You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » 3- نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ۋە ياشلار كېڭىشى خىتابنامىسى

3- نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ۋە ياشلار كېڭىشى خىتابنامىسى

3- نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ۋە ياشلار كېڭىشى خىتابنامىسى

2025-يىلى، 25-ماي

ميۇنخېن، گېرمانىيە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدىكى 21 تەشكىلاتنىڭ ساھىبخانلىقى بىلەن 20 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايونلاردا پائالىيەت قىلىۋاتقان 50 دىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى، سىياسىي ئاكتىپلار، لاگىر شاھىتلىرى، ياش پائالىيەتچىلەر، زىيالىيلار، دىنىي زاتلار ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تەقدىرىگە ۋە ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان 150 دىن ئارتۇق ئىشتىراكچىنىڭ قاتنىشىشىدا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 3-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى كېڭىشى كۈنتەرتىپتىكى بارلىق ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.

بۇ قېتىمقى مىللىي كېڭەش ۋە ياشلار كېڭىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۈنسىرى كۈچىيىۋاتقان چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان تەتۈر تەشۋىقاتى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەھشىيلىكنى ئاقلاشقا ئۇرۇنىۋاتقان بىر پەيتكە توغرا كەلدى. بۇ كېڭەش بىرلىك، قايتا ئويلىنىش، ۋە ئستراتېگىيەلىك پىلانلارنى مۇزاكىرە قىلىدىغان بىر مۇنبەر بولدى.

كېڭەش ۋەكىللىرى، خىتاينىڭ چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش سىياسىتى، خىتاينى خەلقئارا قانۇنلار بويىچە جاۋابكارلىققا تارتىش، ئىچكىي ۋە تاشقىي خىرىسلار، ئۇيغۇر مۇھاجىرلار مەسىلىسى، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئۈچۈن سىياسىي پۇرسەتلەر، ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ بېشىدىكى بۇ پاجىئەلەرنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنىڭ سىياسىي ۋە قانۇنىي تەدبىرلىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش تەخىرسىز مەسىلىلەر ھەققىدە پىكىرلەشتى ۋە ئورتاق نۇقتىلاردا بىرلەشتى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق كېڭەش ۋەكىللىرىنىڭ ئورتاق ئىرادىسىگە ۋاكالىتەن مەزكۇر خىتابنامە ئېلان قىلىندى.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى، ئىگىلىك ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تۈپ نىشانى ئىكەنلىكىدەك تەۋرەنمەس پرىنسىپىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلايدۇ.

بىز شۇنى ئاگاھلاندۇرىمىزكى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قانۇنسىز ئىشغالىنىڭ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلىقىنى تامامەن يوق قىلىشنى مەقسەت قىلغان سىستېمىلىق، يۈرۈشلەشكەن شەكىلدىكى مۇستەملىكلەشتۈرۈش سىياسىتى، نۆۋەتتە داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلىي ئىگىلىرىگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ھەر تۈرلۈك قەبىھ جىنايى قىلمىشلارنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىنىڭ، دەل شەرقىي تۈركىستاننى ۋە خەلقىنى مۇنقەرىزلەشتۈرۈش ۋە مۇستەملىكلەشتۈرۈش باسقۇچىنى تاماملاش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ تامامەن خىتايلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر!

ب د ت نىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە جازالاش ئەھدىنامىسى (تۆۋەندە «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسى» دەپ ئېلىنىدۇ) ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئېغىر خەتەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھېس قىلغان ياكى بىلگەن پەيتتە، دەرھال ھەرىكەت قوللىنىپ ئالدىنى ئېلىش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىغا ئىمزا قويغان دۆلەتلەرنىڭ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىتىش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىش يولىدا ئاكتىپ ھەرىكەت قىلمايۋاتقانلىقىنى، ئەكسىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆزىنى تارتىۋاتقانلىقىنى، بۇ سەۋەبتىن دۆلەتلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارىتا ئوخشاش شەكىلدە پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىغا بولغان چوڭقۇر ئەندىشىلىرىمىزنى بىلدۈرىمىز.

