You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى – تارىختىن بىر نوقتىنەزەر

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى – تارىختىن بىر نوقتىنەزەر

ئاپتورى: پروفېسسور ئابلەت كامالوۋ

رۇسچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەد گۆكتۈرك قورقماس

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن ئابدۇرېھىم پاراچ ۋە ئامىنە ئۇيغۇر

تەھرىر: ئابدۇخالىق قارا

كىرىش سۆز: شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلغان ۋە تۈرك خەلقلىرىدىن بىرى بولغان ئۇيغۇرلار سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە، بولۇپمۇ قازاقىستاندا 1999- يىلى 220 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، نوپۇسى خېلى كۆپ مىللەتلەردىن بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ (يېڭى مۇستەقىل بولغان بۇ جۇمھۇرىيەتلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي سانى 300 مىڭدىن ئاشىدۇ).

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار 19- ۋە 20- ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەت بولۇپ شەكىللىنىشىدە ئاساسلىق رول ئوينىغىنىدەك، سوۋىت—خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىمۇ موھىم رول ئوينىدى. سوۋېت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستانغا قارىتىلغان سىياسەتلىرىدە  قورال سۈپىتىدە قوللاندى ۋە بۇ سەۋەپتىن ئوتتۇرا ئاسيادىكى  ئۇيغۇر مەدەنىيەتنىڭ  تەرەققىياتىغا ئالاھىدە ياردەم بەرگەن بولدى. بۇ سىياسەتنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسمى ئوتتۇرا ئاسىيادا، بولۇپمۇ سوۋېتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان قازاقىستاندا ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى ئىدى. ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرى كۆپىنچە تىل، ئەدەبىيات، تارىخ ۋە مەدەنىيەت (سەنئەت، مۇزىكا… قاتارلىقلار) ساھەلىرىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ماقالە ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى تەتقىقاتلىرىنىڭ تارىخىنى ئانالىز قىلىدۇ ۋە يۆنىلىشىلىرىنى خۇلاسىلاپ چىقىدۇ.

ئاساسلىق باسقۇچلار

بىرىنجى بۆلۈم (1920- 1945- يىل باسقۇچى)

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدە ئېلىپ بېرىغان تۇنجى تەتقىقاتلار كۆپىنچە ئەمەلىي خاراكتېرگە ئىگە بولغان بولۇپ، بۇنىڭدىكى مەقسەت، رايوندا يېڭى سوتسىيالىست «مىللەتلەر» ياراتماقچى بولغان سوۋېت مىللىي سىياسىتىنىڭ بەزى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدى. 1920- يىللارنىڭ باشلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا بولشېۋىك ھۆكۈمىتى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى مىللىي چېگرالارغا ئايرىش ۋە بېكىتىش دەۋرىدە ئۇيغۇرلارمۇ باشقا خەلقلەر بىلەن بىرگە سوۋېت دۆلىتى تەرىپىدىن «مىللەت» سۈپىتىدە ئېتىراپ قىلىنغان. ماركسىزم «مىللەت نەزىرىيەسى» تىلنى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئۆز ئىچىگە ئالغان بولغاچقا، بولشېۋىكلار باشتىن-ئاخىرى  مىللىي تىللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىپ كەلگەن. تىلنىڭ ماركسىست ئىدىئولوگىيەسىدىكى بۇ نەزەرىيەۋى مۇھىملىقىدىن ۋە بولشېۋىكلار ئېلىپ بارغان مەركەزلىك مائارىپ بىلەن تەڭ قەدەمدە ماڭغان مىللەت مەكتەپلىرى سايىسىدە تىل مەسىلىسى ھەم نەزەرىيە ھەم ئەمەلىي جەھەتلەردە موھىم ئورۇنغا ئىرىشكەن. بۇ سەۋەپتىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرىنىڭ تۇنجى باسقۇچى ئاساسەن  ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇتۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا باغلىق ئىدى. مەكتەپلەرنى ئۇيغۇرچە دەرسلىكلەر بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجى ئۇيغۇر تىلىنىڭ قېلىپلىشىشىنى ۋە دەسلەپتە لاتىن يېزىقىغا، 1947- يىلىدىن كېيىن بولسا، كىرىل يېزىقى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئۇيغۇرچە ئەدەبىي ئىملا قائىدىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىنغانىدى. ئۇيغۇرچە دەرسلىككە بولغان تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياج 1930- يىللىرى شېڭشىسەينىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) نىڭ سوۋېتلەشتۈرۈلۈشى بىلەن جىددىي ئېشىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نەشرىياتلارمۇ بۇ ئېھتىياجنى تەمىنلىگەن.

بۇ جەريانلارنىڭ ھەممىسى مۇسكۋا تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىنغاچقا، SSCB (سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۈرىيەتلىرى بىرلىكى) دىكى ئۇيغۇر تىلىغا مۇناسىۋەتلىك دەرسلىكلەر ۋە قوللانمىلار روس ئاكادېمىكلىرى تەرىپىدىن تەييارلانغان.  مەسىلەن: ئا. ك. بوروفكوۋ (1935)، ن. ئا. باسكاكوۋ (1939) ۋە ب. م. ناسىلوۋ قاتارلىقلار. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى پەقەت روسچە مەلۇماتلارنى ئۇيغۇرچە دەرس كىتاپلىرىغا تەرجىمە قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان. تۇنجى كەسپىي ئۇيغۇر تىلىشۇناسى بولغان ئايشەم شامىيېۋانىڭ پېداگوگىكا ساھەسىدە قازانغان ئۇتۇقلىرى ھەيران قالارلىق ئەمەس. ئۇنىڭ دوكتۇرلۇق ئىلمىي ماقالىسى كىرىل يېزىقىنى ئاساس قىلغان يېڭى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىگە بېغىشلانغان بولسىمۇ، ئەمما كۆپ ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرچە تەييارلانغان مەكتەپ دەرسلىكلىرىنىڭ ئاپتۇرى سۈپىتىدە تونۇلىدۇ (شامىيېۋا ۋە سەيدىۋاقاسوۋ 1976). بۇ يەردە شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، تىل تەتقىقاتلىرىغا بېرىلگەن ئالاھىدە ئىمتىياز ئۇيغۇر تىلىنىڭ قوللىنىش دائىرىسىنىڭ كېڭىيىشى بىلەن بىرلىكتە مەتبۇئاتلارنىڭ تەرەققىياتى، ئۇيغۇر تىياتىرى  ۋە باشقا مەدەنىيەت ئورگانلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغىمۇ سىڭىپ كەتكەن ئىدى.

دەسلەپكى  باسقۇچتىكى  تىل بىلەن مۇناسىۋەتسىز تەتقىقاتلارنىڭ بىر مىسالى بولسا نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوۋ (ئۇيغۇر بالىسى) نىڭ 1922- يىلى ئالمۇتادا نەشر قىلىنغان «ئىلى تارانچى تارىخى» تەتقىقاتىدۇر، ئەمما بۇ تەتقىقات زامانغا لايىق ئاكادېمىك تەتقىقات بولماستىن، پەقەت «جەدىدچىلىك» ئەنئەنىلىرىنىڭ داۋامى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەتقىقاتلىرى 19- ئەسىردىكى ئەنئەنىۋى مۇسۇلمان تارىخشۇناسلىقى  بىلەن زامانىۋى  تارىخ تەتقىقاتچىلىقى ئارىسىدا ئورۇن تۇتىشى كېرەك.

ئىككىنجى بۆلۈم (1985- 1946- يىل باسقۇچى)  

تۈزۈملەشتۈرۈش ۋە سوۋېت – خىتاي سىياسىتى

1946- يىلى «قازاق بىلىم ئاكادېمىيەسى» نىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرى بىلەن شۇغۇللىدىغان يەرلىك زىيالىيلارنىڭ كۆپلەپ يىتىشىپ چىقىشىنىڭ باشلىنىشى بولغان بولۇپ، بۇ چېگرا خوشنىسى شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ) نىڭ سىياسى مۇھىتىنىڭ ۋە  ئۇيغۇر مەدەنىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن يۈكسەلگەن بىر دەۋرى ئىدى. 1944- يىلى غەربىدىكى ئۈچ ۋىلايەتتە (ئىلى، چۆچەك ۋە ئالتاي) سوۋېت ئىتتىپاقىنى قوللايدىغان  مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ (DTC) قۇرۇلۇشى، سوۋېتنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىگە سەۋەپ بولغان. قازاقىستان كوممۇنىست رەھبەرلىرى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەتتا ئاپتونومىيە مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان. سوۋېت ئىتتىپاقى قوزغىلاڭچىلار بىلەن بولغان ۋە يەرلىكلەرنى باشقۇرۇش ئىشلىرىدا ئۇيغۇرلارنى ئەڭ كۆپ قوللانغان.

سوۋېت شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىگە پەقەت ئارمىيە ۋە ئىقتىسادىي ياردەملا بىرىپ قالماستىن، بەلكى ئىدىئولوگىيەلىك ياردەملەرنىمۇ بەرگەن. ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار شەرقىي تۈركىستان رەھبەرلىرى بىلەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى ئىدىئولوگىيەلىك ئۇرۇشتا ئىنتايىن  مۇھىم بىر قورالغا ئايلانغان. بۇ ھەم  موسكۋادا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادا مۇناسىۋەتلىك ئاكادېمىك تەتقىقاتلارغا ئىلھام بەرگەن. خىتاي  كوممۇنىستلىرىنىڭ غەلبىسى  بۇ ئەھۋالنى ئىنتايىن ئېچىنىشلىق بىر شەكىلدە تۈپتىن ئۆزگەرتكەن بولسىمۇ، سوۋېتنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىياجى ھېچقاچان تۆۋەنلەپ قالمىدى.

خىتاي كوممۇنىست دۆلىتى قۇرۇلغان 1949- يىلنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرىدا تۈپتىن ئۆزگۈرۈش بولۇشقا باشلىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىشى ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق  ئەمەس. شۇ يىلى قازاق ئىلىملەر ئاكادېمىيىسىدە «ئۇيغۇر-تۇڭگان مەدەنىيىتى» گە مۇناسىۋەتلىك مەخسۇس بىر بۆلۈم قۇرۇلدى. 1963- يىلى تۇڭگانلارغا مۇناسىۋەتلىك ساھەسىنىڭ فرۇنزېدىكى «قىرغىز پەن ئاكادېمىيەسى» گە ئۆتكۈزۈپ بىرىلىشى ۋە ئۇيغۇر ساھەسىنىڭ ئالمۇتادا مەخسۇس ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرىغا مەركەزلەشكەن تېخىمۇ چوڭ ۋە مۇستەقىل بىر بۆلۈمگە ئايلاندۇرۇلىشى بىلەن ئىككى ساھەدىن تەشكىل تاپقان بولدى. ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرىدا ئاكادېمىك تەتقىقاتلارنىڭ تېخىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن بۇ «ئايرىلىش»نىڭ ۋاقىتىمۇ تاسادىپىي ئەمەس. يەنە بۇ، 1962- يىلى سوۋېت دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۈزۈلىشى شەرقىي تۈركىستاندىن سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىغا كەڭ كۆلەمدە كۆچ-كۆچكە سەۋەپ بولغان بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كۈشكۈرتىلىشىگە، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىككى دۆلەت دۈشمەنلىشىشى ئەڭ يۇقىرى چەككە يىتىشى بىلەن سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە بىرىلگەن جاۋاپ ئىدى. چېگرالارنىڭ تاقىلىشى ۋە ئىككى كۈچ ئارىسىدىكى دۇشمەنلىكنىڭ ئەۋجىگە چىقىشى كىيىنكى ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرىدىكى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۈپكى ئۆزگىرىشكە ئىلھام بولغان ئىدى.

يېڭى قۇرۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمى تىل، تارىخ، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت (مۇزىكا ۋە تىياتىر) تىن ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي ساھەنى ئاساس قىلدى. نەتىجىدە، تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتىغا تەۋە بولدى. 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە، گ. سەيدىۋاقاسوۋنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۆپ قىسمى يەرلىك ئۇيغۇرلار بولغان ئاكادېمىكلارنىڭ سانى يىگىرمىدىن ئاشتى. بۇ بۆلۈم شۇ دەۋردە ئۇيغۇرشۇناسلىق ھەققىدىكى پۈتۈن بىرلىكلەرنىڭ يىغىنلىرىغا ساھىبخانلىق قىلغان بۆلۈم ئىدى.

