رەقەملىك بازارشۇناسلىقىنىڭ بەش چوڭ يۈزلىنىشى
بازار تەتقىق قىلىش شىركىتى ئەكسپېرىيەن (Experian)نىڭ ئېيتىشىچە، تېخنىكىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، 2013-يىلى رەقەملىك بازارشۇناسلىقنىڭ بەش يۈزلىنىشى بولىدىكەن، بۇ يۈزلىنىشلەر ئۇنىۋېرسال بېكەت بولغان ئىزدەش موتورىنىڭ گۈللىنىشى، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىنى ئۆلچەش كۆرسەتكۈچى ۋە خەت تاپشۇرۇۋالغۇچىنىڭ خەت ساندۇقىدا ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنى يېڭىلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
ئەكسپېرىيەن يېقىندا ئېلان قىلغان 2013-يىلىدىكى رەقەم يۈزلىنىش دوكلاتىدا سانلىق مەلۇمات ۋە تېخنىكىنىڭ 2013-يىلى رەقەملىك بازارشۇناسلىققا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ۋە بازارشۇناسلار دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ھالقىلىق رەقەم يۈزلىنىشىنى ئانالىز قىلغان.
ئەنگىلىيە باش ۋەزىرىنىڭ لوندون پەن-تېخنىكا شەھىرى ئەلچىسى، قوشۇمچە ئاساسلىق ئىنتېرنېت تورى مۇتەخەسسىسى بېن.خاممورسلېي (Ben Hammersley) بۇ دوكلاتنىڭ كىرىش سۆزىنى يازغان. بۇ دوكلات ئەكسپېرىيەننىڭ 2013-يىلىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىسى، ئىزدەش، كۆچمە، ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى، چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنىڭ كېيىنكى قەدەملىك تەرەققىياتى ۋە رەقەم ئىنقىلابىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ قىلمىشىغا بولغان تەسىرى قاتارلىق جەھەتلەردىكى نۇقتىلىق يۈزلىنىشلەرگە بولغان پەرەزلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ دوكلات پەرەز قىلغان نۇقتىلىق يۈزلىنىشلەر:
1. ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى
قارىغۇلارچە ئەگەشكۈچى قوغلىشىش ئىشەنچنى يوقىتىپ قويىدۇ، چۈنكى داڭلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلار ئىجتىمائىي ھەمبەھرلىنىش ۋە قاتنىشىشنىڭ زور تەسىرى بارلىقىنى تونۇپ يەتتى. شۇڭا، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدە ھەمبەھرلىنىشنىڭ تېخىمۇ ئاددىي ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك قۇرالى ئىشلەپچىقارغۇچىلارنى مۇھىم نۇقتىنى قايتىدىن ئەھمىيەتلىك ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىسى بازارشۇناسلىقىغا قويۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
2. ئىزدەش موتورى ئۇنىۋېرسال بېكەتكە تېخىمۇ ئوخشايدىغان بولىدۇ
ئىزدەش موتورى يول باشلاش قۇرالىغا ئەمەس بەلكى مەزموننى ئاساس قىلغان ئۇنىۋېرسال بېكەتكە تېخىمۇ ئوخشايدىغان بولىدۇ. شۇڭا ئىستېمالچىلار ئېلىپ بارغان پېرېۋوت نىسبىتىدىن ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇمات ۋە داڭلىق شەخسلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى قاتارلىقلارغىچە بولغان تەكشۈرۈشكە ئىزدەش موتورى جاۋاب بېرىدۇ، ئابونت بىر توربەتنى زىيارەت قىلىشقا ئېھتىياجلىق بولمايدۇ. 2013-يىلى، بۇ خىل ئۆزگىرىش ئىستېمالچىلارنىڭ ئىزدەش موتورىغا بولغان تايىنىشىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
3. يۆتكىلىشچان ئەپ ئۈچۈن ئەلالاشتۇرۇلغان تور بېكەت
نۆۋەتتە پەقەت ئۈچتىن بىر قىسىم تور بېكەتلەرلا يۆتكىلىشچان ئەپ ئۈچۈن ئەلالاشتۇرۇلغان. ئىستېمالچىلارنىڭ كۈنسېرى يۆتكىلىشچان ئەپنى ئىشلىتىشكە يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ، 2013-يىلى، بىرەر يۆتكىلىشچان ئەپ ئۈچۈن ئەلالاشتۇرۇلغان تور بېكەت بولمىسا بولمايدۇ.
4. خەت ساندۇقى ئەمەلىي ۋاقىتتا ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنىڭ مەزمونىنى يېڭىلاپ تۇرىدۇ
سانلىق مەلۇمات ۋە ئەمەلىي ۋاقىتتا تەكشۈرۈپ تۇرۇشنى ئاساس قىلغان كەچۈرمىشنى قۇرۇپ چىقىش 2013-يىلىدىكى ھالقىلىق نۇقتا بولۇپ قالىدۇ. ئىستېمالچىلارنىڭ ئېلىكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلار بىلەن ئالاقە قىلىشنى كۈنسېرى كۆپەيتىشىگە ئەگىشىپ، خەت ساندۇقىغا ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنىڭ مەزمونىنى يېڭىلاش ئىقتىدارىنى قوشۇش بۇ خىل خاسلاشقان كەچۈرمىشنى كۈچەيتىدۇ.
5. چوڭ سانلىق مەلۇمات دېگەن سۆز داۋاملىق كەڭ تارقىلىدۇ
چوڭ سانلىق مەلۇمات دېگەن سۆز 2013-يىلى داۋاملىق كەڭ تارقىلىدۇ ۋە رەقەملىك بازارشۇناسلىقنىڭ ھالقىلىق ئامىلى بولۇپ قالىدۇ. يولىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسىنىڭ ئادرېسى، كۆچمە تېلېفوننىڭ نومۇرى، Cookies ۋە ئەسلىھەلەرنىڭ ID سىنىڭ رەقەملىرى بىرلىشىپ سانلىق مەلۇماتلارغا بازارشۇناسلىق ئۈنۈمىنى ۋە ئالاقىنى ياخشىلىتالايدۇ.
ئەكسپېرىيەننىڭ رەقەملىك بازارشۇناسلىققا مەسئۇل باشقۇرغۇچىسى جون.باس (Jon Buss) ئىنكاس يېزىپ مۇنداق دەيدۇ: سېتىش يولىدىن ھالقىغان بازارشۇناسلىقنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئېنىقكى، توردىكى ئالاقە ۋە تورسىز ئالاقىنىڭ پەرقى 2013-يىلى داۋاملىق خىرەلىشىدۇ. رەقەملىك سودا يولى بولغاچقا، بىز ئاللىبۇرۇن تاق يۆنىلىشلىك ئۇچۇر ئېقىمىدىن قوش يۆنىلىشلىك ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا يۈزلەندۇق.
مەنبە: ئىلقۇت كارخانىچىلار مۇنبىرى http://www.ilqut.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=377