ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۈرەش يوللىرى» بويىچە 9 كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى ئۇقتۇرۇشى
ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە 9 كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسى
ئۇيغۇر ياشلىرىدىن تايانچ كۈچ يېتىشتۈرۈش مەقسىتىدە، 2019 – يىلىدىن باشلاپ 11 قېتىم مەخسۇس ئوخشىمىغان 47 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسسىسنىڭ دەرس بېرىشى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن 135 نەپەر ئۇيغۇر ياش ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق»، «تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات» ۋە «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى.
بۇ 17 قېتىملىق كۇرسقا قاتناشقان ئۇيغۇر ياشلىرى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە، تەشكىلاتچىلىق، تاراتقۇ، تەشۋىقات، خەلقئارا ۋەزىيەت، مىللىي كۆرەش يوللىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم تېمىلاردا دەرس ئالدى.
بۇنىڭدىن سىرت 2023- ۋە 2024-يىلى ياز ئايلىرىدا 14 دۆلەتتىن 76 ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى ۋە لېدىرلىق بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى كۇرسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇ ياز تەتىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق كۇرستا ئۈچ تۈرلۈك ساھە بويىچە تەربىيەلەش ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇر ئانا تىلى ۋە ئەدەبىياتى، مىللىي مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت. لېكىن بۇلاردىن باشقا يەنە رەھبەرلىك ۋە لېدىرلىق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئالاقىدار بىلىملەر ئۈچۈنمۇ مۇتەخەسسىسلەر تەكلىپ قىلىنىپ لېكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىم مەرىپەت ۋەخپى ھەمكارلىقىدا ئىستانبۇل سېلىمپاشادا ئېچىلماقچى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە 9 كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسىدا ئالدىنقى قېتىملىق كۇرسلاردىن ئالغان تەجرىبە-ساۋاقلار نەتىجىسىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئاساسلىق تېمىلار تۆۋەندىكىدەك بەلگىلەندى:
1) ئۇيغۇر تارىخى (قەدىمكى، ئوتتۇرا ئەسىر ۋە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخلىرى)، تارىختا ئۇيغۇر – خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىشغالى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق تارىخى
2) خەلقئارا قانۇن، خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە ئىشغال ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى
3) غەربنىڭ دېمۇگراتىيە پىرىنسىپلىرى، ئوخشىمىغان سېستىمىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلمىلىرى، ب د ت ئورگانلىرىنىڭ خىزمەت مىخانىزىمى، دېمۇگراتىيە ۋە سايلام
4) رەسمىي سورۇنلاردىكى ئەدەپ-قائىدىلەر، تەشكىلاتچىلىق ۋە لوبىچىلىق
5) دۆلەتلەرنىڭ مىللىي ئىدىئولوگىيەلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىدىئولوگىيەسى
6) كۈنىمىزدە ئىستىخارات ۋە ئىستىخباراتچى، خىتاي ئىستىخباراتى ۋە غەرب ئىستىخبارات ئورگانلىرى ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىكى
7) شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدە مۇھىم دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە ۋە مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە
8) خەلقئارا جەمىئىيەتكە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تونۇتۇش، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتايلار تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ۋە خىتايغا بۇ قىلمىشىنىڭ بەدىلىنى تۆلىتىشنىڭ يوللىرى
9) شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىدە خىتايغا قارشى كۆرەشنىڭ ئوخشىمىغان يوللىرى ئۈستىدە مۇلاھىزە
10) ئۇيغۇر ياشلىرىمىزگە زۆرۈر بولغان دىنىي بىلىملەر
يۇقارقىدەك ياشلىرىمىزغا نەپ بېرىدىغان يېڭى-يېڭى تېمىلار مۇلاھىزە قىلىنىش بىلەن بىرگە، كۇرسقا قاتناشقۇچى ياشلارنىڭ ئىنگلىزچە سەۋىيەسىگە قارىتا ئوخشىمىغان سەۋىيەلەردە ئىنگلىزچە دەرسمۇ ئۆتىلىدۇ.
