You Are Here: Home » ئومۇمى » ئامېرىكىدا غۇلامىدىن پاختا ئاكىنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئامېرىكىدا غۇلامىدىن پاختا ئاكىنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ھەمكارلىقىدا 4- ئاينىڭ 26- كۈنى (شەنبە) ئامېرىكا ۋېرجىنىيا شىتاتىنىڭ فەيەرفەكىس شەھەرىدىكى ئۇيغۇر مەركىزىدە مەرھۇم غۇلامىدىن پاختا ئاكىنىڭ ئىش- ئىزلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.

پائالىيەتكە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئەلفىدار خانىم رىياسەتچىلىك قىلغان بولۇپ، ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس غۇلامىدىن ئاكىنىڭ ھاياتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.

ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر ھەركىتىنىڭ دېرىكتورى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسى روشەن ئابباس خانىم، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى ۋە سابىق رەئىسى تۇردى غوجا، غۇلامىدىن ئاكىنىڭ ئوغلى كۈرشات، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تۈرىدىن زۇبەيرە خانىم، ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسىنىڭ تەپتىشى ۋە غۇلامىدىن ئاكىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك دوستى دوختۇر مەمەت ئىمىن سۆز قىلىپ، غۇلامدىن ئاكىنىڭ تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى ئەسلەپ ئۆتتى.

ئۇندىن كىيىن غۇلامىدىن ئاكىنىڭ ھاياتى توغرىسىدا ئالتە قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىگەن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ مۇخبىرى ئەسەت سۇلايمان ئەپەندى، غۇلامىدىن ئاكىنىڭ ھاياتىنى ئۆزى ئىشلىگەن ۋىدىيو بىلەن قوشۇپ قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئاندىن گۈلناز خانىم ۋە غۇلامىدىن ئاكىنىڭ ئائىلە دوستلىرى ئۆز تەسىىراتلىرىنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئاخىردا ئەنقەر ھاجىم غۇلامىدىن ئاكىنىڭ روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدى؛ ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ ئىمامى ئابدۇرازاق ھاجىم غۇلامىدىن ئاكىنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلدى. پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا جامائەت غۇلامىدىن ئاكىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سەۋر تىلىگەچ، ئۇلار بىلەن خاتىرە سۈرەت چۈشتى. پائالىيەت 2 سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بولۇپ، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولدى.

غۇلامىدىن ئاكا 1998-يىلىدىكى بىر پائالىيەتتە

غۇلامىدىن ئاكا 1998-يىلىدىكى بىر پائالىيەتتە

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top