ئۈچىنچى  بۆلۈم  (1996- 1986- يىللىرى باسقۇچى)

ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىنستىتۇتى

1980- يىللاردىكى ئۇيغۇرشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ كەڭەيتىلىشى ۋە 1986- يىلى قازاق پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرى  يۇقىرى پەللىگە چىقتى. بۇ ئىنستىتۇت خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ يۇمشىشى نەتىجىسىدە شەرقى تۈركىستاننى نىشان قىلغان سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ قارارى بىلەن قۇرۇلغان ئىدى. نەچچە ئون يىل داۋاملاشقان سوۋېت-خىتاي  توقۇنۇشى ۋە دۇشمەنلىشىش قوشنا بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالى ھەققىدە  بىۋاستە مەلۇمات ۋە مۇلاھىزە كەمچىلىكىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇنداق بىر بوشلۇقنىڭ ئىنستىتۇت ۋە ئۇنىڭ سەكسەن ئەتراپىدىكى خادىملىرى بىلەن تولدۇرىلىشى مەقسەت قىلىنغان.

ئىنستىتۇتنىڭ ئاساسىنى تىلنىڭ «ئەنئەنىۋى» بۆلۈملىرى بولغان ئەدەبىيات، سەنئەت، تارىخ ۋە ئېتنوگرافىيە قاتارلىق بۆلۈملىرى تەشكىل قىلغان بولۇپ، ئۆز نۆۋىتىدە مىللىي مۇناسىۋەتلەر، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر، شەرقىي تۈركىستان  ئىقتىسادى ۋە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ تەتقىقاتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ ئىنستىتۇتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇر ۋە شەرقىي تۈركىستان تەتقىقاتلىرىنىڭ بارلىق ساھالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق بولغان  شەرتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئىدى.

ئۇيغۇرشۇناسلىقتىكى بۇ يېڭى ئىدارىي تەرەققىيات كېڭەيگەن نەشرياتچىلىق قابىلىيىتى بىلەن نەتىجىلەنگەن، شۇنداقلا خىتاي-سوۋېت چېگرىسىنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىدىكى سىياسىي ھاياتنىڭ ئەركىن قويۇۋىتىلىشى بىلەن دۆلەتلەر ئارىسىدا ئاكادېمىيىلىك ئالماشتۇرۇش، ھەتتا ئۇيغۇر فىلولوگىيەسى ساھەسىدىكى لايىھەلەرنى بىرلىكتە روياپقا چىقىرىش مۇمكىن بولغان. بىراق، تارىخىي تەتقىقاتلار سىياسىيلاشتۇرۇلغان ۋە ئىختىلاپلىق شەكىلدە قېلىپ قالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا بۇ ساھەدە ھېچقانداق خەلقئارالىق ئالماشتۇرۇشنى  قوللىمىغان ئىدى.

بۇ ئىنستىتۇت موسكۋا ۋە لېنىنگراتتىكى  مەركىزى ئاكادېمىيىلىك ئىنستىتۇتلار تەرىپىدىن قوللاپ-قۇۋۋەتلەنگەن بولۇپ، بۇ ئەھۋال  ياش ئاكادېمىكلەرنىڭ يېتىشتۈرۈلىشىگە ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدىكى ئاكادېمىيىلىك تەتقىقاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىغا ياردەم بەرگەن. ئىنستىتۇتنىڭ بىرى 1987- يىلى، يەنە بىرى 1991- يىلى ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرى توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىككى قېتىملىق يىغىنغا ساھىبخانىلىق قىلغان، ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ئىنستىتۇت، ئۇيغۇرچە تېلېۋىزىيە ۋە رادىئو پروگراممىلىرى، گېزىتىلەر ۋە ژۇرناللار، بىر قانچە ئالىي مائارىپلار ۋە نەشرىياتلار  دۆلەتنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، كۆپىنچىسى تاقالغان ياكى سانى ئازايتىلغان. ئىنستىتۇت بولسا 1996- يىلى تاقالغان. ئىنستىتۇتنىڭ تاقىلىشى توغرىسىدا بېرىلگەن رەسمىي باياناتتا «قازاقستان ئاكادېمىيىلىك جەمئىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنىڭ تۇنجى ئون يىلىدا دۇچ كەلگەن ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرى سەۋەبىدىن» دىيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ھەقىقىي سەۋەپ «خىتاينىڭ قازاقىستان ھۆكۈمىتىگە قىلغان بېسىملىرى» ئىدى. ئىنستىتۇتنىڭ تاقىلىشى «ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىكىگە  قارشى ئورتاق ھەرىكەت» باشلاتقان شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن بىر ۋاقىتقا توغرا كىلىشى ھەرگىزمۇ بىر تاسادىپىيلىق  ئەمەس. ئەڭ دىققەت تارتىدىغان نوختا شۇكى، ئىنستىتۇت قۇرۇلغان ۋاقىتتىن باشلاپلا قازاق مىللەتچى زىيالىيلىرى پۈتۈن ئىمكانىيەتلىرى بىلەن قارشى چىققان ۋە دائىم دېگۈدەك ئۇنى يوقۇتۇش بىلەن تەھدىت قىلىپ تۇراتتى.  شۇنداق قىلىپ، بىر ئاكادېمىك ئورۇنلا ئەمەس، بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى ئۈچۈن بىر مەدەنىيەت مەركىزى بولۇپ ھېساپلىنىدىغان بۇ ئىنستىتۇتنىڭ تاقىلىشى بىلەن سوۋېت دەۋرىدە قۇرۇلغان مەدەنىيەت ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان بولدى.

ھازىرقى باسقۇچ

ئىنستىتۇت تاقالغاندىن كېيىن ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرى «يېڭى شەرق تەتقىقات ئىنستىتۇتى» نىڭ تارمىقى ئاستىدا بىر «ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى» سۈپىتىدە يېڭىدىن قۇرۇلدى. بۇ مەركەز 1999- يىلى 11- ئايدا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىگەن ۋاقىتتا، مەركەز رەئىسى ك. تالېپوۋ بۇمەركەزنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدۋارلىقىنى ئىپادە قىلغان «ئەللىك يىل بۇرۇن تىكىلگەن دەرەخ» تېمىسىدا نوتۇق سۆزلىگەن بولىسمۇ، ئەمما ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۇنىڭ بۇنداق ئۈمىدۋارلىقىنى قوللىغان. بۈگۈنكى كۈندە شەرق تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا پەقەت ئاز ساندىكى ئالىملارلا ئۇيغۇر مەسىلىلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتى  ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئالاھىدە تەتقىقاتلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمىگەنلىكتىن، بۇ ساھەدە قىلىنغان ھەر قانداق تەتقىقاتلار قازاقىستان مەسىللىرىنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ ساھەدىكى يەنە بىر ئۆزگىرىش شۇكى، سوۋېت دەۋرىدە ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇيغۇر بولمىغانلارنىڭ بىرلىكتە، بىر ساھەدە ئىشلىگەنلىكىگە سېلىشتۇرغاندا، بۈگۈن پەقەت يەرلىك ئۇيغۇر زىيالىيلىرىلا تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى سەرىپ قىلىشىدۇر. يەنە باشقا بىر مەسىلە بولسا، شەرقىي تۈركىستاندىكى يېڭى سىياسىي ۋەقەلەر سەۋەبىدىن تەتقىقاتلىرى كۆپلىگەن شەرتلەرگە دۈچ كەلگەن ۋە رۇس، قازاق سىياسەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان «ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىكى» مەسىلىسىدۇر. بەزى قازاقىستانلىق تەتقىقاتچىلار «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ئاشقۇنلىقى» ئەپسانىسىنىڭ ئانالىزى ئۈچۈن بېغىشلانغان ئىككى تەتقىقات — ئاتالمىش «ئۇيغۇر مەسىلىسى» ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن خەلقئارالىق مەنبەلەردىن ئىقتىسادىي ياردەمگە ئىرىشتى.

بۇ ساھادىكى ھازىرقى ۋەزىيەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئىش شۇكى، ئاساسىي جەھەتتىن دۆلەتنىڭ بۇ ئىلىم-پەن تۈرىنى  تەرەققىي قىلدۇرۇشقا بولغان قىزىقىشىنىڭ يوقلۇقى سەۋەبىدىن بۇ ساھەدىكى ياش زىيالىيلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيىتىگە دائىر ئاكادېمىك بىلىملەرنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان  ۋە شەرقىي تۈركىستان سىرتىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان ئاكادېمىيىلىك تەتقىقاتلارغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. يەنە بىر جەھەتتىن، قازاقىستاننىڭ ئاكادېمىك ساھەدىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مۇتلەق كۆپ سانلىقى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن تەشكىل تاپقان ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ يىتەكچى مەدەنىيەت مەركىزى بولۇش رولىنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك. ئۇيغۇرشۇناسلىق ساھەسىدە تەتقىقاتلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار بۇرۇنقىغا قارىغاندا تولىمۇ تار دائىرىدە بولسىمۇ مەزكۇر مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك يىغىنلارنى ئۆتكۈزۈش، تەتقىقاتلىرىنى ئىلان قىلىش قاتارلىق ئەنئەنىلىرىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ ساھەنىڭ يۇقارقى تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشنى نەزەردە تۇتقان ھالدا بۈگۈنگىچە ئوتتۇرىغا چىققان تەتقىقاتلارنىڭ مەزمۇنىغا قاراپ چىقايلى. بۇ ماقالىدىكى مەخسۇس بۆلۈملەردە مۇھاكىمە قىلىنىدىغان ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى، شۇنداقلا تارىخ ۋە ئېتنوگرافىيەسى بولۇپ، جەمئى ئۈچ ئاساسىي تەتقىقات يۆنىلىشى يەر ئالىدۇ. بۇ ماقالىەدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتايىن موھىم بىر مەدەنىيەت مەركىزى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كىلىۋاتقان قازاقىستاندىكى كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئاكادېمىكلار، تۆھپىلىرى ھەققىدە مەخسۇس توختۇلۇش كېرەك بولغان روس زىيالىيلىرى ھەققىدە كۆپ توختالمايمىز.

تەتقىقات ئانالىزلىرى

تىلشۇناسلىق

يۇقىرىدا بايان قىلىنغانىدەك، ئەمەلىي ئوقۇتۇش ۋە مەدەنىيەت ئېھتىياجى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئىلھام بولدى. دەسلەپتە بۇ خىل تەتقىقاتلار پەقەت ئەمەلىي قۇرۇلمىغا ئىگە بولغان ۋە ئەدەبىي تىلنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش مەسىلىلىرى بىلەن چەكلەنگەن ۋاقىتتا، ئوتتۇرا ئاسىيالىق زىيالىيلار ئۇيغۇرچىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشقا، تېخىمۇ ئىلمى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ۋە مۇنازىرە قىلىشقا باشلىغان ئىدى. نەتىجىدە، ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى كۈنىمىزدە ئۇيغۇرشۇناسلىقنىڭ ئەڭ كۈچلۈك تەرىپى بولۇپ قالدى. ئوتتۇرا ئاسيا نەشرىياتچىلىقى شەرقىي تۈركىستان  تەتقىقاتى ئۈچۈن بىر ئۈلگىنى ۋە ئاساسنى كۆرگەن بولدى. ئوتتۇرا ئاسىيالىق زىيالىيلار تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئەڭ مۇھىم ئەسەرلەر ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە تەرجىمە قىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندا تارقىتىلدى. ئوتتۇرا ئاسيا تىلشۇناسلىرى لۇغەتشۇناسلىق، لېكسىكا، دىئالېكتىكا، فونېتىكا  ۋە گرامماتىكا  قاتارلىق  ساھالەردە  باشلامچى بولدى.

