You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » 8 – ۋە 13 – ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلاردا مائارىپ

8 – ۋە 13 – ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلاردا مائارىپ

يۈسۈپجان ياسىن

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن ئامىنە ئۇيغۇر

تەھرىر: ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىن شاتگۈل پاكزات

قىسقىچە مەزمۇنى: 8- ئەسىردىن 13- ئەسىرگىچە بولغان دەۋىر، ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ پارلاق دەۋرىدۇر. بۇ دەۋردە ئۇيغۇرلار دۆلەت باشقۇرۇش، قانۇن، ھەربىي ئىشلار، ئىقتىساد، تىجارەت، پەن، ئىلىم، تىل، يېزىق، مائارىپ ۋە سەنئەت ساھەلىرىدە تەدرېجى تەرەققىي قىلغان؛ بولۇپمۇ 840-يىلدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي مەركىزىنىڭ ئىچكى ئاسىياغا يۆتكىلىشى بىلەن مائارىپ ۋە پەن ساھەسىدە تۈرك مەدەنىيەت تارىخىغا يول كۆرسەتكەن نۇرغۇن مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قازانغان. بىر قانچە يېزىقنى بىرلا ۋاقىتتا قوللانغان ئۇيغۇرلار، قەغەز ۋە باسما تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ نۇرغۇن نەشرىياتلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن، مائارىپ-ئوقۇتۇش ئورگانلىرىنى ھازىرقى دەۋردىكىگە يېقىن سەۋىيىگە يەتكۈزگەن ۋە كۇتۇپخانىلارنى كەڭ ئومۇملاشتۇرغان. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلار تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ ھەقىقىي ۋەكىللىرى ھالىتىگە كەلگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ساھەسىدە كۆرسەتكەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى تۈركلەرنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. مەزكۇر تەتقىقاتىمىزدا ھەر خىل ماتېرىياللارغا ئاساسلىنىپ 8-13-ئەسىرلەردىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ تەرەققىيات باسقۇچلىرى ھەققىدە سۆز قىلىنىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئۇيغۇرلار، مائارىپ، كۇتۇپخانا، تۈركولوگىيە.

تۈركلەرنىڭ مۇقەددەس مەركىزى بولغان ئۆتۈكەن تاغلىرىنى پايتەخت قىلغان ئۇيغۇرلار، 840-يىلى تەخت تالىشىش، تەبىئىي ئاپەتلەر، يۇقۇملۇق كېسەللەر ۋە قىرغىزلارنىڭ ھۇجۇملىرىدىن كېيىن سىياسىي مەركىزىنى ئورخۇن ۋادىسىدىن ئىچكى ئاسىياغا يۆتكىدى. ئۇيغۇرلار ھازىر خىتايغا قاراشلىق بولغان گەنسۇ ئۆلكىسىدىن ئارال كۆلىگىچە بولغان كەڭ رايونلارغا تارقالدى ۋە بۇ يەرلەردە گەنسۇ ئۇيغۇر دۆلىتى، قوچۇ ئۇيغۇر دۆلىتى ۋە قاراخانىيلاردىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت قۇردى. بۇ تارىختىن كېيىن ئۇيغۇرلار تولۇق ھالدا ئولتۇراقلاشقان ھاياتقا ئۆتۈپ، پەن ۋە مائارىپ ساھەسىدىمۇ يېڭى بىر باسقۇچقا چىقتى.

مەلۇم بولغىنىدەك، مائارىپ ئاتالغۇسى كەڭ ۋە تار ئىككى مەنىدە قوللىنىلىدۇ. مائارىپنىڭ كەڭ مەنىسى، ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان جەمئىيەتنىڭ يولغا قويغان قائىدە-تۈزۈملىرىگە ماسلىشىپ ياشاش قابىلىيىتىگە ئېرىشىشىدۇر. ئەمما جەمئىيەتنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى، ئىرقى، ھېس-تۇيغۇسى، ئېتىقادى، ھايات تەجرىبىسى ۋە دۇنيا قارىشى ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ھەر خىل قەبىلىلەرنىڭ قانۇن ۋە مائارىپ چۈشەنچىسىمۇ ئوخشاش بولمىغان ئالاھىدىلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سەۋەبتىن مائارىپنىڭ تەركىبى مىللىي ئۆزگىچىلىك خاراكتېرىگە ئىگە بولىدۇ ۋە جەمئىيەتنىڭ بارلىق ساھەسى بىر مائارىپ مەيدانىغا ئايلىنىدۇ. مائارىپنىڭ تار مەنىسى بولسا، ئىنسان زېھنىنى ۋاسىتە قىلىش ئارقىلىق ئىلىم ساھەسىدە، يەنى پىكىر-چۈشەنچە، پەن، ھۈنەر ۋە تېخنىكا ساھەلىرىدە ھەر خىل مەپكۇرە، نەزەرىيە ۋە كەشپىياتلارنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئارقىلىق تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇشتۇر. بۇ، ئىلىمنىڭ بىر چۈشەنچە ھالىتىگە كېلىشىنى ۋە مەلۇم كەسپىي ساھەدە ئالاھىدە تەلىم بېرىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان مائارىپ مانا شۇ خىلدىندۇر. پەن ۋە ئىلىمگە ئاساسلانغان بۇ مائارىپ سىستېمىسى پەقەت كەڭ مەنىدىكى مائارىپ ئۇنسۇرلىرى بىلەن ماسلاشقان بولسا، يەنى ياشاش قابىلىيىتى، مىللىي ئەسلىھە ۋە ئەخلاق قائىدىلىرىنى ئاساس قىلالىسا، ئاندىن جەمئىيەتتە تەرەققىيات ھالىتى مەيدانغا كېلىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋالغىلى بولىدىكى، مائارىپ يەنە بىر مەنىسى بىلەن، ئىنسانلارنىڭ ئۆز تەركىبى ۋە ئېھتىياجلىرىغا قاراپ قۇرغان بىر مۇئەسسەسە ۋە تەرەققىيات ۋاسىتىسىدۇر.

