مەمەت ئىمىن: غۇلامىدىنكامنى ئەسلەپ
مەمەت ئىمىن
مەن غۇلامىدىن ئاكا بىلەن تۇنجى بولۇپ 2001- يىلى 5- ئايدا ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن بىر قىتىملىق پائالىيەتتە كۆرۈشكەن ۋە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، مەن غۇلامىدىنكام بىلەن يىقىندىن مۇناسىۋەت قىلىپ كەلگەن ئىدىم.
26 يىللىق مۇھاجىرەت ھاياتىمدا، مەن ۋەتەن مىللەت دەۋاسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كۆپلىگەن قىرىنداشلار بىلەن يىقىندىن ئالاقىدە بولدۇم؛ ئۇلار بىلەن كۆپلىگەن پائالىيەتلەرگە بىرلىكتە قاتناشتۇق. بۇ جەرياندا، مەن غۇلامىدىنكامدەك ۋەتەن مىللەت سۆيگۈسى ئۇ قەدەر كۈچلۈك ۋە ۋەتەن مىللەت دەۋاسىنى چىن دىلىدىن چىقىرىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قىلىدىغان ئىنسانلارنى كۆپ ئۇچراتمىدىم. ئەلۋەتتە، مەن بۇ يەردە باشقىلارنىڭ ۋەتەن مىللەت سۆيگۈسىنى، ۋەتەن مىللەت دەۋاسىغا بولغان قىزغىنلىقى ۋە سەمىمىيىتىنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمەن. مەن پەقەت غۇلامىدىنكامنىڭ ۋەتەن مىللەت سۆيگۈسى ۋە دەۋاغا بولغان قىزغىنلىقىنىڭ نەقەدەر يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچى.
2003- يىلى 11- ئاينىڭ 27-كۈنى، دوستىمىز تۇردى غوجىنىڭ ئۆيىدە ئۆتكۈزۈلگەن مىننەتدارلىق بايرىمى ئولتۇرىشىدا، غۇلامدىنكام ئۆزىنى كۆمۈش ئۈچۈن قەشقەردىن تۇپراق ئەكەلدۈرگەنلىكىنى، ئەگەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆلۈپ كەتسە، باللىرىغا ئۇ تۇپراقنى ئۆزىنىڭ ئۈستىگە چېچىپ، بىرگە كۆمۈشنى ئەسكەرتىپ قويۇشنى دەپ، سورۇندىكى ھەممىمىزنى يىغلىتىۋەتكەن ۋە شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ئۇ ۋەسىيىتىنى بىر نەچچە قىتىم قايتا- قايتا تەكرارلىغان ئىدى.
ياشىنىپ قالغان غۇلامدىنكامغا نىسبەتەن، ئۆزى يالغۇز 5 – 6 سائەت ماشىنا ھەيدەپ ۋاشىنگىتونغا بېرىپ، يەنە 5 – 6 سائەت ماشىنا ھەيدەپ ئۆيگە قايتىپ كېلىش ئاسان ئەمەس ئىدى. شۇ سەۋەبتىن 2010- يىللىرىدىن ئېتىبارەن، مەن ۋاشىنگىتوندا ئۆتكۈزۈلگەن ھەر خىل پائالىيەتلەرگە ئىزچىل تۈردە غۇلامدىنكامنى ئېلىپ بىرگە بېرىشقا باشلىدىم. ھەر قىتىم بىز ۋاشىنگىتون شەھرىگە قاراپ يولغا چىققاندا، غۇلامىدىنكام، پائالىيەتكە كېلىدىغان جامائەت بىلەن كۆرىشىدىغان بولغاچقا، خۇددى ۋەتەنگە قايتىدىغاندەك ئالاھىدە ھاياجانلىنىپ، روھلىنىپ كېتەتتى. يولدا بارغىچە كەلگىچە بىر تەرەپتىن مەندىن ۋەتەندە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىش ۋە يىڭىلىقلارنى سورىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ۋەتەندىن ئايرىلىشتىن بۇرۇنقى تارىخى ۋەقەلىكلەر ۋە ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرەتتى. 80 ياشتىن ئاشقان ھالىغا باقماي، يول بويى ئازراقمۇ مۈگدەپ قالماي، يول بويى ماڭا ھەمراھ بولاتتى.
غۇلامدىنكامنىڭ ئۆتمۈشتىكى كەچۈرمىشلىرىنى 15 – 20 يىلدىن بۇيان قايتا- قايتا ئاڭلاۋەرگەچكە بولسا كېرەك، ئۇ ئەھۋاللار، خۇددى مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەندەك ياكى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەندەك، ماڭا شۇ قەدەر تونۇش بولۇپ كەتكەن ئىدى.