لېكسىكا

ئۇيغۇر مۆرفولوگىيىسى ۋە لوغەت خەزىنىسىدىكى مەسىلىلەر 1950- يىللاردىن باشلاپ  ئاكادېمىكلارنىڭ  دىققىتىنى تارتماقتا. ئۇيغۇرلار كىيىنكى ئەسىردە خىتاي ئىشغالى ئاستىدا ياشىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تىلى  خىتاي تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن قۇتۇلالمىدى. ۋ. م. نوۋگورودسكىنىڭ مەخسۇس موشۇ ھەقتە توختالغان بىر تەتقىقاتىدا، ئۇيغۇرچىغا خىتايچىدىن كىرگەن سۆزلەر باشقا تۈرك تىللىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئەڭ مۇھىم  ئالاھىدىلىكلەردىن بىرىدۇر.  روس مىللىتىدىن بولغان تۈركشۇناس س. مالوۋنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئى. ئا. ئىسمائىلوۋ ئۇيغۇرچىدىكى چەتئەل تىللىرىدىن كىرگەن سۆزلەرنىڭ رۇسچە ۋە باشقا ياۋروپا  تىللىرىدىن موھىم بولغان بىر تەرىپىنى روس تىلىنى ۋاستە قىلىپ تەتقىق قىلدى. ئۇ ۋاقىتلاردا تەتقىق قىلىپ چىقىلغان باشقا تېمىلارنىڭ ئىچىدە قاتقان ئىسىملار، جۇپ سۆزلەر ۋە گۇرۇپ ئىپادىلىرى بار ئىدى.

1970-1990- يىللىرىدا لېكسىكا ۋە مۆرفولوگىيەگە ئائىت تېمىلار تەتقىقاتنىڭ مەركىزى نۇقتىسى بولۇشقا باشلىغان بولۇپ، 1970- يىللاردا ھ. ناسىروۋا ئۇيغۇرچە، پارىسچە ۋە تاجىكچىدىن كىرگەن سۆزلەرگە دىققەت قوزغىغان بولسا، ش باراتوۋ ئۇيغۇرچە كەسپى سۆزلۈكلەر خەزىنىسىنى تەتقىق قىلدى.

ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان تىلشۇناسچىلارنىڭ كۆپىنچىسى لۇغەتشۇناسلىق مەسىلىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا قاتناشقان بولۇپ، بۇ تىلشۇناسچىلار ئارىسىدا قەدىمكى تۈركچە ۋە قەدىمكى ئۇيغۇرچە تىل سىستېمىلىرىنى تەتقىق قىلغان ۋ. ئۇ. مەغپىروۋمۇ بار ئىدى. كىيىن 1990- يىللاردا فىلولوگىيەلىك ئاتالغۇلار (غ. سەمەتوۋ)، قول ھۈنەر ئاتالغۇلىرى (ش. ئايۇپوۋ)، تاماق ئىسىملىرى (ز. ئىسلاموۋا)، بوتانىكا ئىسىملىرى (غ. نەزەروۋا)، ئىدىيوملار (ر. ئاۋاكوۋا)، يۆسۈپخاس ھاجىپنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» كىتابىدىكى شېئىلارنىڭ لوغەت ۋە ئۇسلۇپ ئالاھىدىلىكلىرى (ئارزىيەۋ) ھەققىدە بىر قانچە دوكتورلۇق ماقالىلىرى يېزىلغان ئىدى.

لۇغەتشۇناسلىق

ئوخشىمىغان ئۇيغۇرچە سۆزلۈكلەرنى توپلاشتىمۇ يەرلىك ئاكادېمىكلارنىڭ تۆھپىىسى بولغان. ئىككى  تىللىق سۆزلۈكلەرنىڭ  نەشىر قىلىنىشى شەرقىي تۈركىستاندىكى  يېقىن سوۋېت-خىتاي ھەمكارلىقى تەرىپىدىن تەشۋىق قىلىنغان بولۇپ، بۇ 1950-يىللارنىڭ باشلىرىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى  نۇرغۇنلىغان سوۋېت  مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىزمەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىدى. 1961-يىلى ئالمۇتا  شەھرىدە ش. كىبىروۋ ۋە يۇ. تسۇنۋازولار تەرىپىدىن 16 مىڭ سۆزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر لوغەت نەشىر قىلىندى. ئارقىدىن 1968-يىلى ئە. ن. ناجىپ تەرىپىدىن موسكۇۋادا 33 مىڭ سۆزدىن تۈزۈلگەن يەنە بىر لوغەت نەشىردىن چىقتى.  دائىرىلەر «مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى» ئەڭ ئەۋجىگە چىققان ۋاقىتلاردا ئۇيغۇرچە لوغەت ئامبىرىغا خىتايچە سۆزلەرنى مەجبۇرى كىرگۈزگەن ۋاقىتتا، ت. رەخىموۋ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەتبۇئاتلاردا نەشىر قىلىنغان پۈتۈن مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان ھالدا «زامانىيۋىيلاشقان ئۇيغۇر تىلىدىكى خىتاي ئېلېمېنتلىرى» ناملىق بىر لوغەت تۈزۈپ چىققان.

ئا. ئېلىيىۋ ۋە غ. سەيدىۋاقاسوۋ تەرىپىدىن تۈزۈلگەن «ئۇيغۇر ئىملا لوغىتى» ۋە ز. ئىۋۇللايېۋ تەرىپىدىن تەييارلانغان «مەنىداش سۆزلەر لوغىتى» رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان. ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرى ئۇزۇن مۇددەت ئېتىمولوگىيەلىك بىر لوغەت ئۈستىدە ئىشلىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىزمەتنى پۈتتۈرەلمەي قالدى. شۇنداقتىمۇ بۇ سۆزلۈك «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» دىكى ئاكادېمىكلار تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئىدى.

دىئالېكتشۇناسلىق / شېۋە تەتقىقاتى

سوۋېت  ئىتتىپاقىدا ياشاۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئورتاق بىر ئەدەبى تىل يارىتىش مەسئۇلىيىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر دىئالېكتنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلاتتى. سوۋېت  ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىكى ئىككى ئاساسلىق شىۋىنى تۇتقا قىلغان ھالدا بۇ مەسىلىگە ئەڭ زور تۆھپە قوشقىنى ئا. ت. قايداروۋنىڭ ئاساسىي تەتقىقاتلىرى بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى  ئىلى ۋە قەشقەر شىۋىلىرىگە ماس كېلىدىغىنى سەمىرەچ ۋە پەرغانە ئىدى. قادىروۋ سەمىرەچ شىۋىسىنىڭ يىتەكچىلىك رول ئوينايدىغانلىقى توغرىسىدا نەتىجە چىقاردى. تىلشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى بۆلۈمى شىۋىلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇيغۇر نۇپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان جايلارغا كۆپ ساندا ئېكىسپېدىتسىيە سەپەرلىرىنى تەشكىللىدى. بۇ تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى — 1960- يىللاردىكى سەپەر تەتقىقاتى پەرغانە ۋادىسىدىكى  ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى يەنىلا بىر «ئۇيغۇر شىۋىسى» دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ بىر ئۆزبەك شىۋىسىگە ئۆزگىرىپ كەتكەن ۋە ئىنتايىن كۈچلۈك ئۆزبەكچە تەسىر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىدىغان غ. سەيدىۋاقاسوۋنىڭ «ئۆزبەكىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ پەرغانە ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلار» ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئىككى توملۇق تەتقىقاتى ئىدى. 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنىستىتۇتى ئېلىپ بارغان ساھە تەتقىقاتىدا «ئۆزبەكلىشىش»  جەريانى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقان بولدى.

فونېتىكا ۋە گرامماتىكا

ھازىرقى زامان  ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتېك ۋە فونولوگىيىلىك سىستېمىسى ئوتتۇرا ئاسىيالىق تىلشۇناسلار تەرىپىدىن ئەڭ كۆپ تەتقىق قىلىنغان يەنە بىر تەتقىقات ساھەسىدۇر. بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قانچە كىتاپ قوشۇمچە بۇ تېمىنى قازاق تىلى بىلەنمۇ، سېلىشتۇرما شەكلىدىمۇ تەتقىق قىلغان ت. تالىپوۋ تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان ئىدى. ئۇيغۇر تىلىدىكى  فونېتېك جەريانلارنى ئوشلۇق (قىرغىزىستانلىق) بىر تىلشۇناس م. ئى. تروفىموۋمۇ تەتقىق قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر تىلىدىكى گرامماتىكا  مەسىلىلىرى ئاندا ساندا قولغا ئېلىنغان بولۇپ، تولۇق بىر شەكىلدىكى تەتقىقات تېمىسى بولۇپ باقمىغان ئىدى. قولىمىزدا بار بولغانلىرى بولسا كۆرىنىش، قوشۇمچە ھۆججەتلەر، سۆزلەرنىڭ شەكىللىنىشى، قوشۇمچىلار، سۈپەت پىللارنىڭ جۈملىدىكى رولى ۋە مۇرەككەپ پىللار قاتارلىق گىرامماتىكىنىڭ بەلگۈلەنگەن مەلۇم كاتېگورىيەلىرىگە بۆلۈنگەن بىر قاتار ماقالىلەردىن ئىبارەت ئىدى. گىرامماتېكىنىڭ بىرىنچى قىسمى سۆزلەر ۋە فونېتېكا، ئىككىنچى قىسمى لىكسىكا ۋە گىرامماتېكىدىن ئىبارەت ئىككىگە ئايرىلغان «ھازىرقي زامان ئۇيغۇر تىلى» سۈپىتىدە ئېنىقلىما بىرىلدى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە بايقاشلار پەقەت يەرلىك ئىلمىي ژورناللارنىڭ ۋە باشقا نەشرىياتلارنىڭ ۋاستىسى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى دەسلەپكى قىسمى 1965 ۋە 1970- يىللاردا، ئاخىرقىسى بولسا 1988- يىلى ئالاھىدە توم قىلىنىپ نەشر قىلىنغان. ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقىنىڭ 1990- يىللاردىكى ئاساسلىق نەتىجىسى، ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغان ۋە خىتايدا نەشر قىلىنغان «Stroiuigurskogoyazyka» ناملىق بىر توپلام كىتابى ئىدى.  قازاقىستانلىق ئالىملار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ھەر خىل ساھەلەر ئىچىدە ئىجتىمائىي تىلشۇناسلىق بار بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ قازاقىستاندا قوللىنلىشىغا دائىر بىردىنبىر  تەتقىقات يەنىلا د. قاسىموۋا تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى.

يىغىنچاقلىغاندا،  ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرىنىڭ ئەڭ تەرەققىي قىلغان تارمىقىلا ئەمەس، بەلكى ئەڭ ئاز بولغان ئىدىيولوگىيىلىك ساھەسى ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن تىلشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىنىڭ موۋەپپەقىيەتلىرى 1990- يىللارنىڭ بېشىدىن باشلاپ كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىشقا باشلىغان قوشنا رايون شەرقىي تۈركىستاندا قوبۇل قىلىندى ۋە كەڭ تەشۋىق قىلىندى.

ئەدەبىيات ۋە سەنئەت

سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ دەسلەپكى ئون يىلىدا بىر «سوۋېت ئەدەبىياتى» تۈرى بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر مەكتەپلەرلىرىدە ئۆگىتىلىدىغان ئاساسلىق پەنلەردىن بىرى بولغان «سوۋېت» ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئانالىزىغا مەركەزلىشىشى بىلەن، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى پەقەت 1960- يىللاردىن باشلاپ جىدىي تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى. كۆپىنچە ئالىملار تەتقىقاتلىرىنى مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۈچۈن دەرسلىك كىتابى تەييارلاش بىلەن بىرلەشتۈرگەن بولغاچقا، دەرسلىك كىتاپلارغا بولغان ئىھتىياج بۇ ساھەدىكى ئاكادېمىيىلىك تەتقىقاتلار ئۈچۈن يەنىلا زور بىر كۈچ مەنبەسى بولدى. بۇ يەردە قازاقىستان خەلقىنىڭ مەشھۇر يازغۇچىسى زىيا سەمەدىنىڭ رومانلىرىنىڭ تەھلىللىرى ئالاھىدە دىققەت تارتىدۇ.