مەيلى كەڭ مەنىسى بولسۇن ياكى تار مەنىسى بولسۇن، تۈركلەر مائارىپنىڭ قىممىتى ۋە مۇھىملىقىنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان ۋە ئۇنىڭغا چوڭقۇر ھۆرمەت كۆرسىتىدىغان بىر مىللەتتۇر. مىلادىيەدىن كېيىنكى 3-ئەسىرنىڭ يازغۇچىلىرىدىن ياۋروپالىق سولىن «ھەر خىل دۆلەتلەر تارىخى» ناملىق ئەسىرىدە «سېرىسلەر (تارىم ۋادىلىرىدا ياشىغان تۈركلەر) يۇقىرى دەرىجىدە مەدەنىيەتلىك ۋە مەدەنىي-مائارىپچى بىر قەۋىمدۇر»¹ دەپ خاتىرىلەش بىلەن تۈرك مائارىپ تارىخى ھەققىدە تۇنجى مەلۇماتنى بەرگەن. ھەممىدىن مۇھىمى ئىنسان سۆيگۈسىنى ۋە ئۇنىڭ رېئال ھاياتتا ئەمەلىيلىشىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان تۈرك پىكر ئېقىمى، ئىنساننىڭ تەبىئىتى ۋە ئىنتىلىشىگە سەزگۈر مۇئامىلە قىلغان. مائارىپ سىستېمىسىدىمۇ ئەخلاق (ئىنسان قىممىتىگە ئەھمىيەت بېرىش، جاسارەت، قەھرىمانلىق) – ئىلىم (تېخنىكا، قابىلىيەت، يېتەكچىلىك) ۋە جەمئىيەتچىلىكتىن (رېئاللىق) ئىبارەت ئۈچ ئاساسىي ئامىلغا ئىگە بولغان ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. ئادالەت چۈشەنچىسى ۋە ئىنسان سۆيگۈسىدىن كېلىپ چىققان بۇ مائارىپ پىكرى، تۈركلەرنى ئەمەلىي جەھەتتىن يېراقنى كۆرەلەيدىغان ۋە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىدىغان ئىنسانلار قىلىپ ئوتتۇرىغا چىقارغان.² كلاسسىك ئەسەرلەردە، داستان ۋە ماقال-تەمسىللەردە كۆزگە چېلىقىدىغان پېداگوگىكىلىق ئامىللارمۇ ئوخشاشلا مۇشۇ مائارىپ چۈشەنچىسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا، جەمئىيەتنىڭ تەقدىرىنى شەخسىي ياشاشتىن ئۈستۈن قويىدىغان، خۇسۇسىي ھاياتنى مىللىي تەقدىر ئۈچۈن قۇربان قىلىدىغان پەزىلەتلىك، قەھرىمان ۋە رېئالىست ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈش تۈرك مائارىپىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. مۇشۇنداق بىر مائارىپنىڭ سايىسىدە تۈركلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار سەمىمىي بىر مەدەنىي جەمئىيەت تەشكىل قىلاتتى.

مائارىپنىڭ پەن ساھەسىدىمۇ تۈركلەر مۇھىم مۇۋەپپەقىيەتلەرنى كۆرسەتكەن. يېزىقنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت ساھەسىدە، بولۇپمۇ مائارىپ ساھەسىدە ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرىنىڭ تۇنجى غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ. تۈركلەردە يېزىقنىڭ 2500 يىللىق بىر تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى مۇنازىرىسىز بىر ھەقىقەتتۇر.⁴ تۈركلەرنىڭ مائارىپ ساھەسىدە ۋە مەدەنىي مۇناسىۋەتلەردە قوللانغان تۇنجى يېزىقى، ئۇلارنىڭ مىللىي ئىجادىيىتى بولغان ۋە خەلقئارادا «رۇن يېزىقى» ئىسمى بىلەن تونۇلغان تۈرك يېزىقىدۇر. ئورخۇن ۋە سېلېنگا دەرياسى ئەتراپىغا تىكلەنگەن دۆلەت يازما يادىكارلىقلىرىنىڭ مىللەت ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئوقۇپ ساۋاق ئېلىشى ئۈچۈن يېزىلغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغاندا، كۆك تۈرك ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر دۆلىتىدە پۈتۈن خەلقنىڭ ئوقۇش ۋە يېزىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. تۈركلەرنىڭ دۇنيادا تۇنجى بولۇپ قەغەز ۋە باسما تېخنىكىسىنى ئىجاد قىلىشى بىلەن باشلانغان نەشرىياتچىلىق، مۇقاۋىلاش ۋە نەقىشلەش سەنئىتى پائالىيەتلىرى ئەجدادلىرىمىزنىڭ مائارىپ ساھەسىدە قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنىڭ ئىسپاتىدۇر. بۇ كەشپىياتلار تۈركلەردە مائارىپنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىدا مۇھىم رول ئوينىغان. ئىسلام يازغۇچىلىرىدىن پەخرىددىن مۇبارەك-شاھ (1148-1215)، تۈركلەرنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) يېزىقلىرى ۋە كىتاپلىرى بارلىقىنى، بۇلارنى بالىلىرىغا ئۆگەتكەنلىكىنى، ئېلىپبەلىرىنىڭ بىرى يىگىرمە بەش ھەرپلىك سوغدى، يەنە بىرى بولسا ئوڭدىن سولغا يېزىلىدىغان ۋە يىگىرمە سەككىز ھەرپلىك توققۇز ئوغۇزچە (توغۇز-گۇزى، ئۇيغۇرچە) ئىكەنلىكىنى ۋە تۇتاش يېزىلمايدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.⁵ بۇ مەلۇماتلاردىن ۋە تۇرپاندا قولغا چۈشكەن ھۆججەتلەردىن چۈشىنىشكە بولىدۇكى، ئىچكى ئاسىيادا ھۆكۈم سۈرگەن ئۇيغۇرلار مائارىپ ساھەسىدە تۈرك ۋە ئۇيغۇر يېزىقى باشتا بولۇپ مانى، سۇريانى، براھمى ۋە تىبەت يېزىقى قاتارلىق بىر قانچە ئېلىپبەنى قوللانغان.

