ئۇلار باراۋەرلىك داۋاسى بىلەن ئەرلەر بىلەن ئاياللارنى بىر رىقابەت ئىچىگە تىقتى. بۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ فىترىتىگە زىت بولغان بۇ كۆرەش ئىچىدە ئاياللار ھەدىدىن ئارتۇق ھېرىش ۋە ئېزىلىشكە مەجبۇر قالدۇرۇلدى.
ئاللاھ تەئالا ئەر بىلەن ئايالنىڭ تەبىئىتىنى بىر- بىرىگە زىت ياراتقان بولۇپ، ئەرلەرنى قاتتىق خويلۇق، ئاياللارنى بولسا مۇلايىم قىلىپ ياراتقاندۇر. جىسمانى جەھەتتىن ۋە ھىسىيات جەھەتتىنمۇ ئايال كىشىنى نازۇك ياراتقان. ئاياللارنىڭ ئاۋازى ئىنچىكە، چاچلىرىمۇ ئىنچىكە، سۆڭەكلىرى نازۇك، مۇسكۇللار بولسا ئەرلەرنىڭ مۇسكۇلىرىنىڭ سانىنىڭ يېرىمىچىلىك. تېرىسى يۇمشاق ۋە سەزگۈر. ئاياللار مېڭىسىنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى ھېس تۇيغۇلۇق بۆلۈمىنى سول تەرەپتىكىدىن تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا ئاياللار يەنى يارىتىلىش جەھەتتىن ئەڭ تەبىئىي شەپقەت تۇيغۇسى بىلەن بوي سۇنۇش تەبىئىتىگە ئىگىدۇر.
ئەرلەر بولسا قوپال، كۈچتۈڭگۈر يارىتىلغاندۇر. ئەرلەرنىڭ سۆڭەكلىرى، مۇسكۇللىرى، ھاياتقا بولغان كۆز قاراشلىرىمۇ بىر خىل قاتتىقتۇر. بىراق بۇ يەردىكى قاتتىقلىقتىن قوپاللىق مەنىسى چىقمايدۇ. قوپاللىق بولسا تەربىيە ۋە ئەدەپنىڭ كەمچىللىكىدىن كۆرۈلىدۇ. ئەرلەر مېڭىسىنىڭ مەنتىق ۋە ھەقىقەتچى تەرەپى بولغان سول تەرىپىنى كۆپرەك ئىشلىتىدۇ.
ئەر – ئايال مۇناسىۋىتىمۇ دەل بۇ بىر- بىرىگە زىت بولغان تەرەپلەرنىڭ بىر- بىرىنى تارتىش ئۈستىگە قۇرۇلغان بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئايال كىشىنىڭ قاتتىق بولۇشى، ئەر كىشىنىڭ يۇمشاق بولىشى مۇمكىن بولمايدۇ. ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرى: ئەرلەرگە ئوخشىۋالغان ئاياللار ۋە ئاياللارغا ئوخشىۋالغان ئەرلەرگە لەنەت ئوقۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئەرلەر ئەرلەردەك قاتتىق مىجەزلىك ئەر مىجەز ئاياللارنى، ئاياللارمۇ ئاياللارغا ئوخشاپ قالغان يۇمشاق ئەرلەرنى ياقتۇرماسلىقىنىڭ سەۋەبى بۇدۇر.
ئەرلەر بىلەن ئاياللار ئوتۇرسىدىكى بارلىق ئاۋارىچىلىقلار ئاياللارنىڭ قاتتىقلىشىشى بىلەن باشلاندى. ئەلۋەتتە بۇنىڭدا فېمىنىزىمنىڭ تۆھپىسى ئالاھىدە زوردۇر. بىراق بىزنىڭ خەلقىمىزدە بۇنىڭغا ناھايىتى ياخشى ماسلاشقاندەك قىلىدۇ. قىزلىرىمىزنى خۇددى ئەسكەرلەردەك تەربىيلەيمىز. قىزلارنى تەربىيلىگەندە ئۇلارنى كەلگۈسىدىكى بىر ئائىلىنىڭ خانىمى بولغىدەك شەكىلدە تەربىيلەشكە ئەھمىيەت بېرىلمەيدۇ. كىچىك قىزلار ياسىنىشقا ھەۋەس قىلىپ، زىبۇ – زىننەت بىلەن ياسانسا ئاتا- ئانا بولغۇچى: سەن تېخى كىچىك، دەپ ئۇلارنىڭ بۇ تۇيغۇسىنى بۇغۇپ قويىدۇ. مەكتەپلەردە بولسا ئوغۇللار بىلەن تەڭ باراۋەر رىقابەت ئىچىدە ئوقۇيدۇ. بۇ خىل مۇھىت قىزلارنىڭ ئۆزىدە ئەسلى بولغان قىزلىق تەبىئىتىنى بىلەلمەستىن چوڭ بولىدۇ.