بىز يەنە شۇنىمۇ ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرىمىزكى، دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ بۇ خىل پەرۋاسىز پوزىتسىيەسى خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ جاسارەتلەندۈرۈپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەھشىي جىنايەتلىرىنى تېخىمۇ زىيادە داۋام قىلدۇرۇشقا يول ئاچماقتا.

بىز شۇنى تەكىتلەيمىزكى، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ۋە باشقا 10 دۆلەتنىڭ پارلامېنتلىرى، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەھشىيانە جىنايەتلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپى، ياكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ رەسمىي قوبۇل قىلدى.

بىز شۇنىڭدىن تولىمۇ ئەپسۇسلىنىمىزكى، ئامېرىكىدىن باشقا دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلەرنىڭ، ئۆز پارلامېنتلىرىننىڭ قارارى ۋە خاھىشىغا پىسەنت قىلماي، سۈكۈت قىلىپ كەلمەكتە.

بىز يەنە شۇنى تەكىتلەيمىزكى، دۇنيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى توغرىسىدىكى پوزىتسىيەسىنى، 2021-يىلى 9-دېكابىردا جېففرېي نايس ئەپەندىم رەھبەرلىكىدىكى ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسىنىڭ ھۆكۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق مەۋجۇت ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتقان ئاساسدا، قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشى تولىمۇ مۇھىم.

شۇنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇكى، تىنچ يول ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندىكى تراگېدىيەلەرنىڭ ھەل قىلىنىشى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئاتا مىراس ئۆز تۇپرىقىدىكى ئىگىلىق ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىشدىكى ئەڭ ئاساسىي غايىسىدۇر. بۇ ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇدىيىتى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇزۇن مۇددەت تىنچلىق بەرپا قىلىشنىڭ زۆرۈر شەرتى.

شۇنى ئەسلىتىپ ئۆتىمىزكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ 1961-يىلى 27-نويابىردا ماقۇللىغان 1654 (XVI) نومۇرلۇق قارارىدا مۇستەملىكىچىلىككە خاتىمە بېرىشنىڭ مۇھىملىقى ۋە بۇنىڭ ئىجرا قىلىش جەريانلىرىنى نازارەت قىلىش ۋە بۇ ھەقتە دوكلات تەييارلاش ئۈچۈن مەخسۇس بىر كومېتىت قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. نەتىجىدە 80دىن ئارتۇق مۇستەملىكە قىلىنغان دۆلەتلەر مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن ئىدى.

شۇنى جاكارلايمىزكى، شەرقىي تۈركىستان 1949-يىلى، سوۋىت ئىتىپاقىنىڭ بىۋاسىتە ياردىمى بىلەن خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز بېسىۋېلىنغاندىن كىيىن، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكىنى، ئاپتونومىيە ۋەدىسى بىلەن ۋە دۇنيا مىقياسىدا ساختا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ھالدا پەردازلىدى. شۇ ۋەجىدىن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئارقىلىق، ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتۇرۋېلىش ھەققى چوقۇم خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇھىم كۈنتەرتىپلىرىدىن بولۇشى كېرەك.

شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى ۋە ئۇيغۇر ياشلىرى كېڭىشى:

1. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك خەلقلىرىگە قاراتقان جىنايەتلىرىگە قارشى تۇرۇش ئىرادىسىدە قەتئىي تەۋرەنمەسلىككە چاقىرىق قىلىدۇ.

2. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق جازا لاگېرلىرىنى ئاتالمىش قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى دەرھال تاقاپ ، بارلىق تۇتقۇنلارنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى بويىچە تۆلەم تۆلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

3. بارلىق تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا ھۇشيار بولۇشقا ۋە كەسكىن تۇرۇشقا، دىنىي ۋە مىللىي مەسئۇلىيەتلىرىنى ئادا قىلىشقا، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىپلوماتىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن بۇ جىنايەتلەرگە كۆز يۇمماسلىققا، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ ھەرگىزمۇ ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك سۇيىقەست ئويۇنى ئەمەسلىكىنى، بەلكى نەچچە مىليونلىغان يوق قىلىۋىتىلگەن، ئۆلتۈرۈلگەن، جازا لاگېرلىرىغا قامالغانلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇسۇلمان خەلق ئىكەنلىكىنى، 16 مىڭ دىن ئارتۇق مەسچىتلەرنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى، ھەمدە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق مۇقەددەساتى بولغان قۇرئان كەرىمنىڭ قانۇنسىزلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى تونۇپ يېتىشكە دەۋەت قىلىدۇ.

