«مۇز تۇتقان دەريا» ناملىق روماندىن ئارىيە (1)
ئاپتورى: ھەبىبۇللا ئابلىمىت
ئەمدىلىكتە نەچچە ۋاقىتتىن بۇيان بىرەر ئادەم بىلەن پاراڭلاشماي بۇرۇقتۇرما بولۇپ كەتكەن بوۋاينىڭ ئاڭزى بىرىدنلا ئېچىلىپ كەتتى ، ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى ، يولدا نېمىلەرگە دىققەت قىلىشنىڭ لازىملىقى توغرىسىدا قازىلىق قىلىۋاتقاندەك كېسىپ سۆيلەۋاتاتتى ، ئۇ سۆزىنى داۋام قىلىپ – بىزدە « نىكا غايىپ، رىسقى غايىپ ، سەپەر غايىپ » دېگەن گەپ بار، سەپەردە ئالدىنغا نېمىلەرنىڭ چىقىدىغانلىقىنى سەپەرگە چىقماي تۇرۇپ بىلەلمەيسەن ، خۇددى بۇرۇن بۇنداق بىر سەپەرگە چىقىدىغانلىقىڭنى يەتتە ئۇخلىساڭ چۈشىڭگە كىرمىگىنىدەك . يول ئۈستىدە ناھايىتى ھوشيار بول «ئوشۇق چوماق گاھىدا باش يارىدۇ» دېگەندەك ئوشۇق نەرسىلىرىڭلار بولسا ئالماڭلار ، پەقەت ئۆزۈڭلارغا ئەڭ كېرەكلىك نەرسىلەرنى ئېلىپ سومكاڭلارنىڭ يەڭگىل قىلىپ مېڭىڭلار . بولسا ئىككى كۈنلۈك ئوزۇقلۇق ئۈچۈن سوقۇم قىلغان گۆشتىن ئېلىۋېلىڭلار ، بۇنداق گۆش ئادەمنىڭ قوسىقىنى توق ، بەدەننى قۇۋۋەتلىك قىلىپلا قالماي يەنە بەدەننى ئىسسىق تۇتىدۇ ، – بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان ياش خانىم شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ ، بېشىنى لىڭشىتىپ ، بوۋاينىڭ سۆزلىرىنى تەستىقلاپ تۇردى . دېمىسىمۇ بوۋاي تەبىئەت ئاتا قىلغان كۈچكە ، ئۆمرىدە يىققان تەجىربىلىرىگە ۋە ئۆز ئىتىقاتىغا تايىنىپ مۇشۇ كۈنلەرگە يېتىپ كەلگەن ئىدى .
بوۋاي ئەمدى ئەقلىگە كەلگەنلا ئويلىرىنى ئېغىزىدىن بىر- بىرلەپ چىقىرىشقا تىرىشىۋاتقاندەك قىلاتتى . بوۋاي يەنە سۆزىنى داۋام قىلىپ – ئۇياققا ئۆتىۋالساڭلارلا يېتىمسىرىمايسىلەر، سەن بىلىسە قىزىم ، ئۇياقتا ئۇرۇق – تۇققانلار كۆپ ، ئۇلار سىلەرنىڭ ئىلتىجارىڭلارنى ھىمايىسىگە ئالىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە سەن ئۇياقلارغا بارغان ، ياركەنتتىكى تۇققانلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۇدەك تونۇيسەن . قىزىم ياقا يۇرتلاردا دەرمەھەل خەجلىگۈدەك پۇل جايلىۋالدىڭلارمۇ ؟ يەنە شۇنىمۇ ئېسىڭدە تۇتقىنكى ، ئۇياقتىكىلەر ئۇرۇق – تۇققاندىن بەكرەك دوللارنى تونۇيدۇ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ تىلىمۇ دوللار، ئىمانىمۇ دوللار، دوللارنىڭ ئاچمايدىغان ئىشىكى يوق ، ئەينى چاغدا مەن تۇققان يوقلاپ چىققاندا مانا مۇشۇنداق تەسىراتقا ئىگە بولۇپ قايتىپ كەلگەن ئىدىم ، شۇ ۋەجىدىن بۇ سۆزلەرنى يەنە سېنىڭ ئېسىڭگە ساپ قويۇشنى لايىق تاپتىم ، – بوۋاينىڭ سەمىمىي گەپلارنى ئاڭلاپ ئولتۇرغان ياش خانىم – شۇنداق بوۋا ، سەن بۇ ئىشلاردىن غەم يېمىسەڭمۇ بولىدۇ، مەن ئۆزىمىزگە يېتىپ ئاچقۇدەك دوللارنى تەق قىلىپ ماڭدىم . ھازىر مېنىڭ ئوي – خىيالىم بۈگۈن كېچتە قانداق قىلىپ ئۇياققا ساق – سالامەت ئۆتۈۋېلىشتا قالدى ، قالغان ئىشلار ئۆزلىگىدىن يۈرۈشۈپ كېتىدۇ،- بوۋاي كۈلۈپ تۇرۇپ – قىزىم دېمەكچى بولغىنىڭنى چۈشەندىم ، سەن تاغنىڭ ئەگىر- بۈگرە يوللىرىدىن ئۆتىۋالساقلا ، ئۇياقنىڭ يولى تۇز دېمەكچىغۇ ، دېمىسىمۇ بىزدە « تۇز يول ، مەنزىلگە تېز يەتكۈزىدۇ» دېگەن سەقىمە سۆزى بار ئەمەسمۇ ؟! ، – دېدى.
بوۋاي بۇ گەپلەرنى دەۋاتقاندا ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى كالپۇكلىرىنىڭ ھەرىكىتى گويا ئۈجمە يوپۇرمىقى يەۋاتقان پىلە قۇرتنىڭ ئاغزىنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشاپ كەتكەنىدى . بوۋاي ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بۇرۇن تاغقا ۋە بۇ يەرلەرگە شۇنچىلىك كۆپ قار ياغىدغانلىقىنى ھەتتە ئىشىكلەر ئىچىلماي قالغىچە ۋە دېرىزىلەرنىڭ راملىرىغىچە قار ياغىدىغانلىقىنى ، لېكىن يىقىن زاماندىن بۇيان تەبىئەتتە ئۆزگۈرۈش بولۇپ ، قار ياغماس بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى ، بۇ يىل تاغقىمۇ بەك ئاز قار ياغقانلىقىنى ئېيتتى ۋە سۆزىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلاپ يەنە بۈگۈن يولغا چىقسا غەلبىلىك بولىدىغانلىقىنى ، چۈنكى چارلىغۇچىلار بۇنداق چاغان بولغان ۋاقىتلاردا يوللاردا ، جىرالاردا كۆپ چارلاش ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇنداق بىر قىشتا چېگرادىن بىر ئايال بىلەن بىر بالىنىڭ ئۆتۈدىغانلىقى يەتتە ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىرمەيدىغانلىقى توغرىسىدا بىرمۇنچە لاپ ئاتتى . يېنىدا ئولتۇرغان بالىنىڭ ئەمدى ئىچى سىقىلدىمۇ ۋە ياكى بوۋاينىڭ گەپلىرى تەسىر قىلىپ ، سەل ئەنسىزلىككە چۈشۈپ قالدىمۇ ، بۇنىسى نامەلۇم ئىدى ، شۇ دەمدە بالا ئولتۇرغان جايىدىن كەينىگە ئاستا سۈرۈلۈپ ، ئارقىسىدىكى ياستۇققا بېشىنى قويدى ، ئارقىدىنلا ئىككى قولىنى گىرەلەشتۇرۇپ بېشىنىڭ ئاستىغا قويۇپ، سەل ئېگىلگەن سول پۇتىنىڭ ئۈستىگە ئوڭ پۇتىنى ئالماشتۇرۇپ قويۇپ ، بەجايىكى ئايدىڭدا ئوما ئورۇپ بېلى ئاغرىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئوڭدىسىغا يېتىپ ئارام ئالغاچ ، ئاسماندىكى سان – ساناقسىز يۇلتۇزلارغا قاراپ خىيال سۈرىۋاتقان دېھقاندەك ، ئۆينىڭ تورىسىغا قاراپ بىر نېمىلەر ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزىشكە باشلىغانىدى . بوۋاي بولسا يەنە تاغنىڭ غەربىي تەرىپىگە ئۆتكەندە قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا سۆزلەپ – قىزىم چەتئەلگە يېتىپ بارغاندا ھەرگىز شوئارۋازلىق قىلماي، دېھقاندەك ئەمەلىي ئىش قىل . شۆھرەتپەرەزلىك يولىغا كىرىپ قىلىشتىن زىنھار ساقلان . ئۇ يولغا بىر كىردىڭمۇ چىقالمايسەن ، ئۇ يولنىڭ ئاخىرى يوق ، شۇ يولدا ئۆمرۈڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتمىسۇن .
پەقەت ئەس – يادىڭ تىنىمسىز مېھنەت قىلىپ ، ئۆز خەلقىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىش بىلەن بىرگە بالاڭنى ياشى تەربىيەلەشتە بولسۇن . ھەرگىز كۆپ پۇل تاپىمەن دەپ ئاۋارە بولما ، كاپىتالىستىك دۆلەتلەردە ھەممە ئۆستەڭنىڭ بېشىدا مىراب بار . ھەرگىز ياللانما ئىشچى بولۇپ ئىشلىمە ، ئۇلار ئىشچىنى قانداق ئىشلىتىپ ، ئۇنىڭدىن قانداق نەپ ئۇندۇرۋېلىشنى ئوبدان بىلىدىغان خەق . سەن ئوقۇغان بىرسى بولغانلىقىڭ ئۈچۈن ، ئامال بار ئەقلىي خىزمەت قىلىشقا تىرىش . تىرىشقان ئادەم ھامان ئۆز يولىنى تاپالايدۇ . ماددىي مەنپەئەتنى دەپ ئۆزۈڭگە بولغان ھۆرمىتىڭنى يوقىتىپ قويما ؛ ئاشۇ كۆزلەرنى قاماشتۇرۇدىغان كاپىتالىزىمنىڭ جاۋاھىراتلىرى روھىڭنى چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىشىدىن ساقلان ، ئىگەكىم بۇ ئىشلارنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كەلسەڭ ، ئەدەبىيات ئوقۇغان بىر مۇئەللىمە بولغاندىن كېيىن ، نۆۋىتى كەلگەندە ياخشى بىر يازغۇچى بولۇپ قىلىشىڭ مۇمكىن . يازغۇچى بولۇش ئۇلۇغ بىر ئىش . پەيغەمبىرىمز « قەلەم دۇنيانىڭ ئىززىتى ۋە ئاخىرەتنىڭ شەرىپىدۇر » دېگەن ئەمەسمۇ . ھە راس سېنى قوينىغا ئالغان دۆلەتكە سادىق بول ، بېشىڭغا كۈن چۈشكەندە ، پاش – پانا بولغان دۆلەت ئۈچۈن ئۆمرىڭنىڭ ئاخىرغىچە خىزمەت قىلىشنى ئۇنۇتما ؛ ھەرگىز بىكار يېتىۋېلىپ ئاغزىدا لاپ ئېتىپ ، بىر ئىش بولسا « ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىمەن » دەپ شوئارۋازلىق قىلىدىغان نان قېپىلارىدىن بولۇپ قالما . ئىشلەپ تۇرۇپ ، ئۆز جېنىڭنى جان ئېتىپ ، ئاندىن ۋەتەن ئۈچۈن خىزمەت قىل ، شۇنداق بولغاندا ھەم ئۆزۈڭگە ، ھەم باش پانا بولغان دۆلەتكە يۈز كېلەلەيدىغان ئىشنى قىلغان بولىسەن . بالاڭنى ياخشى ئوقۇت ، ئۇ چوڭ بولغاندا ئۆزىنىڭ مىللىتى ئۈچۈنلا ئەمەس ، پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقسۇن . نۆۋىتى كەلگەندە بالاڭ ئازراق ماددىي مەنپەئەتنى دەپ ، ئۆزىنى ئوقۇتۇپ ياراملىق ئادەم قىلغان دۆلىتىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمىسۇن ، ئالماقنىڭ بەرمىكى بار، شۇ ۋەجىدىن قايسى دۆلەت ئۇنى ئوقۇتۇپ ئادەم قىلغان بولسا ، شۇ دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلسۇن . مەن يۇقاردا دېدىم پۇل ھەممە ئىشنى ئاسانلاشتۇرغان بىلەن ، ھەممە نەرسىگە قادىر ئەمەس . ئادەمگە ئەڭ كېرەكلىك نەرسە ئۈستۈن بىر روھ . ھەر زامان قەلبىڭدە ئېرىڭنىڭ يېرى بولسۇن ! قەلبىڭدىكى ئېرىڭنىڭ ئورنى ۋەتىنىڭدەك ئۇلۇغ بولسۇن ! زامان ۋە ماكاننىڭ ھېچ ئەھمىيىتى يوق ، قەلبىڭ ۋە ئەقلىڭ ئۈمىدىڭگە خىزمەت قىلسۇن .