ئېرى بىلەن ئاجرىشىش باسقۇچىغا بېرىپ قالغان بىر ئايالغا، ئېرى بىلەن دە تالاش قىلىشماسلىقى، ئېرىگە بىراز نازۇك بولۇشىنى، نازلىنىشنى تەۋسىيە قىلسىڭىز: مەن ئۇندان نازلىنىدىغان بىرى ئەمەس. پىلغا نازلان دېيىلگەندە، ئۈچ دۇككاننى ئۆرىۋېتىپتۇ، دېگەن گەپ بار، دەپ قوپال جاۋاپ بېرىدۇ. بىراق، ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ئايال كىشى پىل ئەمەس، نازلاندىم، دەپ دۇككان ئۆرۈيدىغان. ئايال كىشىدە ئەسلىدە ئاياللارغا خاس يارىتىلغان پۈتۈن ئارتۇقچىلىقلار بار. بىراق ئۇنى يوق ئورنىغا چىقىرىۋەتكەچكە يوقتەك كۆرۈنىدۇ. قويۇپ بېرىش كېرەككى ئاياللارنىڭ ئاياللىق نازى ئوتتۇرىغا چىقسۇن. بولمىسا ئۆزىنى پىل دېسە خۇددى پىلدەك ھەر يەرنى ۋەيران، ئۆيلەرنى پەرىشان قىلىپ ئېرىنى قاچۇرۇپ قويغاندا ئارقىدىن يىغلاشقا مەجبۇر بولىدۇ.
شۇنداق ئېزىلىۋاتقان ئاياللار بار. بىراق ئۇلار يۇمشاق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس بەلكى، قاتتىق بولغانلىقى ئۈچۈن ئېزىلمەكتە. يۇمشاق بولۇش ئېزىلگەنلىك ئەمەستۇر. بەلكى، يۇمشاقلىق ئاياللارنىڭ ھەقىقى مۇھاپىزەتچىسىدۇر. يۇمشاقلىق ئاياللارنىڭ كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان كۈچىدۇر. يۇمشاقلىقى، نازاكىتى، لاتاپىتى ئايال كىشىنىڭ كۈچۈدۇر ۋە سۈيۈلۈشىنىڭ سەۋەبىدۇر.
ئەرلەر ئەسلىدىلا قاتتىق يارىتىلغاندۇر. ئايال كىشىمۇ قاتتىق بولۇش بىلەن بۇ ئىككىسى بىر – بىرىنى رەنجىتىدۇ. بۇلارنىڭ ياخشى ئۆتۈشى ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ بىرسى يۇمشاق بولۇشى كېرەك. يۇمشاقلىق بولسا ئايال كىشىنىڭ ئارتۇقچىلىقىدۇر. گۇمان قىلىنغىنىدەك ئەرلەر ھەرگىزمۇ يۇمشاق ئاياللارنى ئەزمەيدۇ. چۈنكى، ئەرلەر تەبىئىتى قاتتىق بولغىنى بىلەن مەرھەمەتلىك ۋە ھېمايە قىلغۇچى تەبىئەت بىلەن يارىتىلغاندۇر. ئەكسىچە ئەرلەر قاتتىق ئاياللارنى ئېزىدۇ. چۈنكى قاتتىق ئاياللار بىلەن ئەرلەر رىقابەت چەمبىرىكى ئىچىگە كىرىدۇ، بۇ رىقابەتتە ئۇتۇشنى خالاش بىلەن ئاياللارنى ئېزىدۇ.
