تۈركىيەنىڭ مۇستەملىكە ئاستىدىكى تۈرك قەۋىملىرىگە قارىتا تاشقىي سىياسىتى – ئۇيغۇر، ئاغىسكا تۈركلىرى ۋە قىرىم تاتارلىرى مىساللىرى
بۇرجۇ تۇگاي (ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى دوكتور ئاسپرانتى)
تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئامىنە ئۇيغۇر
تەھرىر: ئابدۇخالىق قارا
كىرىش
خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە ھەر خىل ناھەقچىلىكلەرگە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلار بەلكىم دۇنيادا ئەڭ كۆپ زوراۋانلىققا ئۇچراۋاتقان مىللەتلەردىن بىرىدۇر. پەقەت ئۆز رايونلىرىدا ئۆز مىللىي مەدەنىيىتى، ئەنئەنىسى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى بىلەن ياشاشنى مەقسەت قىلغان ۋە بىزنىڭ قېرىنداش توپلۇلۇقىمىز بولغان بۇ مىللەتلەر يىللاردىن بېرى ئىنسانىيلىققا ھېچ سىغمايدىغان مۇئامىلىلەرگە ئۇچراپ كەلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى، سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ دەۋرىدە قىلغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىدىن يول ئېلىپ، بەلكىم سوۋېت رۇسىيەسىنى ئارقا سۇپىدا قالدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلەر بىلەن تۈرك قەۋىمى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىگە قارىتا ئەشەددىي سىياسەتلەرنى يولغا قويغان.
دۇنيا تارىخىغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتكەن س.س.ج.ئى (سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى) نىڭ بولۇپمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن رۇس بولمىغان جامائەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسەتلىرى بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاۋكاز قاتارلىق رايونلاردا ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەن. بۇ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرى ئىقتىساد، مەدەنىيەت، تىل ۋە مەجبۇرىي كۆچۈش شەكلىدە ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. س.س.ج.ئى نىڭ تارقىلىشىدىن كېيىن تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ماكانلىشىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان مەسىلىلەر ۋە بۇ مەسىلىلەرنىڭ ۋەتەنگە قايتىش كۈرىشىگە بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلغان بۇ تەكشۈرۈشتە تارىخىي جەريان ئىچىدە يۈز بەرگەن مەسىلىلەرگە كىملىك، ئاز سانلىق ھوقۇقلىرى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە مەركەزلەشكەن.
ئاغىسكا تۈركلىرى ۋە قىرىم تاتارلىرى ئوسمانلى تارىخىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ بۇ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ۋە بۇ سىياسەتلەرنىڭ تەسىرلىرىنى بۈگۈنگىچە كۆتۈرۈپ كەلمەكتە. بۇ مىللەتلەرنىڭ بەزى قىسىملىرى تېخىچە تۇرۇۋاتقان رايونىدا پۇقرالىق ھوقۇقىنى قوللىنالمايدىغان، ھەق-ھوقۇقلىرى چەكلەنگەن ۋە بېسىم ئاستىدا بولغان خەلقلەر سۈپىتىدە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ ماقالىدە بۇ خەلقلەرنىڭ قىسقىچە تارىخىي جەريانلىرى مۇلاھىزە قىلىنىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرى ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىلىرى يۇرۇتۇلىدۇ.
ئاغىسكا ۋە قىرىم تۈركلىرىنىڭ ياشاۋاتقان رايونلىرى ۋە بۇ رايونلاردا ئۇچراۋاتقان مەسىلىلىرى تەھلىل قىلىنىدۇ ۋە قېرىنداش دەپ قارايدىغان بۇ جامائەتلەرگە قارىتا تۈركىيەنىڭ بۇ مىللەتلەرنىڭ ھوقۇق ئىزدەش جەريانلىلرىغا مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلىرى ئۈستىدە توختىلىدۇ. تۈركىيەنىڭ تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇلارنىڭ تىنچلىق ۋە پاراۋانلىق ئىچىدە ياشىشى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ۋە بۇ مىللەتلەرگە بولغان چۈشەنچىسى تەھلىل قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، تۈركىيەنىڭ مەزكۇر خەلقلەرگە قارىتا مەدەنىيەت قازىنى رولىنى ئويناپ، مائارىپتا ۋە مەدەنىيەتتە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈلۈش ئۈچۈن تەھلىللەر ئېلىپ بېرىلىدۇ.
تاشقىي سىياسەت جەھەتتە سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مۇستەقىللىق قازىنىشى بىلەن تۈركىيەگە خەلقئارا سەھنىدە تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. بۇ مەنىدە بولۇپمۇ دەمىرەلنىڭ ئادرىياتىك دېڭىزىدىن سەددىچىنگىچە دېگەن تەكىتلىشى مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسەتمەكتە.
كۆرۈنۈپ تۇرغىنىدەك، تۈركىيە بۇ جەرياندا، خالىسۇن-خالىمىسۇن بىر نىشان ۋە مەقسەتكە ئىگە بولغان. بولۇپمۇ تۈركىيەنىڭ بۇ خەلقلەر بىلەن تىل، دىن ۋە ئېتنىك جەھەتتىن يېقىنلىقى ۋە دۆلەت بىلەن دىننى ئايرىپ قوبۇل قىلغان بىر ئۈلگە دۆلەت بولۇشى، تۈرك خەلقلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغداشتا ئالدىنقى قاتاردا رول ئوينىشىغا ياردەم قىلغان بىر ئامىل سۈپىتىدە باھالىنىشى مۇمكىن. تۈركىيە بۇ خەلقلەرگە بولغان سەزگۈرلۈكىنى ھەرخىل پۇقرالار تەشكىلاتلىرى، ئاكادېمىك، رەسمىي ۋە پۇقراۋى يۇقۇرى قاتلام يىغىنلىرى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرماقتا ۋە خەلقئارا سەھنىدە مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرى توغرىسىدا كەسكىن پوزىتسىيە تۇتىدۇ. ھەتتا ئورنى كەلگەندە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىپ، پىلانلىق كۆچۈرۈش ئارقىلىق مەزكۇر مىللەتلەرنىڭ پۇقرالىرىغا ئىگە چىققان ۋە ئۇلارنى پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئىگە قىلغان.
ئۇيغۇرلار ھەققىدە
شەرقىي تۈركىستان خىتاي ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا خىتايدىكى رەسمىي ئىسمى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى» بولۇپ، 1955- يىلى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مەركىزىدە قۇرۇلغان. يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى جەھەتتىن باي بولغان بۇ رايونغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش، ئەمەلىيەتتە بىر مەنىدە دۇنيانىڭ ئەڭ باي ۋە ئىستراتېگىيىلىك رايونىغا ئىگە بولۇشتەك مۇھىم بىر مەنانى ئىپادىلەيدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئىسمىنى ۋە كىملىكىنى قوبۇل قىلمىغان ۋە رايون جەمئىيىتىنىڭ تارىخىي ئۆتمۈشى ئىچىدە خىتاي زېمىنى بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈركىستان ئىسمىنى رەت قىلغان. نەتىجىدە، رايوننىڭ ئىسمىنى يېڭى رايون ياكى يېڭى مۇستەملىكە قىلىنغان رايون مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «شىنجاڭ» ئىسمى بىلەن ئاتىغان. خىتاي دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي ئاھالە ۋە جاي ئىسىملىرىنى ئويدۇرما خىتاي ئىسىملىرى بىلەن ئۆزگەرتكەن، رايوندا بولغان تۈركىي مىللەتلەرنى يوق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرخىل زۇلۇملارنى قوللانغان. شۇنداقلا، بۇ مىللەتلەرنىڭ سۆز، مەتبۇئات، ساياھەت قاتارلىق ھەق ۋە ئەركىنلىكلەردىن مەھرۇم قېلىشىغا سەۋەب بولىدىغان سىياسەتلەرنى يۈرگۈزگەن. بۇ سىياسەتلەرنىڭ كۆپىنى سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ ھەرخىل تۈرك خەلقلىرىگە قوللانغانلىقىنى ئېيتىش مۇمكىن. سوۋېت رۇسىيەسى ھەرخىل خەلقلەرنىڭ مىللىي ئېڭىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئۆزى لايىھىلىگەن مىللەتلەر ۋە جۇمھۇرىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرگەن، ئېلىپبەلىرىنى رۇسلاشتۇرغان ۋە دىن ۋە تارىخلىرىدا ھەرخىل تەھدىت قىلغۇچى ھەرىكەتلەرنى قىلغان. شەرقىي تۈركىستاندا 1949- يىلىدىن بېرى خىتاينىڭ رەسمىي سىياسەتلىرىدىن ۋە باستۇرغۇچى قانۇنلىرىدىن كېلىپ چىققان سەۋەبلەر بىلەن كەڭ كۆلەمدە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى جىنايەتلىرى ئىشلەنمەكتە.