كلاسسىك ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ساھەسىدە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر شائىرلىرىنى تونۇشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ شېئىرلىرىنى نەشر قىلىشقىلا قارىتىلغان بولۇپ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە 18 شائىرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «دەۋىرنىڭ ساداسى» ناملىق ئەسەرلەر توپلى بىلەن نەتىجىلەنگەن ئىدى. 1990- يىلى س. موللادوۋ ھاياتى ۋە ئەسەرلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئالاھىدە تەتقىق قىلىنغان، غۇلجىدا تۇغۇلۇپ، سەمىرەچتە ۋاپات بولغان زامانىۋىي ئۇيغۇر شائىرى بىلال نازىمنىڭ شېئىرلىرىنى ۋە زەلىلى، نەۋبەتى، ئارشىئى، فۇتۇئى، خاراباتى، مەشھۇرى،شائىراخون، م. س. قەشقەرى، قەلەندەر ۋە گۇمنام قاتارلىقلارنىڭ 18- ئەسىر شېئىرلىرىدىن تەركىپ تاپقان بىر ئەسەرلەر توپلىمىنى نەشىر قىلغان ئىدى.

كلاسسىك ئەدەبىيات مۇنازىرىلىرىنىڭ مۇقەررەر ھالدا  زامانىۋى ئۇيغۇرلار ۋە ئۆزبەكلەر تەرپىدىن ھەمبەھىرلىنىپ، ئورتاق بىر كلاسسىك مىراسنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. چۈنكى «ئۇيغۇر شائىرلىرى» دەپ قارالغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزبەكىستاندا «ئۆزبەك شائىرلىرى» دەپ قارىلىدۇ. بۇ «رىقابەت»، رەسمى مەنبەلەردە كىلىپ چىقىشى ئۇيغۇر بولغان ئەلشىر نەۋايىنىڭ كىملىكى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئەلىشىر ناۋائىنىڭ شېئىرلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى مەشھۇر  ۋە ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلارنىڭ «مۇقام» لىرىدا قوللىنىلغان. ئەلىشىر ناۋائىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرى «ئەلشىر نەۋايى ئەسەرلىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىلىرى» ھەققىدە دوكتورلۇق ماقالىسى يازغان ۋە شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستانلىق تارىخچى مىرزا مۇھەممەت ھەيدەرنىڭ تارىخى ئەسىرى «تارىخى راشىدىن» نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان د. رەيھانوۋ تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان. كلاسسىك ۋە زامانىۋى شېئىرنىڭ بەزى نەزەرىيىۋى مەسىلىلىرى بولسا، تۈرك نازىم نەزەرىيىسى بىلەن شۇغۇللانغان ئۇيغۇر زىيالىيسى م. ھەمرايىۋ ۋە قەدىمىي تۈرك شېئىرى بىلەن شۇغۇللانغان ئا. ھەمرايىۋ تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان.

قازاقىستاندا تەتقىق قىلىنغان باشقا ئەدەبى مەزمونلار ئارىسىدا ئۇيغۇر فولكلورى (چۆچەكلەر، مەشھۇر ناخشىلار، ماقال-تەمسىللەر، ھېكەمەتلەر)، تارىخى ئۇيغۇر ناخشىلىرى، زامانىۋى تارىخى رومانلار، ئۇيغۇر داستانى ۋە ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى (قوشاقلار)  بار.

سەنئەتكە ئالاقىدار تەتقىقاتلاردا قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر تېياتىرىنىڭ تارىخى ۋە ئۇيغۇر دراما ئەسەرلىرى ئا. قادىروۋ تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان بولسا، ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مۇزىكىسى، بولۇپمۇ  ئۇن ئىككى ئۇيغۇر مۇقامى ۋە زامانىيۋى سوۋېت ئۇيغۇر كومپوزىتورلىرنىڭ ئەسەرلىرىمۇ مۇزاكىرە قىلىنغان.

خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئون نەچچە يىلدەك ئۈزۈلۈپ قېلىشى نەتىجىسىدە، بۇرۇنقى ۋاقىتلاردىن ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى بىلەن شۇغۇللانغان شەرقىيات ئىنستىتۇتىدىكى ئاكادېمىكلەردىن باشقا ئورتا ئاسىيالىق زىيالىيلارغا 1990 دىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندىكى يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى باھالاش پۇرسىتى بىرىلمىدى ۋە ئەتىراپلىق تەتقىقاتلارنىڭ مەزمۇنى ھەم بولمىدى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەدەبىياتقا ئائىت نۇرغۇن نەشرلەر ئارىسىدا 1980- يىللاردىكى بىر گۇرۇپپا ئۇيغۇر ئالىملار تەرپىدىن ئىشلەنگەن ئاغزاكى ئىجادىي ئەسەرلەر (ئەدەبىيات) توغرىسىدىكى ئۈچ توملۇق موھىم ئەسەر بار بولۇپ، كىلاسسىك ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى ۋە سوۋېت ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ تەتقىقاتتىن بۇرۇن، يەنى 1970- يىلى قازاقىستانلىق زىيالىيلار تەرپىدىن ئەنئەنە ۋە يېڭىلىق تېمىلىرىغا مەركەزلەشكەن ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەققىدە يەنە بىر ئومۇمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىلدى.

ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئېتنوگرافىيىسى

ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە ئۇيغۇر-خىتاي توقۇنۇشلىرى

ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى زامانىۋى تەتقىقاتلار 1940- يىللاردىكى سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بىلەن باشلاندى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1944-1949- يىللاردا قازاقىستان چېگراسىغا يېقىن بولغان ئۈچ ۋىلايەتتە قۇرۇلۇشى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىلچىلىرى بىلەن خىتاي ھۆكۈمرانلىرى ئارىسىدا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بۇ بۆلىكىدە خىتاي  سىياسىي كۈچىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم بىر تارىخى نوختا بولۇپ ھېساپلانغان بولغاچقا، ئۇيغۇر تارىخى ماتېرياللىرىدا ناھايىتى موھىم رول ئوينىدى. شۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ باشقۇرغۇچىسى بولغان گېنىرال جاڭجىجۇك قىلغان سۆزلىرىدە «ئۇيغۇرلار شىنجاڭنىڭ يالغۇزلا ئىگىسى بولماستىن، بەلكى خىتايلارنىڭمۇ قەدىمكى زاماندىن باشلاپلا بۇ يەردە ياشىغانلىقى» نى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دائىم دېگۈدەك تارىخى  پاكىتلاردىن ئۈزۈندىلەر ئېلىپ تۇراتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى شۇ ۋاقىتتىكى سىياسىي كۈن تەرتىپنىڭ بىر مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلاندى. بۇ ئەھۋاللار خىتاي مىللەتچىلىرىگە قارشى يۈرگۈزۈلگەن ئىدىئولوگىيە ئۇرۇشىدا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنى قوللاش ئۈچۈن سوۋېت دائىرىلىرىنى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشكە مەجبۇرلىدى. بۇ ياردەم مەشھۇر سوۋېت تۈركولوگلىرى بىلەن س. ئە. مالوۋ ۋە ئا. ن. بەرنشتام قاتارلىقلاردەك ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتچىلىرىدىن كەلدى. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئالمۇتاغا ئېلىپ كىلىنگەن  قەدىمكى تۈرك يېزىقلىرى ۋە تېكىستلىرىنى تەتقىق قىلىشقا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان س. ئە. مالوۋ ئۇ يەردىكى سوۋېت دائىرىلىرىگە  ئۇيغۇر مەسىلىلىرى ھەققىدە مەسلىھەت ۋە تەۋسىيە  بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر تەتقىقاتىدا مۇتەخەسسىسلەرنى تەربىيىلەشكە ياردەم بەرگەن. ئۇ ئەسىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتىگە قوشقان غايەت  زور تۆھپىسىنى تەكىتلەپ ئۆتكەن.

ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە باشقا ئاتاقلىق سوۋېت ئالىملارى تەرەپدىن يېزىلغان نۇرغۇن ماقالىلەر 1940-1950- يىللاردا تاشكەنتتە نەشىر قىلىنغان ئۇيغۇرچە ژۇرنال «شەرق ھەقىقىتى» دە تونۇشتۇرۇلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى تەتقىقاتىغا ئەڭ مۇھىم تۆھپە قوشقان كىشى ئا. ن. بەرنشتام بولۇپ، 1947- يىلى  باش ژۇرنال «VestnikDrevneiistorii» دا شەرقىي تۈركىستاننىڭ قەدىمكى تارىخى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىشىشىنى چۆرىدىگەن «شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە» ناملىق ماقالىسىنى نەشىر قىلغان. بۇ ماقالە ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىش مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا، باشقا ئالىملار كېيىنرەك تەپسىلاتىغا كىرمەكچى بولغان ئاساسىي پىرىنسىپلارنى ۋە نوقتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ يەردە بەرنشتامنىڭ ئۇيغۇر تارىخچىسى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن بىرلىكتە ھەم ئوتتۇرا ئاسيادا، ھەم شەرقىي تۈركىستاندا ئوتتۇرىغا چىققان زامانىۋى ئۇيغۇر مىللەتچىلىك تارىخىنىڭ قۇرغۇچىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشنىڭ زىيىنى يوق. ئۇيغۇر مىللەتچىلىك تارىخىي قارىشى ئۈچۈن تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، بەرنشتامنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئالاھىدە تارقىتىش ئۈچۈن ئەرەپ يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن نەشىر قىلغان «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمىي ۋە ئوتتۇرا ئەسىر تارىخىي قىسسىلىرى» ناملىق كىتابى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ كىتاب شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەۋجۇت بولغان مەزگىلىدە يېزىلغان بولۇپ، 1951- يىلى خىتاي كومپارتىيسى ئالماشقاندىن كىيىن تاماملىنىپ نەشىر قىلىنغان. لېكىن يېڭى كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تارىخىنىڭ سوۋېتلار بىلەن دوستانە شەكىلدىكى بۇنداق  مىللىيەتچى بىر نۇسخىسىغا قىزىقمىغان بولغاچقا، شەرقىي تۈركىستاندىكى  ئوقۇرمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشمىدى ۋە مۇتلەق كۆپ قىسىم نۇسخىلىرى يوقىتىۋىتىلگەن. كۈنىمىزدە بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاممىۋى ۋە شەخسىي كۇتۇپخانىلىرىدا پەقەت بەزى بىر قانچە نۇسخىلىرىلا ساقلانماقتا. قانداقلا بولمىسۇن، بارلىق  ئۇيغۇر تارىخچىلىرى بۇ ئەسەرگە بەكلا قىزىقىدۇ. كىتاپنىڭ ئۇيغۇر مىللەتچىلىرىنىڭ ئۆز تارىخلىرىغا بولغان قارىشىنىڭ تەرەققىياتىدىكى رولىغا سەل قاراشقا بولمايدۇ.  مەسىلەن: ئۇيغۇر تارىخچىسى تۇرغۇن ئالماسنىڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىدا، يېقىندا تۈزگەن ئۇيغۇر تارىخى ئوقۇمى باشقا سوۋېت تارىخچىلىرىنىڭ قاتارىدا بەرنشتامنىڭ قاراشلىرىغىچە كېڭەيگەنلىكىنى  كۆرگىلى بولىدۇ.

مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى تەكىتلەش

مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى، زامانىۋى تارىخىي جەريانلار كوممۇنىستلارنىڭ قارىشىدا مۇھىم بىر ئۇقۇم ئېلېمېنتى بولۇپ، بۇ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى ساھەسى ئۈچۈن ئىنتايىن توغرا ئىدى. 1940- يىللاردىكى مىللىي ئازاتلىق ئۇقۇمى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن نەتىجىلەنگەن ۋە  گومىنداڭغا قارشى قوزغىلاڭلار ئۈچۈن قوللىنىلغان. خىتاي  كوممۇنىستلىرىنىڭ ھوقۇقنى قولغا ئېلىشى بىلەن بۇ سىزىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئىلىم-پەنلىرىدە ئالاھىدە تەكىتلەنمىگەن بولسىمۇ، يەنىلا داۋاملاشتى.  ئەمما مەدەنىيەت ئىنقىلابى ۋە سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بوزۇلۇشى بىلەن تېخىمۇ كۈچەيدى. «شەرق ھەقىقىتى» ناملىق ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى بولغان، كېيىن قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيىسىدە ئۇيغۇر تارىخى توغرىسىدىكى تۇنجى تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا رەھبەرلىك قىلغان تۇنجى سوۋېت ئۇيغۇر تارىخچىسى ئا. ئىدايەتوۋ ئۆزىنىڭ ئەسەرلىرىنى مىللىي ئازاتلىق ئۈچۈن  بېغىشلىغان بولۇپ، 1944- يىلى ئۇ چىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىنقىلاپقا قاتناشقان ۋە 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى قوزغىلاڭلارنىڭ باشلامچىسى بولغان ئۇيغۇر قەھرىمانى سادىر پالۋان ھەققىدە بىر كىتاب نەشىر قىلغان. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن نەشىر قىلىنغان يەنە بىر ئەسىرى بولسا، ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ مىللىي ھەرىكەت تارىخىنى بايان قىلغان ئىدى.

