ئەنقەرەدە «بارىن قىرغىنچىلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى
بارىن قىرغىنچىلىقىنىڭ 35 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاۋاز تەتقىقات ۋە ئىستراتېگىيە مەركىزى ساھىپخانلىقىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيە ۋەقپى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقپى ھەمكارلىشىپ «1990-يىلى 5-ئاپرىلدىكى بارىن قىرغىنچىلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزدى. بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىجدىمائي تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى، سابىق پارلامېنت ئەزالىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرىدىن 50 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
ئاۋاز تەتقىقات ۋە ئىستراتېگىيە مەركىزىنىڭ رەئىسى شەرەفەتتىن دېڭىز يىغىننىڭ ئېچىلىش سۆزىنى سۆزلىدى. ئۇ سۆزىدە، تۈركىيەدە ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ھازىر تۈركىيەنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپتىن ئۇزاق تۇتۇپ، بىپەرۋا مۇئامىلە قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلدى. بۇ بىبەرۋالىقنىڭ قوبۇل قىلغۇسىز بىر خاتا سىياسەت ئىكەنلىكىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈركىيەنىڭ مىللىي مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئاندىن سابىق پارلامېنت ئەزاسى فەھرەتتىن يوقۇش سۆز قىلدى. ئۇ تۈرك مىللەتچىسى سۈپىتى بىلەن 40 يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان داۋاسى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، ياش ۋاقتىدا ۋە KAMUSEN دە ۋەزىپە ئۆتىگەندە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇملىرىغا قارشى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىشلار ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى، پارلامېنت ئەزاسى بولغاندا بىر نەچچە قېتىم سوئال تەكلىپى بەرگەنلىكى ۋە بايانات ئېلان قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى ئەلچىسىنى شەرقىي تۈركىستاندىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ھەققىدە سوئال سوراپ قىستىغانلىقىنى ئەسلىدى. ئۆزىنى تۈرك دەپ ئاتايدىغان ھەر بىر كىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلۈشى زۆرۈرلىكىنى بىلدۈردى.
ئارقىدىن، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ-جۇغراپىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى پروفېسسور ئەركىن ئەمەت سۆزلىدى. ئۇ 1949-يىلدىكى خىتاي ئىشغالىيىتىدىن باشلاپ بۈگۈنگىچە بولغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي كۈرىشىنى قىسقىچە چۈشەندۈردى. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ 141 يىلدىن بۇيان خىتايغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى، 1933-يىلى 12-نويابىر ۋە 1944-يىلى 12-نويابىردا ئىككى قېتىم شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى، بىراق خىتاينىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بىرلىشىپ بۇ جۇمھۇرىيەتلەرنى يىقىپ تاشلىغانلىقىنى، 1949-يىلى خىتاي كوممۇنىست ھاكىيمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغانلىقىنى، ئىشغالدىن كېيىن ھەر 5-10 يىلدا بىر چوڭ قوزغىلاڭ ۋە قوراللىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر غېرىچ زېنىدا شېھىتلەرنىڭ قېنى بارلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تامامەن بويسۇندۇرالمايدىغانلىقىنى، خىتاي ئىشغالىدىكى شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، ئىچكى موڭغۇلىيە، مانجۇرىيە ۋە شياڭگاڭ قاتارلىق جايلارنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە مۇستەقىل بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخىرىدا ئەنقەرە يىلدىرېم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئالىي مائارىپ كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دوتسېنت نىمەتجان مەمەت ئورخۇن، شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتاينىڭ ئاسسىمىلياتسىيە ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ھەققىدە دوكلات بەردى. ئۇ خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا دىنىي ئىبادەتلەرنى چەكلىگەنلىكىنى، رەسمىي تىل بولغان ئۇيغۇرچىنى مائارىپتىن چىقىرىۋەتكەنلىكىنى، تۇغۇتنى كونترول قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئەقلىي كامېرا سىستېمىسى قۇرغانلىقىنى، 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ DNA سىنى يىغىپ بىئولوگىيىلىك قورال ياساۋاتقانلىقىنى سانلىق مەلۇماتلار ۋە ھۆججەتلەر بىلەن چۈشەندۈرۈپ چىقتى. خىتاينىڭ بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئامېرىكا، ياۋروپا بىرلىكى ۋە ياپونىيە ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ تونۇغان بولسىمۇ، تۈرك ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ خىتاينى قوللىشى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ساھىپ چىقمىغانلىقىنى، بۇ دۆلەتلەرنىڭ بۇ خاتالىقتىن قايتىپ، خىتاي تەھدىدىگە قارشى ھەرىكەتكە كېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
ئاخىرىدا لېكسىيە سۆزلىگۈچىلار، يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى.