تۈركىيەدىكى ئەڭ ياش ئۇيغۇر پروفېسسور دوكتور نۇرانىيە ئەرئۇيغۇر
تۈركىيەدىكى ئەڭ ياش ئۇيغۇر پروفېسسور نۇرانىيە ئەرئۇيغۇر
نۇرانىيە ئەرئۇيغۇر 1982-يىلى قەشقەر شەھرىدە زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرگىچە قەشقەر شەھرىدە ئۇيغۇرچە ئوقۇغان. 2000-2005 يىللىرى ئارىسىدا ئۈرۈمچىدىكى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك فاكۇلتېتىدا باكالاۋۇرلۇق ئوقۇشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان. باكالاۋۇرلۇق ئوقۇشىدىن كېيىن، 2005-2008 يىللىرى ئارىسىدا شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئېلىپ، كەسپىي بىلىملىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرغان. 2009-يىلى تۈركىيەگە كېلىپ، غازى ئۇنىۋېرسىتېتى سەھىيە بىلىملىرى ئىنستىتۇتىدا دورىگەرلىك بۆلۈمىدە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى باشلىغان ۋە 2014-يىلى دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىپ، ئاكادېمىك كەسپى ھاياتقا قەدەم تاشلىغان.
2015-2018 يىللىرى ئارىسىدا سىۋاستىكى جۇمھۇرىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك فاكۇلتېتىدا لېكتور بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئاكادېمىك ساھەدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تۆھپىلىرى سەۋەبىدىن 2019-يىلى دوتسېنت ئۇنۋانىنى ئېلىپ، ئاكادېمىك كەسپىدە بىر بالداق يۇقىرى ئۆرلىگەن. ئىلمىي تەتقىقاتلىرىنى ئەستايىدىل داۋاملاشتۇرغان نۇرانىيە ئەرئۇيغۇر، 2024-يىلى ئۆكتەبىردە كونيادىكى سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك فاكولتېتىدا 42 يېشىدا پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىشقا مۇۋەپپەقىيەت قازانقان ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ ياش پروفېسسور بولغان ئۇيغۇرلاردىن بىرى بولۇپ قالغان.
ئۇ بۈگۈنگە قەدەر خەلقئارالىق ئىندېكسلاردىكى ژۇرناللاردا تەخمىنەن 50 ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان ۋە 10 كىتاب بۆلۈمى تەييارلىغان. ئاكادېمىك پائالىيەتلىرىنى پەقەت ئاكادېمك ئەسەرلەر بىلەنلا چەكلىمىگەن نۇرانىيە ئەرئۇيغۇر، يەنە نۇرغۇن خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا ئىلمىي دوكلات بېرىپ، كەسىپ ساھەسىدىكى بىلىملىرىنى دورىگەرلىك ساھەسىدىكى تەتقىقاتچىلار بىلەن ئورتاقلاشقان. ئۇ كونيادىكى سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك فاكولتېتىدا دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى تونۇش، دورىگەرلىك بوتانىكىسى ۋە ئۆسۈملۈك دورىلىرى بىلەن داۋالاش قاتارلىق ساھەلەردە تەتقىقات ئېلىپ بارماقتا.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىدىكى زىيالىي تەتقىقاتچىلىرىمىز نامىدىن پروفېسسور نۇرانىيە ئەرئۇيغۇرنى تەبرىكلەش بىلەن بىرلىكتە، ئۇنىڭ ئاكادېمىك كەسپى ھاياتىغا تېخىمۇ چوڭ ئۇتۇقلار تىلەيمىز.