ئەمەلىيەتتە، 1930- يىللاردا خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قارىتىلغان نوپۇس ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاندا، شەرقىي تۈركىستان خەلقى، خىتاي دۆلىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى خۇددى ھەرقانداق بىر ئۆلكىسى سۈپىتىدە كۆرگەنلىكىنى ۋە خىتاي خەلقى ئىچىدە بىر ئاز سانلىق سۈپىتىدە باھالىغانلىقىنى كۆرەلىگەن. يەنە خىتاي دۆلىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بەرمەيدۇ ۋە سىياسىي ۋە ئىدارىي ئىشلاردا رايون خەلقىنىڭ قاتنىشىشىنى توسۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان بىر سىياسەت يۈرگۈزمەكتە.
خىتاي ئاساسىي قانۇنىدىكى «پۇقرالارنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر بولۇشى» ھۆكۈمى كۆپ قېتىم دەپسەندە قىلىنغان بولۇپ، باي رايونلارغا ۋە ئىش ساھەلىرىگە خىتايلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن «ھەر بىر خىتاي پۇقراسى دىن ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە» دېگەن ماددا ھەرخىل بېسىملار نەتىجىسىدە كۆپ قېتىم بۇزۇلغان. سىياسىي تۇتقۇنلار خەلقئارالىق ئادالەت ئۆلچىمىدىن يىراق ھالدا سوراققا تارتىلغان، جازالار ۋە ئۆلۈم جازالىرى خالىغانچە بېرىلگەن. بولۇپمۇ ئۆلۈم جازاسى خەلقنى قورقۇتۇش ئۈچۈن ئاددىي جىنايەتلەرگىمۇ ئاسانلا بېرىلىدىغان جازاغا ئايلانغان. بۇ بارلىق ئەھۋاللار خەلقئارادىن يوشۇرۇن ھالدا ئېلىپ بېرىلماي، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ھۆججەتلىرىدە خاتىرىلەنگەن. بۇ قانۇنىي توسالغۇلاردىن باشقا، خىتايدا ئۇيغۇر مىللىتىگە قاراتقان مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش، ئەزا سودىسى ۋە تۇتقۇنلارنىڭ سانىنىڭ مىسلىسىز ئاشقانلىقىغا دىققەت قىلىش كېرەك.
توقۇنۇشلاردا يارىلانغان ئۇيغۇر قاتارلىق تۈرك قەۋىملىرى دۆلەت دوختۇرخانىلىرىغا قوبۇل قىلىنماي، ئۆيلىرىدە داۋالىنىشقا مەجبۇر بولغان ۋە بەزىدە قان يوقىتىشتىن ئۆلۈم ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن. ئۆلگەنلەرنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى بولسا بۇ مىللەتلەرنىڭ نە دىنىغا، نە ئۆرپ-ئادىتىگە ماس بولمىغان. يەنە تۇتۇلغان كۆپ كىشىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلىنالمىغان بولۇپ، تۇتقۇنلارنى تامامەن يالىڭاچ ھالدا خەلق ئالدىدا كۆرسىتىش قاتارلىق ئىنسان ئىززىتىگە ياراشمايدىغان مۇئامىلىلەر قىلىنغان. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 1994-يىلى 2780 ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن ۋە تەخمىنەن 2050 سى ئىجرا قىلىنغان.
ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا ھەقسىز ياكى ئەرزان ئۇرۇق ۋە تۇپراق تەقدىم قىلىپ، باج-سېلىقتىن ئازاد قىلىپ خىتايلارنى يەرلەشتۈرۈش سىياسىتى، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلماقتا. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ يەر-زېمىنلىرى مەجبۇرىي تارتىۋېلىنىپ، ئۇلارغا تېخىمۇ ھوسۇلسىز يەرلەردە ياشاش، ھەتتا يۇرتتىن قوغلاپ چىقىرىشتەك رەزىل پىلانلارنى توغرا كۆرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر رايونلىرىدا خىتايلارنىڭ نوپۇسىنى كۆپەيتىپ، ئۇيغۇرلار ئاز سانلىق مىللەت ھالىتىگە كەلتۈرۈلمەكچى بولغان. بۇ يەردىكى مەقسەت، ئەسلىدە تۈرك كىملىكىنى يوق قىلىش بولغان. ئاپتونوم جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىسمىدا تۈرك ئەمەس، بەلكى ئايرىم بىر ئىرقتەك «ئۇيغۇر» ئاتالغۇسىنىڭ قوللىنىلىشىمۇ بۇنى ئىپادىلەيدۇ. 1979-يىلىدىن باشلاپ ئېلىپ بېرىلغان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى بىلەن بالا تۇغۇشقا چەكلىمە قويۇلغان، بالا تۇغۇش يېشى ۋە سانى دۆلەت كونتروللۇقىغا كىرگەن. شەھەر رايونلىرىدا بىر بالا، يېزا رايونلىرىدا ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى بالا چەكلىمىسىگە رىئايە قىلمىغانلارغا ئېغىر جازالار قوللىنىلغان، بەلگىلەنگەن ساندىن ئېشىپ كەتكەن ئائىلىلەرنىڭ بالىلىرى ئۆلتۈرۈلگەن.
شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك ۋە تاتار قاتارلىق تۈرك قەۋىملىرى يىللار داۋامىدا قوشنىلىرى، ئىرقداشلىرى ۋە دىنداشلىرى قاتارلىق دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ ھېچقايسىسى تەرىپىدىن ھىمايە قىلىنمىغانلىقى ۋە ئاۋازلىرىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئاڭلانمىغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان. رايوندا ياشاۋاتقان خەلقلەرنى قوغداش ۋە زۇلۇمنى توسۇشتىكى مەغلۇبىيەتنىڭ ئاستىدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بولسىمۇ، ۋاقتىدا تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تۈرك ئۈست كىملىكىدە بىرلىشەلمىگەنلىكىدىن، بۈگۈنكى كۈنگىچە مىللىي ۋە كۈچلۈك بىر تەشكىلات قۇرالمىغانلىقى مۇھىم بىر ئامىلدۇر. نەتىجىدە، خىتايلار رۇسلارنىڭ غەربىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان تۈرك ئۈست كىملىكىنى تاتار، ئۆزبەك، قىرغىز قاتارلىق بۆلەكلەرگە پارچىلاش يەنى «ئېتنوگېنېز سىياسىتى»نى شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىگە قوللانغان.
خىتاي بېسىمىغا قارشى تۈرك تاشقىي سىياسىتى
ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي بېسىمغا قارشى ھەرخىل يوللار ئارقىلىق ئۆز دەۋاسىنى پۈتۈن دۇنياغا بىلدۈرمەكچى بولۇشقان. بەزىدە بۇ يوللار قانۇنلۇق ۋە ھەققانىي بىر باسقۇچ بولۇپ خەلقئارا سەھنىدە ئورۇن ئالسا، بەزىدە رادىكال تەشكىلاتلارغا قېتىلىپ زوراۋانلىق يولىنى تاللىغان. دۇنيادا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللايدىغان بىر قىسىم پۇقرالىق تەشكىلاتلار، خىتاي بېسىمى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ جىددىي ھالەتكە يەتكەنلىكى توغرىسىدا دۇنيادا ئورتاق چۈشەنچە ھاسىل قىلالىدى. بۇ پۇقراۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ بەزىلىرى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق ۋە ياردەملىشىش جەمئىيىتىدۇر. شۇنىڭدەك، 1949-يىلى كوممۇنىستلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشىدىن كېيىن ھىندىستانغا پاناھلىق تىلىگەن ۋە كېيىن تۈركىيەگە كۆچۈپ كەلگەن ئىسا ئالپتېكىن ئىستانبۇلدا «شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار جەمئىيىتى»نى قۇرغان. ئالپتېكىن تۈركىستاننىڭ ھەققانىي دەۋاسىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى مەقسىتىدە نۇرغۇن يىغىنلارغا قاتناشقان ۋە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ ب د ت غا يەتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن.
تۈركىيەنىڭ دۇنيا سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىدا خىتايچىلىك سالمىقى يوق. بىراق تۈركىيە، ياۋرو-ئاسىيا رايونىدا مۇھىم بىر ئارىلىق رايون رولىنى ئوينايدۇ. بۇ جەھەتتىن، ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۈچۈنمۇ تۈركىيە بىلەن يېقىنلىشىش ناھايىتى مۇھىمدۇر. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى باشلانغاندىن بېرى تۈركىيە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىقىنى مىللىي سەۋىيەدە كۈن تەرتىپكە قويغان بولسىمۇ، خەلقئارا جامائەتچىلىككە تەسىر كۆرسىتىشتە تەلتۆكۈس ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلالمىغان.