ئەرلەر ئاياللاردىن يۇمشاقلىق، روھلاندۇرغۇچى، ناز ۋە بالىلارغا خاس مەسۇملۇق تەلەپ قىلىدۇ. يەنى ئۆزىدە بولمىغان نەرسىلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. قاتتىق، تەرسا، ئۆزەمنىڭ راست دەيدىغان، بىلەرمەن ئاياللار ئەرلەرنى ئىنتايىن بىئارام قىلىدۇ ھەم بۇنداق ئاياللارغا ئەرلەر ئەرلەرگە مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىر ئايالنىڭ ئەرلەردەك قاتتىق بولۇپ تۇرۇپ، ئاياللارغا لايىق مۇئامىلە تەلەپ قىلىشى مۆمكىن ئەمەس ئىشتۇر. بىر ئايالنىڭ تەربىيە كۆرگەن، ئوقۇغان بىرى بولۇشى، ئەقىللىق بولۇشى، ئۇنىڭ ئاياللىق خۇسىسىيىتىگە ئىگە ئايال بولۇشىغا توسالغۇ بولمايدۇ. بۇ يەردە مۇھىم بولىغىنى بىر نەرسىنى توغرا چۈشۈنەلىشتە. ئايال كىشى ئۆزىنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى پەرقلەندۈرمەستىن ياشىماسلىقى لازىم. ئۆزىنىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىكىنى ئۇنۇتمىسۇن. ئايال كىشى سىرتتا ئەستايىدىل بىر خانىم. ئائىلىدە بولسا نازاكەتلىك بىر ئايال بولالايدۇ. چۈنكى، ئايال كىشىنىڭ يارىتىلىشى بۇنىڭغا ئىنتايىن ماس كېلىدۇ. بۇ يەردە مۇھىم بولغىنى ئۆزىنى ئەرلەردەك ھېس قىلىشقا يېقىن كەلمىسۇن.
ئەلۋەتتە پۇرسىتى بولغىنىچە ئېرىنى ئەزگەن ئاياللارمۇ ئاز ئەمەس. ئېزىلىشكە رازى بولۇپ ياشاپ كەلگەن ئەرلەرمۇ ئاز ئەمەس. ئەرلەر قايەرلەردە خاتا قىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ ئايرىم توختىلىدىغان بىر نوقتا.
ئاياللار ھوقۇقى توغرىسىدا سۆز ئېچىشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن ئايال بولۇش ھەققىدە سۆز ئېچىش لازىمدۇر. ئاياللار قانچىلىك دەرىجىدە ئايال بولالىدى؟ ئالدى بىلەن بۇنىڭغا قاراش لازىم. بولمىسا ئاياللارنىڭ بەختسىزلىكىنىڭ سەۋەبى ئۈچۈن ئەرلەرنى كۆرسىتىپ، ئاياللار ئېزىلمەكتە، دەپ ھېكايە ئوقۇش ئاسان. ئاياللار ئېزىلىۋاتقان بولسا نېمە ئۈچۈن ئېزىلىۋاتىدۇ؟ ئايال كىشىنىڭ بەختلىك ياكى بەختسىز بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى ئەرلەرگە باغلاش ، ئالدى بىلەن ئاياللارنى چارىسىز قويۇشتىن باشقا نەرسە ئەمەستۇر. ھېچكىمنىڭ قارشىسىدىكى كىشىگە كۈچى يەتمەيدۇ. ئايال كىشى بەختلىك بولۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى لازىم. ئەسلىگە قايتىشى لازىم. باشقا ھەقلىرى شۇ چاغدا ئۆزلىگىدىن ئۇنىڭغا قايتىپ كېلىدۇ. قوپال ئاياللار قانداق بىر ھەقنى قولغا كەلتۈرسە كەلتۈرسۇن ھەقىقى بەختلىك بولالمايدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ يوقۇتۇپ قويغانلىرى ئېرىشكەنلىرىدىن نەچچە ھەسسە كۆپتۇر.
ئايال كىشى قاتىقلىقى بىلەن ئاياللىقىنى يوقۇتۇش بىلەن بىرگە، ھايات دوستى، ياخشى كۆرگەن ئادىمىنى، ئۇنىڭ مۇھاببىتىنىمۇ يوقۇتۇپ قويىدۇ. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئېرىشكەنلىرى يوقۇتۇپ قويغان ئۇ نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى ھېچ تولدۇرالمايدۇ. مەيلى پۇل، مەيلى، كەسپى، مەيلى گۈزەللىكى . بۇلارنىڭ ھەممىسى ھېچ ئىشقا يارىمايدۇ. قاتتىق ئاياللار ئۆزلىرى ئېرىشمەكچى بولغان بەختنى، يالغان بەختلەر، دورا – دەرمەكلەر بىلەن تولدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
ئى ئاياللارغا بىر قۇچاش ھەق بېرىپ ئۇلارنىڭ بەختىنى تارىۋالغانلار، قولۇڭلاردىن كەلسە ئاياللارغا بىراز بەخت تارقاتمامسىلەر قېنى؟
تەرجىمىدە : م. ئۆزئۇيغۇر
(ئائىلە مەسلىھەتچىسى، پىسخولۇگ، يازغۇچى سەما ماراشلى خانىمنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۆزلەشتۈرۈلدى.)