You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئىستانبۇلنىڭ باشاقشەھەر رايونىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلنىڭ باشاقشەھەر رايونىدا شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

12- نويابىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇمھۇرىيەت كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، 16-نويابىر يەكشەنبە كۈنى ئاناھتار پارتىيەسىنىڭ باشاقشەھەر شۆبىسى تەرىپىدىن «شەرقىي تۈركىستان ھەققەدە مۇھاكىمە يىغىنى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلدى، بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.


پروگراممىغا ئۇيغۇرلارغا ۋەكالەتەن تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان، تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيىسى رەئىسى ئىمىر ھەسەن ئابلىز ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى مۆتىۋەرلەر ھەيئىتى رەئىسى ۋە سابىق رېكتور پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئەپەندىملەر قاتناشتى ۋە موھىم سۆز قىلدى.

ئۇنىڭدىن باشقا ئاناھتار پارتىيەسى مەركىزى باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى، تۈرك دۇنياسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەرگۈن يىلدىز، ئاناھتار پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسى رەئىسى جاھىت ۋۇرال، ئاناھتار پارتىيەسى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار مۇناسىۋەتلىرى بۆلۈمى مۇئاۋىن رەئىسى ھەسەن بىلىجى ۋە ئاناھتار پارتىيەسى ئىستانبۇل شۆبىسى مۇئاۋىن رەئىسى، تۈرك دۇنياسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر رەئىسى سويكان دۇرداغى قاتارلىقلارمۇ قاتناشتى.

يىغىندا ئالدى بىلەن تۈركىيە، شەرقىي تۈركىستان ۋە تۈرك دۇنياسىدىكى ۋەتەن ئۈچۈن شېھىت بولغانلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلۈپ بىر مىنۇت سۈكۈتتە تۇرۇلدى، ئارقىدىن تۈركىيە ئىستىقلال مارشى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ئوقۇلدى. ئېچىلىش سۆزىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاسمىلياتسىيە سىياسىتى ۋە قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھەققىدە دوكلات بەردى. ئۇ دوكلاتىدا، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە تەپسىلىي چۈشەنچە بەردى ۋە ئېنىق دەلىل-ئىسپاتلارنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە، قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىسى سۈپىتىدە قاراشنىڭ تۈركىيە ۋە شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن ئىنتايىن موھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئاناختار پارتىيىسى مەركىزى باشقۇرۇش ھەيئەت ئەزاسى، تۈرك دۇنياسى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باش مۇئاۋىنى رەئىسى ئەرگۈن يىلدىز، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى مۆتىۋەرلەر ھەيئىتى رەئىسى، سابىق رېكتور پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئەپەندىملەر «شەرقىي تۈركىستان مىللىي كۈرىشى» ھەققىدە سۆز قىلدى. پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئەپەندى سۆزىدە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر جەھەتتىن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە توختۇلۇپ، تۈركىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلدى.

پروگراممىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار سىزغان شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ كۆرگەزمە يىغىنغا قاتناشقانلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلدى.
   

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top