You Are Here: Home » ئومۇمى » جاسارەت ئابىدىسى — زەينەپ غەززالى

جاسارەت ئابىدىسى — زەينەپ غەززالى

Zeynep-Gazzali[1]ت. شەھىدى

زەينەپ غەززالى ئەلجۇبەيلىنىڭ ئەسلى نەسەبى ھەقىقى ئەرەب ئىرقىدىن بولۇپ،ئۇ مىلادىيە 1917 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى مىسىرنىڭ شىمالى غەربىگەجايلاشقان بەھرە ۋىلايىتىدە، ئېسىل نەسەب ۋە ھاللىق بىر ئائىلىدە دۇنياغاكەلگەن. ئۇنىڭ دادا تەرەپ نەسەب شەجەرىسى ھەزرىتى ئۆمەر ئىبنى خەتتابقا ئۇلاشسا، ئانا تەرەپ نەسەبى ھەزرىتى ئەلىنىڭ ئوغلى ھەزرىتى ئىمامغا باغلىنىدۇ. زەينەپ غەززالىنىڭ بوۋىسى چوڭ سودىگەر بولۇپ، ئاساسلىق ئىشى پاختا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئىدى. دادىسى مۇھەممەد غەززالى بولسا،ئەزھەر ئۇنۋېرىستىتىنىڭ بۈيۈك شەيىخلىرىدىن بىرى بولۇپ، ۋەز نەسىھەت ۋە نوتۇق سۆزلەش جەھەتتە ھەممىگە تونۇلغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر، مۆتىۋەرئەللامە ئىدى.

مۇھەممەد غەززالى قىزى زەينەپنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى ۋە ئەركىلىتىپ نۇسەيبە دەپ ئاتايتتى. دادىسىنىڭ ئۇنداق دەپ ئاتىشىدا ئەركە قىزىنىڭ كەلگۈسىدە بۈيۈك ساھابە نۇسەيبە بىنتى ئەلكەبىل مازەنىغا ئوخشاش خىسلەت ۋەئىپپەت ئابىدىسى بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتى. ئۇ تېخى تۆت ـ بەش يېشىغا توشمىغان قىزىغا ياغاچتىن قېلىچ ياساپ بېرىپ، يۇمىلاق بىر دائىرە سىزىپ، قىزىنى سىزىقنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرغۇزۇپ، قىلىچنى تۇتقۇزاتتى، ئاندىن: «پەيغەمبىرىمىزنىڭ دۈشمىنىنى چاپ قىزىم» دەپ چېقىشتۇراتتى. زەينەپ بولساقولىدىكى قىلىچىنى ئوڭ، سول، ئالدى، ئارقىسىغا توختىماي شىلتىپ دادىسىغائارىدا بىر قاراپ، تاتلىق كۈلۈپ قوياتتى. دادىسى، «پەيغەمبىرىمىزنىڭ دۈشمىنىدىن قانچىنى ئۆلتۈردۈڭ قىزىم» دەپ سورىسا، ئۇ: «بىرنى ئۆلتۈردۈم»دەيتتى. دادىسى يەنە ئۆلتۈر قىزىم دەيتتى، ئۇ قىلىچنى ھاۋاغا شىلتىپ يەنەدادىسىغا قارايتتى، دادىسى، «قانچىنى ئۆلتۈردۈڭ» دەپ سورىسا ئىككىنى،ئۈچنى، تۆتنى ئۆلتۈردۈم … دەپ جاۋاب بېرەتتى. دېمەك مۇھەممەد غەززالى بۇئەركە قىزىنى كىچىكىدىنلا ساھابىلەردەك تەربىيىلەپ چىقىشقا قاتتىق كۆڭۈل بۆلگەن.
زەينەپ باشلانغۇچ مەكتەپنى مەھەللىسىدىكى ھۆكۈمەت مەكتىپىدە ئوقۇيدۇ. 11يېشىدا دادىسى كېسەل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇشتۇمتۇت ئالەمدىن ئۆتىدۇ. زەينەپنىڭ ئانىسى قاھىرەدە ئىشلەۋاتقان چوڭ ئوغلى مۇھەممەد ۋە ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرانچى ئوغلى ئەلىلار بىلەن بىرگە تۇرۇش ئۈچۈن، قىزى زەينەپنى ئېلپ قاھىرىگە كۆچۈپ كېلىدۇ. ئۇلار قاھىرە سەييىدە زەينەپ رايونىغا كېلىپ يەرلىشىدۇ. زەينەپ قاھىرىگە كەلگەندىن كېيىن يەنە ئوقۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە ئانىسىدىن رۇخسەت سورايدۇ. ئانىسى چوڭ ئوغلى مۇھەممەد بىلەن مەسلەھەتلىشىپ ئاندىن جاۋاپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. چۈنكى زەينەپنىڭ دادىسى مۇھەممەد غەززالى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئۆينىڭ ئاساسلىق چوڭى مۇھەممەد بولۇپ قالغان ئىدى. ھەر قانداق ئىش ئۇنىڭ سۆزى بىلەن يۈرەتتى.زەينەپنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىگە كەلگەندە مۇھەممەد سىڭلىسىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتە ئالغان بىلىمى، شۇنىڭدەك دادىسىدىن قوشۇمچە ئالغان ئىلمى يېتىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەپ سىڭلىسىنىڭ ئوقۇشىغا قوشۇلمايدۇ. ئەممامۇھەممەدنىڭ كىچىكى بولغان ئەلى بولسا سىڭلىسىنىڭ ئوقۇشۇنى قوللايتتى ۋە سىڭلىسى خالىغان كىتابلىرىنى ئېلىپ بېرەتتى. ئانىسى ئۆينىڭ چوڭى بولغان مۇھەممەدنىڭ سۆزى بويىچە قىزى زەينەپكە نەسىھەت قىلىپ تۇراتتى. بۇ شەكىلدە بىر مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىن زەينەپ بىر كۈنى قىزلار ئوقۇيدىغان مەكتەپ ئۇقۇشۇپ بېقىش ئۈچۈن ئۆيدىن چىقىدۇ. بىر يەرگە كەلگەندە كۆزى «قىزلارمەكتىپى» دەپ يېزىلغان ۋىۋىسكىغا چۈشىدۇ. دەرھال مەكتەپ ئالدىغا بېرىپ دەرۋازىۋەندىن ئۆزىنىڭ مۇدىر بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. دەرۋازىۋەن«بۇ كىچىك قىزنىڭ مۇدىر بىلەن نېمە ئىشى» دەپ ئۇنى ئىچىگە ئالمايدۇ. زەينەپ تاقەتسىزلىكتىن مۇدىر بىلەن بۇ سائەتتە كۆرۈشۈش ئۈچۈن كېلىشىپ بولغانلىقىنى ئېيتىدۇ. دەرۋازىۋەن ئاخىرى بۇ كىچىك قىز بىلەن تالىشىپ ئولتۇرۇشنى مۇناسىپ كۆرمەي كىرگۈزىۋېتىدۇ. زەينەپ ئۇدۇل مۇدىرنىڭ ئىشخانىسىغا بېرىپ ئىككىلەنمەي ئىشىكنى قاقىدۇ. مۇدىر كىرىشكە رۇخسەت قىلغاندىن كېيىن، زەينەپ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن سالام قىلىپ كىرىدۇ. مۇدىر ئىشخانىسىدىكى كىچىك قىزغا قاراپ ھەيرانلىق ئىچىدە تۇرۇپ قالىدۇ. ئوتتۇرىدا بىر پەس تىمتاسلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ. بۇتىمتاسلىقنى يەنە زەينەپ ئۆزىنىڭ روھلۇق قىياپىتى ۋە جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن بۇزۇپ، ئۆزىنى بىر قۇر تۇنۇشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى، ئەمما ئائىلىسىدە چوڭ ئاكىسىنىڭ بۇنىڭغا قارشى ئىكەنلىكىنى،ئوتتۇرانچى ئاكىسىنىڭ ئوقۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى تەپسىلى سۆزلەپ بېرىدۇ.مۇدىر زەينەپنىڭ سۆزلىرىنى دىققەت بىلەن ئاڭلايدۇ. ئاندىن زەينەپكە قاراپ ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ دادىسى ۋە چوڭ دادىسىنى تونۇيدىغانلىقىمنى ئېيتىدۇ ۋەئوتتۇرانچى ئاكىسىنى باشلاپ كېلىپ مەكتەپكە تىزىمغا ئالدۇرۇشقا ماقۇل بولىدۇ. زەينەپ مەكتەپكە ئېلىنغاندىن كېيىن مۇدىر ئۇنى ئۆزى ئىمتىھان قىلىدۇ. زەينەپ مۇدىرنىڭ سورىغان سوئاللىرىغا بىر ـ بىرلەپ توغرا جاۋاپ بېرىدۇ. مۇدىر ئۇنىڭ زېرەكلىكىگە ئاپىرىن ئوقۇيدۇ.
زەينەپ ئاخىرى تولۇق ئوتتۇرا بىرىنچى سىنىپقا قوبۇل بولىدۇ. مەكتەپكەقوبۇل بولۇپ، بىر ئايدىن كېيىن مۇدىر ئۇنى يەنە ئىمتىھان قىلىدۇ. زەينەپ ئىمتىھاندىن ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتىدۇ. مۇدىر ئۇنى ئىككىنچى سىنىپقا قوبۇل قىلىدۇ.
زەينەپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى 17 يېشىدا ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرىدۇ. ئۇ بىر كۈنى گېزىت كۆرۈۋېتىپ ھۇدا شەراۋىنىڭ فرانسىيىگە ئۈچ قىزدىن تەشكىللەنگەن بىر ئۆمەك ئەۋەتىدىغانلىق خەۋىرىنى كۆرۈپ قالىدۇ. زەينەپ دەرھال ھۇدا شەراۋى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىش ئورنىغا بارىدۇ ۋەئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئۆزىنى بۇ قىزلارنىڭ قاتارىدا بىرگە فرانسىيىگەئېۋەتىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ. ھۇدا شەراۋى ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى بىر قۇرئىگەللىگەندىن كېيىن باشتا بۇنىڭغا قوشۇلمايدۇ. چۈنكى، فرانسىيىگەبارىدىغان قىزلارنىڭ كەمبەغەل ئائىلىدىن بولۇشى شەرت ئىدى. زەينەپ ھۇداشەراۋى بىلەن بۇ ھەقتە بىر قانچە قېتىم پاراڭلىشىدۇ. بۇ جەرياندا ھۇداشەراۋى زەينەپنىڭ ئىرادىلىك، گەپ سۆزى جايىدا، ئىلمى سەۋىيىسى ۋە نەزەردائىرىسىنىڭ كەڭ ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا قىزىقىپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى جەمئىيەتكە ئەزالىققا قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنى جەمئىيەتنىڭ شۇرا ـ كېڭەش ئەزالىقىغا ئېلىش بىلەن بىرگە زەينەپنىڭ فرانسىيىگە بېرىشتىن ئىبارەت تەلىپىنى قوبۇل قىلىدۇ. بۇ جەمئىيەتكە ئەزا بولغۇچىلار قاتارىدادۆلەتنىڭ يوقىرى تەبىقىلىرىدىن بولغان خانىم ئاياللارمۇ بار ئىدى. زەينەپ ھۇداشەراۋىنىڭ جەمئىيىتىگە ئەزا بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلاتى تولىمۇ كۆپىيىپ كېتىدۇ. ئۇ بەزىدە تاماق يېيىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالاتتى. ئۆيگە كەچ قايتاتتى، ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە غەيرىتى بىلەن قاتتىق تەر تۆكۈش بەدىلىگە ھۇداشەراۋىنىڭ ئەتىۋارلىق ۋە سادىق ئوڭ قولى بولۇپ قالغان ئىدى. زەينەپنىڭ يېشى كىچىك بولغان بىلەن قابىلىيەتلىك،ئۇستا ناتىق ئىدى، بۇنىڭ ئۈستىگە ھۇدا شەراۋى ئۇنى ھەر جەھەتتە قوللاپ يېقىندىن ياردەملىشىپ تەربىيىلەۋاتاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى خېلى كۈچلىنىپ قالغان ئىدى. ھۇدا شەراۋىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى كېيىنچە ئۇنى ئۆزىنىڭ ئورۇن باسارى قىلىش ئىدى.
ھۇدا شەراۋى مىسىر مۇستەقىللىق مىللى كۈرەش ھەرىكىتىگە قاراشلىق «ئاياللارئۇيۇشمىسى» جەمئىيىتىنى قۇرغۇچى مەشھۇر شەخس ئىدى. ئۇ ئاياللارئازاتلىقىنى، ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداش نامىدا ھەر خىل پائالىيەت ئېلىپ باراتتى.
ھۇدا شەراۋىنىڭ ئەسلى ئىسمى كەرىمە مۇھەممەد سۇلتان بولۇپ، دادىسىمۇھەممەد سۇلتان بولسا، مىسىر پارلامېنت مەجلىسىنىڭ تۇنجى رەئىسى ئىدى.ھۇدا شەراۋى 1879 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى مىسىرنىڭ مىنيا ۋىلايىتىدەدۇنياغا كەلگەن. ھۇدا شەراۋىنىڭ دادىسى قىزى ھۇدا ئۈچۈن ئۆيىگە ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ دىنى دەرستىن تەلىم بەرگەن. ئۇ قۇرئان كەرىمنى يادلاش بىلەن بىرگە خەت يېزىش ۋە ئوقۇشنى راۋان ئۆگەنگەن. شۇنىڭدەك فرانسۇزچە ۋە تۈركچەتىللارنى مۇكەممەل ئۆگەنگەن.
ئۇ 13 ياشقا كىرگەندە 1919 ـ يىلقى قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان تاغىسىنىڭ ئوغلى مەشھۇر ئەلى شەراۋىغا ياتلىق بولىدۇ. ئۇ تۇي قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئىجتىمائىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان. 1907 ـ يىلى«بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش» جەمئىيىتىنى قۇرغان. 1908 ـ يىلى مىسىرئۇنۋېرستىتلىرىدا ئاياللارغا خاس يېغىن زالى ئېچىشنى تەلەپ قىلغان ۋە ئۇنىڭ تەلىپى بويىچە پۈتۈن ئالى مەكتەپلەردە ئىجتىمائىي ئىشلار ۋە قىز ـخانىملار ئۈچۈن ئالاھىدە يېغىن زاللىرى قۇرۇلغان. ئۇ 1919 ـ يىلى مىسىرتارىخىدا تۇنجى قېتىم ئېلىپ بېرىلغان ئاياللار قوزغىلاڭغا رەھبەرلىك قىلغان. 1923 ـ يىلى «مىسىر ئاياللار ئۇيۇشمىسى» نى قۇرغان. ئۇ خەلقئارادا ئېچىلغان نۇرغۇن ئاياللار يىغىنىغا قاتناشقان. ئۇ بۇ جەريانداغەربچە پىكىرلەرنىڭ تەسىرىگە قاتتىق ئۇچرىغان.
ئەينى چاغدا مىسىرنى ئىشغال قىلىۋالغان ئەنگلىيە تاجاۋۇزچىلىرى تەرىپىدىن سىرتقا پالانغان سەئد زەغلۇل 1921 ـ يىلى مىسىرغا قايتقاندا، ئۇنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن خەلق ئايدۇرۇمغا چىققان. ھۇدا شەراۋىيمۇ جەمئىيەت رەھبەرلىرىگە باش بولۇپ بۇ قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان. (ئۇ سەئدزەغلۇلنى قارشى ئالغىلى چىققاندا ئاياللار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇنجى قىلىپ بېشىدىكى رومىلىنى ئېلىپ تاشلىغان). ئۇقىزلارنىڭ بۇرۇن توي قىلىشىغا قارشى چىقىپ، قىزلار ئەڭ كىچىك بولغاندا 16يېشىدا، ئوغۇللار 18 يېشىدا توي قىلىشى كېرەكلىكىنى تەشۋىق قىلغان. شۇنىڭدەك، ئەر ـ ئاياللار ھوقۇقتا باراۋەر دەپ كۆرسىتىپ، ئەرلەرنىڭ كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشىغا شىددەت بىلەن قارشى چىققان ۋە بۇنى ئاياللارغا نىسبەتەن ھاقارەت ۋە خورلۇق دەپ كۆرسەتكەن. ئۇ ئۆز شۇئارىدا ئاياللارنىڭ مائارىپ ئىشىغا كۆڭۈل بېرىش، سىياسەتكە ئارىلىشىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ 1947 ـ 8 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى ۋاپات بولغان.
فرانسىيىگە ماڭىدىغان ۋاقىت جەدۋېلى تۇرغۇزۇلدى. بۇنىڭدىن قاتتىق خۇشال بولغان زەينەپ سەپەر تەييارلىقى ھەلەكچىلىكىدە ئىدى. ئۇ بىر كۈنى ئاخشىمى چارچاپ ئارام ئېلىش ئۈچۈن ياتاق ئۆيىگە كىرىپ شىرىن خىياللار بىلەن كۆزى ئۇيقىغا كېتىدۇ. ئۇخلاۋېتىپ چۈش كۆرىدۇ، چۈشىدە دادىسى ئۇنىڭ فرانسىيىگەبارماسلىقىنى، جانابى ئاللاھ ئۇنى مىسىردا تېخىمۇ ياخشى ئىشلارغا مۇيەسسەرقىلىدىغانلىقنى ئېيتىدۇ، ئۇ «نېمىشقا» دەپ سورايدۇ، دادىسى، «يېقىندا بىلىپ قالىسەن قىزىم، ئەگەر بارىدىغان بولساڭ مەن سەندىن رازى بولمايمەن»دەيدۇ. زەينەپ چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىدۇ ۋە كۆرگەن چۈشى ھەققىدە قاتتىق ئويلىنىدۇ. ئاخىرى دادىسىنىڭ قىلغان نەسىھىتىنى قوبۇل قىلىپ، فرانسىيەگە بېرىش قارارىدىن ۋاز كېچىدۇ. ھۇدا شەراۋى ئۇنىڭ بۇ قارارىدىن خەۋەر تېپىپ قاتتىق ئىچى پۇشۇپ سەۋە بىنى سورايدۇ. زەينەپ كۆرگەن چۈشىنى ھۇدا شەراۋىغاسۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن، ھۇدا شەراۋى زەينەپنىڭ ئىككى قولىنى چىڭ سىقىپتۇرۇپ: «زەينەپ سەن مېنىڭ ئۈمىدىم ئىدىڭ، مەن پۈتۈن ئارزۇ تىلەكلىرىمنى ساڭا باغلىغان ئىدىم، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى يوققا چىقاردىڭ، بۇ نېمە ئۈچۈن زەينەپ!.. چۈش دېگەننىڭ ھەممىسى رېئاللىق ئەمەسقۇ؟!..» دەپ ـ كۆزىدىن تارام ـ تارام ياش تۆكۈپ يىغلاپ كېتىدۇ. زەينەپ: «مېنى كەچۈرۈڭ، مەن دادامنىڭ سۆزىگە خىلاپ ئىش قىلالمايمەن» دەپ ئۆزرە قويىدۇ. زەينەپ فرانسىيىگە بېرىشتىن ۋاز كەچكەن بولسىمۇ يەنە بۇ جەمئىيەتتە ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا ئىشلەۋېرىدۇ.
زەينەپ غەززالى ئەزھەرگە قارشى نۇرغۇن قېتىم نۇتۇق سۆزلەش، يىغىن ئورۇنلاشتۇرۇشتەك پائالىيەتلەردە بولغان. چۈنكى ئەزھەر بۇ جەمئىيەتنىڭ مۇسۇلمان قىز خانىملار ئارىسىدا ئىسلام شەرىئىتىگە كۆرسەتكەن سەلبىي تەسىرىگە قارشى ئىدى. زەينەپ غەززالىدەك ئوقۇمۇشلۇق نۇرغۇن زىيالى قىز ـخانىملار ھۇدا شەراۋى كۆتۈرۈپ چىققان دىندىن خالىي دۆلەتچىلىك قارىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. شۇ سەۋەپلىك ئەزھەر شەرىپ بۇ جەمئىيەتكە قارشى تۇرىۋاتقان بىردىن بىر ئاساسلىق ئورۇن ئىدى. ئەزھەر شەرىپتىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ھۇدا شەراۋىنىڭ بۇ جەمئىيىتى بىلەن بىر قانچە قېتىم ئىلمى مۇنازىرە ئۆتكۈزگەن. ھۇدا شەراۋى بۇ مۇنازىرىگە زەينەپغەززالىنى، سىزا نەبراۋىنى ۋە ھاممىسىنىڭ قىزى ھاۋا ئىدرىسنى ۋەكىل قىلىپ قاتناشتۇرغان ئىدى. بۇ مۇنازىرىنىڭ بىرىدە ئەزھەر تەرەپتىن قاتناشقان شەيخلار ھۇدا شەراۋىنى مۇسۇلمان خانىملار ۋەكىلى سۈپىتىدە ئىسلام پرىنسىپى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ چاقىرىقىغا زەينەپغەززالى قاتتىق رەددىيە قايتۇرۇپ، ھۇدا شەراۋىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتى، مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، سەۋىيىسىنى كۆتۈرۈش بىلەن ئۇلارنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت، دېگەندەك مۇڭلۇق شۇئارلارنى توۋلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ جەمئىيىتىنى قوغداپ كەلگەن ئىدى. ئۇ بىر كۈنى 10 دەك ئەزھەرنىڭ شەيخلىرى بىلەن مۇنازىرىگەچۈشۈپ قالىدۇ. مۇنازىرىدە زەينەپ ھۇدا شەراۋىنىڭ پىكرىنى قوغداش بىلەن ئەزھەر شەيخلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىدە يېڭىلىپ قالغان شەيخلار ئېرىشاد ۋە ۋەز ـ نەسىھەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى شەيخ مۇھەممەدئابدۇھ تىن زەينەپ غەززالىنىڭ ھەرقانداق جەمئىيەت سورۇنلىرىدا سۆز قىلىشىنى ۋە نۇتۇق سۆزلىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن شەيخ مۇھەممەد ئابدۇھ زېرەك ۋە بىلىملىك ئادەم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەزھەرنىڭ مۆتىۋەر شەيخلىرىدىن10 ئەللامە بىر قىزنى قايىل قىلالماي، ئۇنى ئاممىۋى سورۇنلاردا سۆزقىلىشتىن توسساق، خەلق «بىزنىڭ پىكرىمىزنىڭ خاتا ئۇلارنىڭكىنى توغرىكەن» دەپ چۈشىنىپ قالمامدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنىڭ بىلەن داۋاملىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئۇنى قايىل قىلمىساق بولمايدۇ. شۇڭا بۇ ئىشقا سىلەردىن بىرىڭلار مەسئۇل بولۇشى كېرەك دېگەندە، سورۇندىكىلەرنىڭ ئىچىدىن شەيخ مۇھەممەد نەججار ئىسىملىك كىشى ئورنىدىن تۇرۇپ زەينەپ بىلەن ئۆزىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ بېقىش تەكلىپىدە بولىدۇ.
ئىككىنچى كۈنى زەينەپ خىزمەتداشلىرى سىزا ۋە ھاۋا بىلەن بىرگە يىغىن زالىغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ. ئارقىدىن شەيخ مۇھەممەد نەججارمۇ يېتىپ كېلىدۇ. زال ھەر تەبىقىدىكى قىز ـ خانىملار بىلەن تولۇپ تاشقان ئىدى. يىغىن رىياسەتچىسى مىكروفۇننى قولىغا ئېلىپ زەينەپ غەززالىنى سۆزگە تەكلىپ قىلىدۇ. زەينەپ غەززالى مىكروفۇندا ئۆزىنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى بىلەن ھۇداشەراۋىنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرى، ئىش ـ ئىزلىرى ۋە كۆزقاراشلىرىنى بىر ـ بىرلەپ سۆزلەپ ئۆتۈپ يىغىندىكىلەرنىڭ قاتتىق ئالقىش ـسادالىرىغا ئېرىشىدۇ. زەينەپ غەززالى سۆزىنى تۈگىتىپ ھەمراھلىرى بىلەن قايتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرغاندا، شەيخ مۇھەممەد نەججار: «قىزىم مەن ئىسلام دەۋىتى توغرۇلۇق بىر نەچچە مىنۇت سۆز قىلماقچى سىلەرمۇ قاتنىشىپ بەرگەن بولساڭلار» دەيدۇ. زەينەپ: «بولىدۇ، قېنى مەرھەمەت قىلسىلا» دەپ شەيخنى ىسەھنىگە تەكلىپ قىلىدۇ.