بۇ يەردە، خىتاي دۆلىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى رادىكال تېررور تەشكىلاتلىرىغا ئەزا دېگەن تۆھمەت بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تەسىر كۆرسىتىشى ۋە خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدە ئۈنۈملۈك بىر ئورۇندا بولۇشى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللار مۇھىم رول ئوينىماقتا.
تۈركىيە بەزىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى سەۋىيەسىدە بەزىدە پرېزىدېنتلىق سەۋىيەسىدە مەسىلىگە يېقىنلىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللىماقتا ۋە بىر قىسمىنى تۈركىيەگە يەرلەشتۈرمەكتە. شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھەمكارلىق ۋە ياردەملىشىش جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى سەيىت تۈمتۈرك، يېقىنقى يىللاردا تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا جىددىي بىر جامائەتچىلىك ھېسسىياتى شەكىللەنگەنلىكىنى ئىپادىلەپ ئەھۋالنى تەستىقلىماقتا. تۈركىيە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى مىللىي ھېسسىيات بىلەن باھالىغان بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە پۈتۈنلەي قارشى تۇرماي، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى سۆھبەتلەردە مانېۋىر بوشلۇقى يارىتىش مەقسىتىدە، بەزىدە مەلۇم مەسىلىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغانلىقىنى كاپالەتلەندۈرگەن ۋە ھەتتا بەزىدە ئۇيغۇرلاردىن تەنقىدكە ئۇچرىسىمۇ «بىرلىككە كەلگەن خىتاي» سىياسىتىنى قوللاپ، تېررورلۇققا قارشى ئاتقان قەدەملىرىنى تەقدىرلەپ مۆتىدىل بىر سىياسەتنى تۇرغۇزماقتا. خىتايمۇ بىخەتەرلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ساھەلىرىدە تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىق قىلىشقا چاقىرىق قىلىپ، ئىككى تەرەپلىك سۆھبەتنى ھەم بىخەتەرلىك ھەم باشقا ساھەلەردە ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇشقا تىرىشماقتا.
تۈركىيە بۇ سىياسىتى ئارقىلىق پانئىسلامىزم ۋە پانتۈركىزم قاتارلىق چۈشەنچىلەردىن يىراق تۇرۇش نىيىتى بىلەن كېلىشتۈرگۈچى ۋە قۇرغۇچى بىر پوزىتسىيە بىلەن مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىپ، مەسىلىنى خەلقئارا كۈن تەرتىپكە ئېلىپ چىقىشنى ۋە پۇقرالىق تەشكىلاتلىرى سەۋىيەسىدە مۇھاكىمە قىلىشنى ئەۋزەل كۆرمەكتە. بۇ ھەم تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كەلگۈسى ئۈچۈن، ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش يولى دەپ باھالانماقتا. تۈركىيە، 1990-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ رايوندا رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشقا تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر چۈشەنچە بىلەن ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتاي بىلەن يېقىنلىشىش ئىستراتېگىيەسىنى قوللىنىشقا باشلىغان. خىتاي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەنىدە تۈركىيەدىن كۆپ دەرىجىدە ئېغىرلىقى بولغان بىر دۆلەت سۈپىتىدە مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى ۋە مۇقىملىقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا ناھايىتى بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. ئەمما ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتلەردە تۈركىيەنىڭ تەڭپۇڭلۇقنى بىر شەكىلدە ساقلىشى كېرەك.
ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆلتۈرۈلگەن ۋە كۆپلىگەن ھۇجۇم قىلغۇچىلار جازالانمىغان. بۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار، دېموكراتىك ئىنكاسلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش، ھۇجۇم قىلغۇچىلارنىڭ جازالىنىشىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن 2009-يىلى 5-ئىيۇل كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ پايتەختى ئۈرۈمچىدە ئۇنىۋېرسىتېت ئالدىدىن بىر نارازىلىق يۈرۈشى ئۆتكۈزگەن. بۇنىڭ ئۈستىگە يەنە قانلىق بىر مۇداخىلە بىلەن 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەن ۋە نامايىش خىتاي بىخەتەرلىك كۈچلىرى تەرىپىدىن قانلىق ھالدا باستۇرۇلغان ۋە جامائەت خەۋەردار بولغان ھالدا قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىلغان، برونېۋىك ماشىنىلار بىلەن نامايىشچىلار تارقىتىلغان، دەسسىلىپ، ئوق ئېتىلغان. بۇ قىرغىنچىلىقتا 200 ئۇيغۇر تۈركىنىڭ ئۆلگەنلىكى خىتاي رەسمىي ئورگانلىرى تەرىپىدىن بايان قىلىنسىمۇ، ئۇيغۇرلار بۇ ساننىڭ مىڭ ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان باستۇرۇش سىياسىتى، يېقىن قېرىنداش جەمئىيەت بولغان تۈركىيەنى جىددىي دەرىجىدە ئەندىشىلەندۈرمەكتە ۋە بولۇپمۇ دىنىي باستۇرۇشلارنىڭ مىللىي كىملىكلىرىنى يوقىتىش خەۋپى ئاستىدا قالغان قېرىنداشلىرىغا يۈرگۈزۈلگەن زۇلۇملارغا دۇنيادىن مۇھىم بىر ئىنكاس كەلمەسلىكى بەزىدە تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە بەزىدە تۈركىيە دۆلىتى مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئېلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىگەن. خىتاي ۋە تۈركىيە G-20 ئەزا دۆلەتلىرى بولغانلىقتىن، ئارىسىدىكى مەسىلىلەر ئەمەلىيەتتە سەمىمىي ۋە دۇنياۋى يوسۇندا بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك.
ئاغىسكا قەيەردە ۋە ئاغىسكا تۈركلىرى كىملەر؟
ئاغىسكا، بۈگۈنكى گرۇزىيە چېگرا دائىرىسى ئىچىدە، تەخمىنەن 39,000 نوپۇسقا ئىگە بولغان ۋە گرۇزىيەلىكلەر ئارىسىدا مېسكېت/سامتسخە دەپ تونۇلغان تارىخىي بىر رايوندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاغىسكا تۈركلىرى، مېسكېت تۈركلىرى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ ئاغىسكا رايونىدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ تارىخى ناھايىتى قەدىمىيدۇر. بەزى مۇتەخەسسىسلەرگە كۆرە، ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ سىياسىي مەۋجۇتلۇقى پەقەت كېيىنكى دەۋرلەردە تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئېتنىك جەھەتتىن رايوندىكى تۈرك مەۋجۇتلۇقىنىڭ مىلادتىن ئىلگىرىكى دەۋرلەرگە تۇتىشىدىغانلىقى ئىپادىلەنمەكتە ۋە 12-ئەسىردىن باشلاپ شىمالدىن كەلگەن قىپچاق تۈركلىرىنىڭ بۇ يەرلەرنى ماكان تۇتقانلىقى مەلۇمدۇر.
ئوسمانلى ئىمپېرىيىسىنىڭ ئىدارىسىدە 250 يىل قالغان ئاغىسكا، ئانادولۇنىڭ تەبىئىي داۋامى بولۇپ، ئوسمانلى خاتىرىلىرىدە ئاغىسكا ۋىلايىتى دەپ تىلغا ئېلىنغان. 1828-يىلى رۇس ئىشغالىيىتىدىن كېيىن، رۇسىيەنىڭ ئوسمانلى دۆلىتى بىلەن كاۋكاز تۈركلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كونترول قىلىش ئىستراتېگىيىسى بىلەن ئەرمەنلەرنى رايونغا ئورۇنلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە، رايون بويىچە كۆپچىلىك ئەرمەنلەرگە ئۆتكەن. ھەرخىل ۋاقىتلاردا رايوننىڭ ھاكىمىيىتى قولدىن-قولغا ئۆتكەن، گەرچە 16-ئەسىردە ئوسمانلى ھاكىمىيىتىدە بولسىمۇ، 1921-يىلى تۈركىيە بىلەن سوۋېت رۇسىيەسى ئارىسىدا ئىمزالانغان موسكۋا كېلىشىمى نەتىجىسىدە، رايون يەنە رۇسىيەگە قالدۇرۇلغان. ئاغىسكا تۈركلىرى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدىكى 1944-يىلى سۈرگۈن قىلىنغانغا قەدەر ئانا ۋەتىنى بولغان ئاغىسكا رايونىدا ياشىغان.