قىزىم شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى ، ئۇ چاغدا يالغۇز بىزلا ئەمەس ، بەلكى خەنزۇ خەلقىمۇ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھەممە نەرسىسىنى يالغان دەپ چوقان كۆتۈرۇپ كوچىلارغا چىقىپ ۋاقىرايدۇ . ئەنە شۇ چاغدا سىلەر يەنە مۇشۇ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشىڭلار مۇمكىن ، لېكىن ئۇ چاغدا مەن يوق ، مەن ئاللىقاچان ئاخىرەتكە سەپەر قىلغان بولىمەن . شۇ چاغدا مېنىڭ قەبرەمنى ئىزدەپ تېپىپ ئۈستىگە كاككۇك گۈلى تىكىپ قويۇڭلار. كاككۇك گۈلى قۇرغاقچىلىققا چىداملىق ، يىلدىزى ھەم چوڭ ، ھەم يەر قاتلىمىنىڭ تېگىگە چوڭقۇر يىلتىز تارتىدىغان گۈل ؛ ئۇشبۇ گۈلنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ھەر يىلى باھاردا ئۆزلىگىدىن ئۆسۈپ ، ياشناپ ، زەڭگەر رەڭدە ئېچىلىپ ، كىشىنىڭ كۆڭلىنى لال قىلىدۇ . بەزىدە مەن كاككۇك گۈلىنى ئۆزۈمگە ئوخشىتىمەن . مەن مۇشۇ يېزىدا تۇغۇلدۇم ، بىر ئۆمۈر مۇشۇ يېزىدا ياشىدىم ، بىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزمۇ مۇشۇ يېزىدا ئۆمۈر بويى مۆرىسىدىن كەتمەن چۈشۈرمەي ئۆتكەن ، مەنمۇ ھەم شۇنداق ئۆتتۈم . بۇ يۇرتنىڭ ئېتىز- ئېرىقلىرىدا ، تاغ – دەريالىرىدا ، دەل – دەرەخلىرىدە ، ھەربىر تۈپ گىياھلىرىدا ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەجرى بار، قالدۇرغان ئىزلىرى بار . مۇشۇ زېمىننى مۇشۇنداق گۈل – گۈلىستان قىلىپ ياشناتقان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ قان – تەرى ! مەزكۇر زېمىن بىزنىڭ ۋە مەڭگۈ بىزنىڭ بولۇپ قالىدۇ ، بۇ ھەقىقەتنى ھېچقانداق بىر كۈچ ئۆزگەرتەلمەيدۇ . دەل مۇشۇ ۋەجىدىن مۇشۇ يېزىدا ۋاپات بولۇسنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىمەن . كىم چىن يۈرىكىدىن بىر نەرسىنى ئارزۇ قىلسا ، ئۇنىڭ ئارزۇسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدۇ . مەن ياشايدىغىنىمنى ياشاپ بولدۇم ، مەن لوقمان ھېكىمدەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنىمۇ خالىمايمەن . ئەمدى يەنە ياشاشنىڭ ھېچقانداق بىر مەنىسى قالمىدى ، ۋاقتى – سائىتى كەلگەن چاغدىكى ئۆلۈم ، مەن ئۈچۈن ئەڭ گۈزەل ئۆلۈم ھېسابلىنىدۇ . بۇ جاھاننىڭ تېخىمۇ ئەسكى چاغلىرىنى كۆرۈشكە رايىپ يوق ، ئەمدى ئاخىرەتكە سەپەر قىلىشىمنىڭ زامانى كەلدى ؛ دەل مۇشۇ پەيت مەن ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق پەيت . كېيىن قالسام جەسىتىمنى كۆمىدىغان يەرمۇ تېپىلماسلىقى مۇمكىن ، ھازىر بولسا ھەرھالدا مېنى كۆمگۈدەك يەر بار . مەن ئۆلگەندە مۇشۇ يۇرتنىڭ ئاستىغا كۆمىلىمەن ، بۇنىڭدا شەك يوق . كاككۇك گۈلى مۇشۇ يۇرتنىڭ تۇپراقلىرىغا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان ، ئۇمۇ مەڭگۈ مۇشۇ يۇرتنىڭ گىياھسى ، مۇشۇ يۇرتنىڭ مۇئەتتەر گۈللىرى ، مەڭگۈ مۇشۇ يۇرتتا چىرايلىق ئېچىلىپ تۇرىدۇ .