كۇرس مۇددىتى: 9 كۈن (2025-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە)
كۇرس ۋاقتى:
يۇز تۇرانە دەرسلەر: چۈشتىن بۇرۇن سائەت 09:30 دىن 12:30 غىچە،
ئىنگلىزچە دەرسلىرى: چۈشتىن كېيىن سائەت 14:00 دىن 16:00 غىچە بولىدۇ.
مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى: 16:00 دىن 18:30 غىچە
ئەسكەرتىش: كۇرسقا قاتناشقۇچى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن 9 كۈن تولۇق قاتنىشىش تەلەپ قىلىنىدۇ، ئۇيغۇر قىز ۋە ئوغۇل بىر يەردە دەرس ئاڭلايدۇ، كەچلىرى دەرس ۋە پائالىيەت تۈگىكەندە قىزلار ئايرىم قىزلار ياتىقىدا، ئوغۇللار ئايرىم ئوغۇللار ياتىقىدا ياتىدۇ. ھەر كۈنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن ئىككى ئوقۇتقۇچى مەخسۇس قىز ۋە ئوغۇللارغا مەسئۇل بولۇپ ئۇلارنى 24 سائەت كۈزىتىدۇ ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالاتلىك قىلىدۇ. تىزىملاتماقچى بولغان قېرىنداشلارنىڭ بۇ نوقتىنى ئالاھىدە ئويلۇشۇپ تىزىملىتىشىنى سورايمىز.
بۇ 9 كۈنلۈك كۇرسقا ئىستانبۇل ۋە ئەتراپىدىكى شەھەرلەردىن 30 نەپەر ئۇيغۇر ياش قوبۇل قىلىنىدۇ.
قاتنىشىشنى خالايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئېلخەت ياكى تېلىفۇن ئارقىلىق ۋاقتىدا تىزىملىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. قوبۇل قىلىنغانلارغا كۇرس ھەققىدە ئايرىم تەپسىلىي مەلۇمات يوللىنىدۇ، ۋە «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە 9 كۈنلۈك تەربىيەلەش كۇرسىغا ئىلتىماسى قوبۇل قىلىنغانلارغا كۇرس ھەققىدە ئايرىم تەپسىلىي مەلۇمات يوللىنىدۇ.
– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەخپى
2025-يىلى 8 – ئاينىڭ 6 – كۈنى
ئىلتىماس قىلغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغان ئۇچۇرلار:
كۇرسقا قاتنىشىشنى خالايدىغان ياشلارنىڭ ئاكادېمىك سەۋىيەسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن بولغاندىمۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى تاماملىغان ياكى ئالىي مەكتەپلەردە باكلاۋۇرلۇق، ماگېستىرلىق ۋە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار بىلەن باكلاۋۇرلۇق ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئېرىشكەن 18 ياشتىن 29 ياشقىچە بولغان ياشلار بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى كۇرسقا ئىستانبۇل ۋە ئەتراپىدىن 30 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ، قاتنىشىشنى خالايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۆۋەندىكى جەدىۋەلنى تولدۇرۇپ ئەۋەتىشى كېرەك:
قوبۇل قىلىنغانلارغا كۇرس ھەققىدە ئايرىم تەپسىلىي مەلۇمات يوللىنىدۇ.
ئىلاۋە ئۇچۇرلار:
كۇرس يۈز تۇرانە ۋە توردىن سىرىتقا يېپىق ئېلىپ شەكىلدە بېرىلىدۇ.
تىزىملىتىش ۋاقتى: 2025-يىلى 8 – ئاينىڭ 15 – كۈنى ئىستانبۇل ۋاقتى كەچ سائەت 21:00 گىچە
تىزىملىتىش ئېلخەت ئادرىسى:
uygurakademisi@gmail.com
ئالاقىلاشقۇچى: تولۇنئاي تەڭرىتاغلى، ئالاقە تېلىفۇنى: 00905332677692 (ۋوتىسئاپ)
سەردار زائوغلى ئالاقە تېلىفۇنى: 00905300949638 (ۋوتىسئاپ)
قوشۇمچە: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ياش ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئويۇشتۇرۇلغان «مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق»، «تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات» ۋە «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرىدىن بەزى خاتىرە رەسىملەر:





























