2019 – يىلى 6 – ئاينىڭ 4- كۈنى، ئامېرىكىنىڭ دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۇش فوندى (NED)، ئامېرىكىنىڭ پارالامېنت بىناسىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا 2019 – يىللىق دېموكراتىيە مۇكاپاتى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان غۇلامىدىنكام، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭغا قاتناشمىسا بولمايدىغانلىقىنى دەپ، مېنىڭ ئۆزىنى بىرگە ئىلىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىپ تۇرىۋالدى. ئۇ مەزگىلدە غۇلامىدىنكام جىسمانىي جەھەتتە بىر ئاز ئاجىزلىشىپ قالغان بولۇپ، بىرەسى يۆلىۋالمىسا، ئاسان يەڭدەپ يىقىلىپ چۈشىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. ئۆيدىكىلىرى غۇلامىدىنكامنىڭ سالامەتلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ، ئۇنىڭ بېرىشىغا ئۇنچە قوشۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما غۇلامىدىنكامنىڭ قەتئىلىكى سەۋەبىدىن، ئاخىردا مەن ئۇنى ۋاشىنگىتونغا ئىلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولدۇم. مۇراسىم ناھايتى داغدۇغىلىق بولدى. مۇراسىمغا قاتنىشىش ئۈچۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلار، غۇلامىدىنكام بىلەن بەس بەستە رەسىملەرگە چۈشۈشتى. 6 سائەتلىك سەپەر ۋە مۇراسىمنىڭ ئالدى كەينىدىكى بىر نەچچە سائەتلىك چارچاشلار تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك، بىز پارلامېنت بىناسىدىن چىقىپ، ماشىنا توختاتقان جايغا مېڭىش جەريانىدا، گەرچە مەن غۇلامىدىنكامنىڭ بىر قولتۇقىدىن يۆلىۋالغان بولساممۇ، ئەمما غۇلامىدىنكام ئۇشتۇمتۇت ئۆز تەڭپۇڭلىقىنى يوقىتىپ، بىر تەرەپكە يىقىلىپ چۈشتى. باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن، مەن غۇلامىدىنكامنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، ماشىنىغا ساق سالامەت ئېلىپ باردىم. غۇلامىدىنكاممۇ ناھايتى جەسۇرلۇق بىلەن، ھېچنىمە بولمىدى دەپ، مېنىڭ كۆڭلىمنى ياسىدى. پائالىيەتتىن كىيىن مەن غۇلامىدىنكامنى ساق سالامەت ئۆيىگە ئاپىرىپ قويدۇم. ئارىدىن 2 ھەپتە ئۆتكەندە، مەن غۇلامىدىنكامنى يوقلاپ بارسام، غۇلامىدىنكام بىر ئاز ئاقساپ قاپتۇ؛ نېمە بولدى دەپ سۆرىسام، تىزىم ئازرق ئاغرىيدۇ دېدى. شۇنىڭ بىلەن مەن ئىشتاننىڭ پاچىقىنى يۇقىرىغا تارتىپ قارىسام، ئىككى ھەپتە بۇرۇن يىقىلىپ چۈشكەن يەر كۆكۈرۈپ، ئىششىپ كېتىپتۇ. ئۇنى كۆرۈپ كۆڭلۈم شۇ قەدەر بىئارام بولدى. مېنىڭ راھەتسىز بولغانلىقىمنى كۆرگەن غۇلامىدىنكام، دەرھال ماڭا تەسەللى بېرىپ، ھېچقىسى يوق، ساقىيىپ كەتكىلى ئاز قالدى دېگەندە، ئىچىم بىر خىل ئاچچىق بولۇپ كەتكەن ئىدى.
2022 – يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى، 90 ياشتىن ئاشقان غۇلامىدىنكامنى ئېلىپ، ۋىرجىنىيادا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان «جۇمھۇرىيەت كۈنى»نى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە كەلدىم. پائالىيەت ئۇيغۇر مەركىزىدە كەچ سائەت 6 دىن 8 گىچە ئىككى سائەت داۋام قىلغان بولۇپ، ئۇ غۇلامىدىنكامنىڭ ۋىرجىنىيادا قاتناشقان ئەڭ ئاخىرقى پائالىيىتى ئىدى. پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كىيىن، غۇلامىدىنكامنىڭ بالدۇرراق ئارام ئېلىشى ئۈچۈن، ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ يىنىدىكى مىھمانخانىغا قايتىپ كەلدۇق. مىھمانخانىغا قايتىپ كېلىپ خىلى ئۇزۇنغىچە، غۇلامىدىنكام پەقەت ھارغىنلىق ھېس قىلغاندەك ۋە ئۇيقۇسى كەلگەندەك ئەمەس ئىدى. مەن غۇلامىدىنكامغا، ئەتە يەنە 6 سائەت ماشىنا ھەيدەپ، ئۆيگە قايتىمىز، شۇڭا بالدۇراق ئۇخلاپ، ئارام ئالسا دېسەم، بىرسى يوقلاپ كېلىپ قالارمىكىن دەپ، كىچە سائەت بىرگىچە ئۇخلىماي ساقلاپ ئولتۇرغان ئىدى.