ناۋادا مەن ئەنە شۇ كاككۇك گۈلىگە ئوخشىغان بولسام ، ئەلۋەتتە سىلەر كاككۇكقا ئوخشىغان بولىسىلەر. سەن يولدىشىڭدىن ، ئوغلۇڭ دادىسىدىن ئايرىلىپ ، ھىجران دەردىدە ، ھەسرەت بىلەن ئۆمرۈڭلارنى ياقا يۇرتلاردا ئۆتكۈزىسىلەر . ھە راس دۇنيادا پەقەت ئۇۋېسى يوق قۇش پەقەت كاككۇكلا ، كاككۇكنىڭ ئۇۋېسى بولمايدۇ ، ئۇ تۇخۇملىرىنى باشقا قۇشلارنىڭ ئۇۋېسىغا تۇغۇدۇ ۋە شۇيەردە باسۇرۇپ ، شۇيەردە باشكا چىقىرىدۇ . يەنى دېمەكەچى بولغۇنۇم شۇكى ، سىلەر بۇ يۇرتلاردىن ئايرىلىپ ، ئەركىنلىككە ئېرىشكىنىڭلار بىلەن ، مەڭگۈ كاككۇكدەك ئۇۋېسىز ئۆتۈسىلەر، خەقنىڭ يۇرتى سىلەرگە ھەقىقىي ئۇۋا بولالمايدۇ . بەرىبىر يات ئەللەرھەقنىڭ ئۇۋېسى . شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر كاككۇكتەك چىرايلىق باغلاردا سەيلە – ساياھەت قىلىپ ، بەختلىك ياشىغاندەك قىلغىنىڭلار بىلەن، ئاۋازىڭلاردىن ھەر زامان ھىجران ، ئازاب ، ھەسرەت ۋە سېغىنىش ئوتىدىن كۆتۈرۈلگەن ئىزتىرابنىڭ پىراقى كېلىپ تۇرىدۇ . قاچانكى ئانا يۇرتۇڭلارغا قايتىپ كەلگۈچە ئەنە شۇ كاككۇكتەك ياشايسىلەر، كاكۇكتەك ھىجران ئازابىدا نالە قىلىپ ، ھەسرەت بىلەن ئۆتۈسىلەر. يەنە شۇنداقتىمۇ مەن شۇنىڭغا پۈتۈن قەلبىم بىلەن ئىشىنىمەن ، بىر كۈنلەردە سەن قايتىپ كېلەلمىگەن تەغدىردىمۇ ، ئوڭلۇڭ چوقۇم ئۆز ئۇۋېسىغا قايتىپ كېلىدۇ ؛ ئەنە شۇ چاغدا قەبرەمنى تېپىپ ، كاككۇك گۈلىنى تىكىپ قۇيۇشنى ئۇنۇتمىسۇن . مەن شۇ چاغدا ئەنە شۇ كاكۇك گۈلىنىڭ ھىدىنى پۇراپ ، بۇ يۇرتنىڭ يۈزىنىڭ كۈلگەنلىكىنى تۇيۇپ ، خاتىرجەم ياتىمەن، – بوۋاي ھەقىقەتەن ئۇلۇغۋار ئىدىيەلەرنىڭ پاسىبانى بولمىش پەيلاسوپلاردەك سۆزلەپ كەتكەن ئىدى ؛ لېكىن ھەسرەتلىرى يەنىلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ تۇراتتى ، ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان سۆزلىرىدىن بوراندا قالغان شىۋاخنىڭ ئاۋازىدەك ئەلەملىك ئاچچىقنىڭ تېۋىشى ئاڭلىنىپ تۇراتتى ؛ بۇ سۆزلەر بوۋاينىڭ ھاياتى بويىچە ئوقۇغان ، ئاڭلىغان ، ئىگە بولغان ھايات تەجىربىلىرىنىڭ خۇلاسىسى ۋە بارلىق نادامەت – ئازابىنىڭ مۇجەسسىمى، شۇنداقلا خاتىمىسى ئىدى . بىز نېمىلا دېمەيلى بۇ سۆزلەر ھەقىقەتەن بوۋاينىڭ رېئال مەسىللەرنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيتقان يۈرەك سۆزى ۋە ئەڭ ئاخىرقى نەسىھەتى ئىدى . ئۇنىڭ سۆزلىرى گويا پۇچەك شىمىشكىدەك مېڭىزسىز بولماستىن ، شۇتاپنىڭ ئۆزىدە ياش خانىم ئاغزىغا سېلىپ ، چايناپ – چايناپ يۇتىۋېتىشكە كۆزى قىيماۋاتقاندەك قىلىپ قولىدا تۇتۇپ تۇرغان باداننىڭ مېڭىزىدەك دانلىق – دانلىق تاكامۇللاشقان سۆزلەردىنىدى . بولۇپمۇ سۆزلىرىدىكى ھەربىر جۈملىنىڭ ئارىسىدا ئادەمنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۇرىۋېتىدىغان ، ئويغا سالىدىغان جۇدالىق ھەسرەت بار ئىدى .
مانا بۇ ھەسرەت ياش خانىمنىڭ قەلبىگە جۇۋالدۇرۇستەك سانجىلغان ئىدى ، يەنە شۇنداقتىمۇ بوۋاينىڭ ئۇزۇن ۋەز – نەسىھەتلىرىنى كۆڭلىدە يۇڭرۇپ ، قەتئىي قارارغا كەلگەنىدى . شۇڭا ئۇ بوۋىسىنىڭ گەپلىرىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ، بوۋاينى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن ، بېشىنى سېلىپ ئېغىزىدىن چىققان ھەر بىر سۆزنى تەستىقلاپ ئولتۇردى ۋە پەرىشان كۆڭلى ئەركىنلىك قۇياشىنىڭ نۇرىدا يورۇشقا باشلىغانىدى . بوۋاي بولسا تۇيۇقسىز بىر مۇھىم ئىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ، ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ ، ئىشتىنىنىڭ يانچۇقىغا قولىنى سالدى ۋە تېلىفونىنىڭ سائەتىگە بىر كۆز ئاتقاندىن كېيىن – پېشىن ناماز ۋاقتى بوپ كېتىپتۇ ئەمەسمۇ ، قىزىم مەن دەرھال تەرەت ئېلىپ ، نامېزىمنى ئوقۇۋالاي ، سەن مۇشۇ ئارىلىقتا مۇشتۇمدەك خېمىر يۇغرۇپ ، يېيىپ ، كېسىپ نارىنغا تۇتۇش قىل ، ئەمدى تولا ئويلاپ ، تولا گەپ سېتىپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزىۋەتكەن بىلەن بولمايدۇ ، – دەپلا سىرتقا قاراپ ماڭدى . ياش خانىم بولسا ، پەگاھتىكى جاۋەننىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويغان تەڭنەنى ئېلىپ ، ئاستىدىكى ئىشكاپنى ئېچىپ ، ئېچىدىكى خالتىدىن تۆت سىركايە ئۇننى ئېلىپ ، تەڭنەگە قۇيدى ۋە سۇ، تۇزلارنى تەڭشەپ قۇيۇپ ، خېمىرنى چەيلەپ يۇغۇردى ۋە ئازراق تىندۇرغاندىن كېيىن ، شېرەنىڭ ئۈستىدكى يېمەك – ئىچمەكلەرنى يىغىشتۇردى، ئاندىن كېيىن ئەمبەل بىلەن نوغۇشنى ئېكىلىپ شىرەنىڭ ئۈستىگە قويۇپ ، تىنغان خېمىرنى ئۈچكە بۆلۈپ زوگۇلا تۇتتى. بۇ چاغدا بوۋاي ساراي ئۆيدە پېشىن نامىزىنى ئۆتەپ بولۇپ ، ئاخىرىدا ئىككى رەكەت شۈكرە ناماز ئۆتەشكە تەرەدۇت قىلىۋاتقان ئىدى . بوۋاي دىققىتىنى نامازغا بېرىپ ، شۇنچىلىك ئەستايىدىللىق ئوقۇغان ئىككى رەكەت شۈكرە نامازدىن كېيىن ، پۈتۈن قەلبىي بىلەن دۇئا قىلىپ ، ئۇلۇغ خۇداۋەندە كېرەمدىن نەۋرىسى بىلەن چەۋرىسىنىڭ ئامان – ئېسەن ئۇياققا ئۆتۈپ كېتىشىنى تىلىدى ۋە ئالاھنىڭ بىر مۆجۈزە كۆرسىتىپ ، ئۇلارنىڭ يوللىرىنى ئوچۇق ، دۈشمەندىن يىراق ، دوستقا يېقىن قىلىشىنى ئىلتىجا قىلدى . بوۋاي نامازنى ئوقۇپ بولۇپ ، كۆكتات ئورىسىدىن ئىككى باش پىيازنى ئېلىپ ئاشخانا ئۆيگە كۆتۈرۈپ كىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ، ياش خانىم خېمىر يۇغرۇپ، يېيىپ ۋە يايغان چۆپلەرنى كېسىپ بولۇپ ، قازاندىن سۈزۈپ ئالغان سۈر گۆشتىن ئۈچ كىشىگە يەتكۇچىلىكىنى ئايرىپ ئېلىپ ، نارىن ئۈچۈن ئۇششاق قىلىپ توغراشقا كىرىشكەن ئىدى . ھايال ئۆتمەيلا گۆشنىمۇ توغراپ كىچىكرەك بىر كورىغا سالدى ۋە بوۋاي ئەكىرگەن ئىككى باش پىيازنى ئاخلاپ يۇدى ۋە ئارقىدىنلا توغراپ ، نارىن ئۈچۈن توغرالغان گۆش سېلىنغان كىچىك كورىغا سالدى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە سۈر گۆشنىڭ شورپىسىدىن چىلاشقىچە قۇيغاندىن كېيىن ، تۇزنى ئېلىپ ، ئوبدان تېتىغىدەك قىلىپ سالدى ۋە يەنە ئازراق قارمۇچ سېلىۋېتىشنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىدى ۋە كىچىك كورىنىڭ ئاغزىنى يېرىم ياپتى – دە ، پىلىتىنىڭ يەنە بىر كىچىك چويۇن كۆزلىكىنى ئېچىپ ئۈستىگە قويدى . قازاندا ئېشىپ قالغان شورپىنى يەنە بىر قاچىغا قۇيۇپ قويغاندىن كېيىن ، قازاننى يۇيۇپ ، ئاندىن ئىچىگە سۇ قۇيۇپ يەنە ئوچاققا ئاستى ۋە تۇۋېقىنى يېپىپ قويدى . ياش خانىم مانا ماشۇ بىر قاتار مەشغۇلاتلارنىڭ ھەممىسىنى شۇنچىلىك ئەپچىللىك بىلەن مۇكەممەل تاماملىدى .