4. دېموكراتىك دۆلەتلەرنى، جۈملىدىن ياۋروپا ئىتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، ئاۋسترالىيە، يېڭى زىللاندىيە، ياپونىيە ھەمدە جەنۇبىي يېرىم شار دۆلەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئەھدىنامىسىگە ئۇيغۇن شەكىلدە، شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرىق قىلىدۇ. بۇ جىنايەتلەرنى پەقەتلا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى دېيىش، بۇ ۋەھشىيلىكلەرنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن تولىمۇ ئاجىزلىق قىلىدۇ. جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىشقا توسالغۇ بولىدۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى مىليونلىغان خەلقنى داۋاملىق خەتەر ئىچىدە قالدۇرىدۇ. ئۇيغۇر سوت كوللىگىيەسى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسارلىقىنىڭ 2022-يىلىدىكى دوكلاتى ئارقىلىق جەزىملەشتۈرۈلگەن بۇ قىلمىشلارنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ رەسمىي ئېتىراپ قىلىشنىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلدى.

5. ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى ئايرىم ھالدا خەلقارا جىنايى ئىشلار سوتى(ICC) ۋە خەلقئارا ئادالەت دىۋانى (ICJ)غا تەكشۈرۈشكە يوللىشىنى جىددىي تەلەپ قىلىمىز.

6. شەرقىي تۈركىستاندا ئىشلەپ چىقىرىلىۋاتقان پاختا، پەمىدۇر، كۈنتاختا، ئېلېكترونىك مەھسۇلاتلار، كانچىلىق، بېلىقچىلىق ۋە ئېنىرگىيە قاتارلىق مۇھىم ئىشلەپ چىقىرىش ساھەلەردە ئۇيغۇر ۋە باشقا خەلقلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى جىددىي تەكىتلەيمىز. دۆلەتلىك ۋە خەلقئارا قانۇنلاردا ئوپئوچۇق چەكلەنگەن بولۇشىغا قارىماستىن، بۇنىڭغا ئالاقىدار تاغدەك دەلىل ئىسپاتلارنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشىغا قارىماستىن، بۇ مەھسۇلاتلار دۇنيا بازىرىدا سېتىلىشقا داۋام قىلىۋاتىدۇ. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى بۇ جىنايەتلەرگە ئورتاق بولغانلارغا قارشى قانۇنىي ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى قايتا ئىپادىلەيدۇ.

7. بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىن، سۈرگۈندىكى ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىي، دىنىي ۋە مەدەنىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش يولىدىكى تىرىشچانلىقىغا ئاكتىپ ياردەم بېرىشنى تەمەننى قىلىدۇ. بۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى ئەركىن ئىپادىلەش ۋە شۇ بويىچە ياشاش ھوقۇقىنى قوغداش، مەدەنىي مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئىجتىمائىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشنىمۇ ئۆز-ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت، بۇ دۆلەتلەرنى ئۇيغۇرلار تەشكىللىگەن مەدەنىي پائالىيەتلەر، مائارىپ پروگراممىلىرى ۋە داۋام قىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرىنى مالىيە جەھەتتىن ياردەم بېرىشكە چاقىرىمىز.

شۇنىڭدەك، دېموكراتىك دۆلەتلەر خىتاينىڭ بارغانسىرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بوغۇپ، پائالىيەتلىرىنى باستۇرۇپ ۋە ۋەھىمىلىك كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەشتىن توسۇش ئۇرۇنىشلىرىدىن قوغداش ئۈچۈن كەسكىن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى كېرەك. بۇ دۆلەتلەر خىتاي زۇلۇمىنىڭ چەتئەللەرگىچە تەسىر قىلىشىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ تەقىپلەش، تەھدىت قىلىش ۋە مەجبۇرلاشتىن خالىي بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

8. بارلىق شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا ۋە ھۆر، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى قۇرۇش يولىدىكى كۈرەشتە ئىتتىپاقلىشىشقا چاقىرىمىز.