20ئەسىردىكى ئۇيغۇر تارىخى: شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى (1944-49)

شەرقىي تۈركىستاننىڭ 20- ئەسىر تارىخى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1930 – 1940- يىلاردا خىتاي ئوتتۇرا ئاسياسىدا يۈز بەرگەن سىياسى پالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشقانلىقى ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تارىخشۇناسلىقىدا ئىنتايىن سەزگۈر تېما ئىدى. 1932-1933-  يىللىرى ئارىسىدا خىتاي كۈچلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى  مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسيانىنى باستۇرۇشىغا ۋە قەشقەردىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى يوقىتىشقا ياردەم بەرگەن ۋە شۇ ئون يىلدا شڭشىسەي ھاكىمىيىتىنى قوللىغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئىدى. ئۇ يەنە 1940- يىللىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى سوۋېت  مەنپەئەتى ئۈچۈن يەرلىك خەلقلەرنىڭ گومىنداڭغا قارشى ئېلىپ بارغان قوزغىلاڭلىرىغا ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغىمۇ ياردەم بەردى. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ ۋەقەلەردىكى رولىنى ھەر دائىم يوشۇرۇپ كەلدى. بۇ سەۋەپتىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغان ئەھۋاللار ئەسلا مۇھاكىمە قىلىنمىدى. كېيىن خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ تەبىرىدە «گومىنداڭ ھۆكۈمىتىگە قارشى مىللىي ئازاتلىق ھەرىكىتى» دەپ ئىزاھلاندى. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتىغا كەلسەك، سوۋېت  تارىخچىلىغىمۇ ئۇنى «خىتاي  دىمۇكراتىك ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى»، «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» دېگەن شەكىلدە تەسۋىرلەپ، خىتاينىڭ ئىزىدىن ماڭدى. بۇ بولسا، م. قۇتلۇقوۋ ۋە ن. مىنگۇلوۋنىڭ دوكتۇرلۇق ماقالىلىرىدە قوللىنىلدى.

سوۋېت-خىتاي  مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناچارلاشقان مەزگىلىدە بۇ ۋەقەلەرنىڭ شەرھلىرى ئۆزگىرىشچان ئەھۋالدا بولسىمۇ، ئەمما ھازىرغىچە «دىمۇكراتىك  ھەرىكەتىنىڭ بىر قىسىمى» دەپ تەبىر بىرىلدى. لېكىن يەنە «خىتايغا قارشى مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى» سۈپىتىدىمۇ تەكىتلەندى. بۇ مەزگىلدە سوۋېت دائىرىلىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەربىي ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان زۇنۇن تەيىپوفنىڭ خاتىرىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتايغا قارشى ئەسەرلىرىنى تەشۋىق قىلغان ئىدى. بۇ كىتاب ئالدى بىلەن موسكۋادا «مۇستەقىللىق كۆرىشى» نامىدا، كىيىن ئالمۇتادا «شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىدا» نامى بىلەن ئۇيغۇرچە نەشىر قىلىندى. بۇ كىتاپ 1950-1960- يىللاردا خىتاي  زۇلۇمىدىن قېچىپ، سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىدا ئولتۇراقلىشىشقا مەجبۇر بولغان شەرقىي تۈركىستان بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇنلىغان گۇۋاھچى ۋە شاھىتلارنىڭ بولىشىغا قارىماستىن، سوۋېت  ئوتتۇرا ئاسىياسىدا نەشر قىلىنغان بىردىن بىر خاتىرە ئەدەبىيات بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. تەيىپوفنىڭ بۇ خاتىرىلىرى شۇ دەۋرنىڭ ئىدىئولوگىيىلىك رامكىسى ئىچىدە  يېزىلغان بولۇپ، ئىلى رايونىدىكى قوزغىلاڭلارنىڭ تۇنجى باسقۇچلىرىنىڭ تەپسىلاتلىرى بىرىلگەن. سوۋېت ئىتتىپاقى ۋەيران بولغاندىن كېيىن يەرلىك ئۇيغۇر خەۋەر ئاخباراتلىرىدا خاتىرە شەكلىدە نۇرغۇنلىغان نەشىرى ئەسەرلەر ئىلان قىلىندى. بۇ ئەسەرلەر سوۋېت  ئىتتىپاقىنىڭ رولىغا، بولۇپمۇ  1930- يىللاردىكى سەلبىي  رولىغا قايتىدىن قاراپ چىقتى. ۋە ئىلگىرى چەكلەنگەن  تارىخى يۆنىلىشلەرنى مۇنازىرە قىلدى. 20- ئەسىر شەرقىي تۈركىستان تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك سوۋېت ئارخىپ ماتېرىياللىرى روسىيادىكى ئەھۋالنى سۇبيېكتىپ تەسۋىرلەپ، سوۋېتنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى رولىنى ئاقلىغان بولسىمۇ، بۇ ھەقتە ھازىرغىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىلمىغانلىقى دىققەت تارتىدۇ.

ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخى

ل. بەنسون ۋە باشقا ئالىملار كۆرسەتكەنىدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە ئاتا-يۇرتى ھەققىدە ئۇيغۇر تارىخچىلىرى بىلەن خىتاي  تارىخچىلىرى ئارىسىدا  دائىم تالاش تارتىش بولۇپ كەلدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا قارىتىلغان رەسمىي شەكىلدىكى مىللەتچىلىك قارىشى خىتاي تەۋەلىكىدە ياشايدىغان باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا بولۇپ ئۆتكىنىدەك، «مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان تۇپراقلىرىنىڭ قەدىمدىن تارتىپ  خىتاينىڭ  ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئوخشاش خىتاي دۆلىتىگە (جۇڭخۇا مىللىتىگە) تەۋە ئىكەنلىكىنى، بۇ سەۋەپتىن ئۇلارنىڭ ئاتا بوۋىلىرى بولسۇن ياكى ئۆزلىرى بولسۇن، ھېچقاچان خىتايدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇپ باقمىغانلىقى، ئۆزلىرىگە تەۋە مۇستەقىل بىر دۆلەت قۇرۇپ باقمىغانلىقى…» نى تىلغا ئالىدۇ. بۇ كۈرەشتە مۇستەقىل دۆلەت بولۇش ۋە خىتاي  بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەر مەسىلىسى ئىنتايىن موھىم ئورۇن تۇتىدۇ. تۇرغۇن ئالماس 1989- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى (شەرقىي تۈركىستان) دا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئوتتۇرا ئاسيا ۋە تۈرك بىرلىكىنىڭ بىر پارچىسى» دەپ تىلغا ئالغان «ئۇيغۇر مىللەتچىلىك تارىخ قارىشى» نىڭ ئاساسلىق ئامىللىرى تۈنجى بولۇپ سوۋېت  ئاكادېمىك تارىخچىلىقىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنىڭ ئىسمى بولغان «شەرقىي تۈركىستان» ئىسمىمۇ روس تەرىپىدىن مەيدانغا كەلگەن ئىدى.

تۇنجى بولۇپ 1940- يىللىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان ئۇيغۇر تارىخىنىڭ نۇسخىسى كېيىنكى مەزگىللەردە ئۇيغۇر دۆلىتى مەسىلىسىنىڭ دائىملىق ئاساسىنى تەشكىل قىلغان ئوتتۇرا ئاسيادىكى زىيالىيلار تەرىپىدىن تەپسىلى تەتقىق قىلىندى. بۇ سەۋەپتىن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئوتتۇرا ئەسىرگە ئائىت ئۇيغۇر دۆلەتلىرىنىڭ تارىخىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەتلەر  بولۇپ ئۆتتى. روس ئالىملىرى ۋە ساياھەتچىلەر تەرىپىدىن توپلانغان ۋە كېيىنكى مەزگىللەردە تۈركشۇناسلىق تەتقىقاتلىرىنىڭ باش مەركىزى بولۇپ قالغان سانكت پىتىربۇرگ (لينىنگىرات) شەرقىيات  ئىنىستىتۇتىنىڭ شۆبىسىدە ساقلانغانلار بىلەن قوشۇلۇپ، تۇرپان خانلىقى (9-11- ئەسىر) دىكى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن يېزىلغان ماتېرىياللاردىن ناھايىتى كۆپ تېكىسىتلەرنى تاپتى ۋە ئېلىپ كەتتى. ئورتا ئەسىر ئۇيغۇر دۆلەتلىرىنىڭ تارىخىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەردىن بىرسى بولسا، د. ئى. تىخونوۋنىڭ «ئۇيغۇر تۇرپان دۆلىتى» نىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسىغا بېغىشلانغان بىر كىتابىدۇر. ئۇيغۇرىستاننىڭ 13- ۋە 14- ئەسىرلەردىكى ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى ئۇيغۇر ئارخىئولوگ ئا. ك. كىبىروۋ تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە ھازىرغىچە نەشىر قىلىنمىغان دوكتورلۇق ماقالىسىدە ئانالىز قىلىندى. يەنە بىر تەرەپتىن، تۇرپان خانلىقىنىڭ تارىخى گىرمانىيەلىك مەشھۇر تۈركولوگ ئا. ۋون گابائىن تەرىپىدىن تەتقىق قىلىندى.

ئۇيغۇر تارىخى 1970-1980- يىللاردا سوۋېت-خىتاي  دۈشمەنلىكى ۋە ئىدىئولوگىيە ئۇرۇشى بولغان مەزگىللەردە ھەر ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ئەھۋاللارنى بۇرمىلىدى، بىر-بىرىنى تەنقىد قىلدى ۋە موھىم سىياسىي نەتىجىلەرگە ئىرىشتى. موسكۋادىكى يىراق شەرق تەتقىقات ئىنىستىتۇتىدا خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر تارىخچى تۇرسۇن رەخىموۋ خىتاينىڭ  باياناتلىرىغا قارشى ئەمەلىي پاكىتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىگە تەۋە دۆلەتلىرىنىڭ ناھايىتى ئۇزان تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنى بېسىۋالغاندىن كىيىن بۇ ئەھۋاللارنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى كىچىك كىتابنى نەشىر قىلىدى ۋە ئۇنىڭدا خىتايلارنىڭ ئۇيغۇر تارىخىغا قانداق بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى تەپسىلى يورۇتتى.

19- ئەسىرنىڭ ئاخىرى شەرقىي تۈركىستاندا چېڭ سۇلالىسىگە قارشى ئېلىپ بېرىلغان مۇسۇلمانلار قوزغىلىڭىنىڭ بىر نەتىجىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان قىسقا مۇددەتلىك  مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ سوۋىت ئىتتىپاقى ھەققىدىكى بايانلىرىمۇ ئىختىلاپلىق ئىدى. 1950- يىللارنىڭ بېشىدا سوۋېت  تارىخچىلىرى ياقۇپ بەگ تەرىپىدىن قۇرۇلغان قەشقەرىيە دۆلىتىنى «چەتئەل تاجاۋۇزچىلىقى» دەپ باھا بىرىپ، خىتاينىڭ بايانلىرىغا ئەگەشتى. ئەمما سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ناچارلىشىشىغا ئەگىشىپ، سوۋېت بۇ ئەھۋالنى «مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسمى» دەپ قاراشقا  باشلىدى. بۇ قاراشلاردا قەشقەرىيە خانلىقى د. ئىسىيەۋگە ئوخشاش زىيالىيلار تەرىپىدىن «ئۇيغۇر دۆلىتى» دەپ ئىتراپ قىلىنغان. شۇنداقلا، ياقۇپ بەگ بىلەن روس ئىمپىراتورلىقى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە ئائىت روس ئارخىپ ماتېرياللىرىنى بولۇپ ئاشكارىلىغان تۈنجى كىتابى 1981- يىلى ئىلان قىلىندى ۋە بۇ كىتابى ئارقىلىق بۇ مەسىلىگە ئىنتايىن موھىم تۆھپە قوشقان بولدى.