ياۋايى مەدەنىيەت مۇھىتىغا تەۋە يېزىق سىستېمىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قوللانغان تاشقىرىغا ئېچىلغان سىياسىتى، دىنىي تولېرانسلىقى ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرى ئاساسلىق ئامىل بولغان. بۇ يېزىقلار ئارىسىدا ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغىنى ئۇيغۇر يېزىقىدۇر. تېپىلغان ھۆججەتلەرنىڭ كۆپى ئوخشاش يېزىق بىلەن يېزىلغان. سوغدى يېزىقىغا ئاساسلانغان ۋە مىلادىدىن كېيىنكى 5-ئەسىردىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قوللىنىشقا باشلىغان بۇ يېزىق تەخمىنەن 1200 يىلدىن ئارتۇق ئىشلىتىلگەن ۋە كۆك تۈرك يېزىقىدىن كېيىن پۈتۈن تۈركلەرنىڭ بىردىنبىر مىللىي يېزىقى بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئا. ۋون گاباين، ئۇيغۇرلاردا ئوقۇش-يېزىشنى ئۆگىنىش ئۈچۈن ئالاھىدە مەكتەپلەرنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى، ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئىملا قائىدىلىرىنىڭ بەرپا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. تۈرك يېزىقى مائارىپ ساھەسىدىكى ئابرۇيىنى ئۇزۇن يىللار ساقلاپ كەلگەن. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال قېزىشلاردا تېپىلغان ئېلىپبە جەدۋىلىدۇر. بۇ، تۈرك يېزىقىنىڭ مانى ئېلىپبەسى بىلەن سېلىشتۇرمىلىق بىر جەدۋىلى بولۇپ، بۇ ئېلىپبە بىلەن يېزىلغان ئەسەرلەردىن پايدىلىنىش مەقسىتىدە تۈزۈلگەن بولۇش ئىھتىمالى يۇقۇرى. ئۇيغۇرلاردا مائارىپ ساھەسىدە ئۇنۋان ۋە مەرتىۋىلەرنى بېكىتىدىغان دانىشمەنلەر ھەيئىتى (مائارىپپەرۋەر دانىشمەنلەر كېڭىشى) كىشىلەرنىڭ جەمىيەتنى چۈشۈنىشىگە يېتەكچىلىك قىلاتتى. تۇرپان ۋە دۇنخۇاڭدا تېپىلغان ھەر خىل يېزىقلار بىلەن يېزىلغان قوليازمىلار ۋە باسما كىتابلاردىن چۈشىنىلىشىچە، ئۇيغۇرلار بىردىن ئارتۇق چەت تىللاردا سۆزلىيەلەيدىغان بىر مەدەنىيەت مۇھىتىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن، ھەتتا خىزمەتچىلەر ۋە قۇللارنىڭمۇ بۈگۈنكى كۈندىكىگە ئوخشاش ھوقۇقىي ۋە كېلىشىم تېكىستلىرى بولغان. بۇ ھەقتە، داڭلىق ئالىم جەفەر ئەل-ئەھمەد، «ئۇيغۇرلاردا ھوقۇق ۋە مالىيە ئاتالغۇلىرى» ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ:

12 ۋە 13-ئەسىرلەردە بەشبالىق ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى، ئەسرىمىزنىڭ (20-ئەسىر) باشلىرىدىكى ئوخشاش رايوننىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىىدى. ئوخشاش تۈركلەر (ئۇيغۇرلار)، ئۆز ۋاقتىدا غەربىي ياۋروپانىڭ فېئودال ئەمەلدارلىرى ۋە ساۋاتچىلار قوشۇنىنىڭ قۇددۇسقا يۈرۈش قىلغان دەۋرلەردىكى خرىستىئانلارغا نىسبەتەن تېخنىكا ۋە مائارىپتا ناھايىتى ئىلگىرىلەپ كەتكەن. تۇرپان فرېسكىلىرىدا بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مائارىپىغا ئائىت نۇرغۇن مىساللار كۆرۈنىدۇ. ئا. ۋون. لې كوق تۇرپاندا تېپىلغان ۋە شۇ دەۋرنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىدىن خەۋەر بېرىدىغان بىر پورترېتنى ئېلان قىلغان. بۇ، ئالتە ئادەمنىڭ بىر يېزىق ئۈستىلىدە دەرس ئېلىش ياكى ئىمتىھان بېرىش ياكى ماقالە سۇنۇش ئۈچۈن تەييارلانغان ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغان بىر سۈرەتنىڭ ساق قالغان بىر پارچىسىدۇر. ئوخشاش پورترېتتا، ئۇچىسىغا رەسمىي شەكىلدە ئالىي مائارىپ فورمىسى كىيگەن ئۈچ ئەرنىڭ يېزىق ئۈستىلىدە يېزىشقا تەييارلانغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئەمىن، بۇنىڭ، شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇنتىزىم ئالىي مائارىپىدىن بېرىلگەن بىر مەلۇمات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئوخشاش دەۋرنىڭ ئۇيغۇر مائارىپى ۋە ئوقۇش-يېزىش قوراللىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىغان رەسىملەر پەقەت بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. ب. ئۆگەلنىڭ نەشر قىلغان ئۈچ پارچە رەسىمىمۇ بۇ جەھەتتە ناھايىتى مۇھىم مەنبە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. تىلغا ئېلىنغان رەسىملەرنىڭ بىرىنچىسىدە ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇۋاتقان بىر ئىنسان تەسۋىرلەنگەن. ب. ئۆگەل، بۇ كىشىنى «ئۆينىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئالىمى» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئىككىنچىسىدە باغچىدا كەمەر شەكىللىك بىر ئويۇق ئىچىدىكى ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان بىر ئۇيغۇر ئۇستازىنىڭ، تۆتتىن ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن ۋە ئويۇقنىڭ ئىككى تەرىپىدە قوللىرىدا بىردىن كىتاب بولغان سەككىز ئوقۇغۇچىسىغا دەرس سۆزلەۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىرىدا تۇتقان كىتابلىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاش تۈردىكى، قاتلىما يوپۇرماقلىق، تار، ئۇزۇن ۋە قاتتىق مۇقاۋىلىق كىتابلاردىن ئىدى. ئۈچىنچى رەسىمدە قوللىرىدا كىتاب تۇتقان ئۈچ ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇستازلىرىنىڭ كۈرسىسى ئالدىدا ئۆرە تۇرغانلىقى تەسۋىرلەنگەن. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوللىرىدىكى كىتابلارمۇ ئىككىنچى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن كىتابلار بىلەن ئوخشاش.

بۇنىڭدىن سىرت تاملارغا ئىشلەنگەن فرېسكىلار ئارىسىدا ئۈستىگە قەغەز قويۇلغان يېزىق ئۈستىلىنىڭ تەسۋىرلىرىمۇ كۆزگە چېلىقىدۇ. يېزىق ئۈستىلى چېتى قاتلانما يوپۇق بىلەن بېزەلگەن. يەنە بىر رەسىمدە ئۈستىگە قەغەز قويۇلغان بىر يېزىق ئۈستىلىنىڭ يېنىدا بىر بەگنىڭ يېزىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن. تۇرپان قېزىلمىلىرىدا تېپىلغان خىتايچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت ۋە سانسكرىتچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت قاتارلىق ئىككى تىللىق لۇغەتلەرمۇ ئۇيغۇر مائارىپ تارىخىنىڭ تىل ۋە تەرجىمە ساھەسىدىكى تەرەققىيات باسقۇچىنى كۆرسەتمەكتە. قېزىلمىلاردا تېپىلغان ھەر خىل ماتېرىياللار، تام رەسىملىرىدىكى تەسۋىرلەر، شۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرسەتكەن قىزىقىشىنى چۈشىنىش جەھەتتىن ناھايىتى چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە.