شەيخ مۇھەممەد نەججار مىكروفوننىڭ ئالدىغا كېلىپ ئىككى قولىنى ئېگىزكۆتۈرۈپ، زەينەپ غەززالىغا قاراپ تۇرۇپ ئاللاھقا مۇنداق دۇئا قىلىشقاباشلايدۇ: «ئى ئاللاھ سېنىڭ گۈزەل ئىسىملىرىڭنىڭ ھەققى ھۆرمىتى ئۈچۈن ئۇنى ئىسلامغا خىزمەت قىلغۇچىلاردىن قىلغىن، سەن ھەممىگە قادىر، مۇبارەك كىتابىڭ قۇرئان كەرىمنىڭ بەرىكىتى بىلەن ئۇنى ئىسلامغا خىزمەت قىلغۇچىلاردىن قىلغىن، ئالەملەرگە رەھمەت بولۇپ كەلگەن پەيغەمبىرىڭگەسالام ۋە رەھمىتىڭ بولسۇن دەيدۇ.» زەينەپ شەيخنىڭ ئۆزىگە قىلغان دۇئاسىدىن قاتتىق تەسىرلىنىپ ئىختىيارسىز كۆز يېشى تاراملاپ ئېقىشقا باشلايدۇ.زەينەپ يىغىسىنى شەيخقا كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن يۈزىنى قاچۇرۇپ بولالماي قالىدۇ. ئاخىرى يىغىسىنى توختىتالماي، ئورنىدىن تۇرۇپ سىلە نېمىشقا ماڭا ئاتاپ دۇئا قىلىلا، سىلە مېنى ئاللاھ بىلەن ئەمەس دەپ قاراملا؟! ھالبۇكى،مەن ناماز ئوقۇيمەن، قۇرئان ئوقۇيمەن، ئاللاھ خالىسا يېقىندا ھەجگە بارىمەن، ئاللاھنىڭ يولىدا شېھىت بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. شەيخ نەججار مەن سىزنى شۇنداق دەپ ئويلايمەن، دەپ يەنە دۇئانى داۋاملاشتۇرىدۇ، ئاخىرىدازەينەپكە قاراپ تۇرۇپ، «سىز بۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن يەنە ھۇداشەراۋىنىڭ يېنىغا بارامسىز ياكى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بىلەن بىرگە قالامسىز» دەپ سورايدۇ. زەينەپ مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھۇدا شەراۋى بىلەن بولساممۇ يەنە ئۆزەمنى ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەنبىرى بىلەن دەپ بىلىمەن». شەيخ نەججار يەنە: «سىز ماڭا ھەقىقەت تەرەپدارى بولۇپ ھەقىقەتنى قوغداشقا ۋەدە بېرەمسىز» دەيدۇ. زەينەپ: «ۋەدە بېرىمەن» دەيدۇ.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن زەينەپ شەيخ نەججارنى ھەر زامان زىيارەت قىلىپ تۇرىدۇ.ئۇنىڭدىن كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىدۇ. ئىسلام دىنىغا ئالاقىدار چۈشەنمىگەن نۇرغۇن مەسىلىلەرنى بىلىۋالىدۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ نۇرغۇن مەسىلىدە كۆزى ئېچىلىپ نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭىيىپ قالىدۇ.
ئۇ بىر كۈنى ئۆيىدە كەچلىك تاماق ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، توساتتىن گاز تۇڭى پاتلاپ ئاشخانىنى ئوت يالقۇنى قاپلاپ كېتىدۇ. زەينەپ قورققىنىدىن نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي تەمتىرەپ ئىشىكنى تاپالماي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوت ئۇنىڭ بەدىنىگە تۇتىشىپ كۆيۈپ چالا ئۆلۈك بولۇپ قالىدۇ.ئائىلىسىدىكىلەر ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپارماقچى بولىدۇ، ئاممازەينەپ قەتئىي ئۇنىمايدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ بەدىنىنى يات ھەرقانداق كىشىنىڭ كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايتتى. ئائىلىدىكىلەر ئىلاجىسىز ئۆيىگە خاس دوختۇرتەكلىپ قىلىپ داۋالايدۇ. لېكىن ئۇنىڭ سالامەتلىكى كۈندىن كۈنگە يامانلىشىپ كېتىدۇ. دوختۇر پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئەڭ قىممەتلىك دورا ۋە ئوكۇللارنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن دوختۇرنىڭ بۇ بىچارە بىمارنىڭ ھاياتىدىن ئۈمىدى قالمايدۇ. بىر كۈنى دوختۇر ئاكىسى مۇھەممەدنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭ ھاياتىدىن ئۈمىد قالمىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئاكىسى قاتتىق قايغۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ يېزىدىكى ئورۇق ـتۇغقانلىرىنى چاقىرتىپ زەينەپ بىلەن كۆرۈشىۋېلىشنى ئېيتىپ قويۇش ئۈچۈن ئۇلارغا تېلېفۇن بېرىدۇ. مۇھەممەد تېلېفوندا زەينەپنىڭ ھاياتىدىن ئۈمىدقالمىغانلىقىنى ئۇلارغا ئېيتقاندا زەينەپ ئاڭلاپ قالىدۇ. ئۇ ياتقان يېرىدەتەيەممۇم قىلىپ جانابى ئاللاھقا ئىبادەتكە يۈزلىنىدۇ، ئۇنىڭغا يېلىنىپ يالۋۇرۇپ نامىزىدا دۇئا قىلىدۇ: «ئى پەرۋەرگىرىم مېنىڭ ھۇدا شەراۋىنىڭ جامائىتىگە قېتىلغانلىقىمنىڭ جازاسى بولىدىغان بولسا، مەن بۈگۈندىن باشلاپ سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن بۇ جەمئىيەتتىن ئايرىلىمەن. ئەگەر مېنىڭ شىلەپەكىيگەنلىكىمنىڭ جازاسى بولىدىغان بولسا مەن ھازىردىن باشلاپ ھېجاپ تاقايمەن. ئى پەرۋەردىگارىم مەن ساڭا ۋەدە بېرىمەنكى، ئەگەر مېنىڭ تېنىم بۇرۇنقىدەك بولۇپ ساقايسا ئاياللار ئۇيۇشمىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، ئىسلام دەۋىتىنى تارقىتىدىغان جەمئىيەت قۇرىمەن. مۇسۇلمان ئاياللارنى ئەينى چاغدىكى ئايال ساھابىلاردەك بولۇشقا دەۋەت قىلىمەن. دەۋەت يولىدا داۋاملىق ئىشلەپ، ھاياتىمنىڭ قالغان قىسمىنى سېنىڭ يولۇڭدا نەزرى قىلىمەن…»
جانابى ئاللاھ بۇ سەمىمى قەلىپتىن چىققان نالە پەرياد ۋە يالۋۇرۇشلارنى قوبۇل قىلىپ ئۇنىڭغا ئۆز رەھمىتىدىن شىپالىق ئاتا قىلىدۇ، پۈتۈن بەدىنى تامامەن ئەسلىگە كېلىدۇ. ئۇنى داۋالاۋاتقان دوختۇر ئادىتى بويىچە ئەتىگەن كېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىكى يېپىنچىنى ئاچىدۇ ـ دە قاراپ ھەيران بولۇپ، توۋلاپ سالغىلى تاس قالىدۇ. «بۇ نېمە ئىش» دەپ ئۆز كۆزىگە ئىشەنمەي «سىزكىمۇ؟!!..» دەپ سوراپ تاشلايدۇ. چۈنكى زەينەپ غەززالىنىڭ بەدىنىدەكۆيۈكنىڭ قىلچە ئىزناسى قالمىغان ئىدى. ئەسلىدە ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى كۆيۈپ ئادەم قورققىدەك دەرىجىدە جاراھەتكە تولۇپ كەتكەن ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن زەينەپنى بۇ ھالەتتە كۆرگەن دوختۇر ھەيران بولۇپ كەتكەن، زەينەپنىڭ ئەتراپىدىكىلەرمۇ بۇ كارامەتلىك ھادىسىنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن كۆز يېشىنى توختىتالماي ھۆركۈرەپ يىغلاپ كېتىدۇ. زەينەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ھەممىسى خۇشاللىقىدا «سۇبھاناللا .. سۇبھاناللا ..» دەپ ئاللاھقا رەھمەت ۋەشۈكرى ئېيتىدۇ. دوختۇرمۇ «سۇبھاناللا .. سۇبھاناللا.. ئاللاھ ھەممەئىشقا قادىر» دەپ زەينەپ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ ھەيرانلىق ئىچىدە زەينەپنىڭ يېنىدىن چىقىپ كېتىدۇ.
زەينەپ غەززالى ساقىيىپ قوپۇپلا، پەرۋەردىگارىغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە،بىرىنچى قىلىپ ھۇدا شەراۋىغا «ئاياللار ئۇيۇشمىسى» جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىقىدىن ئىستىپا سوراپ خەت يازىدۇ، شىلەپىنى تاشلايدۇ. ئاكىسىغا بازاردىن ئابايەۋە نىقاپ ئەكەلدۈرۈپ ھىجاپلىنىدۇ.