«ئۇيغۇر دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىي تارىخى»، «ئۇيغۇر دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىسى» ، «18- ۋە 19- ئەسىرلەردىكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىياسىي تارىخى» قاتارلىق ئۇيغۇرلار ۋە تاتارلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بارچە دۆلەتلەر تارىخىنىڭ مەخپى تۇتۇلغانلىقىغا ئائىت لايىھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تىلشۇناسلىق ئىنستىتۇتى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئېتنوگرافىيە بۆلۈمىدە ئۇيغۇر دۆلىتى تارىخى خېلى ئۇزۇن مەزگىلگىچە ئەڭ موھىم ئورۇن تۇتقان بىر تېما ئىدى.

ئوتتۇرا ئاسىيالىق زىيالىيلار «ئۇيغۇر دۆلىتى» (744 – 840) دەپ تونۇلغان، ئىچكى ئاسىيادا قۇرۇلغان ئەڭ قەدىمكى ئۇيغۇر دۆلىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدىكى بەزى دەۋىرلەرنى تەتقىق قىلدى. شەرقىي تۈركىستاندىكى تۇرپان ئۇيغۇر خانلىقىدىن بۇرۇن قۇرۇلغان بۇ دۆلەتنىڭ تارىخى ئۇيغۇر دۆلەت تارىخى تەتقىقاتىدا ناھايىتى موھىم بىر تېما ئىدى.

كۆچمەن ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلار قۇرغان خانلىقلارنىڭ سىياسىي ۋە ھەربىي تارىخىنىڭ ئاساسلىق باسقۇچلىرى رۇس تارىخچىلىرىدىن ل. گۇمىلېۋ، ل. كىزلاسوۋ ۋە س. كلياشتورنىي قاتارلىق نۇرغۇن ئالىملار تەرىپىدىن مۇھاكىمە قىلىندى. بۇنىڭغا ئاساسلىق تۆھپە قوشقانلاردىن بىرى بولسا، تاڭ دەۋرىگە ئائىت خىتايچە خاتىرىلەرنى تەپسىلىي تەتقىق قىلغان ئاۋسترالىيەلىك تارىخچى ج. ماككېرراستۇر. ئەمما 1970 ۋە 1980- يىللاردا موڭغۇلىيەدىن ئۇيغۇر دۆلىتىگە ئائىت يېڭى رۇنىك تاش پۈتۈكلىرىنىڭ بايقىلىشى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى ئىمكان بىلەن تەمىنلىگەن بولدى.

خىتايچە ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر رۇنىك تاش پۈتۈكلىرىنىڭ سېلىشتۇرما تەھلىلى مەۋجۇت تەتقىقاتچىنىڭ 8-9- ئەسىردىكى ئۇيغۇر قاغانلىقى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆپلىگەن مەسىلىلەرنى يېڭى كۆز قاراشلار بىلەن تەھلىل قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى. ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىنىڭ قازاقىستاندا تەتقىق قىلىنغان يەنە بىر تەرىپى بولسا، ئا. قادىرباييېۋنىڭ [1993] ئەسەرلىرىدە مۇھاكىمە قىلىنغانغا ئوخشاش، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈەن سۇلالىسىدىكى رولىدۇر. شەرقىي تۈركىستاندىكى موڭغۇل ھۆكۈمرانلىقى دەۋرى م. قۇتلۇقوۋ تەرىپىدىنمۇ بايان قىلىنغان. ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى ھەققىدىكى يېڭى تەتقىقاتلار ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر مەزگىل ياشىغان ۋە ئىشلىگەن شەرقىي تۈركىستانلىق (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى) ئۇيغۇر ئالىمى ن. تۇرسۇننىڭ تۆھپىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ كىتابىدا ئوتتۇرا ئەسىر ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە خىتاي تارىخشۇناسلىقىنىڭ تەپسىلىي تەھلىلىنى بەرگەن بولۇپ، خىتاي زىيالىيلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر تارىخىنىڭ تولۇق تەتقىقاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ يەنە باشقا بىر ئەسىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىغا مەركەزلەشكەن.

يەتتىسۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار يەرلىك كىشىلەرمۇ ياكى كۆچمەنلەرمۇ؟

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدە قازاقىستاننىڭ كوممۇنىست رەھبەرلىرى ئۇيغۇرلارن ئەڭ كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلغان يەتتىسۇ رايونى (قازاقىستاننىڭ شەرقىي-جەنوبى) دا «ئۇيغۇر ئاپتونومىيىسى» قۇرۇش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، «ئاپتونومىيە» شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى  ھاكىمىيىتىنى قوللاش ئۈچۈن ئېلىنغان بىر تەدبىر دەپ قارالغان ئىدى. لېكىن كېيىنچە، كوممۇنىستلارنىڭ غەلبە قىلىشى نەتىجىسىدە ئەمەلگە ئاشمىغان ئىدى. 1949-يىلى ھازىرقى خىتاي دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا  ھاجىتى قالمىدى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ «شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتى» نى قوللاشنى توختاتتى. بۇنىڭ بىلەن بىللە قازاقىستاندا «ئۇيغۇر ئاپتونومىيىسى قۇرۇش مۇمكىنچىلىكى» ئىلمىي يازمىلاردا ئېنق ئەكىس ئەتتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتسۇ تارىخدىكى رولى ھەققىدىكى تەتقىقاتلار تەشۋىق قىلىندى. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇستەقىل بىر ئاپاراتنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول ئېچىشنى مەقسەت قىلغان بۇ خىل تەتقىقاتلار ئا. ن بەرنشتامنىڭ ئېپوگرافىك يادىكارلىقلار تەتقىقاتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كوممۇنىست پارتىيە تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «قازاقىستاندا ئۇيغۇر ئاپتونومىيىسى قۇرۇش توغرىسىدىكى نۇتۇق» ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنىڭ كۈچىيىشىدە رول ئوينىدى. يەتتىسۇنىڭ يەرلىك خەلقى بولۇش پىكىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھازىرقى ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىنىڭ نېگىزلىك ئامىللىرىنىڭ بىرىگە ئايلىنىشى بولسا بىر تاسادىپىيلىق. ئەمما شۈبھىسىزكى، ئەمەلىي ياكى تەسەۋۋۇردىكى ئاپتونومىيە تەسەۋۋۇرلىرى  ھازىرقى ئىلىم-پەننىڭ باشقا بىر تېمىسى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر-قازاق مۇناسىۋىتىگە تەسىر كۆرسەتكەن .

1949- يىلدىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر مىللەتچىلىكىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن سوۋېت دائىرىلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتەسۇغا كۆچۈشى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ چىڭ ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىش تارىخى، شۇنداقلا 1871- يىلى ئىلى ۋادىسىنىڭ رۇس ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشقان مۇسۇلمانلار قوزغىلىڭى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك بارچە تېمىلار ھەققىدىكى ئاكادېمىك تەتقىقاتلارغا ئىلھام بەرگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتىسۇدىكى سەمىرەچكە كۆچىشى م. تۇرغۇنوۋ، گ. نىكولسكايا، ل. ئاۋۇزوۋا، پ. گالۇزو ۋە يۇ. بارانوۋا قاتارلىق زىيالىيلارنىڭ كۆپلىگەن تەتقىقاتلىرى ئۈچۈن تېما ئوبىكتى بولغان ئىدى. 1951- يىلى «ئىلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ سېمىرەچكە كۆچۈشى» ناملىق بىر كىتابتا مالىك كەبىروۋ رۇس ئارخىپ ماتېرىياللىرى ئانالىزىغا ئاساسلىنىپ، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىلىرىدا مەيدانغا كەلگەن كۆچۈش ھەققىدە ھەر تەرەپلىمە تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشىغان باشقا تەتقىقاتلار ئۇيغۇرلار كۆچىشىنىڭ روس ئىمپىراتورلىقى تۇپراقلىرىغا باسقۇچ بويىچە كۆچۈش تەرەققىياتىنى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ رايونغا كۆچمەن بولۇشىنى ۋە قازاقىستاندا ئۇلارنىڭ ئاپتونومىيە ھەققىنىڭ يوقلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتەسۇغا كۆچۈشى قازاقىستان تارىخشۇناسلىقى ئۈچۈن يەنىلا ئەھمىيىتىنى يوقاتماي كەلمەكتە ۋە قازاقىستان تارىخى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان پۈتۈن دەرسلىك كىتاپلىرىدا يەر ئالغان بىر تېمىدۇر.

قىزىق يەرى شۇكى، 1980-يىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتەسۇغا كۆچۈشى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقان ئۇيغۇر تارىخچىسى مالىك كەبىروۋ قازاقىستاننىڭ كوممۇنىست رەھبەرلىرى تەرىپىدىن «ئۇيغۇر مىللەتچىسى» دەپ تەنقىتلىنىشىگە سەۋەپ بولغان، سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىغا «ئۇيغۇرلار يەتتىسۇنىڭ يەرلىك خەلقىدۇر» تېمىسىدا بىر قول يازما سۇنغان بولۇپ، ئۇ، رايوندىكى ئۇيغۇر ئاپتونومىيە پىكرىنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىسى ئىدى. 1970 ۋە 1980- يىللار ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يەتتەسۇغا كۆچىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا تېمىلار ئارىسىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ چىڭ تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىشى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشغالغا قارشى قوزغىلاڭلىرىنىڭ تارىخى ھەمدە رۇسىيە ئىمپېرىيەسىگە ئورۇنلاشقاندىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ئورۇن ئالغان. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رۇس ۋە چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى موسكۋا ۋە لېنىنگرادنىڭ مەركىزىي ئورگانلىرىدىكى زىيالىيلار تەرىپىدىن مۇھاكىمە قىلىنغان بولسا، يەرلىك ئوتتۇرا ئاسىيالىق زىيالىيلار پەقەت ئۆز پىكىرلىرىنى شەرھىيلەش بىلەنلا چەكلەندى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ چىڭ ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىشى ل. دۇمان، ب. گۇرېۋىچ، د. تىخونوۋ، ۋ. كۇزنەتسوۋ قاتارلىقلارنىڭ تەتقىقاتلىرىدا يورۇتۇپ بېرىلدى. كېيىن 1826- يىلدىكى شەرقىي تۈركىستان قوزغىلىڭىنى تەتقىق قىلغان خ. زىياۋەي ۋە خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر قوزغىلاڭلىرىنى تەتقىق قىلغان س. ئىسەيىۋگە ئوخشاش يەرلىك زىيالىيلار تەرىپىدىن مۇنازىرە قىلىندى.

ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى: قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىزچىللىق

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك تارىخىنىڭ تەتقىق قىلىنىشى ھەم رايوندىكى خەلقلەرنىڭ مىللەتچىلىك تۇيغۇلىرىنى كۈچلەندۈردى ھەمدە ئوخشاش بولمىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلار ئارىسىدا ئىختىلاپلىق مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. بۇنىڭدا ئىككى ئاساسلىق مەسىلە بار بولۇپ، بىرى 744- يىلى ئىمپېرىيە قۇرغان قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە شۇ دەۋردە شەرقىي تۈركىستاندا، گەنسۇدا مەۋجۇت بولغان يەرلىك بەگلىكلەر بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتۇر. بۇ، نوۋوسىبىرسكقا كۆچۈپ كېتىشتىن بۇرۇن ئالمۇتادا خىزمەت قىلغان، تارىخ-جۇغراپىيە ساھەسىدە مۇتەخەسسىس بولغان، ھەمدە تاڭ دەۋرىگە ئائىت مەنبەلەردىكى قەدىمكى ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان مۇتەخەسسىس دوكتور ئا. گ. مالياۋكىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «9- ئەسىردىن 12- ئەسىرگىچە بولغان ئۇيغۇر دۆلەتلىرى) ناملىق كىتابنىڭ نەشر قىلىنىشى بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى. بۇ كىتاب، ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ 840- يىلى يىمىرىلىشىدىن كېيىن شەرقىي تۈركىستانغا كۆچكەن تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشقان بولۇپ، بەلكى قەدىمكى ئۇيغۇر ئېلېمېنتلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شەكىللىنىشىدە ئەڭ كىچىك ئامىل ئىدى. بۇنداق بىر چۈشەنچە تۈرك خەلقلىرى ئارىسىدا، بولۇپمۇ يەتتەسۇدا قالدۇرغان ئىزلىرى ۋە رايوندىكى يەرلىك كىلىپ چىقىشىنى داۋا قىلغان ئۇيغۇر مىللەتچىلىك پىكىرلىرى سەۋەبىدىن، قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخىنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولغانلىقى قازاق تارىخچىلىرى ئارىسىدا قىزىق نوختىغا ئايلانغان ئىدى. نەتىجىدە، قازاق زىيالىيلىرىنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تارىخىغا بولغان قىزىقىشى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بولغان باغلىنىشلىرى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئوتتۇرا ئەسىر تارىخى ھەققىدىكى قازاق ئەدەبىياتىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان رايونلۇق مىللەتچىلىككە باغلىق ئىدى. ھەتتا بەزى قازاق زىيالىيلىرى «ئۇيغۇر خاقانلىقى» دەيدىغان بىر دۆلەتنىڭ بولغانلىقىنى رەت قىلىدۇ ۋە ئېتىراپ قىلىنغان بۇنداق بىر دۆلەتنىڭ ئەمەلىيەتتە پەقەت «تۈركلەرنىڭ بىرلەشمە خاقانلىقى» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، قازاقىستان تارىخى ھەققىدىكى ئاكادېمىك تەتقىقاتلار قەدىمكى ئۇيغۇر خاقانلىقىنى تۈرك دەۋرىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئانالىز قىلغان بولسا، ھازىرقى زامان تارىخ دەرسلىكلىرى بۇ ھەقتە سۆز ئېچىشتىن قاچىدۇ، بىراق 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا يەتتەسۇغا قىلىنغان  ئۇيغۇر كۆچۈشىگە ئېنىقلىما بىرىشتىن ھەرگىز باش تارتمىدى.

يەنە بىر تالاش-تارتىشلىق مەسىلە بولسا، خىتايلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان، ئۇيغۇرلارنىڭ كىلىپ چىقىشى ھەققىدە نۇرغۇن پەرەزلەرگە سەۋەب بولغان، ئېنىق بىر تارىخى بولمىغان تۇنجى مۇسۇلمان تۈرك خانلىقى بولغان قاراخانىيلارنىڭ مىللىي ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر. بۇ خىلدىكى پىكىرلەر پادىشاھ جەمەتى بولۇشى مۇمكىن بولغان بىر تۈرك قەبىلىسى — ياغما قەبىلىسىنىڭ توققۇز-ئوغۇز (ئۇيغۇر) دىن كىلىپ چىققانلىقىنى تىلغا ئالغان مۇسۇلمان مەنبەلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. خاندانلىقنىڭ زېمىنلىرى پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى، سەمىرەچ ۋە بۈگۈنكى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنى، شۇنداقلا ھازىرقى شەرقىي تۈركىستان (شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى) ئۆز ئىچىگە ئالغان ماۋارائۇننەھرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولغاچقا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر بىر تۈرك خەلقىنىڭ قاراخانىيلار ھەققىدە ئۆزىگە خاس قارىشى بار. قاراخانىيلار تارىخى ھەققىدىكى بۇ تالاش-تارتىشلار كۆپۈنچە شۇ دەۋردىكى مەشھۇر ئىككى داڭلىق تۈرك شائىرى ۋە تىلشۇناسى يۈسۈپ خاس ھاجىپ (بالاساغۇنى) ۋە مەھمۇد قەشقەرى (ئىككىلىسى 11-ئەسىردە ياشىغان) ھەققىدە بولىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ (بالاساغۇنى) «ئىسسىق كۆل (قىرغىزىستاندىكى بىر كۆل) ئەتراپىدا تۇغۇلغان» دەپ قارىلىدىغان بولغاچقا، قاراخانىيلار تارىخى قىرغىز تارىخى ئۈچۈن تېخىمۇ سەزگۈر بىر تېما بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قىرغىز مىللەتچىلىك ئىدېئولوگىيىسىنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە سىمۋول قىلىدىغان يېنىسەي قىرغىزلىرى تەرىپىدىن قەدىمكى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭنىڭ مەغلۇپ قىلىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ يىمىرىلىشى سەۋەبىدىن، قىرغىز تارىخچىلىقىدا قەدىمكى ۋە ھازىرقى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشاش . ئىكەنلىكىگە قارشى تۇرماسلىقى ئالاھىدە دىققەت تارتىدىغان بىر نۇقتىدۇر.

سوۋېت ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارقىلىشى / تەرەققىي قىلىشى

ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۈرۈش ئۈچۈن بىرىلگەن ھۆكۈمەت ياردەملىرى سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «كوممۇنىستىك مىللىي سىياسەتنىڭ غەلىبىسىنى نامايان قىلىش» دېگەنگە ئوخشاش ئىدىئولوگىيەلىك مەقسەت ئۈچۈن بېرىلگەن ئىدى. مانا موشۇنىڭغا ئوخشاش، سوۋېت ھاكىمىيىتى ئاستىدا تۇرىۋاتقان «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» ۋەزىپىسى بېرىلگەندەك، ئۇيغۇر تەتقىقاتى ساھەسىگىمۇ مۇشۇنداق بىر ۋەزىپە بېرىلدى. 1930 — 1940- يىللاردا شەرقىي تۈركىستاننىڭ كونا بىر سوۋېت مەسلىھەتچىسى بولغان مەشھۇر روزىيېفنىڭ «يېڭىدىن تۇغۇلغان ئۇيغۇر خەلقى» ناملىق سىمۋول خاراكتېرلىك ئەسىرى دەسلەپتە ئۇيغۇرچە، كېيىن 1982- يىلى رۇسچە نەشر قىلىندى. م. ھەمرايېۋنىڭ «ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ گۈللىنىشى» ناملىق كىتابىغا ئوخشايدىغان كىتابلار «ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدىلا ئۆز مەدەنىيىتىنى قايتا جانلاندۇرالايدىغانلىقى» نى ۋە «تەرەققىي قىلدۇرالايدىغانلىقى» نى كۆرسىتىش ئۈچۈن يېزىلغان ئىدى. سوۋېت يەنە م. كەبىروۋنىڭ «سوۋېت قازاقىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى ھەققىدە ئوچېركلار» ناملىق ئەسىرىنى روياپقا چىقارغان، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىغىمۇ ئىلھام بەرگەن. سوۋېت ئۇيغۇرلىرى ھەققىدىكى يەنە باشقا تەتقىقاتلار بولسا، م. ئەرزىننىڭ «ئۇيغۇر نەشىرىياتچىلىق تارىخى» نى ۋە گ. باراتوۋانىڭ سەمىرەچچە «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇيغۇر ئېتنوگرافىيەسى

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئېتنوگرافىك تەتقىقاتلار ئادەتتە يا تارىخىي ئېتنوگرافىيە (يەنى تارىخىي مەنبەلەردە كۆرۈلگەن ئېتنوگرافىك ھېساباتلارنىڭ تەھلىلى) ياكى سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ ماددىي مەدەنىيىتى ۋە ئەنئەنىلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ھازىرقى ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىق تۈر تەتقىقات ئېلىپ بېرىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى نوقتىسىدىن تەبىئىيدۇر. ئەمما، قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىغا قىلىنغان تۇنجى قېتىملىق مۇرەككەپ ئېكسپېدىتسىيە 1947- يىلى موسكۋا ۋە لېنىنگرادتىكى زىيالىيلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان ئىدى. كېيىنكى تەتقىقاتلار ئۇيغۇر ئاياللىرى ئارىسىدىكى ئىجتىمائىي ۋە ئائىلە ھاياتىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ سەمىرەچ ۋە پەرغانە ۋادىسىدىكى ماددىي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلدى. 1965- يىلى «شەرقىي ئاسىيا مىللەتلىرى»، 1968- يىلى «ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە قازاقىستان مىللەتلىرى» قازاقىستاندا ئوتتۇرىغا چىققان ئۇيغۇر ئېتنىك تارىخى، ماددىي مەدەنىيەت، ئائىلە مۇناسىۋەتلىرى، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت بۆلۈملىرى بىلەن نەتىجىلەندى بۇنىڭ ئوخشىشى يەنە ئۇيغۇر تەتقىقاتى بۆلۈمى تەرىپىدىن 1960- يىللاردا قازاقىستاندىكى ئالمۇتا ۋە تالدىقورغان رايونىدا (ھازىرقى ئالمۇتا رايونى)، 1960 – 1970- يىللاردا بولسا، قىرغىزىستاندىكى ئوش ۋە ئۆزبېكىستاندىكى ئەندىجان رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلدى. تۈر تەتقىقاتى ھەم ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر قاتار ماقالىلەرنى، ھەمدە ر. كەرىموۋانىڭ «ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر سەنئەت قول ھۈنەرۋەنچىلىكى» ھەققىدە يازغان كىتابى ئۈچۈن مۇھىم بىر مەنبە بولدى.

19 – 20- ئەسىرلەردە شەرقىي تۈركىستانغا بارغان رۇس سەيياھلىرىنىڭ بايانلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېتنوگرافىك مەلۇماتلارنى ھەجىملىك ۋە قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بۇ مەلۇماتلار گ. ئىسخاكوۋغا ئوخشاش سوۋېت زىيالىيلىرى تەرىپىدىن كەڭ تۈردە قوللىنىلغان. رۇسىيەنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى بىلىش تارىخى س. كلياشتورنى ۋە ئا. كولېسنىكوۋ قاتارلىقلارنىڭ ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن كېيىن قايتا تەھرىرلەنگەن نۇسخىسى بىلەن بىرلىكتە نەشر قىلىنغان كىتابىدا ئىزلىرى كۆرۈنىدۇ. بۇ ئىككى كىتاپتا يەر ئالغان رايوندىكى ياۋروپالىق ئىجاتچىلار ھەققىدىكى ئوخشاش بىر تەتقىقاتقا م. باسخانوۋمۇ قېتىلدى. كىلياشتورنى تەرىپىدىن ھەر ئىككى تەتقىقاتتىكى «قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى شەرقىي تۈركىستان» غا ئەڭ مۇھىم تۆھپىلەر قوشۇلدى. ئوتتۇرا ئاسىيادا شەرقىي تۈركىستان مەركەزلىك خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر 1990- يىلى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى بىر گۇرۇپ ئاكادېمىكلار تەرىپىدىن تەييارلانغان بىر توملۇق تەتقىقاتنىڭمۇ تېمىسى بولغان ئىدى.

ئومۇمىي تارىخلار

تىلغا ئېلىپ ئۆتۈلگەن ئورگاندىكى ئۇيغۇر تارىخچىلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە زىيالىيلارنىڭ ئۆز تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى ھەققىدە ماتېرىياللار» ۋە «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر» قاتارلىق بىر قانچە مۇھىم توپلاملىرىنى نەشر قىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخى ھەققىدە 1980- يىللاردا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات ماتېرىياللىرىنىڭ بىرىنچى قىسمى 1991- يىلى يەرلىك تارىخچىلار ۋە موسكۋا، لېنىنگرادتىن بىر گۇرۇپپا ئالىملارنىڭ ئورتاق لايىھەسى سۈپىتىدە نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي تارىخى» نى تۈزۈشتە ئىشلىتىلدى. بۇ كىتاپ قەدىمكى دەۋىردىن موڭغۇل دەۋرىگىچە بولغان دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخىنى قايتا تۈزۈپ چىقىشتا ئەنئەنىۋى بىر لىنىيەنى بويلاپ، يىلتىزلىرىنى ئىچكى ئاسىيانىڭ تۈرك كۆچمەن خەلقلىرىگە قەدەر ئېلىپ بارىدۇ. ئەپسۇس، كىتابنىڭ ئىككىنچى قىسمى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تاقالغاندىن كىيىن پەقەتلا نەشر قىلىنمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي تارىخىنى تۈزۈش ئۈچۈن شەخسىي بىر تەشەببۇس سۈپىتىدە ئەڭ دەسلەپ ئۇيغۇر مەكتەپلىرى ئۈچۈن دەرسلىك كىتابى قىلىپ لايىھەلەنگەن «ئۇيغۇر تارىخى» نى د. ئىسىيەۋ ئۈستىگە ئالدى.