1944-يىلى 15-نويابىر كۈنى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن باشلانغان تۇيۇقسىز بىر ھەرىكەت بىلەن، كۆپىنچىسى بالىلار، ئاياللار ۋە ياشانغانلاردىن تەركىب تاپقان 100 مىڭغا يېقىن ئاغىسكا تۈركى ئاغىسكا رايونىدىكى ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي چىقىرىلىپ، ئىنسان شەنىگە لايىق بولمىغان ئەڭ قىيىن شارائىتلاردا يۈك ۋاگونلىرىغا تولدۇرۇلغان ۋە ئۆيلىرىدىن مىڭلىغان كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىگە سۈرگۈن قىلىنغان. ئاغىسكا تۈركلىرى، 1944-يىلى 15-18 نويابىر كۈنلىرى ئارىسىدا سۈرگۈن قىلىنىدىغان ۋاگونلارغا توپلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ 55,500ى ئۆزبېكىستانغا، 29,500ى قازاقىستانغا، 11,000ى بولسا قىرغىزىستانغا ئەۋەتىلگەن.
مەزكۇر سۈرگۈننىڭ تۈركىيەنىڭ تۈرك دۇنياسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈش ئۈچۈن قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر كۈن تەرتىپىگە كەلگەن. گېئوپولىتىك جەھەتتىن سۈرگۈننىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، بۈگۈنكى گرۇزىيەنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىنى تۈرك ۋە مۇسۇلمان نوپۇسىدىن خالىي قىلىش ۋە تۈركىيە بىلەن بولىدىغان مۇمكىن بولغان بىرلىشىشنى يوق قىلىشتۇر. ئاغىسكا رايونىدىن سۈرگۈن قىلىنغان تۈرك نوپۇسىنىڭ ئورنىغا ئەرمەن ۋە گرۇزىيە نوپۇسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق، مەزكۇر سۈرگۈن سىياسەتلىرى ئارزۇ قىلىنغان نىشانغا يەتكۈزۈلگەن ۋە تۈركىيەنىڭ رايون بىلەن بولغان مەدەنىيەت چېگرالىرىغا تەسىر كۆرسەتكەن.
سۈرگۈنگە ئەۋەتىلگەن ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ بىر قىسمى ئۆزبېكىستاننىڭ پەرغانە شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، 1989-يىلى يۈز بەرگەن ۋەقەلەر يېڭى بىر دەۋرنى باشلاتقان ۋە ئىككىنچى بىر سۈرگۈن جەريانى مۇقەررەر بولغان. ۋەقەلەردىن كېيىن رۇسىيە ئىچكىرىسىگە، كۆپىنچە كراسنودار رايونىغا قىلىنغان ئورۇنلاشتۇرۇشلار كېيىنكى ۋاقىتلاردىمۇ داۋاملاشقان ۋە دېموكراتىك بولمىغان قوللىنىشلار نەتىجىسىدە نۇرغۇن ئاغىسكا تۈركلىرى ئاساسلىقى تۈركىيە بولغان باشقا دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلگەن.
گورباچېۋ ئىسلاھاتلار بىلەن دۆلەتكە يېڭى بىر نەپەس بېرىش ئۈچۈن ئوچۇقلۇق ۋە سۈزۈكلۈك مەنىسىنى بىلدۈرىدىغان «گلاسنوست» ۋە «پېرېستروئىكا» دېگەندەك سىياسەتلەرنى ئىشلەپ چىققان. گورباچېۋ يېتەكچىلىكىدە ياخشى نىيەتلەر بىلەن تەييارلانغان بۇ ئىستراتېگىيەلەر ۋە ئىسلاھات جەريانى، سوۋېت سىستېمىسىنىڭ مەيلى ئىچكى ياكى دۇنيادىكى ئىدارە قىلىش كۈچىنىڭ ئاجىزلىقلىرىنى ئاشكارىلىغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۆتىنچى يىلى تاماملانغاندا سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئىچىدە ئىنقىلابلار ۋە كەسكىن ئېتنىك توقۇنۇشلار باشلانغان. بۈگۈنكى كۈندە ئاغىسكا تۈركلىرى توققۇز دۆلەتكە تارقىلىپ كەتكەن (تۈركىيە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى، ئەزەربەيجان، گۈرجىستان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، رۇسىيە ۋە ئۇكرائىنا) ۋە دۇنيا بويىچە ئۇلارنىڭ سانى 500 مىڭ ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلەنمەكتە. چەتئەللىكلەرگە ئۆچمەنلىك رايونلۇق سىياسەتلەر ۋە ئالدىن ھۆكۈملەر ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ ھاياتىنى قىيىنلاشتۇرماقتا. رايوندا باشقا مىللىي ئازسانلىقلار بولسىمۇ، ئاغىسكا تۈركلىرى ئىرقىي كەمسىتىشنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولۇپ كۆرۈلمەكتە.
ئاغىسكا تۈركچىسى سۈرگۈندىن بۇيان تۈركىيە تۈركچىسى، ئەزەربەيجان تۈركچىسى، قازاق تۈركچىسى، ئۆزبېك تۈركچىسى، قىرغىز تۈركچىسى قاتارلىق ھەر خىل تىل ئائىلىلىرى بىلەن تىلشۇناسلىق جەھەتتىن ئالاقىدە بولۇپ كەلمەكتە. ئاغىسكا تىل ۋارىيانتى، بىر شىۋە ياكى لەھجە سۈپىتىدە ئاۋۋال ئومۇمىي تۈركچىنىڭ، كېيىن ئوسمانلى تۈركچىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا تەرەققىي قىلغان. ئەمما تارىخىي ۋەقەلەر، ئۆزگەرگەن چېگرالار ۋە كۆچۈشلەر، سىياسىي خەرىتىلەردىكى چوڭ ئۆزگىرىشلەر، تىل خەرىتىلىرىنىڭمۇ ئۆزگىرىشىنى مەجبۇرى قىلغان. يەنە ئۇلار ياشىغان جۇغراپىيەلەردىكى خەلقلەرنىڭ قېرىنداش ۋە قېرىنداش بولمىغان ھۆكۈمران تىللىرى بىلەن ئالاقىدە بولغان ۋە قېچىنىشقا بولمايدىغان ھالدا بۇ تىللاردىن مەلۇم دەرىجىدە تەسىر قوبۇل قىلغان. نىشان، خىنە، بۇرۇن قېلىن پۇل، خىدىرەللەز، قۇربان، رامىزان، ئاشۇرە كۈنى قاتارلىق مۇراسىملار دېگۈدەك بىزنىڭ مەدەنىيىتىمىز بىلەن ئوخشاش دېيىشكە بولىدۇ.
ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ ۋەتەنگە قايتىش مەسىلىسى
ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ گرۇزىيەگە قايتىشى سوۋېت دەۋرىدە باشلىنىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدىن كېيىن خەلقئارالىق ئۆلچەمگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە يەنىلا ھەل قىلىنمىغان بىر مەسىلە بولۇپ ئۆز ئاكتۇئاللىقىنى ساقلىماقتا.
1956-يىلدىكى يۇقىرى سوۋېت قارارى ئاغىسكا تۈركلىرى ئۈچۈن ئۈمىد بەخش ئەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئانچە نەتىجە ئېلىنمىغان بىر قارار بولغان. ئاغىسكا تۈركلىرى 1956-يىلدىكى پەرماندىن ئىلگىرى سوۋېتلەرنىڭ «ئالاھىدە جايلاشتۇرۇش رېجىمى»نىڭ ئۇلارنى ئاساسىي مەدەنىي ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قىلغان قاتتىق شارائىتلىرىدا ياشاشقا مەجبۇر بولغان. بۇ پەرماندىن كېيىن بېسىملار ئازايغان بولسىمۇ، يەنىلا ۋولگا نېمىسلىرى، قىرىم تاتارلىرى ۋە ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ ئۆز ۋەتەنلىرىگە قايتىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان.
ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ يىللار داۋامىدا ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى ئەمەلىي نەتىجىلەرگە ئېرىشەلمىگەن. ئالدى بىلەن 1968-يىلى 30-ماي كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى يۇقىرى پرېزىدىئۇمى ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ باشقا سوۋېت پۇقرالىرى بىلەن ئوخشاش ھوقۇقلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدىغان بىر قارار قوبۇل قىلغان، ئارقىدىنلا 1974-يىلى سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان يەنە بىر قارارغا كۆرە، سۈرگۈندە ياشاۋاتقان شەخسلەر ۋەتەنلىرىگە قايتىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. مەزكۇر قارارلار 1979-يىلىغىچە گۈرجىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىدىن ئۆتەلمىگەن ۋە ئۈنۈملۈك نەتىجە چىقىرالمىغان. 1979-يىلى گرۇزىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى يىلىغا 150 ئائىلە بولۇش شەرتى بىلەن ئاغىسكالىقلارنىڭ قايتىش ئىشلىرى ھەققىدە تەڭشەش ئېلىپ بارغان، 1981-يىلىدىن 1988-يىلىغىچە 1300 كىشىنىڭ گرۇزىيەگە قايتىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ئەمما ئۇلارنىڭ تەخمىنەن يېرىمى ئېتنىك زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى سەۋەبىدىن دۆلەتنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان.
