You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ھىندونېزىيەلىك ياشلار ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنى زىيارەت قىلدى

ھىندونېزىيەلىك ياشلار ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنى زىيارەت قىلدى

تۈركىيەدىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ياشلىرى رەئىسى، ھىندونېزىيە مىللىي ياش كېڭىشى (NYC) تۈركىيە ۋەكىلى ۋە ھىندونېزىيە مۇسۇلمان زىيالىلار جەمئىيىتى (ICMI) تۈركىيە رەئىسى فائۇزل ئەزھىم ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن ھېندونىيەلىك ياشلار 2025-يىلى 22-مايدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىنىڭ ئىستانبۇل سەفاكۆيدىكى ئىشخانىسىدا زىيارەتتە بولدى.

زىيارەتچىلەرنى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىس ۋەكىلى دوكتور ئابلەت ئۇيغار بىلەن ۋەخپە ھەيئەت ئەزالىرى كۈتىۋالدى. ئۆز-ئارا تونۇشۇشتىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرەلەردە، تەرەپلەر ئۆزلىرى ۋەكىللىك قىلىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ ۋەزىپىسى، ئېلىپ بارىدىغان پائالىيەتلىرى ۋە بۇگۈنگىچە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئورتاقلاشتى.

كۆرۈشۈشتە تەرەپلەر ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان تېمىلاردا ھەمكارلىق قىلىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئىمكانىيەتلەر ھەققىدە ئىزدىنىش مەسىلىسىدە پىكىر بىرلىكىگە كەلدى. بولۇپمۇ دىئاسپورادا ياشلار خىزمىتى، كىملىكنى قوغداش ۋە ئانا تىل ئوقۇتۇشى قاتارلىق مەسىلىلەردە تەجرىبە ئورتاقلىشىشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكى تەكىتلەندى.

فائۇزۇل ئەزھىم ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغان ئۇزۇن ۋاقىتتىن بېرى قىزىقىپ كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۈركىيەدە تەشكىللەنگەن يىغىن ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى يېقىندىن كۈزىتىپ كېلىۋاتقانلىقى ۋە بەزىلىرىگە بىۋاسىتە قاتناشقانلىقىنى ئېيتتى. بۇندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

فائۇزۇل ئەزھىم ئەپەندى يەنە، ھىندونېزىيە خەلقى، بولۇپمۇ ھېندونوزىيەلىك ياشلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى پاجىئەلىك ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلارنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ھېندونوزىيە خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان زۇلۇملارغا قارىتا تونۇشىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەم شەخسىي ھەم ئۆزى مەنسۇپ بولغان تەشكىلاتلار ئارقىلىق ئاكتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top