9-13-ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلار مائارىپ ساھەسىدە ناھايىتى ئىلگىرىلىگەن ۋە چوڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە بولغان مائارىپ ئورگانلىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. ئىبن-ئۇل ئەسىر، قاراخانىي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ، بولۇپمۇ توغان خان ۋە سۇلايمان ئارسلان خاننىڭ پەن ۋە مائارىپقا ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەنلىكىدىن سۆز قىلىدۇ. قاراخانىيلارنىڭ مائارىپى ھەققىدە مەھمۇد قەشقەرىينىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىمۇ ئەڭ مۇھىم ماتېرىياللار ئارىسىدىدۇر. قەشقەرلىككە كۆرە، قاراخانىيلار مۇھىتىدىمۇ ئۇيغۇر يېزىقى ئەڭ ئېتىبارلىق يېزىق سۈپىتىدە ساراي، رەسمىي خەت-ئالاقەلەردە كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلغان. مەھمۇد قەشقەرىي پەقەت ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسىنى قەشقەردىن خىتايغىچە بولغان بارلىق تۈرك ئېللىرى دەپ بەرگەن. ئەمما ئا. زەكى ۋەلىدى توغان ۋە ئوسمان تۇران قاتارلىق داڭلىق ئالىملار قاراخانىيلارنىڭ خارەزمشاھلار ۋە ئالدىنقى ئاسىيادىكى غەزنەۋىلەر ۋە سەلجۇق سۇلتانلىرى بىلەن بولغان ئالاقە-خەۋەرلىشىشىنىمۇ ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، قاراخانىيلارنىڭ رەسمىي تىلى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تۈركچە ئىدى. «تۈركىي تىللار دىۋانى»تە ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ «تۈرك يېزىقى» نامى بىلەن تىلغا ئېلىنىشى ۋە ئالاھىدە بىر ئېلىپبە تىزىملىكىنىڭ بېرىلىشى، ئوخشاش يېزىقنىڭ بارلىق تۈركلەرنىڭ ئورتاق ئىشلەتكەن بىر يېزىقى بولۇشىدىن ۋە كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ئوخشاش يېزىقنى ئۆگىنىش ئېھتىياجىدىن بولغان. بۇنىڭدىن چىقىش قىلىپ تۇرۇپ، قاراخانىيلارنىڭ مائارىپ ساھەسىدىمۇ تۈرك يېزىقىنىڭ ھاكىم بىر يېزىق ھالىتىگە كەلگەنلىكىنى پەرەز قىلىشقا بولىدۇ.

11-ئەسىر تۈرك دۇنياسىنىڭ يېتىشتۈرگەن ئۇلۇغ تىلشۇناسى مەھمۇد قەشقەرى، ئۆزىنىڭ ئەسىرىدە ئىلىم، كىتاب، يېزىق، دانىشمەن، خەت، قەغەز، قەلەم، سىياھداندان، سىياھ، سىياھ قۇتىسى، كىتاب بېزەش، كۆچۈرۈش، كىتاب تۈگۈش قاتارلىق مائارىپقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن سۆز، ئۇقۇم ۋە ماقال-تەمسىللەرنى تىلغا ئېلىش بىلەنلا قالماي، تۈركلەرنىڭ ئىلىم-پەن ئەنئەنىسى، ئائىلىدە بالا تەربىيىلەش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەجبۇرىيىتى، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى مۇناسىۋەتلىرى، ئىلىم تارماقلىرى ۋە كەسىپلەر ھەققىدىمۇ توختالغان. بۇنىڭدىن سىرت، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ مەقسىتى ۋە تەربىيىلەنگەن ئادەملەر ئۈستىدە توختالغان. «دىۋاندا» شۇ چاغدىكى تۈركلەر ئارىسىدا ئوقۇش ۋە يېزىش پائالىيىتىنىڭ كەڭ تارقالغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان بەزى خاتىرىلەرمۇ بار. ئىسلام مەدەنىيىتى دائىرىسىگە كىرگەن قاراخانىلار، ئىسلام مائارىپ سىستېمىسىنىمۇ قوبۇل قىلغان. ھەم دىنىي ئىلىملەر، ھەم باشقا ئىلىملەر ئوقۇتۇلغان مەكتەپ ۋە مەدرىسە سىستېمىسىغا ئۆتكەن. بۇ سىستېما شەرقىي تۈركىستاندا 20-ئەسىرگىچە داۋام قىلغان. بۇ دەۋردە قەشقەر، بالاساغۇن، سەمەرقەند، بۇخارا، تاشكەنت، يەركەن قاتارلىق نۇرغۇن شەھەرلەر ئىلىم-پەن، سەنئەت ۋە مائارىپ مەركىزىگە ئايلانغان. بۇ مەركەزلەردە مەسچىت، كارۋانساراي، دوختۇرخانا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئورۇنلاردىن باشقا، ئىلمىي پائالىيەتلەر مۇنتىزىم ۋە پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان رەسمىي مائارىپ ئورۇنلىرى سۈپىتىدە كۆپلىگەن مەدرىسەلەر قۇرۇلغان. 10-12-ئەسىرلەردە بۇخارا، خارەزم، مەرۋ، نىشاپۇر، بەلخ، غەزنە، خۇتتال قاتارلىق تۈرك مەركەزلىرىدە كۇتۇپخانىلىرى بار بولغان كۆپلىگەن مەدرىسەلەر قۇرۇلغان. ئەبۇل فەزل بەيھاقىنىڭ دېيىشىچە، قەدىمدە خۇتتال رايونىدا 20دىن ئارتۇق مەدرىسە بار ئىدى. بۇلاردىن پەقەت سەيياد شارتۇز رايونىدىكى خوجا مەشھەد مەدرىسىسىلا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كەلگەن.