1989-يىلدىكى فەرغانە ۋەقەسىدىن كېيىن ئۆزبېكىستاندىن سۈرگۈن قىلىنغان ئاغىسكا تۈركلىرى، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى، ئازەربەيجان، ئۇكرائىنا ۋە باشقا سوۋېت ئىتتىپاقى جۇمھۇرىيەتلىرىگە ئېلىپ كېتىلگەن. رۇسىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ كراسنودار رايونىغا 65 مىڭ ئەتراپىدا ئاغىسكا تۈركلىرى يەرلەشتۈرۈلگەن. كراسنوداردىكى ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ سانى 12 مىڭدىن 30 مىڭغىچە بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەقەت بىر قانچە مىڭى پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئىگە.
گرۇزىيە ھۆكۈمىتى 1996-يىلى « گرۇزىيەدىن سۈرگۈن قىلىنغان ۋە ۋەتىنىگە قايتقان مەسخەتلىكلەرنىڭ ھوقۇقىي ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش دۆلەت پروگراممىسى»نى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ بىلەن گرۇزىيە ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئاھالىنى ئاقلايدىغان ۋە ئېتنىك قىرغىنچىلىقنىڭ نەتىجىلىرىنى تەدرىجىي يوق قىلىش ئارقىلىق دەپسەندە قىلىنغان ھوقۇقلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ھەم ۋەتىنىگە قايتقان ئاغىسكا تۈركلىرىگە پۇقرالىق ھوقۇقلىرىنى بېرىدىغان بىر تۈزۈمنى قوبۇل قىلدى. گرۇزىيە ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋەتىنىگە قايتقان ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ پۇقرالىق مەسىلىسىنى 1999-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ھەل قىلىشقا ۋەدە بەرگەن ۋە ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىگە قايتىش مەسىلىسىگە مەسئۇل بولىدىغان بىر دۆلەت كومىتېتى قۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن كومىتېت دەرۋەقە قۇرۇلغان بولسىمۇ، گرۇزىيەنىڭ ئانا ۋەتىنىگە قايتىش مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىشنىڭ ئورنىغا، ياۋروپا كېڭىشىگە كىرىشنى ئارزۇ قىلىش سەۋەبىدىن بۇنى قىلغانلىقى كۆرۈلمەكتە. گرۇزىيەنىڭ مەجبۇرىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرمىغانلىقى مەلۇم. گرۇزىيە قانۇنلىرىدىكى بىر قىسىم ئىشلار ۋە تەپسىلاتلار، ئاغىسكا تۈركلىرى ھەققىدىكى قانۇنلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلماقتا.
كېيىنكى جەرياندا توسالغۇلار سەۋەبىدىن ياۋروپا كېڭىشىنىڭ بۇ مەسىلىدە يېتەكچى رول ئوينىشى كۈتۈلگەن ئىدى. ئەمما 1999-يىلدىن بۈگۈنگىچە بۇ مەسىلە ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەت تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن تىرىشچانلىقلار، دىققەتتىن ئايرىلغان ۋە باشتىن-ئاخىر ئاجىز بىر جەريان ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. گرۇزىيەنىڭ ياۋروپا كېڭىشىگە ئەزا بولغاندىن تەخمىنەن 2 يىل كېيىن 1999-يىلنىڭ ئىيۇل ئېيىدا، ياۋروپا كېڭىشى، AGIT ۋە ب د ت مۇھاجىرلار ئالىي كومىسسارلىقى مۇتەخەسسىسلىرى تەرىپىدىن گرۇزىيەدە تەييارلانغان ھەمكارلىق دوكلاتىدا، گرۇزىيەنىڭ ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى تەڭشەش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىنىڭ يېتەرسىز دەپ باھالىنىشى، گرۇزىيەنىڭ ئىستەكسىز پوزىتسىيەسىنى تەستىقلىماقتا. ئاغىسكا تۈركلىرى ئۇچرىغان بېسىمنىڭ ۋە بۇنىڭدىن ھېس قىلغان قورقۇنچنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى سۈپىتىدە ۋەتەنسىز بولۇشىنى كۆرسىتىش مۇمكىن
ئاغىسكا تۈركلىرىگە قارىتىلغان تۈركىيەنىڭ تىرىشچانلىقلىرى
ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىگە قايتىشىنى ئەڭ كۆپ قوللايدىغان دۆلەتلەرنىڭ بېشىدا ئەزەربەيجان ۋە تۈركىيە كەلگەن. ئاغىسكا تۈركلىرى مەسىلىسىدە تۈركىيە ۋە خەلقئارا يازما ئەسەرلەردە ھەر خىل تەتقىقاتلار بولسىمۇ، بۇ مەسىلە تەرەپلەر تەرىپىدىن تېگىشلىك ئەستايىدىللىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىنمىغان. ئاغىسكا جامائەتلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن كىملىك شەكىللىنىشتىكى كوللېكتىپ تراۋمالارنى ياخشى ئانالىز قىلىش ۋە كۆچۈش سەۋەبلىرى بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ تراۋما ۋە ھەقلىق دەۋالىرى ئۈستىدە توختىلىش زۆرۈر.
تۈركىيەنىڭ ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ مەسىلىلىرى بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشى، ئاغىسكالىقلارنىڭ تۈركىيە باش مىنىستىرى فەرىت مەلەنگە مۇراجىئەت قىلىشى ۋە كۆچۈپ كېلىش تەلەپلىرى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان. تۈركىيە 1996-يىلى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىكى ئاغىسكا تۈركلىرىگە ۋاقىت ئۆتكەنسېرى سانى ئاشىدىغان 80 كىشىلىك باكالاۋېر، ماگىستىر ۋە دوكتور ئوقۇش سانى ئاجراتقان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2000- يىلىغىچە تۈركىيەگە كەلگەن ئاغىسكا تۈركلىرى 10856 نومۇرلۇق مىنىستىرلار كابىنېتى قارارى بىلەن تۈرك ۋەتەنداشلىقىغا قوبۇل قىلىنغان.
1-قېتىملىق خەلقئارا ئاغىسكا تۈركلىرى قۇرۇلتىيىدا تۈرك مەسئۇللىرى تەرىپىدىن ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ گراژدانلىق ھوقۇقى، دىپلوم تەڭپۇڭلۇق مەسىلىلىرى، كاپالەت ۋە پېنسىيە ھوقۇقلىرى، پاسپورت، يەرلەشتۈرۈش ۋە ئاغىسكا رايونىغا قايتىش ھەققىدە خەلقئارا سەھنىلەردە تەشەببۇسلاردا بولۇش تېمىلىرى كۈن تەرتىپكە قويۇلغان. سادىق ياقۇت سۆزىدە ئاتالغان مەسىلىلەر ھەققىدە زۆرۈر ئىشلارنى قىلىش ۋەدىسىنى بەرگەن. تۈركىيە ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ تارىخىي ئانا ۋەتىنى بولغان ئاغىسكاغا قايتىش جەريانىغا قارىتىلغان ئىش-پائالىيەتلەرنى ئاكتىپ شەكىلدە قوللىماقتا. ھەم گرۇزىيە، ھەم باشقا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن ئالاقە قىلماقتا ۋە ئالدى بىلەن ياۋروپا كېڭىشى بولۇپ، خەلقئارا تەشكىلاتلار ئالدىدا بۇ مەسىلىنى ئىزچىل كۆزىتىپ كەلمەكتە. ھازىرچە قايتىش جەريانى ئاستا بولسىمۇ باشلانغان ۋە بۇ جەريان تېخىمۇ تېز ئىلگىرىلىشى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك شەكىلدە ئاخىرلىشىشى، ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ تىنچ-ئامانلىق ئىچىدە ئانا ۋەتىنىگە قايتىپ گرۇزىيە جەمئىيىتى بىلەن ماسلىشىپ ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن دۆلىتىمىز ناھايىتى كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
باشقا تەرەپتىن، ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇش رايونلىرىدا تۇرۇۋاتقان ۋە دۆلىتىمىزگە كەلمەكچى بولغان قىيىن ئەھۋالدىكى ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ دۆلىتىمىزگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇھاجىر سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىشى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار ئالدىدا تەشەببۇسلاردا بولۇنغان ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە 29358 نومۇرلۇق مىنىستىرلار كابىنېتى قارارى بىلەن 677 ئائىلىدىن تەركىب تاپقان 2960 كىشىلىك ئاغىسكا تۈركلىرىنىڭ «ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇھاجىر» سۈپىتىدە دۆلىتىمىزگە قوبۇل قىلىنىشى قارار قىلىنغان. بۇ دائىرىدە، ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلار سەۋەبىدىن دۆلىتىمىزگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى مۇۋاپىق كۆرۈلگەن 677 ئاغىسكا تۈركى ئائىلىدىن دەسلەپكى باسقۇچتا 117 ئائىلە (427 كىشى) 2015-يىلى 25-دېكابىردا ئەرزىنجان ۋىلايىتى ئۈزۈملۈ ناھىيىسىگە يەرلەشتۈرۈلگەن.