3- Nöwetlik sherqiy türkistan milliy kéngishi we yashlar kéngishi xitabnamisi

2025-Yili, 25-may

Myunxén, gérmaniye

Dunya uyghur qurultiyi bashchiliqidiki 21 teshkilatning sahibxanliqi bilen 20 din artuq dölet we rayonlarda pa’aliyet qiliwatqan 50 din artuq uyghur teshkilatining asasliq mesulliri, siyasiy aktiplar, lagir shahitliri, yash pa’aliyetchiler, ziyaliylar, diniy zatlar we shundaqla sherqiy türkistan xelqining teqdirige we weziyitige köngül bölidighan 150 din artuq ishtirakchining qatnishishida gérmaniyening myunxén shehiride ötküzülgen 3-nöwetlik sherqiy türkistan milliy kéngishi we uyghur yashliri kéngishi küntertiptiki barliq wezipilirini muweppeqiyetlik tamamlap ghelbilik axirlashti.

Bu qétimqi milliy kéngesh we yashlar kéngishi, xitay hökümitining künsiri küchiyiwatqan chigra halqighan basturush siyasiti we shiddet bilen élip bériwatqan tetür teshwiqati bilen, sherqiy türkistandiki wehshiylikni aqlashqa uruniwatqan bir peytke toghra keldi. Bu kéngesh birlik, qayta oylinish, we stratégiyelik pilanlarni muzakire qilidighan bir munber boldi.

Kéngesh wekilliri, xitayning chigra halqighan basturush siyasiti, xitayni xelqara qanunlar boyiche jawabkarliqqa tartish, ichkiy we tashqiy xirislar, uyghur muhajirlar mesilisi, uyghur mejburiy emgiki we uyghur milliy herikiti üchün siyasiy pursetler, wetinimiz we xelqimizning béshidiki bu pajielerni ünümlük hel qilishning siyasiy we qanuniy tedbirliri qatarliq bir yürüsh texirsiz mesililer heqqide pikirleshti we ortaq nuqtilarda birleshti.

Bu munasiwet bilen barliq kéngesh wekillirining ortaq iradisige wakaliten mezkur xitabname élan qilindi.

Sherqiy türkistanning milliy musteqilliqini, igilik hoquqini eslige keltürüsh, sherqiy türkistan dewasining tüp nishani ikenlikidek tewrenmes prinsipini yene bir qétim jakarlaydu.

Biz shuni agahlandurimizki, xitayning sherqiy türkistandiki qanunsiz ishghalining, sherqiy türkistan xelqining milliy mewjutliqini tamamen yoq qilishni meqset qilghan sistémiliq, yürüshleshken shekildiki mustemlikleshtürüsh siyasiti, nöwette dawam qiliwatqan uyghur, qazaq qatarliq sherqiy türkistanning esliy igilirige qaritilghan irqiy qirghinchiliqi we her türlük qebih jinayi qilmishlarning yetmekchi bolghan nishanining, del sherqiy türkistanni we xelqini munqerizleshtürüsh we mustemlikleshtürüsh basquchini tamamlash arqiliq sherqiy türkistanning tamamen xitaylishishini ishqa ashurushtin ibarettur!

B d t ning irqiy qirghinchiliqning aldini élish we jazalash ehdinamisi (töwende «irqiy qirghinchiliq ehdinamisi» dep élinidu) herqaysi döletlerni irqiy qirghinchiliq yüz bérish éhtimalliqi bolghan éghir xeterning mewjutluqini hés qilghan yaki bilgen peytte, derhal heriket qollinip aldini élish mejburiyiti barliqini eskertidu.

Irqiy qirghinchiliq ehdinamisigha imza qoyghan döletlerning, irqiy qirghinchiliqni toxtitish mejburiyitini ada qilish yolida aktip heriket qilmaywatqanliqini, eksiche, irqiy qirghinchiliqni étirap qilishtin özini tartiwatqanliqini, bu sewebtin döletler sherqiy türkistandiki irqiy qirghinchiliqqa qarita oxshash shekilde perwasiz mu’amile qiliwatqanliqigha bolghan chongqur endishilirimizni bildürimiz.