سوۋېت ئىتتىپاقىدىن بۇرۇنقى ئوتتۇرا ئاسىيادا ئۇيغۇر تارىخىنى يېڭىدىن يېزىش

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭى مىللىي دۆلەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن بىرگە، بارچە تىرىشچانلىقلىرىنى ئۆز ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەشكە قاراتقان ھەر خىل ھۆكۈمەتلەرنىڭ قوللىشى بىلەن مىللىي تارىخلارنى تەكشۈرۈش ۋە قايتىدىن يېزىپ چىقىش ئىشلىرى تەڭ قەدەمدە ئېلىپ بېرىلدى. شۇنداق قىلىپ، كۈچلىنىۋاتقان مىللەتچىلىكنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن شەخسلەر تەرىپىدىن تارىخلار قايتىدىن جىددىي يېزىلىشقا باشلىدى. سوۋېت دەۋرىدە ۋە سوۋېتتىن كېيىنكى دەۋرىلەردە، ئەڭ ئاددىيسى قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندا، ئاكادېمىك تەتقىقاتلار دۆلەت تەرىپىدىن قاتتىق كونترول قىلىنغان بولسىمۇ، يېزىش ۋە نەشر قىلىش جەھەتتىكى قىسمەن ئەركىنلىك ئاساسەن كەسپىي بولمىغان كىشىلەر تەرىپىدىن يېزىلغان ئاممىباب تارىخلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەب بولدى. تارىخنىڭ خاتا چۈشۈنىلىۋاتقىنىنى كۆرگەن پاۋل گىلبېرتنىڭ كۆرسەتكىنىدەك، تارىخنىڭ پۈتۈنلەي بۇرمىلىنىشى ۋە ئۆزگەرتىلىشى بىلەن، مىللەتچى بىر تارىخىي مايىللىق سوۋېتتىن كىيىنكى پۈتۈن دۆلەتلەردە پەيدا بولغان مىللەتچىلىكنىڭ بىر تەلىپى بولدى ئۇيغۇر ئەسەرلىرىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولالمىدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مىللىي تارىخلارنى ئەپسانىلەشتۈرگەن بۇ كىتابلار ئارىسىدا قاسىم مەسۇمنىڭ «ئۇيغۇر تارىخى» ھەققىدە يازغان ئۈچ كىتابى بار بولۇپ، بۇ كىتابلاردا گ. چورچۋاردنىڭ 17 مىڭ يىل بۇرۇن قەدىمكى بىر ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقى توغرىسىدىكى قارىشىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان، ياۋرو-ئاسىيا تارىخىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوتتۇرىغا چىققان بارلىق ئەپسانىلەر ۋە رىۋايەتلەرنىڭ يېڭىلىنىشى موھىم ئورون تۇتقان. ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى بۇنداق ئىلمىي بولمىغان كۆز قاراشلارنى ئومۇمىي ئوقۇرمەنلەر قوبۇل قىلىشقا ھېرىستەك كۆرۈنسىمۇ، نۇرغۇن ئالىملار تەرىپىدىن تەنقىد قىلىندى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تارىخىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنىڭ يەنە بىر تەرىپى، سوۋېت دەۋرىدە چەكلەنگەن تېمىلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا 1918- يىلى مۇرايېۋ قوماندانلىقىدىكى بولشېۋىكلار تەرىپىدىن يەتتىسۇدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئاممىۋى شەكىلدە ئېتىپ تاشلىنىشى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا بولغان سوۋېت بېسىمى ۋە 1930- يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن يەرلىك قوزغىلاڭلارنى باستۇرۇشتا سوۋېت كوممۇنېستلىرىنىڭ رولى ھەمدە 1940- يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يۈكسىلىشى ۋە يىمىرىلىشىگە قاتنىشىشى يەر ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئاخىرقى مەزمۇن ك. تالىپوۋ تەرىپىدىن تەتقىق قىلىنغان بولسىمۇ، ئومۇمىي خەلققە قارىتىلغان، ك. خوجامبەردى تەرىپىدىن يېزىلغان «تارىخ سەھنىسىدىكى ئۇيغۇرلار» قاتارلىق 20- ئەسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدىكى كىتابلارمۇ بار.

ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتى

قازاقىستان ھەمىشە ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەركىزى بولۇپ كەلگەن بولسىمۇ، ئالدىنقى بۆلەكلەردە كۆرسىتىلگەندەك، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندىن كەلگەن ئالىملارمۇ بۇ ساھەگە خېلى كۆپ تۆھپىلەرنى قوشقان. بۇ جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئالىملارنىڭ بۇ ساھەگە قاتنىشىشى دەسلەپتە 1940- يىللار ۋە 1950- يىللاردىكى ئاكادېمىك تەتقىقاتلارغا ئىلھام بىرىدىغان مائارىپقا ئېھتىياجلىق بولغاندا، بىرىنچى بولۇپ تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ساھەلىرىدە تاشكەنت دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شەرق فاكۇلتېتىدىكى ئۇيغۇر بۆلۈمى تەرىپىدىن تەلەپ قىلىندى. ئىلگىرى تىلغا ئېلىنغان ئو. ماماتاخۇنوۋ، ئى. ئىسمائىلوۋ، ك. مېلىيېۋ ۋە س. روزىباقىيېۋ قاتارلىق ئالىملارنىڭ بەزىلىرى بۇ بۆلۈمدە ئىشلىگەن ئىدى. مانا شۇنىڭدەك، جۇمھۇرىيەت ئاكادېمىيەلىرىدە بۇ جۇمھۇرىيەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تارىخى بىلەن شۇغۇللانغان ئالاھىدە گۇرۇپپىلار دىققىتىنى ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي ئارىسىدىكى تارىخىي باغلىنىشلارغا مەركەزلەشتۈرگەن ئىدى. ئۆزبېكىستاننىڭ شەرقشۇناسلىق ئىنستىتۇتىدىكى مۇشۇنداق بىر گۇرۇپپا ئا. خوجايېۋنىڭ تەتقىقاتىدا مۇھاكىمە قىلىنغان قوقان خانلىقى، شەرقىي تۈركىستان ۋە چىڭ ئىمپېرىيەسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى. شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ ھەر خىل تەرەپلىرىنىڭ موھىملىقى بولسا، ئى. تۇختىيېۋ، ئا. ئايتبايېۋ، ئې. ئىسمائىلوۋا ۋە ئو. جالىلوۋ قاتارلىق ئۆزبېكىستانلىق ئالىملار تەرىپىدىن تەكىتلەندى. قىرغىزىستاندا ئۇيغۇر پەلسەپىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بىر بۆلۈك ئالىملاردىن تەشكىللەنگەن گۇرۇپپا قۇرۇلدى.

قازاقىستانلىق زىيالىيلار بىلەن ۋە باشقا زىيالىيلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىق — باشقا جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئورگانلار بىلەن ئورتاق لايىھەلەرگە ئىگە  بولالايدىغان ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مەۋجۇت بولغان جەريانىدا تەرەققىي قىلدى. يەنە بىر مىسال بولسا، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى ھەققىدىكى خىتاي ماتېرىياللىرىنىڭ نەشر قىلىنىشىدۇر. تۈركمەنىستاندىكى ئۇيغۇرلار (بايرام ئەلى) غا كەلسەك، بۇلار ئاز بولسىمۇ ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرىغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن م ر. ماماتوۋ ۋە دا. ئىسىيېۋ بىلەن بىرلىكتە «بايرام ئەلى ئۇيغۇرلىرىنىڭ تارىخى ۋە ھازىرقى ھاياتى» ھەققىدە بىر كىتاپچە يازدى.

خۇلاسە

سوۋېت ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتىغا ھەم ئەمەلىي ھەم ئىدېئولوگىيىلىك مەقسەتلەر سەۋەبىدىن ئىلھام بەردى. رۇسىيە ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدىمۇ بەزى تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ، سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەركىزى قازاقىستاندا ۋە پايتەختى ئالمۇتادا بولغانلىقتىن ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ مەركەزلىك تەرەققىياتى يەنىلا قازاقىستاندا ئەمەلگە ئاشقان بولدى. كەڭ كۆلەملىك ئۇيغۇر تەتقىقاتى 1940- يىللاردا باشلانغان بولۇپ، تارىخ ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئوخشىمىغان تەرەپلىرى تەتقىق قىلىندى. ئۇيغۇر تەتقىقاتى 1986-1995- يىللىرى ئارىسىدا قازاقىستان پەنلەر ئاكادېمىيەسىدە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئەڭ يۇقىرى پەللىگە چىقتى. بۇ ئورگان سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قازاق مىللەتچى زىيالىيلارنىڭ ئىرادىسىگە قارشى قۇرۇلغان بولغاچقا، كېيىنچە ئاسانلا تاقىۋېتىلدى. تاقىلىشىنىڭ يەنە بىر مۇھىم سەۋەبى بولسا، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» قۇرۇلغاندىن كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىرگە ئېگە بولغان ختاينىڭ بېسىمى ئىدى.

سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئاكادېمىك تەتقىقاتلار شەرقىي تۈركىستاندىكى بۇ ساھەنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكتىن، ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ ساھەسى تىلشۇناسلىق، ئەدەبىيات ۋە تارىخ قاتارلىق ساھەلەردە ناھايىتى موھىم ئۇتۇقلارغا ئىرىشتى. مەسىلەن: شەرقىي تۈركىستاندىكى تىلشۇناسلىق قازاقىستانلىق زىيالىيلار تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ كۈچلۈك تەسىرىگە ئۇچىرىغان. سوۋېت ئوتتۇرا ئاسىياسىدا ئېلىپ بېرىلغان تارىخ تەتقىقاتلىرى ئۇيغۇر مىللەتچىلىك ئىدېئولوگىيەسىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە ناھايىتى چوڭ رول ئوينىدى.

بىر ۋاقىتلاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا ناھايىتى تەرەققىي قىلغان بۇ پەن ساھەسىنىڭ ھازىرقىدەك ئەھۋالغا كىلىپ قېلىشىنى قازاقىستان دۆلەت ياردىمىنىڭ توختىشىدىن بولغان دەپ كىسىپ ئېيتالايمىز. شۇنداق بولسىمۇ، دۆلەت باشلاتقان بۇ ساھەگە قارىتىلغان ئەھمىيەت بېرىشلەرگە قارىماي، ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرى ئىلگىرىكى ئورگانلىق ئىقتىدارىنى ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىدە ۋە قازاقىستاندىكى ھەرخىل ئالىي مائارىپ ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان، تېگى ئۇيغۇر بولغان ئاكادېمىكلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان شەخسىي تۈرلەرگە ئايلاندۇرۇشنى داۋام قىلماقتا ۋە تەتقىقاتلىرىنىڭ نەتىجىلىرىمۇ ئېلان قىلىنماقتا. شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش كېرەككى، سوۋېت دەۋرىدە «سوۋېت ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرى» شەرقىي تۈركىساندىكى ئىلىم-پەنگە تەسىر كۆرسەتكەن بولسا، سوۋېتتىن كېيىنكى دەۋردە شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر تەتقىقاتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيالىق زىيالىيلارنىڭ پىكىر ۋە قاراشلىرىغا ناھايىتى مۇھىم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. بۇنىڭ ئەڭ ياخشى مىسالى بولسا، تۇرغۇن ئالماسنڭ «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچىسىنىڭ كىرىل يېزىقى بىلەن ئالمۇتادا نەشىر قىلىنىشى، رۇسچىغا تەرجىمە قىلىنىشى ۋە بۇنىڭ ئالاھىدە ئالقىشقا ئىرىشىشىدۇر.

ماقالىنىڭ ئەسلىي تۈركچە مەنبەسى: Orta Asya’da Uygur Çalışmaları : Tarihsel Bir İnceleme

https://dergipark.org.tr/tr/download/article-file/2106164

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top