بەزىدە، بالا ـ مۇسىبەت ئىنسانغا ياخشىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئوت ھادىسىسى زەينەپ غەززالىنىڭ ھاياتىدا قاتتىق سىلكىنىش پەيدا قىلىدۇ. ئۇ ھاياتىنى تامامەن ئۆزگەرتىپ ئىسلام دىنىنىڭ خادىمى بولۇش ئۈچۈن قالغان ئۆمرىنى ئاللاھ يولىدا نەزرى قىلىدۇ. ئۇ ئەزھەرنىڭ بۈيۈك ئالىملىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدۇ، بولۇپمۇ شەيخ مۇھەممەد نەججارغا بولغان ئىخلاسى ۋە ھۆرمىتى كۈنسېرى ئاشىدۇ. ئۇلاردىن تەپسىر، پىقھى ئۆگىنىدۇ.
زەينەپ 1936 ـ يىلى «مۇسۇلمان خانىملار» جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىقىدۇ ۋەئازغىنا ۋاقىت ئىچىدە 15 مەسچىت سېلىش ئۈچۈن ۋەخپە مىنىستىرلىكىدىن رۇخسەت ئالىدۇ.
زەينەپ جەمئىيەتنى قۇرۇپ چىققاندىن كېيىن ئىسلامى دەۋەت ئىشىنى باشلايدۇ. زەينەپنىڭ ھاياتىدا يۈزبەرگەن ئۆزگىرىشلەرنى كۆرگەن سەپداشلىرى،خىزمەتداشلىرى ۋە شۇنىڭدەك ئۇنى تونۇيدىغان خانىم ـ قىزلار ئۇنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشىدۇ ۋە ئۇنى قوللاپ قۇۋۋەتلەشكە باشلايدۇ. زەينەپ قۇرغان بۇ جەمئىيەت ئازغىنا ۋاقىت ئىچىدە كېڭىيىپ مىسىرنىڭ ھەممەتەرەپلىرىدە كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. ئۇ كۆپىنچە ۋاقتىنى مەسچىتتە ئۆتكۈزەتتى.ئۇ ئورۇنلاشتۇرغان يىغىلىش ۋە نۇتۇق سۆزلەش قاتارلىق يېغىلىشلارنىڭ يىللىق سانى 119 قېتىمغا يەتكەن.
زەينەپ غەززالى نۇرغۇن ئەرەب ۋە ئىسلام دۆلەتلىرىنى زىيارەت قىلغان، ئىسلام دەۋىتى ۋە ئىسلام ھوقۇقى قاتارلىق تېمىلاردا لېكسىيە سۆزلىگەن ۋەبىر قانچە قېتىم چوڭ مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن. بۈيۈك ئىسلامى شەخسلەر بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇ كۆرۈشكەن كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئۇنىڭ ھاياتىغا ئەڭ چوڭ تەسىركۆرسەتكەن كىشى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇغۇچىسى شېھىدھەسەنۇلبەننا بولغان. زەينەپ غەززالى «مۇسۇلمان خانىملار» جەمئىيىتىنى قۇرۇپ تۆت يىلدىن كېيىن شېھىت ھەسەنۇلبەننا ئۇنىڭغا ئادەم ئەۋەتىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ ئىسلامغا خىزمەت قىلىشتا ھەمكارلىشىش ئۈچۈن، «مۇسۇلمان خانىملار» جەمئىيىتىنى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ تارمىقىدىكى«مۇسۇلمان قېرىنداش خانىملار» دېگەن جەمئىيەت بىلەن، ئۇ جەمئىيەتنىڭ رەھبەرلىكىنى قولىغا ئېلىشنى تەكلىپ قىلىدۇ. چۈنكى ھەر ئىككى جەمئىيەتنىڭ نىشانى ۋە خىزمەت پائالىيىتى ئاساسەن بىر سېزىقتا ئىدى. لېكىن زەينەپغەززالى ئۆز جەمئىيىتىنىڭ ھازىر خېلى ياخشى مېڭىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلىدىغانلىقىنى، كېيىنچە چوقۇم كېلىپ بىرگەخىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەكلىپنى قوبۇل قىلمايدۇ. ئارىدىن 3 ، 4يىل ئۆتۈپ كېتىدۇ. ھەسەنۇلبەننا شېھىت بولۇشنىڭ ئالدىدا (1948 ـ يىلى)زەينەپ ھەسەنۇلبەننانىڭ ئىدارىسىگە كېلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «مەن ھازىر سىزبىلەن بىرگە ئىشلەش ئۈچۈن كەلدىم، « مۇسۇلمان خانىم ئاياللار» جەمئىيىتىنىشەرتسىز سىزنىڭ ئەمرىڭىزگە تاپشۇرىمەن، مېنىڭ بۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق تەلىپىم يوق» دەيدۇ. لېكىن ھەسەنۇلبەننا بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۆز جەمئىيىتىدە قېلىۋىرىشنى ئېيتىدۇ. چۈنكى بۇ كۈنلەردە مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى ئۇزامانكى ھاكىم ھۆكۈمەت بىلەن سىياسى كىرزىسقا دۇچ كەلمەكتە ئىدى. زەينەپغەززالى ھەسەنۇلبەننا بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي (1949 ـ يىلى)ھەسەنۇلبەننا سۈيقەسكە ئۇچراپ شېھىت بولىدۇ. لېكىن زەينەپ غەززالىمۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىگە ئۆزىنىڭ بەيئەت قىلغانلىقىنى ۋە بۇجەمئىيەتنىڭ سادىق ئەسكەرلىرىدىن بىر ئەسكەر بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىدۇ. ھەسەنۇلبەننا شېھىت بولۇپ، مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتى ھاكىم ھۆكۈمەت ۋە تاشقى كۈچلەر تەرىپىدىن قاتتىق بېسىمغا ئۇچرايدۇ. بۇتەشكىلاتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە ئاۋانگارت ئەزالىرى بىر ـ بىرلەپ قولغا ئېلىنىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۇ تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىك يادرو كۈچى ئاجىزلاپ قاتتىق داۋالغۇشقا دۈچ كېلىدۇ. زەينەپ غەززالى دەل بۇ شارائىتتا بۇ تەشكىلاتنىڭ ئېغىر يۈكى ئاستىغا كىرىپ، ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدۇ. قولغا ئېلىنغان تەشكىلات رەھبەرلىرى ۋە ئەزالىرىنىڭ ئائىلىسىنى يوقلاپ ئۇلارغا ماددى ، مەنىۋىي ياردەمدە بولىدۇ ۋە ئۇلارغا ئىگە چىقىدۇ. ئۇشېھىد ھەسەنۇلبەننادىن كېيىن مۇسۇلمان قېرىنداشلار جامائىتىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ھەسەن ھۇدەيبىنىڭ رۇخسىتى بىلەن، بۇ جامائەت كادىرلىرى بىلەن بىر ئارىغا كېلىپ، يېڭىدىن يېڭىچە خىزمەت ئېلىپ بېرىش ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارنى تېخىمۇ جانلاندۇرۇپ خەلقنىڭ ھال ـ ئەھۋالىغا يېتىش ھەققىدەمۇزاكىرە يىغىنى ئاچىدۇ. ئۇنىڭ بارغانچە مۇسۇلمان قېرىنداشلار بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئۇلار بىلەن ئىش بىرلىكى قۇرغانلىقى ھاكىم ھۆكۈمەتنىڭ ئىستىخبارت ئورۇنلىرى تەرىپىدىن بىلىنىپ قالىدۇ. ئۇلار بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشىدۇ ۋە ئۇنى دەرھال كۆزدىن يوقىتىش ئۈچۈن 1964 ـ يىلى زەينەپنى ماشىنا بىلەن كېتىۋاتقاندا ھادىسە چىقىرىپ يوقاتماقچى بولىدۇ. زەينەپ ھادىسىدە ئېغىر يارىدار بولىدۇ. لېكىن جانابى ئاللاھ ئۇنى يەنەقوغداپ قالىدۇ. زەينەپ غەززالى دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقاندا، ئابدۇناسىر تەرەپتىن زەينەپ غەززالىنىڭ جەمئىيىتىنى تارقىتىۋېتىش توغرۇلۇق ئۇقتۇرۇش كېلىپ، زەينەپ غەززالىنىڭ قول قويىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغاكونۋېرت ئەۋەتىدۇ. «زەينەپ غەززالى، ئابدۇنناسىرنىڭ بۇ جەمئىيەتنى تارقىتىۋېتىشكە ھوقۇقى يوق، بۇ جەمئىيەت ئىسلامى بىر جەمئىيەت، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشى نۇمۇسسسىزلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دەپ ئوقتۇرۇشقا قول قويمايدۇ.