Biz yene shunimu alahide agahlandurimizki, dunyadiki döletlerning bu xil perwasiz pozitsiyesi xitay hökümitini téximu jasaretlendürüp, uyghurlargha qaratqan irqiy qirghinchiliqni öz ichige alghan wehshiy jinayetlirini téximu ziyade dawam qildurushqa yol achmaqta.

Biz shuni tekitleymizki, yawropa parlaméntining we bashqa 10 döletning parlaméntliri, sherqiy türkistanda yüz bériwatqan wehshiyane jinayetlerni irqiy qirghinchiliq we irqiy qirghinchiliq xewpi, yaki insaniyetke qarshi jinayet dep resmiy qobul qildi.

Biz shuningdin tolimu epsuslinimizki, amérikidin bashqa döletler hökümetlerning, öz parlaméntlirinning qarari we xahishigha pisent qilmay, süküt qilip kelmekte.

Biz yene shuni tekitleymizki, dunyadiki döletlerning uyghur irqiy qirghinchiliqi toghrisidiki pozitsiyesini, 2021-yili 9-dékabirda jéffréy nays ependim rehberlikidiki uyghur sot kolligiyesining hökümini öz ichige alghan barliq mewjut ehwallarni nezerde tutqan asasda, qaytidin közdin kechürüp chiqishi tolimu muhim.

Shuni inkar qilishqa bolmayduki, tinch yol arqiliq sherqiy türkistandiki tragédiyelerning hel qilinishi, sherqiy türkistan xelqining ata miras öz tupriqidiki igiliq hoquqlirigha érishishdiki eng asasiy ghayisidur. Bu hem uyghurlarning milliy mewjudiyiti we ottura asiyada uzun muddet tinchliq berpa qilishning zörür sherti.

Shuni eslitip ötimizki, birleshken döletler teshkilati (b d t) omumiy kéngishining 1961-yili 27-noyabirda maqullighan 1654 (XVI) nomurluq qararida mustemlikichilikke xatime bérishning muhimliqi we buning ijra qilish jeryanlirini nazaret qilish we bu heqte doklat teyyarlash üchün mexsus bir kométit qurushning muhim ikenlikini tekitligen idi. Netijide 80din artuq mustemlike qilinghan döletler musteqilliqqa érishken idi.

Shuni jakarlaymizki, sherqiy türkistan 1949-yili, sowit itipaqining biwasite yardimi bilen xitay xelq jumhuriyiti teripidin qanunsiz bésiwélinghandin kiyin, sherqiy türkistanning mustemlike qilinghan zémin ikenlikini, aptonomiye wedisi bilen we dunya miqyasida saxta teshwiqat élip bérish arqiliq ünümlük halda perdazlidi. Shu wejidin, sherqiy türkistan xelqining öz teqdirini özi belgilesh arqiliq, igilik hoquqini qayturwélish heqqi choqum xelqara jemiyetning muhim küntertipliridin bolushi kérek.

Sherqiy türkistan milliy kéngishi we uyghur yashliri kéngishi:

1. Sherqiy türkistan xelqini, xitay kompartiyesining uyghur we bashqa türk xelqlirige qaratqan jinayetlirige qarshi turush iradiside qetiy tewrenmeslikke chaqiriq qilidu.

2. Xitay hökümitining barliq jaza lagérlirini atalmish qayta terbiyelesh merkezlirini derhal taqap , barliq tutqunlarni shertsiz qoyup bérishi we ziyankeshlikke uchrighuchilargha xelqara kishilik hoquq we insanperwerlik qanuni boyiche tölem tölishini telep qilimiz.

3. Barliq türk we musulman döletlirini, xitayning sherqiy türkistanda élip bériwatqan irqiy qirghinchiliqigha qarita hushyar bolushqa we keskin turushqa, diniy we milliy mesuliyetlirini ada qilishqa, siyasiy, iqtisadiy we diplomatik menpe’etliri üchün bu jinayetlerge köz yummasliqqa, sherqiy türkistandiki irqiy qirghinchiliqning hergizmu amérika bashchiliqidiki gherb dunyasining istiratégiyelik suyiqest oyuni emeslikini, belki nechche milyonlighan yoq qiliwitilgen, öltürülgen, jaza lagérlirigha qamalghanlarning sherqiy türkistandiki musulman xelq ikenlikini, 16 ming din artuq meschitlerning weyran qilinghanliqini, hemde pütün dunyadiki musulmanlarning ortaq muqeddesati bolghan quran kerimning qanunsizlashturulghanliqi we köydürülgenlikini tonup yétishke dewet qilidu.