قىرىم تاتارلىرى ھەققىدە
قىرىم تاتارلىرى، ئانا يۇرتى قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى قىرىم يېرىم ئارىلى بولغان تۈركىي خەلقتۇر. قىرىم، 1996-يىلى كۈچكە ئىگە بولغان ئاساسىي قانۇنىغا كۆرە، ئۇكرائىنا ئىچىدە ئاپتونومىيە ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، ھازىرمۇ ئۆزىنىڭ پارلامېنتىغا ئىگە ۋە ئۇكرائىنانىڭ بىر قىسمىدۇر. قىرىم 1996-يىلى ئۇكرائىناغا تەۋە ئاپتونوم جۇمھۇرىيەت بولۇپ، ئۆزىگە تەۋە پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتكە ئىگە بولغان. بۇ ھۆكۈمەت بولسا كۆپرەك ساياھەتچىلىك، دېھقانچىلىق ۋە جامائەت مۇلازىمەتلىرى قاتارلىق ساھەلەردە ئۈنۈملۈك ھالدا خىزمەت قىلماقتا. قىرىم تاتارلىرى ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن ناچار ماددىي شارائىتلار ۋە ئاز نوپۇسقا ئىگە بولۇشىغا قارىماي، ئاكتىپ ۋە ئۈنۈملۈك تەشكىلىي كۈچلىرى ۋە يۇقىرى دەرىجىدىكى سىياسىي مېخانىزملىرى بىلەن قىرىم سىياسىتىدە ۋە خەلقئارا سىياسەتتە ئېغىرلىق بولۇشى، تاتارلارغا قارشى سىياسەتچىلەرنىڭ سىياسەتتە ئاشقۇن مەيدانلىرىغا سەۋەب بولماقتا.
ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى كۆپ قىسمىنى رۇسلار تەشكىل قىلىدىغان بۇ رايوننىڭ ئۇكرائىنادىن ئايرىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەچكە، قىرىم ھۆكۈمىتىگە ئارتۇق ئىمكانىيەت ۋە ساھە بەرمىگەن. قىرىم تاتارلىرى بولسا ئۆزلىرىگە ئائىت بىر ۋەكىللىك ئورگىنى بولۇپ، مەقسىتى قىرىم تاتارلىرىنىڭ گراژدانلىق، تۇرالغۇ، مائارىپ ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ھوقۇقلىرىنى قوغداش بولغان تاتار مىللىي مەجلىسىنى قۇرغان. قىرىمدا، رۇسلار ئارالنىڭ 58%ىنى، ئۇكرائىنالىقلار 28%ىنى ۋە تاتارلار 14%ىنى تەشكىل قىلىدۇ. مەيلى ئورنى ياكى ئېتنىك تۈزۈلمىسى جەھەتتىن بولسۇن، قىرىم، بولۇپمۇ سىۋاستاپول پورتى سەۋەبىدىن رۇسىيە ئۈچۈن ستراتېگىيەلىك مەنىدە چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە.
پادىشاھلىق، بولشېۋىزم ياكى كوممۇنىزم تۈزۈملىرىدە، رۇسلارنىڭ قىرىم تۈركلىرىگە قارىتىلغان «يوقىتىش» سىياسىتى ھەر دەۋردە مەۋجۇت بولغان ۋە قىرىمدىكى سوۋېت تۈزۈمى، پادىشاھلىق دەۋرىدىكىگە ئوخشاشلا قىرىمنى رۇسلاشتۇرۇش ۋە قىرىم تۈركلىرىنى رايوندىن يوق قىلىش سىياسىتى بويىچە ھەرىكەت قىلغان ۋە بۇ سىياسەتنى مەدەنىيەت ئارقىلىق تازىلاش، يوق قىلىپ تازىلاش، ئىچكى ۋە تاشقى كۈچ ئىشلىتىپ سۈرگۈن قىلىش يوللىرى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشقان.
مائارىپ ساھەسىدىكى رۇسلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن بارلىق مائارىپ مۇئەسسەسەلىرى يېڭى رەھبەرلەرگە تاپشۇرۇلغان. بەزى ئەھۋاللاردا بۇ تاتار مۇدىرلىقلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشى بىلەن نەتىجىلەنگەن ۋە ئىنقىلابتىن خېلى بۇرۇن ئوقۇشىنى تاماملىغان تاتارلار يىراقلاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلىرىغا «يېڭى سوۋېت تاتار زىيالىيلىرى» كەلتۈرۈلگەن. گېزىت ۋە ژۇرناللارنىڭ تەھرىر ھەيئەتلىرىدىمۇ ئوخشاش ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن. يەنە ئوخشاشلا تاتار مىللىي تىياتىرلىرىنىڭ مۇدىرلىرى، يازغۇچىلار ۋە شائىرلار ۋەزىپىلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇلغان. نۇرغۇنلىرى بۇرژۇئازىيە مىللەتچىلىكى ياكى سوۋېتلەرگە قارشى پائالىيەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، دەۋالانغان ۋە ئۇراللارغا، غەربىي سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلىنغان.
بارلىق بۇ مەدەنىي رۇسلاشتۇرۇشنىڭ مەقسىتى، ئەنئەنىۋى قىرىم مەدەنىيىتىنىڭ ئىزلىرىنى يوق قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئويلىنىشقا بولىدۇ. دەسلەپتە، باجلار بىلەن خۇسۇسىي ھۈنەرۋەنلەر ۋە تاتار سەنئىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن تەشكىل تاپقان ئۇستىلار بىرلەشمىلىرى يوق قىلىنغان ۋە ئەپسۇسكى، كۆز ئالدىدىلا توقۇمچىلىق، قورالچىلىق، تۆمۈرچىلىك، زەرگەرلىك قاتارلىق بارلىق سەنئەت تارماقلىرى يوقىلىپ كەتكەن. يەنە پەقەت ستالىننى ۋە پارتىيەنى ماختىغان خەلق شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرىلا نەشر قىلىنالىغان.
مەدەنىيەت ساھەسىدىكى روسلاشتۇرۇش جەريانى ھەر ئايدا يۈزلىگەن قىرىم زىيالىيلىرىنىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان 1936-1938 يىللىرىدا ئەۋجىگە چىققان. رۇس تىلى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇلغان ۋە يۇقىرى مەنسەپلەردە ۋەزىپە ئۆتەش ئۈچۈن يۇقىرى دەرىجىدە رۇسچە بىلىش زۆرۈر بولۇپ قالغان. قوللىنىلغان بۇ «ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى» كىملىك ئۆزگىرىشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋە نۇرغۇن ئېتنىك گۇرۇپپا ئەزالىرى ئۆزلىرىنى «رۇس» دەپ ئاتاشقا باشلىغان. نۇرغۇن قىرىم تاتار زىيالىيلىرى رۇسچىنىڭ مەجبۇرىي يولغا قويۇلۇشىنى تارىخىغا ۋە كىملىكىنىڭ ھەر تەرىپىگە قارشى بىر ھۇجۇم دەپ قارىغان. قىرىم تاتارلىرىغا رۇسچىنى قوبۇل قىلدۇرۇش سىياسىتىنى رۇسلارنىڭ بىر ئىستىلاسى ۋە بويسۇندۇرۇشى دەپ باھالىغان. سۈرگۈندىن كېيىن قىرىمدا تاتارلارغا ئائىت مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ دېگۈدەك ھەممىسى يوق قىلىنغان.