ساتۇق بۇغرا خاننىڭ قەشقەردە سالدۇرغان ۋە مەھمۇد قەشقەرىدەك نۇرغۇن ئۇلۇغ ئالىملار تەلىم ئالغان ساجىيە ۋە ھەمىدىيە مەدرىسەلىرى، تامغاچ بۇغرا قارا خان ئىبراھىمنىڭ سەمەرقەندتە سالدۇرغان مەدرىسەسى ۋە مەھمۇد قەشقەرىنىڭ باغداتتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن قەشقەر ئوپالدا ئۆز نامىغا ئاتاپ قۇرغان ۋە ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرگەن مەھمۇدىيە مەدرىسەسى تۈرك مائارىپ تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان ئورۇنلاردۇر. بۇ ئورۇنلار بىر مەجمۇئە خاراكتېرىدە بولۇپ، ئوقۇتۇش مەركىزى بولۇشتىن سىرت، ئالىملارنىڭ يىغىلىش مەركىزى بولغان. «قۇتادغۇبىلىك» تىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 11-ئەسىردىكى تۈرك دۇنياسىدا تەپسىر، ھەدىس، فىقھ، كالام قاتارلىق دىنىي ئىلىملەر ۋە باشقا ئىلىم تارماقلىرى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈش مۇمكىن. بۇلارنى مۇنداق تىزىش مۇمكىن: نۇجۇم، ھەندەسە، ھېساب، زەرب قىلىش، تەقسىم قىلىش، قاتلاش ۋە تەسنىف، ئىددەت جەزرى، جەملەش، ئايرىش، مەساھە، جەبىر، مۇقابىلە، ئوكلىد، ھەيئەت، تېبابەت، تىل، باغەت، شېئىر، ئىنشا، خەت، چەت تىللار، چۈش تەبىرى، ھېكمەت قاتارلىقلار. بۇ دەۋردە مەيلى ئالىم ۋە تېۋىپلار بولسۇن، مەيلى خەزىنىدار، كاتىپ، باجخانىچى ۋە باشقا دۆلەت خىزمەتچىلىرى بولسۇن، مەيلى قازى، مۇفتى، ئىمام، خەتىب ۋە باشقا دىنىي خادىملار بولسۇن، ھەممىسى مەدرىسە ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مائارىپ ئورۇنلىرىدا تەربىيىلەنگەن. بۇ دەۋرنىڭ شارائىتىنى كۆزدە تۇتقاندا، مەدرىسە ئوقۇشىنىڭ سىرتىدا، كاتىپلىق ئارقىلىق يېتىشكەنلەر ۋە خۇسۇسىي دەرس ئېلىپ يېتىشكەنلەرنىڭمۇ بولۇش ئېھتىماللىقى بار. جامال قارشىدا، قاراخانىلارنىڭ داڭلىق ئىلىم يۇرتلىرىدىن بولغان ساجىيە مەدرىسەسىدە ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەردىن سىرت، شەرق ۋە غەرب پەلاسوفلىرىنىڭ ئەسەرلىرىگىمۇ ئورۇن بېرىلگەنلىكى، ۋە مىڭلىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا تەلىم بېرىلگەنلىكى خاتىرىلەنگەن.

قاراخانىلار قۇرغان مەدرىسەلەردە ھەم مائارىپ سىستېمىسى ھەم ئوقۇغۇچى مەسىلىلىرىنىڭ ناھايىتى ئادىل بىر شەكىلدە ھەل قىلىنغانلىقى كۆرۈلمەكتە. مەسىلەن، مەدرىسەلەرنىڭ كىرىم مەنبەلىرى ئىنتايىن كەڭ تۇتۇلغان، مۇدەررىسلەر ۋە ئوقۇغۇچىلار ئايلىقلىرىنى ۋە ئوقۇش مۇكاپاتلىرىنى مۇنتىزىم بىر شەكىلدە ئالغان. مائارىپچىلار ياتاقلىق ئوقۇش ئىمكانىيىتىنىمۇ ھازىرلىغان. بۇ ئەھۋال شۇ دەۋرلەر ئۈچۈن ناھايىتى ئىلغار بىر مائارىپ سىستېمىسى دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ. مائارىپ ئورۇنلىرىدا ئىلمىي مۇستەقىللىقنىڭ بۈگۈنكىگە يېقىن بىر شەكىلدە بولغانلىقى كۆرۈلمەكتە. خۇلاسىلىگەندە، قاراخانىلار دەۋرىدە مائارىپ ئورۇنلىرى ناھايىتى تەرەققىي قىلغان. قاراخانىلار دەۋرىدە تەبىئىي پەن ۋە تېبابەت پەنلىرىدە بولغىنىدەك، ئىجتىمائىي پەنلەر ساھەسىدە، بولۇپمۇ ھوقۇق، تۈرك-ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە فىلولوگىيە ساھەسىدە چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە ئەسەرلەرنىڭ ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈلۈشى؛ زامانىۋى ھوقۇق ئىدىيىسىگە يورۇقلۇق بېرىدىغان بىر ھوقۇق سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشى تۈرك مائارىپىنىڭ ئۇتۇقلىرىدىندۇر. بۇ دەۋردىكى مائارىپ سىستېمىسى، تۈركلەردە ئىجتىمائىي باراۋەرلىك ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزگەن. تۈركلەرنىڭ، ساكا ۋە ھۇنلار دەۋرىدىن باشلاپ ھاكىمىيەت، ھوقۇق، قانۇن، ھەربىيلىك، پەن، تېبابەت، كانچىلىق، ئاسترونومىيە، كالېندار، ئەخلاق، چارۋىچىلىق، مال-ۋارانچىلىق، دېھقانچىلىق، سەنئەت، ئەدەبىيات ۋە تەرجىمە ساھەلىرىدە قوللانغان ئۇسۇللىرى ۋە دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى، تۈرك مائارىپىنىڭ نەتىنجىسىدۇر. موڭغۇل ئىمپېراتورلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرىستاندىن خارەزمگىچە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا يالغۇز مۇسۇلمانلارنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن يەرلىك خەلقنىڭ ئىدارە مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان مەسئۇد بەگ دەۋرىدە بۇخارادا سېلىنغان خانىييە ۋە مەسئۇدىييە ئاتلىق ئىككى مەدرىسەنىڭ ھەر بىرىنىڭ 1000 ئەتراپىدا ئوقۇغۇچىسى بار ئىدى. سوركوتانى بىگەنىڭ ھەر مەدرىسەگە 10,000 بالىش ئىئانە قىلىشى، ئالاھىدە دىققەتنى تارتىدۇ. خانىييە مەدرىسەسىنىڭ مۇدەررىس ۋە مۈلۈك باشقۇرغۇچىسى مەشھۇر سەيپىددىن باھەرزى ئىدى. جەۋھەرى لۇغىتىنىڭ تەرجىمانى (جامال قارشى)نىڭ كۆرسەتكىنىدەك، مەسئۇد بەگ، قەشقەردىكى مەسئۇدىييە مەدرىسەسىنىڭمۇ قۇرغۇچىسىدۇر. 1270-يىلى يۈز بەرگەن ئىچكى ئۇرۇش نەتىجىسىدە بۇخارا ۋەيران بولغان. بۇ ئۇرۇش يەتتە يىلغا يېقىن داۋاملاشقان. بۇ جەرياندا تىلغا ئېلىنغان ئىككى مەدرىسە ۋە ئۇلارغا باغلىق كۇتۇپخانىلارمۇ كۆيدۈرۈلگەن.

ئەرەب يېزىقى تۈركلەر ئارىسىدا مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، قاراخانىيلارنىڭ مائارىپ ساھەسىدە قاچاندىن باشلاپ كۆپلەپ ئىشلىتىلىشكە باشلىغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بۇ يېزىقنىڭ 10-ئەسىردە ئىسلامىيەتنىڭ قاراخانىيلار رايونىدا كېڭىيىشى بىلەن قۇرئان ۋە ھەدىسلەرنى ئۆگىنىش ئېھتىياجىدىن قوبۇل قىلىنغانلىقى پەرەز قىلىش مۇمكىن. شۇ ئەسىردە قاراخانىيلارنىڭ مەركەزلىرىدە پەن ۋە دىنىي ئىلىملەر بىرلىكتە ئوقۇتۇلغان مەدرىسەلەردە ئەرەب تىلى ۋە يېزىقىنىڭمۇ ئۆگىتىلگەنلىكى شۈبھىسىزدۇر.
«قۇتادغۇ بىلىگ» تەقدىم قىلىنغان ھۆكۈمدارنىڭ دەۋرىگە ئائىت بولغان، يەركەندە تۈزۈلگەن سوت قارارلىرى ئارىسىدا، ئۇيغۇر ھەرپلىرى بىلەن يېزىلغانلار بىلەن بىللە ئەرەب ھەرپلىرى بىلەن يېزىلغان تۈركچە ھۆججەتلەر بار. شۇنداقلا ئەرەب ئېلىپبەسى بىلەن ئەرەبچە يېزىلغان ھۆججەتلەرمۇ مەۋجۇت. بۇ ھۆججەتلەرنىڭ بەزىلىرىدە گۇۋاھچىلارنىڭ ئىمزالىرى ئۇيغۇر ھەرپلىرى بىلەن قويۇلغان. سۆزلەنگەن ھۆججەتلەردىن 11-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئەرەب يېزىقىنىڭ مائارىپ ساھەسىدە مەلۇم بىر ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكى چۈشىنىلىدۇ.

شۇنداق بولسىمۇ، ئەرەب يېزىقىنىڭ ئىلغار بىر يېزىق سىستېمىسى ئىكەنلىكى دېيىلمەيدۇ. تارىختا قەزۋىنى، بىرۇنى ۋە موڭغۇل دەۋرىنىڭ تارىخچىسى رەشىدەددىن تابىب قاتارلىق بىر قانچە يازغۇچى ئەرەب ئېلىپبەسىنىڭ كەمچىل بىر يېزىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. تۈركلەر ئەرەب ئېلىپبەسىنى ھېچقانداق ئۆزگەرتىش قىلماي قوبۇل قىلغان ئەمەس. ئەرەب ئېلىپبەسى قاراخانىيلار دەۋرىدە كىچىك كۆلەمدە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن يېزىققا ئۆتكۈزۈلگەن؛ شۇ سەۋەبتىن بەزى يېزىق مۇتەخەسسىسلىرى بۇ ئېلىپبەگە ئالاھىدە «قاراخانىيلار يېزىقى» دېگەن ئات بېرىشنى ئورۇنلۇق تاپقان.

چاغاتايلار دەۋرىدە ئەرەب ئېلىپبەسىدە قايتىدىن ئۆزگەرتىش قىلىنغان ۋە بۇ تارىختىن كېيىن «چاغاتاي يېزىقى» نامى بىلەن تونۇلغان. ئەرەب ئېلىپبەسى تارىختا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركلەر ئارىسىدا ئىسلاھ قىلىنغان بولسىمۇ، قۇرۇلما جەھەتتىن پىشىپ يېتىلگەن بىر يېزىق بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشمىگەنلىكتىن، تۈرك خەلقى ئارىسىدا يىلتىز تارتمىغان، پەقەت زىيالىيلار زۇمرىسى ئىچىدە تەسىرىنى ساقلىغان. شۇ سەۋەبتىن تۈركلەرنىڭ مائارىپ ساھەسىدە ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن ئىجابىي رول ئوينىمىغان، تۈرك قەۋمىنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن قىلىشىغا بىر مەدەنىيەت ئۇنسۇرى بولالمىغان.

8-13-ئەسىرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرخىل سىياسىي ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە قۇرغان كۆپ ساندىكى كۇتۇپخانىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ساھەسىدە قانچىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. تۈركلەر پەقەت يازما ۋە كىتابلارغا قىزىقىپلا قالماستىن، بەلكى ھەرخىل ئەسەرلەرنىڭ كۆچۈرۈلۈشى ۋە ساقلىنىشىغىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بەرگەن. بۇ تۈركلەردە ئىلمىي بىر ئەنئەنىدۇر. قېزىلمىلار نەتىجىسىدە قەدىمكى قورغانلار، قەبرىلەر، تۇرالغۇ جايلار، ئۆڭكۈر ۋە ئىبادەتخانىلاردا ساقلانغان ھەرخىل ئەسەرلەر يورۇقلۇققا چىقماقتا. شتېين تەكلىماكان چۆلىنىڭ جەنۇبىدا جايلاشقان دەندان ئۆيلۈكتە تارىخى ئىككى مىڭ يىلغا تۇتىشىدىغان بىر كۇتۇپخانىنىڭ ئىزلىرىغا ئۇچرىغان. كۆكتۈرك بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ 7-9-ئەسىرلەردە تىكلىگەن ۋە سانى 200 دىن ئاشىدىغان يۇرت يازمىلىرى، خاقانلار، قوماندانلار ۋە باشقا دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ مىللەت ۋە دۆلەتكە قوشقان تۆھپىلىرىنى ئىپادىلەش بىلەن بىرگە كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ئىبرەت ئېلىشى ئۈچۈن سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي نەسىھەتلەرنى بەرگەن. يازمىلاردا يەنە مىللەتنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، مىللىي ئالاھىدىلىكلىرى، مىللىي غايىلىرىدىن سۆز قىلىنغان. تۈرك تارىخى ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتلىرىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ يازمىلارغا «تاش كۇتۇپخانە» ياكى «ئورخۇن كۇتۇپخانىسى» دېگەن ناملار نىڭ بېرىلىشى، ئورۇنلۇق باھا بولغان.

ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنىڭ كۇتۇپخانىچىلىكىمۇ تەرەققىي قىلغان. بۇ دەۋردە، ھەر بىر ئىبادەتخانا بىردىن كۇتۇپخانىغا ئىگە ئىدى. خىتاي ئەلچىسى ۋاڭ-يېن-تېنىڭ ئېيتىشىچە، تۇرپاندا 50 چە بۇددا ئىبادەتخانىسى بار بولۇپ، ئىبادەتخانىلارنىڭ ھەممىسى قىممەتلىك كىتابلار بىلەن تولغان ئىدى. تۇرپان شەھىرى يېقىنىدا ئېلىپ بېرىلغان قېزىلمىلاردا كۇتۇپخانىلار ۋە كىتابلارغا ئېرىشىلگەن. چۆللەشكەن بۇ شەھەرلەر ئەمدى تاشلىۋېتىلگەن. ئەسىرلەر بويى يامغۇر ياغمىغانلىقى ۋە نەملىك بولمىغانلىقى ئۈچۈن كىتابلار قۇملار ئارىسىدا چىرىمەي بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كەلگەن. تىلغا ئېلىنغان كۇتۇپخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى قاراخانىلارنىڭ ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىغا قارشى قىلغان ھۇجۇملىرى جەريانىدا ۋەيران قىلىنغان. بۇددىزم مۇھىتىدا يېتىشكەن زىيالىيلار بولسا كۆپىنچە قىلىچتىن ئۆتكۈزۈلگەن. قەشقەرلىك مەھمۇد تىلغا ئالغان بىر ئۇرۇش شېئىرىدا قاراخانىلارنىڭ قىلغان ئۇرۇشلىرى زور بىر مۇۋەپپەقىيەت دەپ خاتىرىلەنگەن. شېئىردا مۇنداق دېيىلگەن:

كەلكۈندەك ئېقىپ كەلدۇق،
شەھەرلەر ئۈستىگە چىقتۇق،
بۇتخانىنى ۋەيران قىلدۇق،
بۇتلار ئۈستىگە دەسسىدۇق.

ئىسلامىيەت يولىدا قىلىنغان مۇقەددەس ئۇرۇشلارنىڭ قالدۇرغان زەربە ئىزلىرى قېزىلمىلار نەتىجىسىدىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان. ئا. فون لې كوقنىڭ باشچىلىقىدىكى گېرمان قېزىلما ھەيئىتى، تۇرپاندا ئېلىپ بارغان قېزىلمىلاردا ئۆلۈكلەر بىلەن تولغان ئىبادەتخانىلارغا ئۇچرىغان. ۋەيران قىلىنغان ئىبادەتخانىلار بىلەن بىرگە نۇرغۇن مائارىپ ۋە پەن مۇئەسسەسەلىرىمۇ يىقىتىلغان. مۇقەددەس ئۇرۇشلاردىن ئامان قالغان ئاز ساندىكى ئىبادەتخانا ۋە كۇتۇپخانىلار بولسا 20-ئەسىردە يەرلىك دېھقانلارنىڭ قولىدا خاراب بولغان. ئا. فون لې كوق، تۇرپانغا كەلگەن چاغلاردا بىر دېھقاننىڭ مانى دىنى كۇتۇپخانىسىغا قويۇلغان كىتاب ۋە ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان. لې كوق، يەنە بىر مانى دىنى كۇتۇپخانىسىنىڭ سۇ ئاستىدا قېلىپ بۇزۇلغانلىقىنى بايقىغان.

قەدىمكى تۈرك يۇرتلىرىدىن بولغان ۋە تۈركچە قانسۇ دەپ ئاتالغان خىتاينىڭ گەنسۇ ئۆلكىسىدە، 5-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا خۇن-قۇتقۇ دۆلىتى قۇرۇلغان. دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسى قۇتقۇ مونسۇن، ھەم بىر قوماندان ھەم بىلىملىك بىر زات ئىدى. ئۇ تارىخ، دىن، سەنئەت، ئاسترونومىيە، خىتاي تىلى ۋە ئەدەبىياتى جەھەتلەردە بىلىم ئىگىسى ئىدى. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان يىللىرىدا (400-433)، گەنسۇدا بۇددىزم تەرەققىي قىلغان ۋە دۇن-خۇاڭدا ئىچكى تاملىرى گۈزەل رەسىم ۋە ھەيكەللەر بىلەن تولغان 280 بۇددىست ئىبادەتخانىسى ۋە كۇتۇپخانا قۇرۇلغان. مونسۇننىڭ ئەڭ باي كۇتۇپخانىسى، بۇرخان دىنىنىڭ ماھايانا شاخچىسىغا ئائىت يازمىلارغا ئايرىلغان. مونسۇننىڭ ئوغلى مو-كىيەن (تۈركچە موكان) دەۋرىدە پۈتۈن گەنسۇدا دۇن-خۇاڭدا كۇتۇپخانىلار قۇرۇلغان. ھىندىستاندىن كەلگەن ۋە بۇركان دىنى ھەققىدە يازمىلار ئېلىپ كەلگەن راھىبلار، يىللار بويى دۇڭ-خۇاڭ مانىستىرىدا تۇرۇپ، يازمىلارنى خىتايچىغا تەرجىمە قىلاتتى. 1907-يىلى شتېين، دۇن-خۇاڭدا گەنسۇ ئۇيغۇر دۆلىتى دەۋرىگە ئائىت بىر كۇتۇپخانىنى يورۇقلۇققا چىقارغان. ئىچىدە ئېسىل ھەيكەللەر، رەسىملەر، بايراقلار ۋە مىڭلىغان قول يازمىلار بار بولغان بۇ كۇتۇپخانا، 1036-يىلى گەنسۇ ئۇيغۇر دۆلىتى تاڭگۇتلارنىڭ ئىستىلاسىغا ئۇچرىغان چاغدا، راھىبلار تەرىپىدىن تام بىلەن ئېتىۋېتىلگەن. شتېين ۋە 1908-يىلى دۇن-خۇاڭغا بارغان پ. پېللىئوت، مەخپىي كۇتۇپخانىنىڭ نۇرغۇن يازمىلىرىنى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرىنى لوندون ۋە پارىژغا يۆتكىگەن.

قاراخانىلارنىڭ قەشقەر، بالاساغۇن، سەمەرقەند، بۇخارا، تاشكەنت، ئوترار، يەركەن، خوتەن قاتارلىق ئىلىم، سەنئەت ۋە مائارىپ مەركەزلىرىدە قۇرۇلغان ئالىي مائارىپ مۇئەسسەسەلىرىدە كۇتۇپخانىلارنىڭمۇ تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئېنىق ئېيتالايمىز. ئەمما، ساجىيە ۋە سەمەرقەند مەدرىسلىرىدىن باشقا، قاراخانىلار رايونىدىكى باشقا كۇتۇپخانىلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قولىمىزدا كۆپ ماتېرىيال يوق. «قۇتادغۇ بىلىك» ناملىق سىياسەت كىتابىنى يازغان يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ، ھىندىستان، ئىران، گرېتسىيە ۋە خىتاي مەدەنىيىتىگە ئائىت ئىلىم ۋە ھوقۇق پىكرىگە ئاساسلانغاندا، قاراخانىلارنىڭ ھەرخىل كۇتۇپخانىلىرىغا قويۇلغان ھەرخىل كىتابلار ئارىسىدا ئوخشاش مەملىكەتلەردىن توشۇپ كېلىنگەن ماتېرىياللارغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. قاراخانىلار دەۋرىدە تۈركلەردىن، خارەزمى، فارابى، ئىبن سىنا، بىرۇنى، ھۈسەيىن ئىبن خەلەفە، ئابدۇغاففار ئەل-ئالمالى، قەشقەرلىك مەھمۇد، بالاساغۇنلۇق يۈسۈپ، ئەل-جەۋھەرى، قەشقەرلىك ئىمامۇددىن، مەھمەت ئەلى مەھمەت ئەمىن، ئەل-كاتىپ سەمەرقەندى، ئىبن ئەدنانى سۇزان سەمەرقەندى ۋە جامال قەرشى قاتارلىق نۇرغۇن ئالىملارنىڭ يېتىشىپ چىقىشى، ئۇلار ياشىغان شەھەرلەردە قۇرۇلغان كۇتۇپخانىلارنىڭ بەرگەن ئىلمىي ئىمكانىيەتلىرىدىن ئايرىلمايدۇ. مەسىلەن، كۆيدۈرۈلگەن بۇخارا كۇتۇپخانىسىنىڭ داڭلىق تىببىيەت ئالىمى ئىبن سىنانىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا مەكتەپ ۋە مەدەنىيەت مەركىزى رولىنى ئوينىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم. جامال قەرشى، 1282-يىلى ساجىيە كۇتۇپخانىسىدا 9-ئەسىردە يېتىشكەن تۈرك تىلشۇناسى ئەل-جەۋھەرىنىڭ «ئاشاھ فىل-لۇغات» ناملىق تۆت بۆلۈملۈك ئەسىرىنى «سۇراھ» نامى ئاستىدا ئەرەب تىلىدىن پارسچىغا تەرجىمە قىلغان. لېكىن تىلغا ئېلىنغان كۇتۇپخانىلارنىڭ كۆپىنچىسى بۈگۈنگە يېتىپ كېلەلمىگەن. بۇ كۇتۇپخانىلار ئوت، كەلكۈن، ئۇرۇش، ئىچكى ماجىرالار، تەبىئىي ئاپەتلەر، قوزغىلاڭلار ۋە ئىستىلا ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە يوقالغان.

خۇلاسە

تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللاردىن بىرى بولغان تۈرك مائارىپى، نۇرغۇن يات مىللەتلەرنىڭ مائارىپىغا مەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. مەسىلەن، ئۇيغۇرلار، 13-14-ئەسىرلەرگىچە نايمانلار، قىتانلار، موڭغۇللارنىڭ ئوردىلىرىدا خان ئەۋلاتلېرىنىڭ ئۇستازلىرى بولغاندەك، ئۇلارنىڭ قۇرغان دۆلەتلىرىدە كاتىپ، ئوقۇتقۇچى ۋە ئالىم بولغان. بۇ جەرياندا، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار، تاڭگۇتلار، كورېيەلىكلەر ۋە غەربىي ئاسىيا مىللەتلىرىدىن پارسلار ۋە ئەرەبلەرگە قىلغان تەسىرلىرىمۇ دىققەتنى تارتىدىغان ماھىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇر مائارىپىنىڭ نەتىجىلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبىلىرى ھەققىدە ب. ئۆگەل مۇنداق دەيدۇ: «پۈتۈن ئاسىيا مىللەتلىرى بىلەن ئالاقە قىلغان ۋە قارشىسىدىكى رەقىبلەرنىڭ كۈچىنى ئۆلچەشنى بىلىدىغان سودىگەر، ئالىم ۋە سەنئەتكار ئۇيغۇرلار، فاتىھلىرىغا يول كۆرسىتەتتى ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ نېمەتلىرىدىن كەڭ-كۇشادە پايدىلىنىشنى بىلەتتى.»

بۇ باھالار، 9-13-ئەسىردىكى تۈرك-ئۇيغۇر مائارىپ سىستېمىسىنىڭ مەقسىتى ۋە رولىنى چۈشىنىش جەھەتتىن يېتەرلىكتۇر. دەرۋەقە، تۈركلەردە مائارىپ ئىدىيىسى ئىنساننىڭ مەۋجۇت ئەھۋالىغا ماسلىشالايدىغان، تاشقى دۇنياغا ئوچۇق، خىيالىي ئويلارغا بېرىلمەيدىغان، رېئالىست ۋە كوللېكتىپلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك ئىنسانلارنىڭ يېتىشىشىگە شارائىت يارىتاتتى. ئۇيغۇرلاردا مائارىپ چۈشەنچىسى تۈرك مىللىي پەلسەپىسىنىڭ مۇھىم بىر تارمىقى بولۇپ بۈگۈنكى كۈنگىچە داۋاملاشماقتا.

تۈركچە ئەسلىي مەنبەسى: https://dergipark.org.tr/tr/download/article-file/319127

Copyright 2024 AKADEMIYE.ORG

Scroll to top