4. Démokratik döletlerni, jümlidin yawropa itipaqigha eza döletler, amérika, en’gliye, kanada, awstraliye, yéngi zillandiye, yaponiye hemde jenubiy yérim shar döletlirini irqiy qirghinchiliq ehdinamisige uyghun shekilde, sherqiy türkistanda élip bériliwatqan irqiy qirghinchiliqni étirap qilishqa chaqiriq qilidu. Bu jinayetlerni peqetla insan heqliri depsendichiliki déyish, bu wehshiyliklerni teswirlesh üchün tolimu ajizliq qilidu. Jinayi jawabkarliqqa tartishqa tosalghu bolidu, sherqiy türkistandiki milyonlighan xelqni dawamliq xeter ichide qalduridu. Uyghur sot kolligiyesi we birleshken döletler teshkilati insan heqliri aliy komissarliqining 2022-yilidiki doklati arqiliq jezimleshtürülgen bu qilmishlarni irqiy qirghinchiliq dep resmiy étirap qilishning waqti yétip keldi.

5. B d t xewpsizlik kéngishi we b d t omumiy kéngishining uyghur irqiy qirghinchiliq mesilisini ayrim halda xelqara jinayi ishlar soti(ICC) we xelqara adalet diwani (ICJ)gha tekshürüshke yollishini jiddiy telep qilimiz.

6. Sherqiy türkistanda ishlep chiqiriliwatqan paxta, pemidur, küntaxta, éléktronik mehsulatlar, kanchiliq, béliqchiliq we énirgiye qatarliq muhim ishlep chiqirish sahelerde uyghur we bashqa xelqlerning mejburiy emgekke séliniwatqanliqini jiddiy tekitleymiz. Döletlik we xelqara qanunlarda opochuq cheklen’gen bolushigha qarimastin, buninggha alaqidar taghdek delil ispatlarning keng kölemde tarqilishigha qarimastin, bu mehsulatlar dunya bazirida sétilishqa dawam qiliwatidu. Chetellerdiki uyghur jama’iti bu jinayetlerge ortaq bolghanlargha qarshi qanuniy heriket qollinidighanliqini qayta ipadileydu.

7. Barliq démokratik döletliridin, sürgündiki uyghur xelqi bilen bir septe turup, ularning öz milliy, diniy we medeniy kimlikini saqlap qélish we ilgiri sürüsh yolidiki tirishchanliqigha aktip yardem bérishni temenni qilidu. Bu, uyghurlarning öz étiqadini erkin ipadilesh we shu boyiche yashash hoquqini qoghdash, medeniy miraslirini qoghdash we ijtima’iy kimlikini saqlap qélishnimu öz-ichige alidu.

Buningdin sirt, bu döletlerni uyghurlar teshkilligen medeniy pa’aliyetler, ma’arip programmiliri we dawam qiliwatqan kishilik hoquq depsendichilikini bildürüsh üchün qiliwatqan heriketlirini maliye jehettin yardem bérishke chaqirimiz.

Shuningdek, démokratik döletler xitayning barghansiri küchiyip bériwatqan chégra halqighan basturush arqiliq uyghurlarning awazini boghup, pa’aliyetlirini basturup we wehimilik kechürmishlirini sözleshtin tosush urunishliridin qoghdash üchün keskin heriketke ötüshi kérek. Bu döletler xitay zulumining chetellergiche tesir qilishigha qetiy qarshi turup, uyghur jama’itining teqiplesh, tehdit qilish we mejburlashtin xaliy bolushigha kapaletlik qilishi lazim.

8. Barliq sherqiy türkistan xelqini sherqiy türkistanning menpe’etlirini qoghdashqa we hör, musteqil sherqiy türkistan döliti qurush yolidiki küreshte ittipaqlishishqa chaqirimiz.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top