ئۇنىڭدىن كىيىنكى 2 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت جەريانىدا، غۇلامىدىنكام نىيورۇكتىن ئايرىلمىغان بولۇپ، بىر نەچچە قېتىم نىيورۇكتىكى جامائەت ئۆتكۈزگەن پائالىيەتلەرگە قاتناشقاندىن باشقا ۋاقىتلاردا، ئاساسەن ئۆيدە كىتاپ ئوقۇش ۋە ئۆزىنى يوقلاپ كەلگەنلەرگە، ئۆز ھاياتىدا ئەڭ قىممەتلىك بولغان غەزىنە — يەنى ۋەتەندىن ئېلىپ كەلگەن ھەر خىل خاتىرە بويۇملار ۋە ۋەتەندە نەشىر قىلغان كىتاپلارنى كۆرسۈتۈش بىلەن مەشغۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن ئىدى.
2024- يىلى 4- ئاينىڭ 20- كۈنى دوستىمىز دولقۇن ئەيسا، مەمەت توختى، ئۈچەيلەن غۇلامىدىنكامنى يوقلاپ بارغىنىمىزدا، غۇلامىدىنكام شۇ قەدەر خوش بولۇپ كەتكەن ئىدىكى، ھاياجانلانغانلىكىدىن 20-30 ياشلىق ياشلاردەك ئېنىرگىيەگە تولغان ئىدى. ئۆزىنىڭ ياشىنىپ قالغانلىقى ۋە ماغدۇرسىزلىقىغا قارىماي، بىزنى يەر ئاستى غەزىنىسىگە باشلاپ كىرىپ، تامغا چاپلاپ قويغان تارىخىي رەسسىملەر ۋە كىتاپلىرىنى بىر بىرلەپ تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن ئىدى. بىز قايتىدىغان ۋاقىتتا، بىزنى سىرىتقىچە ئۇزۇتۇپ چىقىپ، تاكى ماشىنا مەھەللىدىن ئايرىلغىچە ئىشىك تۈۋىدە ساقلاپ تۇرغان ئىدى.
2024- يىلى 10- ئاينىڭ 26- كۈنى دوستىمىز تۇردى غوجا بىلەن غۇلامىدىنكامنى يوقلاپ بارغىنىمىزدا، ئۇ يوقلاشنىڭ غۇلامىدىنكامنىڭ ساق ۋاقتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى قىتىملىق يوقلاش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئەسلا ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. ئەمما غۇلامىدىنكام بەلكىم بىر نەرسىلەرنى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ كۈنى غۇلامىدىنكام شۇنداق تىتىلىشىپ كەتكەن بولۇپ، بىر نەچچە قىتىم بىزنى يەر ئاستىدىكى غەزىنىسىگە باشلاپ كىرىپ، بىر نەرسىلەرنى كۆرسەتمەكچى بولغاندا، بىز غۇلامىدىنكامنى بەك چارچىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، ئاۋارە بولمىسا دەپ، ئۇنى ئولتۇرغۇزغان ئىدۇق. ھازىر ئويلاپ باقساق، ئەسلى يەر ئاستى غەزىنىسىگە بىرگە چۈشۈپ، شۇ ئارزۇسىغا يەتكۈز قويغان بولساق، بەلكىم بىزگە مۇھىم بىر نەرسە كۆرسىتىش پىلان بولغىيتى. ئەپسۇس، ئۇنداق بىر پۇرسەت ئەمدى مەڭگۈ كەلمەسكە كەتتى.
ۋەتەن مىللەت سۆيگۈسى ھەممىمىزدە بار؛ ئەمما غۇلامىدىنكامنىڭ ۋەتەن مىللەت سۆيگۈسى ھەممىمىزدىن پەرقلىق بولۇپ، ئۇنى ئىپادىلەش ئۈچۈن مۇۋاپىق سۆز تىپىش ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس. غۇلامىدىنكامنىڭ ھاياتى، ۋەتەن مىللەت دەۋاسى ئۈچۈن بىغىشلانغان ھايات. ئۇ ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن بېرى خەلقىگە بىر ئۈمىد مەشئىلى بولۇپ، مىللىتىنىڭ دەۋاسىدىن ھىچقاچان ۋاز كەچمىدى. ئۇ كەچمىشتىكى دەۋانىڭ سېموۋولى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كېلەچەكتىكى دەۋاغا ئاساس سالغۇچى ۋە يېڭى ئەۋلاتلارغا ئۈمىد ئاتا قىلغۇچى. ئۇنىڭ دەۋاغا بولغان ساداقىتى ۋە مۇھەببىتى ھەر بىرىمىزگە ئۆچمەس نەمۇنىلار قالدۇردى. ئۇنىڭ ۋاپاتى، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن چوڭ بىر يوقىتىش. ئۇ خەلقىنىڭ قەلبىدە ئەبەدىي ياشايدۇ. ئاللاھ غۇلامىدىنكامنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەت قىلسۇن!