رۇس ھاكىمىيىتىدىن قۇتۇلۇش ۋە مۇستەقىل بىر قىرىم دۆلىتى قۇرۇش ئارزۇسى بىلەن گېرمانلار بىلەن ھەمكارلاشقان دەپ ئەيىبلەنگەن قىرىم تۈركلىرى، سوۋېتلەر تەرىپىدىن ۋەتەنگە خىيانەت قىلغان دەپ قارىلىپ ھەر خىل باستۇرۇشلارغا ئۇچرىغان. قىرىم تاتارلىرى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ناتسىتلار بىلەن ھەمكارلاشقان دېگەن ئەيىبلەش بىلەن ستالىن تەرىپىدىن سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلىنغان. بۇ سۈرگۈن سەۋەبىدىن كۆپىنچىسى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە سىبىرىيەگە يېتىپ بارغانلار بولسا ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە قىرىمغا يەنى ۋەتىنىگە قايتالمىغان. گېرمانلار بولسا قىرىمنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن بۇ يەردە قۇرغان ئىدارىسىدە ۋە سىياسىي مەسىلىلەردە قىرىم تۈركلىرىگە ئىشەنمىگەن، ھۆكۈمەتتىكى ۋەزىپىلەرگە ئاساسلىقى رۇسلارنى تەيىنلىگەن. بۇ مەزگىلدە قىرىم تۈركلىرىگە پەقەتلا دىنىي ۋە مەدەنىي ھاياتتا بەزى ھوقۇقلار بېرىلگەن، ئەمما ئىدارىي، ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ھاياتتا ھېچقانداق ھوقۇق بېرىلمىگەن.
نەتىجىدە، 1944-يىلى 18-ماي كېچىسى قىرىم تۈركلىرى قىرىمدىن پۈتۈنلەي سۈرگۈن قىلىندى. سۈرگۈن قىلىنغان يۈز مىڭلىغان قىرىم تۈركلىرى سۈرگۈن جەريانىدا ياكى سۈرگۈندىكى ناچار شارائىتلار سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلدى. ۋەتىنىدە قالغان قىرىم تاتارلىرى بولسا، يۇقىرى ئىشسىزلىق نىسبەتلىرى، بۇرۇنقى زېمىنلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشى ۋە رايوندا ياشايدىغان رۇسلار ۋە ئۇكرائىنالىقلار بىلەن بولغان مەدەنىيەت ۋە سىياسىي زىددىيەتلەر سەۋەبىدىن بۈگۈنكى كۈندە ئىنتايىن قىيىن تۇرمۇش كەچۈرمەكتە. 1985-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى رەھبىرى گورباچوفنىڭ گلاسنوست ۋە پېرېستىرويكا سىياسەتلىرى چەمبىرىكىدە ئۆزگىرىش جەريانىنىڭ تەسىرى بىلەن 1989-يىلدىن باشلاپ قىرىم تاتار تۈركلىرى ۋەتىنىگە قايتىشقا باشلىدى. سوۋېت رېجىمىنىڭ كەمسىتىش سىياسەتلىرىگە ئۇچرىغان ۋە 1944-يىلى قىرىمدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلىنغان قىرىم تاتارلىرى، ۋەتىنىگە قايتىش ھوقۇقىنى 1989-يىلى قولغا كەلتۈرگەن. ئەمما سۈرگۈندىن ئانا ۋەتەن قىرىمغا قايتقان قىرىم تاتار تۈركلىرى، بىر تەرەپتىن بيۇروكراتىك مەسىلىلەر بىلەن كۈرەش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرى ئۈچۈن تۇرالغۇ جايلار قۇرۇشقا باشلىغان ۋە شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشماقچى بولغان. بۇ جەرياندا نورمال ھالدا ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ۋە ئاساسىي قۇرۇلۇش مەسىلىلىرىنى قوزغاش ئامىلى بولغان.
قىرىم تاتار مىللىي مەجلىسى، ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقىدىن باشلاپ ئۈزلۈكسىز ھالدا دۆلەت پۈتۈنلۈكى پىرىنسىپىدىن ئايرىلماسلىققا تىرىشقان، ئەمما ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە بىلەن كىملىك ۋە گېئوپولىتىك ئاساسىدىكى كۈرىشىنىڭ سەلبىي تەسىرلىرىدىن ساقلىنالمىغان. شۇنداق بولسىمۇ، قىرىم تاتار تۈركلىرى رۇسلارنىڭ قىرىمدىكى بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىنى قوللىمىغاننىڭ سىرتىدا، ئەكسىچە ئۇلارنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان شەكىلدە ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ، ئۇكرائىنا قىرىم تاتارلىرىنىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىنى كۆزگە ئىلمىغان.
قىرىم تاتارلىرى ۋە تۈرك تاشقى سىياسىتى
قىرىم تاتارلىرى ئېتنىك جەھەتتىن قىپچاق ۋە ئوغۇز تۈركلىرىنىڭ ئارىلاشمىسى بولغانلىقتىن، مەدەنىيەت جەھەتتىن ئانادولۇ تۈركلىرىگە ناھايىتى ئوخشايدۇ. بولۇپمۇ «يالى بويۇ» دەپ ئاتالغان ساھىل رايونلىرىدا تۈركىيە تۈركچىسىگە بەك ئوخشايدىغان بىر شىۋە سۆزلىنىدۇ. قېرىنداش خەلقىمىز قىرىم تاتارلىرى بىلەن تىل، دىن، مەدەنىيەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە ئوخشاشلىقلىرىمىز بار. ھەتتا بەزىدە تۈرك كىتابلىرىنىڭ قىرىم مەكتەپلىرىدە ئوقۇتۇلۇشى، رۇسىيەنى تۈركلەر ئارىسىدا مەدەنىيەت باغلىنىشىنىڭ قۇرۇلۇشى نۇقتىسىدىن ئەندىشىگە سالغان. يەنە ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىش مەدەنىيەت باغلىنىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇھىم بىر پاكىت سۈپىتىدە قوللىنىلماقتا. تۈركىيەدىن قىرىمغا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەلتۈرۈلۈشى مەيلى غاسپىرالى بولسۇن ياكى ياش تاتارلار بولسۇن چىن يۈرەكتىن قوللانغان. بىراق تۈركىيە تۇغقان جامائەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى پەقەت ئوقۇتقۇچى تەمىنلەش بىلەنلا چەكلىمەسلىكى، قىرىم تاتارلىرىغا قارىتا مەدەنىيەت مەۋجۇدىيەتلىرىنى قوغداش نامىدا تېخىمۇ چوڭ لايىھىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.
سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇشقا ئەھمىيەت بەرگەن تۈركىيە، باشقا دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرى ئىچىدە قالغان تۈرك نەسىللىك خەلقلەرگىمۇ يېقىن كۆڭۈل بۆلۈشكە باشلىغان. قىرىم تاتارلىرى كونتېكستىدا بۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرسەتكۈچى 1994-يىلى سۇلەيمان دەمىرەلنىڭ ئۇكرائىناغا زىيارىتىدە كۆرۈلگەن. بۇ زىيارەتتە تۈركىيە دۆلىتى، قايتىپ كەلگەن تاتارلارنىڭ تۇرالغۇ مەسىلىسىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن 1000 تۇرالغۇنىڭ قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئالغان. پرېزىدېنت دەمىرەلنىڭ 1998-يىلىدىكى قىرىم زىيارىتىدە قىرىم تاتارلىرىنىڭ ۋەتىنىگە قايتىشىغا بېرىلگەن ئەھمىيەت، مەدەنىيەت كىملىكلىرىنىڭ قوغدىلىشى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ياخشى بىر كۆۋرۈك ئىكەنلىكى تېمىلىرى ئۈستىدە ئالاھىدە توختالغان.
تۈركىيە ئۇكرائىنا كرىزىسى جەريانىدىمۇ قىرىم تاتارلىرىنىڭ ئارقىسىدا تۇرغان ۋە ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللىغان. ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ ياۋروپا ۋە ئاۋراسىيا رايونى ئۈچۈن بولغان ئەھمىيىتى نەزەردە تۇتۇلغاندا، قىرىمدا سۆز ھوقۇقىنىڭ قايتا كىيېۋدا بولۇشى تۈركىيە نۇقتىئىنەزىرىدىن ئىجابىي تەرەققىيات دەپ كۆرۈلمەكتە. تۈركىيە قارا دېڭىز رايونىدا تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك. يەنە ئۇكرائىنانىڭ ياۋروپا-ئاتلانتىك سىستېمىلىرىغا بىرلىشىشىنى قوللاش ئارقىلىق رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ناتو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تەشەببۇس قىلدۇرۇشى كېرەك. قىرىم تاتارلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە پاراۋانلىقىنىڭ نازارەتچىسى سۈپىتىدە تۈركىيە، تاتارلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى قانۇنىي ئاساستا قوللىشى كېرەك. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلغاندا تەڭپۇڭ سىياسەت يۈرگۈزۈپ ۋە رۇسىيە بىلەن پۈتۈنلەي قارشىلىشىپ كەتمەستىن ھەل قىلىشقا نىشانلانغان ئىستراتېگىيىلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق قىلىشى كېرەك. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن قىرىم تاتارلىرىنىڭ قىرىمدىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ داۋامى ۋە بۇ يەردە كىملىكلىرىنىڭ داۋاملىشىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، ھوقۇق ۋە مەنپەئەتلىرىنىڭ ھىمايە قىلىنىشى ئاساسىي ئالدىنقى شەرت دەپ قارالماقتا. بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇكرائىنا بىلەن زۆرۈر مۇناسىۋەتلەرنى كۆزىتىپ، خەلقئارالىق سەھنىلەردە بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن تەكىت قىلماقتا. مەسىلىلەرنى دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان تۈركىيە، قىرىم مەسىلىسىدىمۇ يول قويماسلىقنى كۆزدە تۇتماقتا.