ئوتنىڭ يۈزىنى تېخى كۈل تۇتمىغان بولغاچقا قازاندىكى سۇمۇ تېزلا قايناپ ئۈلگۈرگەن ئىدى ، ئەمدى ياش خانىم كېسىلگەن چۆپلەرنى قازانغا سېلىپ ، پىشۇرۇپ ، سۈزۈپ ، چوڭ بىر تاۋاققا ئۇسۇپ ، شىرەگە ئەكىلىپ قويدى ۋە ئوچاقتا ئېسىغلىق تۇرغان ئاستى تۇز قازاننىڭ تۇۋېقىنى ياپقاندىن كېيىن ئىككى قۇلۇقىنى قولىدا تۇتىۋالغان سەل – پەل كىر پىشىپ قالغان كىچىك لۆڭگە بىلەن تۇتۇپ كۆتۈرۈپ ئالدى ۋە پىشىق خىش ياتقۇزۇلغان پاگاغا ئاۋايلاپ قويغاندىن كېيىن ، ئوچاقنىڭ چوڭ چويۇن كۆزلۈكىنى ئوچاقنىڭ يېنىدىكى تۆمۈر ئىلغۇچ بىلەن ئىلىپ ئەكىلىپ ياپتى ، ئاندىن كېيىن يەنە پەگاھتىكى قازاننى ئېلىپ ئوچاقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ قويدى. بۇ ئىشلارنى قىلغۇچە پىياز، گۆش ۋە شورپا سېلىنغان كىچىك كورىمۇ قاينىغانىدى. ياش خانىم يەنە قايناۋاتقان كىچىك كورىنى ئوچاقنىڭ ئەڭ ئارقىسىغا ئىشتىرىپ قويغاندىن كېيىن ، كىچىك چويۇن كۆزلۈكنى يەنە ئىلغۇچ بىلەن ئىلىپ ئەكىلىپ ئوچاقنىڭ ئاغزىنى يېپىپ قويدى . ئاندىن كىچىك كورىدىكى تەيارلانغان گۆش ، پىياز ۋە شورپىلارنى چۆمۈچ بىلەن ئوبدان ئارىلاشتۇرۋەتكەندىن كېيىن ، جاۋەننىڭ بىر چېتىگە قويۇپ قويغان كىچىك لۆڭگىنىڭ بىرى بىلەن كىچىك كورىنىڭ بىر قۇلىقىنى تۇتقان پېتى شېرەنىڭ يېنىغا ئاۋايلاپ كۆتۈرۈپ ئاپىرىپ ، شىرەنىڭ ئۈستىدە ھور چىقىپ تۇرغان تاۋاقتىكى چۆپنىڭ ئۈستىگە يەنە بىر قولىدىكى چۆمۈچ بىلەن ئۇسۇپ ئېلىپ قۇيدى . شورپىغا چېلىشىپ تۇرغان چۆپنىڭ ئۈستىدىكى گۆش بىلەن پىياز ۋە قارمۇچنىڭ پۇرىقى ھور بىلەن بىرگە يۇرقۇرغا كۆتۈرۈلۈپ ئۆينىڭ ئىچىنى مەزىلىك پۇراققا چۆمكىۋەتكەن ئىدى . ئۇۋاققىچە بالىمۇ ئوڭدىسىغا ياتقا پېتى ئۈزۈۋاتقان خىيال دېڭىزلىرىدىن شۇڭغۇپ چىقىپ ، شېرەنىڭ يېنىغا سۈرۈلۈپ كەلدى . بوۋايمۇ شېرەنىنىڭ يېنىدا چازا قۇرۇپ ئولتۇردى . مەزكۇر چۈشلۈك غىزا بوۋايغا نىسبەتەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ مۇخلىسلىرى بىلەن يېگەن ئەڭ ئاخىرقى غېزاسىدىنمۇ ئەھمىيەتلىك غىزا ھېسابلىناتتى . بوۋاي نەۋرىسىنىڭ ئۆز قولى بىلەن يۇغۇرۇپ ، يېيىپ ، كېسىپ ، پىشۇرۇپ ، سۈزۈپ ئېلىپ ئالدىغا ئەكەلگەن نارىننى بىر قوشۇقتىن بىر قوشۇقتىن پۇۋلەپ تۇرۇپ ئالدىرماي ئاغزىغا سېلىپ، گويا مۇقەددەس بىر نەرسىنى يەۋاتقاندەك يەۋاتاتتىى. نارىننىڭ سۈيىنى بولسا گويا كېسەلگە شىپا بولىدۇ دەپ پۈتۈن بىر جامائەتنىڭ دۇئاسىنى قېتىپ ئەكەلگەن دېمىدىنى ئېچكەندەك شۇنچىلىك ئاۋايلاپ ، پەملەپ ئىچمەكتە ئىدى . بالىنىڭ قىلىقلىرىمۇ بوۋاينىڭكىدىن قىلىشمايتتى . ئۇ نېپىز لەۋلىرىنىڭ كۆيۈپ قىلىشىدىن ئەنسىرگەندەك قىلىپ ، قوشۇقتىكى لوقمىنى ئاز- ئازدىن ئاغزىغا سېلىپ چايناپ ، ئاۋايلاپ يۇتىۋاتاتتى .