زەينەپ غەززالى ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كاتىپى كېرىپ، ئابدۇناسىر چىقارغان مۇسۇلمان خانىملار جەمئىيىتىنى تارقىتىۋېتىش ئۇقتۇرۇشىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى يەتكۈزىدۇ. زەينەپ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ھەيران بولۇپ كاتىبىدىن بۇنىڭ سەۋەبىنى سورايدۇ. كاتىپى ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن تېخى خەۋىرى يوقلىقىنى ئېيتىدۇ. زەينەپ تېخى تولۇق ئەسلىگە كېلەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئۆيىدە دەم ئېلىۋاتاتتى. بۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇنىڭغا بىر كونۋېرت كېلىدۇ. كونۋېرتقا زەينەپ غەززالىنىڭ «ئەرەب سوتسىيالىستىك بىرلىكى» گەئەزالىق كېنىشكىسى ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ئۇنى بۇ جەمئىيەتنىڭ يىللىق يىغىنىغاچاقىرىلغان دەۋەت بار ئىدى. زەينەپ كىنىشكىنى قولىغا ئېلىپ كۆرۈۋاتقانداتېلېفۇن كېلىدۇ، تېلېفوندا زەينەپ غەززالى باشچىلىقىدا مۇسۇلمان خانىملارجەمئىيىتى رەھبەرلىرى ئابدۇنناسىرنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئايدۇرۇمغاچىقىشنىڭ زۆرۈرلىكى يەتكۈزىلىدۇ. زەينەپ غەززالى ئاللاھ خالىسا دەپ جاۋاپ بېرىپ تېلېفوننى قويىۋېتىدۇ ۋە قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشمايدۇ. بۇۋەقەدىن كېيىن زەينەپ ساقىيىپ ئىشقا چۈشىدۇ. بىر كۈنى زەينەپ ئىشخانىسىداخىزمەت ئۆتەۋاتقاندا ئىدارە ئالدىغا بىر ساقچى ماشىنىسى كېلىپ توختايدۇ. ماشىنىدىن بىر قانچە ساقچى ئۇدۇل زەينەپنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ، قولىدىكى ئۇقتۇرۇشنى زەينەپكە سۇنىدۇ زەينەپ ئۇقتۇرۇشنى ئوقۇپ غەزەپتىن كۆزلىرى قىزىرىپ ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا بۇ جەمئىيەتنىڭ مال ـ مۈلكى مۇسادىرە قىلىنىپ پۈتۈن ئەزالىرىنىڭ تارقىتىۋېتىشى بەلگىلەنگەن ئىدى.
زەينەپ غەززالى قۇرغان بۇ جەمئىيەت تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن بۇجەمئىيەتنىڭ غوللۇق رەھبەرلىرى شەخسلەرنىڭ ئۆيىگە توپلىنىپ خىزمەت ئېلىپ بارىدۇ. ئۇلارنىڭ بۇ خىزمىتى ئۇزۇنغا بارماي يەنە ئىستىخبارات ئورۇنلىرى تەرەپتىن سېزىلىپ قالىدۇ. ئۇلار ئاخىرى توپلانماي يالغۇز خىزمەت ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولىدۇ.
زەينەپ غەززالى جەمئىيەت تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن مۇسۇلمان قېرىنداشلارجەمئىيىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى بارغانچە قويۇقلاشتۇرىدۇ. بولۇپمۇسەييىد قۇتۇپ تۈرمىگە تاشلانغاندا ئۇنىڭ پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرىنى تارقىتىش ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان ھەتتا سەيىد قۇتۇپ تۈرمىدە يازغان«يولدىكى ئىشارەت» ناملىق ئەسىرىنى ياشلار ئارىسىدا كەڭرى تارقىتىپ ئاخشاملىرى دەرس قىلىپ ئوقۇغان. بۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە زەينەپ غەززالىنى جامال ئابدۇناسىر چاقىرتىدۇ. زەينەپ ئابدۇنناسىرنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلارجامائىتىنىڭ غوللۇق رەھبەرلىرىنى ۋە ئاكتىپ ئاۋانگاتلىرىنى يوقىتىپ تازىلاۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلگەنلىكى ئۈچۈن، ئابدۇناسىر تەرەپتىن كەلگەن ئەلچىگە: « مەن شېھىت ئابدۇقادىر ئەۋدىنىڭ قېنى بىلەن قولى بويالغان ئادەم بىلەن كۆرۈشمەيمەن» دەپ ئابدۇنناسىرنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلىدۇ. ئابدۇناسىر بۇ باھانە بىلەن زەينەپ غەززالىنى (1965 ـ يىلى 20ـ ئاۋغۇست) دەرھال تۇتۇپ تۈرمىگە تاشلايدۇ. ئۇ تۈرمىدە قاتتىق ئازاب ۋە قىيىن -قىستاققا دۇچ كېلىدۇ. لېكىن بۇ ئازاب ۋە ئوقۇبەتلەر ئۇنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسىنى سۇندۇرالمايدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەقىقەتتە ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ھاكىم ھۆكۈمەتنىڭ تەلىپىگە ئەسلا كۆنمەيدۇ. ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇنى ئۆزتەلىپىگە بويسۇندۇرۇش ئۈچۈن ھەر خىل ئۇسۇل ۋە ۋاسىتىلارنى قوللانغان بولسىمۇ زەينەپ ئۆز ئىرادىسىدىن قەتئىي تەۋرەنمەي قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇلار زەينەپكە تېخىمۇ زەربە بېرىپ روھى جەھەتتە ئىزىش ئۇچۇن، يولدىشى مۇھەممەد سالىم ھاجىمغا قاتتىق بېسىم ئىشلىتىپ زەينەپنىڭ سۆزىنى بېرىشكەمەجبۇرلايدۇ. مۇھەممەد سالىم ھاجىم مىسىردا كۆزگە كۆرۈنگەن چوڭ تىجارەتچى شەخس بولۇپ، 10 دىن ئارتۇق شىركەت ئىگىسى ئىدى. مۇھەممەد سالىم ھاجىمزەينەپ غەززالىغا توي تەلىپى قويۇپ ئەلچى ئەۋەتكەندە، زەينەپ غەززالى ئۆزىنىڭ تويلۇق مېھرى ئۈچۈن مۇھەممەد سالىمنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلارجەمىئىيىتىگە ئەزا بولۇشنى شەرت قىلغان ئىكەن. مۇھەممەد سالىم زەينەپنىڭ بۇ شەرتىنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغان، شۇنىڭدىن كېيىن مۇھەممەد سالىمھاجىم مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىگە قولىدىن كېلىشىدە ياردەمدە بولۇپ كەلگەن. مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتى بىلەن ھاكىم ھۆكۈمەت ئارىسىداسىياسى كرىزىس كېلىپ چىققاندا، بۇ جەمئىيەتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرقاتاردا مۇھەممەد سالىم ھاجىممۇ زىيانكەشلىككە ئۇچراپ، پۈتۈن مال ـ مۈلكى توڭلىتىۋېتىلگەن ۋە بىر نەچچە قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان. زەينەپ غەززالى قولغا ئېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ھاكىم ھۆكۈمەت مۇھەممەد سالىم ھاجىمدىن زەينەپغەززالىنىڭ سۆزىنى بېرىپ ئاجرىشىشقا مەجبۇرلايدۇ. ئاخىرىدا ئۇنى قايىل قىلالمىغاندىن كېيىن، ئەگەر زەينەپنىڭ سۆزىنى بەرسە توڭلىتېۋېتىلغان پۈتۈن مال ـ مۈلكىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇنىڭغىمۇ كۆنمىسە تېخىمۇيامان ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تەھدىت قىلىدۇ. مۇھەممەد سالىمھاجىم ئاخىرى ئامالسىز ھۆكۈمەتنىڭ شەرتىگە كۆنىدۇ. لېكىن ئۇ ئاخىرقى ئۆمرىدە زەينەپ غەززالى ئۆزىنىڭ دۇنيا ئاخىرەتلىك ھالال جۈپتى ۋە سۆيۈملۈك ئايالى ئىكەنلىكىنى قاتتىق تەكىتلەپ بۇ دۇنيا بىلەن خوشلىشىدۇ.
