You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن 4 – قارارلىق رەسىم كۇرسى ئېچىلىدۇ

ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن 4 – قارارلىق رەسىم كۇرسى ئېچىلىدۇ

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىمىز ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىن ساغلام قابىلىيەتلىك ئەۋلادلاردىن بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇلارنىڭ قىزىقىشى ۋە ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە ھەرخىل تۈردىكى خاس ئالاھىدىلىك ۋە قابىلىيەت يېتىشتۈرۈش كۇرسلىرىنى ئاچقان ئىدى، ئۇلاردىن بىرى بولغان رەسىم كۇرسىمىزنىڭ ئۈچۈنجى قارارلىق كۇرسىمىز ئېچىلدى. تەلەپكە ئاساسەن رەسىم كۇرسىمىزدا رەسىم دەرسى ئۆتۈش تەجرىبىسىگە ئىگە رەھىمە سىراجىدىن خانىم دەرس ئۆتىۋاتىدۇ. ياز تەتىلى ئۈچۈن رەسىم دەرسىگە يېڭى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنىدۇ.

دەرس مەزمۇنلىرى تۆۋەندىكى تەرتىپ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ:

1. سىدام سىزما (قارا قەلەم)،
2. سۇ بوياق،
3. پاستەل بوياق،
4. ماي بوياق

* سىدام سىزما دەرس مەزمۇنلىرى: شەكىللەر، سىزىقلار، كۆلەڭگىلەرنى قەغەز يۈزىدە ئىپادىلەش، تۇرغۇن شەيئىلەرنى رەسىم قەغىزىگە توغرا يەرلەشتۈرۈش، توغرا بوياشنى ئۆگىتىش.
* سۇ بوياق دەرس مەزمۇنلىرى: ئانا رەڭلەر بىلەن تونۇشۇش، رەڭ تەڭشەشنى ئۆگىتىش، سۇ بوياقنى توغرا بىر شەكىلدە ئىشلىتىش ۋە سۇ بوياق سىزىش تېخنىكىلىرىنى ئۆگىتىش.
* پاستەل بوياق دەرس مەزمۇنلىرى: پاستەل بوياقنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە خۇسۇسىيىتى باشقا بوياقلاردىن ئۆزگىچە بولۇپ، بۇ دەرستىمۇ پاستەل بوياقنىڭ توغرا سىزىش تېخنىكىلىرى، قوللىنىلىشى ئۆگىتىلىدۇ.
* ماي بوياق دەرس مەزمۇنلىرى: ئەڭ ئاخىرقى دەرس مەزمۇنىمىز بولۇپ، ماي بوياق ئىشلىتىش ۋە سىزىشنى ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچىلار مۇستەقىل بىر ماي بوياق ئەسىرى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ.
دەرس مەزمۇنلىرى بۇنىڭ بىلەنلا چەكلەنمەستىن دەرس ئارلىقلىرىدە پەرىقلىق قول سەنئەتلىرىمۇ ئۆتىلىدۇ.
ھەر دەرس سائىتىدە ئوقۇغۇچىلارغا سىزماقچى بولغان رەسىمنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى بېرىلىدۇ. يالغۇز رەسىم سىزىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن گۈزەل سەنئەت نەزەرىيىلىرى، رەسساملار ھەققىدىمۇ ئۇچۇرلار بېرىلىدۇ. رەسىم كۇرسى تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

كۇرس مۇددىتى: 2.5 ئاي

كۇرس كۈنلىرى: سەيشەنبە، پەيشەنبە ۋە شەنبە

مۇۋاپىق مىقداردا كۇرس ھەققى ئېلىنىدۇ

رەسىم دەرس سائەتلىرى دۆلەت مەكتەپلىرىنىڭ دەرس سائەتلىرى سىرتىدا بولىدۇ. تىزىملاتقانلارنىڭ ئەھۋالىغا قارىتا 14 – 6 ياش گۇرۇپپا بولىدۇ

تىزىملىتىش شەرتى: تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك قەۋىملىرىدىن بولغان 6 – 14 ياش ئارىلىقىدىكى ئۆسمۈرلەر

تىزىملاش ۋاقتى: 2025-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە

رەسىم كۇرسىدا ھەپتىدە 3 كۈن، كۈندە 3 دەرس سائىتى ۋە ئايدا جەمىئي 36 سائەت دەرس ئۆتۈلىدۇ.

رەسىم كۇرسىنى غەلبىلىك تۆگەتكەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرگە ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى تەرىپىدىن رەسىم سىزالايدىغانلىقىغا ئائىت شاھادەتنامە بېرىلىدۇ.

تىزىملىغۇچى: زۈلەيخا ئۇيغۇر 05526129886+ ۋە رەھىمە سىراجىدىن +905363943688
ۋوتىسئاپ بىلەن ئالاقە قىلىڭ، تىزىملاتقۇچى ئاتا ئانىلار بالىلىرىنى ئېلىپ ئاكادېمىيە ۋەخپى ئىشخانىسىغا كېلىشى كېرەك.)

ئادرىس: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ئىشخانىسى

Uygur Akademisi Vakfı
Merkez Cad. 3. Yıldız Sok. No: 2, Kat: 3, Sefaköy, Küçükçekmece / İstanbul

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top