بەزى ۋاقىتلاردا سىياسەتچىلەرنىڭ خاتا ئىستراتېگىيىلىرى سەۋەبىدىن تۈركىيە، تۈرك دۇنياسىنىڭ لىدېرلىقىنى ھەر دائىم ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان. لېكىن تۈركىيە، كېلىشىمچان پوزىتسىيەسى بىلەن ھەم ئەتراپىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا، ھەم تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى مۇستەھكەملەشتە باش رولنى ئوينىشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەن تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىش مەجبۇرىيىتىدە. پرېزىدېنت ئەردوغان، ئۇكرائىنا بىلەن بولغان ئالاقىلىرىدا بۇ مەسىلە بىلەن مۇناسىۋەتلىك قىلغان باياناتىدا، پوروشېنكوغا تۈركىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى، قىرىم قوشۇلغان ھالدا زېمىن پۈتۈنلۈكىنى، سىياسىي بىرلىكىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. قىرىمنىڭ قانۇنسىز قۇشۇۋېلىنىشىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.
ئاخىرىدا، تۈركىيە ۋە ئۇكرائىنا قارا دېڭىز رايونىدا ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىنى ۋە داۋاملىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسىتى بولغان ئىككى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۇنداقلا ياۋرو-ئاسىيادىكى يېڭى بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئوينىغۇچىلىرى بولىدۇ. تۈركىيە، مەيلى تاشقى سىياسەتتە ماسلاشقان بىر سىياسەت يۈرگۈزۈش ۋە مەيلى مىللەتچى ياكى پان-ئىسلامىزم دېگەندەك باھالاشلاردىن يىراق تۇرۇش ئۈچۈن، گرۇزىيەدە بولغىنىدەك ئۇكرائىنا ھۆكۈمەتلىرى بىلەنمۇ مۆتىدىل سىياسەت يۈرگۈزۈپ، نىشان قىلىنغان مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدىماقتا. تۈركىيە شۇنى بىلىدۇكى، تاشقى سىياسەتتىكى كەسكىنلىك تۈرك مىللەتلىرىگە ئۇلار ياشاۋاتقان جۇغراپىيەلەردە ھېچقانداق نەرسە قازاندۇرمايدۇ، ھەتتا يوقىتىشلارغا سەۋەب بولىدۇ. شۇ سەۋەبتىن مەسىلىلەرنى پۇقرالار تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار دائىرىسىدە قولغا ئېلىشقا كۆڭۈل بۆلمەكتە.
خۇلاسە
ئۇيغۇرلار تۈرك ئېتنىك گۇرۇھىغا تەۋە بولۇپ، تارىخ داۋامىدا ھەر خىل ئىستىلالار ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقلار ئاستىدا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش كۈرەشلىرى ئىچىدە، تۈرك ۋە دۇنيا تارىخىغا چوڭقۇر تۆھپىلەر قوشقان بىر خەلقتۇر. خوشنىدارچىلىق سىياسىتىنى تىنچلىق ئىچىدە ئېلىپ بېرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمايۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇ رايوننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ھەزىم قىلالماي، ھەر پۇرسەتتە رايوننى خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكتە. بۇ يەردىكى مەقسەت، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلار جەھەتتىن غايەت باي بولغان بۇ رايوننى ئۆزىنىڭ ئېتنىك گۇرۇھىدىن بولمىغان بىر گۇرۇھقا قالدۇرماسلىق، بۆلۈنمەسلىك ۋە تۈرك مىللەتلىرىنىڭ باشقا ئاپتونوم مىللەتلەر بىلەن بىرگە بولۇشىنى توسۇشتۇر.
ئاغىسكا تۈركلىرى ۋە قىرىم تۈركلىرى قېرىنداش خەلقلەر بولۇپ، ئۇلار باشتىن كەچۈرگەن بارلىق قىيىنچىلىقلارغا قارىماي، مەدەنىيىتىگە جىددىي زىيان يەتكۈزمەي داۋاملىق مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ھەر ئىككى خەلق رۇسىيە بىلەن بولغان تارىخىي جەريانلارنى پىسخىكىلىق جاراھەت سۈپىتىدە ئىچكى دۇنياسىغا سىڭدۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. بۇ جاراھەتلەرنىڭ ئەڭ ئالدىدىكىسى شۈبھىسىزكى، رۇس ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قىلچە ياراشمايدىغان بىر شەكىلدە مەجبۇرىي كۆچۈرۈش سىياسىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بەزى رايونلىرىغا ياكى سىبىرىيەگە سۈرگۈن قىلىشى بولغان. يەنە 30- يىللارنىڭ بېشىدا قىرىم تۈركلىرىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئاچارچىلىق ياكى زىيالىيلارنىڭ قەتلىئام قىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ بۇ ئەھۋال ئىچىدە باھالىنىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بۇ جەريان بىر-ئىككى جۈملە بىلەن چۈشەندۈرۈلىدىغان بىر مەسىلە ئەمەس. ھەتتا يۈز بەرگەن ھادىسىلەرنى ھېچقانداق پاراگراف بىزگە ئوچۇق چۈشىنىشىمىزگە ياردەم قىلالمايدۇ.
سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ ھەر خىل مەقسەتلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سۈرگۈن سىياسەتلىرى بۇ خەلقلەرنى يېڭى رايونلاردا ھاياتىنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان. مەدەنىيەت جەھەتتىن بىزگە ناھايىتى يېقىن بولغان بۇ ئىككى خەلقنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداش تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ ئاساسىي نىشانلىرىمىز ئارىسىدا. ئۇلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىش جەريانلىرىنى ياكى تۇرۇۋاتقان رايونلاردا ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشى ياكى ئىشلىتەلىشى ئۈچۈن تۈركىيە ھەر خىل سورۇنلاردا سۆز ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە كۆپىنچە دىپلوماتىك ۋە كېلىشىش پوزىتسىيەسى بىلەن ئىككى خەلقنىڭ ھوقۇقلىرىنى قوغدىماقتا. بۇ جەرياننى ئېلىپ بارغاندا باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئارىلىقىنى ساقلاپ ۋە بىۋاسىتە يۈزمۇ-يۈز كەلمەستىن ئەمەلگە ئاشۇرماقتا.
تۈركىيە، مەزكۇر تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ھوقۇقلىرىنى مۇمكىن بولغان ھەر ساھەدە قوغدىغان ۋە ھوقۇقلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. باشتا تىلغا ئالغىنىمىزدەك، بىۋاسىتە مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئېلىشتىنمۇ باش تارتمىغان. بۇنىڭغا پىلانلىق كۆچمەنلەرنى قوبۇل قىلىشى، سۆز بولۇۋاتقان رايونلارغا مۇئەللىملەر ئەۋەتىشى، ھەر خىل پۇقرالار تەشكىلاتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ۋە يۇقۇرى قاتلام يىغىنلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە يول ئېچىشى، خەلقئارا سەھنىدە ئەھۋالنى بايان قىلىشىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتەلەيمىز. ئاخىرىدا شۇنى قوشۇمچە قىلىشمۇ پايدىلىقكى، تۈركىيە ئۇكرائىنانىڭ مۇستەقىللىقىنى مەيلى قىرىم تاتارلىرى ئۈچۈن، مەيلى ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بولسۇن قوللىماقتا ۋە ئۇكرائىنا-قىرىم مۇناسىۋەتلىرىگە ھېسداشلىق قىلىدىغان بىر كۆرۈنۈش بەرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ھەرقانداق بىر مەسىلىدە (مەيلى ئاغىسكا ۋە مەيلى قىرىم تۈركلىرى ئۈچۈن بولسۇن) پان-ئىسلامىست ۋە پان-تۈركىست چۈشەنچە پەيدا قىلماسلىق ئۈچۈن مەسىلىلەرنى مەلۇم بىر دىپلوماتىك ئارىلىقتا ۋە كېلىشىش پوزىتسىيەسى بىلەن ھەل قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمەكتە.
تۈركچە ئەسلىي مەنبەسى: https://www.ttk.gov.tr/wp-content/uploads/2022/04/15-BurcuTugay.pdf