زەينەپ غەززالى ئاجرىشىش خېتىنى تاپشۇرۇۋالىدۇ. باشتا بۇنىڭغا قەتئىي ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. چۈنكى ئۇ يولدىشى مۇھەممەد سالىم ھاجىمنىڭ ئۆزىنى قانچىلىك ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلەتتى. لېكىن قولىدىكى خەتتەيولدىشى مۇھەممەد سالىم ھاجىمنىڭ ئىمزاسى ئېنىق تۇراتتى. ئۇ ئەمدى رېئاللىققا بوي ئەگمىسە بولمايتتى. زەينەپ غەززالى بۇنىڭ بىلەنمۇ يىقىلمايدۇ تېخىمۇ قەددىنى كۆتۈرۈپ ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە رازى بولىدۇ. ئۇيەنە ھېچ ئىش بولمىغاندەكلا ئۆزىنى روھلۇق تۇتۇشقا تىرىشىدۇ. زەينەپغەززالىنىڭ ئىپادىسىدە قىلچە ئۆزگىرىش بولمىغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت تەرەپ قاتتىق تىرىكىپ، ئاخىرىدا شەرەپسىزلەرچە ئۇنىڭغا باسقۇنچىلىق پىلانى تۇرغۇزىدۇ. جانابى ئاللاھ ئۇلارنىڭ بۇ رەزىل پەسكەش قىلمىشلىرىدىن بۈيۈك ئالىجاناپ ئايالنى ساقلاپ قالىدۇ.
زەينەپ غەززالى 1970 ـ يىلى ئابدۇناسىر ئۆلۈپ، ئەنۋەر سادات تەخىتكەچىققىاندىن كېيىن (1971 ـ يىلى)، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى پەيسەل ئابدۇلئەزىزنىڭ ۋاستىسى بىلەن تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىدۇ. بۇ بۈيۈك مۇجاھىدەئايال تۈرمىدىن چىقىپ، يەنە بۇرۇنقىدەكلا ئىسلام يولىدا دەۋەت خىزمىتىنىداۋاملاشتۇرىدۇ ۋە بۇ يولدا ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى تىنىقىغىچە ئىشلەپ 88يېشىدا ( 2005 ـ يىلى 3 ـ ئاۋغۇست) بۇ دۇنيا بىلەن خەيرلىك خوشلىشىدۇ. جىنازا نامىزى 2005 ـ 4 ـ ئاۋغۇست پېشىن نامىزىدىن كىيىن مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرە ناسىر شەھىرىدىكى رابىئەتىل ئەدەۋەييە دېگەن مەشھۇر مەسچىتتە چۈشۈرۈلىدۇ.
زەينەپ غەززالى ئۆزىنىڭ تۈرمە ھاياتىنى «ھايات كۈنلىرىمدىن» دېگەن ئەسىرىدە تەپسىلى يازىدۇ. ئۇنىڭ بۇ ئەسىرىنى ئوقۇغان ھەرقانداق ئادەم ئەسەرنى ئاخىرلاشتۇرغانغا قەدەر كۆز يېشى قىلىپ چىقىدۇ. چۈنكى بۇ بۈيۈك ئايال ئۆز ھاياتىدا قاتتىق سىناققا دۇچ كەلگەن، بولۇپمۇ تۈرمىدە ئۇنىڭ كۆرمىگەن كۈنى، چەكمىگەن ئازاب ۋە جاپاسى قالمىغان. شۇڭىمۇ بۇ جاسارەت ئابىدىسى مۇجاھىدە بۈيۈك ئايالنىڭ ھەر بىر سۆزى ۋە ئۇ دۇچ كەلگەن تېراگىدىيىلەر ھەر قانداق ئادەمگە تەسىر قىلماي قالمايدۇ. ھەتتا كۆزيېشىنى توختىتالماي ھۆركۈرەپ يىغلاپ تاشلايدۇ. ئۇ 1980 ـ يىلقى پاكىستان زىيارىتىدە، ئۇ چاغدىكى پاكىستان زۇڭتۇڭى زىياۋۇلھەق بىلەن ئۇچراشقان. ئەسلى ئۇچرىشىش ۋاقتى 25 مىنۇت دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئۇلارئۇچراشقاندىن كېيىن سۆھبەت ۋاقتى ئىختىيارسىز ھالدا ئىككى سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن. چۈنكى زىياۋۇلھەق بۇ بۈيۈك مۇجاھىدە ئايال بىلەن بولغان سۆھبەتتىن قاتتىق تەسىرلىنىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، باشقا كۆرۈشۈش ۋە پروگراممىلارنى تامامەن ئۇنۇتقان، ھەتتا سۆھبەتنىڭ ئاخىرىغىچە كۆز يېشى قىلىپ چىققان.
دوكتۇر مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇقادىر ئەششىھاب زەينەپ غەززالىنىڭ پاكىستاندىكى زىيارەت خاتىرىسىنى مۇنداق يازىدۇ: «زەينەپ غەززالى پاكىستاننىڭ ئەينى چاغدىكى رەئىسى زىياۋۇلھەق بىلەن كۆرۈشتى. ئۇلارنىڭ كۆرۈشۈش ۋاقتى نورمالدا 20 مىنۇت ئەتراپىدا بەلگىلەنگەن ئىدى. چۈنكى زىيائۇلھەقنىڭ باشقا مېھمانلىرى بولۇپ، ئۇلارغا ۋەدە قىلىنغان ئىكەن. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي ئۇ تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئۇچرىشىشلارنى كېچىكتۈردى ۋە بۇ بۈيۈك ئايالنىڭ سۆھبىتىنى پۈتۈن دىققىتى بىلەن ئاڭلىدى. زەينەپغەززالى زېيائۇلھەققە ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى ئاياللارنىڭ ئەينى چاغداتارتىۋاتقان خاپىلىق ۋە مۈشكۈللىرىنى، شۇنىڭدەك ئاياللارنىڭ تۈرمىلەرگەتاشلىنىپ قاتتىق قىيىن -قىستاققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. زىياۋۇلھەق ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ كۆز يېشى قىلىپ يىغلاپ كەتكەن ۋە بۇ شەكىلدە ئۇلارنىڭ سۆھبىتى ئىككى يېرىم سائەت داۋاملاشقان.
زەينەپ غەززالى ئافغانىستان مۇجاھىتلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن تولۇق خەۋەردارئىدى. ئۇ ئافغانىستان مۇجاھىتلىرىغا ھەر تۈرلۈك ياردەمدە بولۇپ كەلگەن.مەن بۇ ئايال بىلەن ئۇچرىشىشىنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلاتتىم. بولۇپمۇ ئۇنىڭ«ھايات كۈنلىرىمدىن» دېگەن ئەسىرىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىش مېنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئارزۇلىرىمدىن بىرى بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ 1980 ـيىلى پاكىستانغا زىيارەتكە كەلگەندە شەيخ ئابدۇللاھ ئەززام (ئاللاھ ئۇكىشىگە رەھمەت قىلسۇن) ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن مېنى ئۆزى بىلەن بىرگەھەمراھ بولۇپ بېرىشىمنى ئېيتتى. مەن بۇ تەكلىپنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدىم. مېنىڭ بۇ جاسارەت ئابىدىسى ئايال بىلەن بولغان ئۇچرىشىشىم مەن ئۈچۈن ئىنتايىن بىر مۇبارەك ئۇچرىشىش بولغان ئىدى. بۇ ئۇچرىشىش دۇنيا ئىسلام بىرلىكىنىڭ ئىش ئورنىدابولغان. بۇ ئۇچرىشىشقا شەيخ ئابدۇللاھ ئەززامدىن باشقا يەنە مۇجاھىتلارنىڭ قوماندانلىرىدىن ئۈچ كىشى قاتناشقان ئىدى. زەينەپ غەززالى بۇ مۇبارەك سورۇندا ئىنتايىن مۇھىم تېمىدا قىسقا سۆز قىلدى. بولۇپمۇ سەپ بىرلىكىنى قوغداپ بىرلىككە كېلىشنى قاتتىق تەۋسىيە قىلغان ئىدى. شۇنىڭدەك مۇجاھتلارنىڭ مەسىلىسىگە پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئادىللىق بىلەن ھېسداشلىق قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ھەر بىرىگەئايرىم ـ ئايرىم بىردىن كونۋېرت تەقدىم قىلدى. كونۋېرتىنىڭ ئىچىدە ئەرەب دۆلەتلىرىدىكى مۇسۇلمان ئاياللارنىڭ ياردەم ئۈچۈن ئىئانە قىلغان سوۋغىسى بار ئىدى. ئۇنىڭ تەقدىم قىلغان ھەدىيىسى ئىنتايىن بۈيۈك ۋە كاتتا ئىش بولغان ئىدى. ئاندىن ئۇ قوماندارلارنىڭ ئىچىدىن بىرسىگە قاراپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ساڭا بىشارەت بولسۇن! مەن سېنى چۈشۈمدە ئات ئۈستىدەسالاھىددىن ئەييۇبىنىڭ قىياپىتىدە كۆردۈم » دېدى. ئۇ قوماندان ئۇنىڭغامىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ دۇئا قىلدى.