ياش خانىم بولسا ئۇشبۇ غېزانىڭ بوۋىسى بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ يېگەن ئەڭ ئاخىرقى غېزا بولۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلگەچكە ئىشتىھاسى تازا يوق ئىدى . نېمىشقىدۇر بىر پەس بوۋىسىغا قارىسا بىر پەس ئوغلىغا قاراپ ، گويا ئۇزۇن بىر ئارقاننىڭ قايسى ئۇچۇنى تۇتۇشىنى بىلمەي گاڭگىراپ قالغان ئادەمدەك ، ئاغزىدىكى گۆشنى سىغىز چاينىغاندەك چايناپ ئولتۇراتتى. كاللىسىدا بولسا يېرىم ئوچۇق ، يېرىم تۇتۇق بىر نەرسىلەر ئۈزۈپ يۈرەتتى; كۆڭلى يېرىم بولۇپ ، گويا دېڭىزغا چۆككەن لەڭگەردەك ، ئېغىر غەم – قايغۇ دېڭىزىغا بارغانسېرى پېتىپ كېتىۋاتاتتى . ئۇ بىر چەتتىن ئوغلىنىڭ بەختىنى ئويلاپ چاققانراق يولغا چىقىشقا ئالدىراۋاتقان بولسا ، يەنە بىر چەتتىن بۇ دۇنيادىكى يىگانە باش – پانايى ھېسابلىنىدىغان بوۋىسىنى غىلۋەت يېزىغا يالغۇز تاشلاپ قويۇپ كېتىشكە رايى بارمايۋاتقانىدى . ئەنە شۇ پۈتمەس – تۈگىمەس زىددىيەتلىك خىياللار كاللىسىنى ئۇزۇلۇكسىز قويچىۋاتقاندا ، بوۋاي يەنە سۆز ئاچتى – قېنى قىزىم ، تاماقنى سوۋۇتماي ئىشتىكرەك يە !، يولغا چىقىدىغان ۋاقىت تولدى ، – دېدى . ياش خانىممۇ كېسىپلا ئۆزىنىڭ تويغانلىقىنى ئېيتتى ، بۇنىڭ بىلەن بوۋاي قولىنى دۇئاغا كۆتەردى ۋە ئانا بىلەن بالىمۇ بوۋايغا ئەگىشىپ دۇئا قىلدى . تاماق دۇئاسىدىن كېيىن بوۋاي ئۆزىنىڭ دەرھال ئاتنى ئېغىلدىن ئەچىقىپ ، ھارۋىغا قېتىپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى، ئارقىدىنلا يەنە ياش خانىمغا پىشۇرۇلغان سۈر گۆشنىڭ ھەممىسىنى يولدا يېيىش ئۈچۈن ئېلىۋېلىشنى تەكىتلەپ ئورنىدىن تۇردى ۋە يەنە ئۆزىنىڭ ئازراق قېزا تەيارلاپ قويغانلىقىنى ئېيتتىپ سىرتقا چىقىپ كەتتى .
ياش خانىم شېرەنىڭ ئۈستىنى يېغىشتۇرۇپ ، قاچا – قۇمۇچلارنى يۇيۇپ سەرەمجانلاشتۇرۋەتكەندىن كېيىن ، ئېشىپ قالغان سۈر گۆشنى توغراپ ، بىر پىلاستىك قاچىغا سالدى ۋە ئاغزىنى مەككەم ئەتكەندىن كېيىن ، ئىككى تال قوشۇق بىلەن بىرگە كىچىك بىر خالتىنىڭ ئىچىگە سېلىپ ئاندىن سومكىسىغا قويدى ۋە ئۆينىڭ ئىچىگە يەنە بىرە قۇر قاراۋەتكەندىن كېيىن ، ئوغلىنىڭ ئۈستبېشىنى كىيگۇزۇپ ، ئۆزىمۇ راسلاندى. دەل مۇشۇ چاغدا بوۋاينىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى . بوۋاي ھويلىدا ئات ھارۋىسىنى تەق قىلىپ بولغان ئىدى . ياش خانىم ئوغلىنى ئېلىپ سىرتقا چىقىش بىلەن تەڭ ، بوۋاي بىر نەرسىنى ئۇنتۇپ قالغاندەك ئالدىراپلا پېشايۋاننىڭ ئۈستىگە چىقىپ ، ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىردى ۋە تۆدىكى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە قاتلاپ قويۇپ قويغان ئەستەرسىز جۇۋىنى ئېلىپ ، قولتۇقۇغا قىسقان پېتى تالاغا ئېلىپ چىقتى ۋە ھارۋىنىڭ قىشىدا قاراپ تۇرغان ئانا ۋە بالىغا قاراپ تۇرۇپ – بۇ جۇۋىنى ئېلىۋىلىشنى ئۇنتۇپ قالغىنى تاس قاپتۇق ئەمەسمۇ ، بۇنداق قىشنىڭ كۈنىدە بۇ جۇۋا تازا ئەس قاتىدۇ ، ھارۋىدا ئولتۇرغاندا ئۈستۈڭلارغا يېپىنچا قىلىۋالساڭلار توڭمايسىلەر، – دېدى ۋە جۇۋىنى ئەكىلىپ ھارۋىنىڭ بىر چېتىگە قويۇپ تۇرۇپ – قېنى ۋاقىت كەلدى ، ھارۋىغا چىقىڭلار، – دېدى. ياش خانىم بىلەن بالا سومكىلىرىنى ھارۋىغا قويۇپ ، ئۆزلىرىمۇ ئۈستىگە چىقىپ ئوبدان جايلىشىۋالدى ۋە جۇۋىنى ئېلىپ پۇتلىرىنىڭ ئۈستىگە يوتقاندەك ياپتى . بوۋاي دەرۋازىنى ئېچىپ ، ئېتىنى ھەيدەپ تالا چىقتى ۋە ئارقىدىنلا دەرۋازىنى سىرتىن ئاستا ئېتىپ قويدى .