شەيخ ئابدۇللاھ ئەززام زەينەپ غەززالى بىلەن بولغان ئۇچرىشىشتىن قاتتىق تەسىرلەنگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇ نەخ مەيداندا بىرەر ئىپادە بىلدۈرمىگەن ئىدى. (مەن ئۇنىڭ تەسىرلەنگەنلىكىنى بىز يىغىلىشتىن چىققاندىن كېيىن چۈشىنىپ يەتتىم) چۈنكى شەيخ ئابدۇللاھ چوڭ ـ كىچىك دېمەي ھەممە كىشىنىڭ ئالدىدا ئىنتايىن ئەدەپلىك ۋە كەمتەر شەخس ئىدى. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى:«كاشكى ئۇ ئۆزىنىڭ چۈشىنى بۇ سورۇندا سۆزلىمىگەن بولسا ياخشى بولاتتى».بۇنىڭدىن شۇنى ھېس قىلدىمكى، شەيخ ئەززام ئۇ ئادەمنىڭ ئۆزىدە بىرەرمەغرۇرلۇق ھېس قىلىپ قېلىشتىن قورققان ئىكەن».
زەينەپ غەززالى قۇرغان مۇسۇلمان خانىملار بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلۇشى مۇسۇلمان قىز ـ خانىملارغا خىزمەت قىلىپ خەيرىيەت ئىشلىرىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ جەمئىيەتنىڭ خاراكتېرى باشقا سىياسى پارتىيىلەرنىڭ خاراكتېرىغا قەتئىي ئوخشىمايتتى. چۈنكى بۇ جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى مىسىرنىڭ دۆلەت قانۇنىنى ئىسلام قانۇنى قىلىپ بەلگىلەش، پۈتۈن مۇسۇلمانلارنىڭ كىتاپ ۋە سۈننەتكە قايتىش ۋە ئىسلام خىلاپىتىنى ئەسلىگەكەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ زەينەپ غەززالىنىڭ مۇسۇلمان خانىملار جەمئىيىتى تەدرىجى ھالدا مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغايېقىنلىشىشقا باشلايدۇ، ھەتتا زەينەپ غەززالى ئۆزى كېلىپ شېھىدھەسەنۇلبەننادىن ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىنداشلار تەشكىلاتىغا بەيئەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. چۈنكى ھەر ئىككى تەشكىلاتنىڭ خىزمەت مىزانى خاراكتېر جەھەتتە بىر ـ بىرىنى تولۇقلايدىغان بىر پۇلنىڭ ئىككى يۈزىدىن ئىبارەت ئىدى.
زەينەپ غەززالىنىڭ كۈندىلىك مەشغۇلىيىتى شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، ئۇ يەنەنۇرغۇن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى يېزىپ قالدۇرغان. ئۇ يېزىپ قالدۇرغان ئەسەرلەرنىڭ ئىچىدە (ھايات خاتىرلىرىمدىن)، (يېڭى ھاياتقا يۈزلىنىش)،(ئاللاھنىڭ كىتابىغا نەزەر) دېگەن ئەسەرلىرى نەشرىدىن چىقىپ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇلغان. ئۇنىڭ باشقا ئەسەرلىرى نەشر قىلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا.
زەينەپ غەززالىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ مۇلاھىزە قىلغان كىشى، ئۇنىڭ يېتىشكەن بۈيۈك ئالىم ۋە ياشىغان دەۋرىنى چۈشىنىپ ھېس قىلالايدىغان نەزەردائىرىسى كەڭ بىر مۇتەپەككۇر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتىدۇ.
ئۇ ئۆزىنىڭ ‹ئاللاھنىڭ كىتابىغا نەزەر› دېگەن ئەسىرى نەشرىدىن چىققاندىن كېيىن مۇنداق دەيدۇ: «مەن قۇرئاننى ئۆزۈمگە دوست تۇتتۇم، ھەتتا ئۇنىڭ(پرىنسىپى بويىچە) ياشاشقا تىرىشتىم، ئۇنىڭ (پرىنسىپى بويىچە) ياشىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ توغرىسىدا مەنمۇ بىر نەرسە دەپ باقتىم. چۈنكى ئىنسان ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي ھەر يەردە ئۇنىڭ سۆزىنى قىلىشقاكۆنۈپ كەتكىنىدەك مەنمۇ ئولتۇرسام قوپسام ئۇنىڭ ھەققىدە سۆزلەشكە كۆنۈپ قالدىم. مەن ئۆزەمنى مۇپەسسىر دەپ داۋا قىلمايمەن، لېكىن، مەن قۇرئاننى ياخشى كۆرىمەن، مەن ئۇنىڭ ئاشىقى، ئاشىق مەشۇقىنىڭ ئىسمىنى، ئۇنىڭ تەرىپاتلىرىنى ۋە ياخشىلىقىنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، دائىم ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولۇشنى، ئۇنى باغرىغا بېسىشنى ئويلايدۇ. مەنمۇ قۇرئاننى كەرىمنى باغرىمغا باسىمەن، ئۇنى پۈتۈن ئىنسانلارغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن كۈچۈم يېتىشىچە تېرىشىمەن. مەن قۇرئان كەرىمنى ئېغىزىمدىن چۈشۈرمەسلىك ئۈچۈن 60 يىللىق ئۆمرۈم مەسچىتتە ئۆتتى.»
زەينەپ غەززالىنىڭ ئىسلامى دەۋىتى پەقەت مىسىر خەلقى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان ، بەلكى ئۇ نۇرغۇن ئىسلام دۆلەتلىرىدە زىيارەتتە بولۇپ، دەۋەت ئېلىپ بارغان، شۇنىڭدەك نۇرغۇن قېتىم دىنى نۇتۇق ۋە لېكسىيە سۆزلىگەن. ئۇدەۋەت يولىدا ئۆزىنىڭ 53 يىلىنى ئۆتكۈزگەن. ئۇ بۇ جەرياندا بۈيۈك دەۋەتچىلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن كۆرۈشكەن. ئۇنىڭ ھاياتىغا ئەڭ قاتتىق تەسىرقىلغان شەخس ھەسەنۇلبەننا ۋە ھەسەن ھۇدەيبىلەر بولغان. ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننى 60 قېتىم زىيارەت قىلغان، 39 قېتىم ھەج قىلغان، 100 قېتىم ئۆمرە قىلغان.
زەينەپ غەززالىنىڭ كېلەچەكتىكى مۇسۇلمان ئاياللاردىن كۈتكەن ئۈمىدى ۋەئۇلارغا باغلىغان ئارزۇسى ئىنتايىن چوڭ ئىدى. ئۇنىڭچە ئىسلام دۈشمەنلىرى خالىسۇن -خالىمىسۇن كېلەچەكتە ئاياللارنىڭ يېتەكچىلىكى مۇسۇلمان ئاياللارئىچىدىن بولىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.
دېمەك بۈيۈك دەۋەتچى زەينەپ غەززاالىنىڭ ھايات مۇساپىسىنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىدىغان بولساق، ھەقىقەتنى قوغداش يولىدا نۇرغۇن جاپا مۇشەققەت چەككەن، ئازاب ئوقۇبەتكە دۇچ كەلگەن، ھەتتا بىر نەچچە ئاي تەنھا يەر ئاستى سۇ تۈرمىسىدە قالغان بولسىمۇ ئەسلا زالىمغا بوي ئەگمەي جاسارەت كۆرسەتكەن بۈيۈك مۇجاھىدە جاسارەت ئابىدىسى ۋە ھەقىقەت ئۆرنىكى ئۇلۇغ ئايال ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايمىز. قەلبىنىڭ ئىمان بىلەن گۈللىنىپ، دۇنيا ھاياتىغا نەزەر سالمىغانلىقىنى،ئالدامچى ھەشەمەتلىككە ئالدانمىغانلىقىنى، ئىخلاس ۋە سەمىمىيەتلىكنى ئۆزىگە رەھبەر قىلىپ ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغانلىقىنى،جەننەتتىن ئىبارەت بۈيۈك مۇكاپاتىغا تەلپۈنۈپ، ھەقىقەت يولىدىن قەتئىي ئايرىلماي ئۆزىدىن كېيىنكى مۇسۇلمان قىز ـ خانىملارغا ھەتتا ئەر مۇسۇلمانلارغا نەمۇنە بولۇپ ئۆتكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز.
جانابى ئاللاھ بۇ بۈيۈك دەۋەتچى، جاسارەت ئابىدىسى مۇجاھىدە ئايالغا رەھمەت قىلسۇن، گۇناھىنى مەغپىرەت قىلسۇن، ئەڭ يۈكسەك جەننەتتىن ئىبارەت پىردەۋس جەننەتنى ئاتا قىلسۇن، ئامىن.
مەنبە:داڭلىق مۇنبىرى

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top